muhakima يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 15:43:16

شىۋازچىلىد رادىيوسىنىڭ ئىچىدە نېمە بار؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muhakima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-20 16:00  

شىۋازچىلىد رادىيوسىنىڭ ئىچىدە نېمە بار؟
شىۋازچلىد  رادىيوسى (Schwarzschild radius) فىزىكا ،  بولۇپمۇ ،  كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيەسى ۋە ئاسترونومىيەدە ئىنتايىن مۇھىم بىر ئاتالغۇ بولۇپ ،  چاندىرا سېكخار لىمىتى بىلەن بىرگە قار ئۆڭكۈرنىڭ ھاسىل بۇلۇش شەرتى ھېسابلىنىدۇ .

شىۋازچىلىد رادىيوسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئەڭ بۇرۇن   1916 - يىلى  گېرمانىيەلىك كارل شىۋازچىلىد ( Karl Schwarzschild ) ئوتتۇرىغا قويغان   (1873-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 1916-يىلى 5-ئاينىڭ 11- كۈنىگىچە ياشىغان ، 1- دۇنيا ئۇرۇشىدا رۇسىيە ئالدىنقى سېپىدە كېسەل بىلەن  ئۆلۈپ  كەتكەن ، شىۋازچىلىد رادىيوسى توغرىسىدىكى ماقالىسى بىلەن كىۋانت فىزىكىسىغا دائىر يەنە بىر پارچە ماقالىسىنى ئالدىنقى سەپتە يېزىپ ئېينىشتىينغا ئەۋەتىپ بەرگەن ، بۇ ماقالىلەر ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن فىرىسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ، ئۇ ئۇرۇشتىن بۇرۇن ،1901 - يىلىدىن 1906 - يىلىغىچە گوتتېنگىن ئۆنۋىرسىتىتىدا ھېلبىرىت ، مىنكوۋىسكى قاتارلىقلار بىلەن بىرگە پىروفىسور بولۇپ ئىشلىگەن، 1912 -يىلى فىرىسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە ئەزا بولغان. ) بولۇپ ، ئادەمنى ئوز ئىچىگە ئالغان ماسسىغا ئىگە ھەرقانداق جىسىمدا بولىدىغان رادىئۇس .

شىۋازچىلىد رادىيوسىنى چۈشىنىش ئۇچۇن ئالەم تېزلىكىنى چۈشۈنۈپ بېقىش كېرەك .
يەر شارىدىن قۇيۇپ بېرىلگەن ئۇچقۇ يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىنى يېڭىپ ئوربىتىغا كىرىش ئۇچۇن بىرىنچى ئالەم تېزلىكى ،  يەنى سېكۇنتلۇق تېزلىكى 7.9 كىلومېتىردىن (ئوربىتىدا ئايلىنىش تېزلىكى ، ئوربىتا تېزلىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)يۇقىرى بولۇشى ، يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىدىن ئۈزۈل- كېسىل قۇتۇلۇپ  يەر شارى ئوربىتىسىدىن ئايرىلىشى ئۇچۇن ئاز دېگەندە 11.2 كىلومېتىر ھەر سېكۇنتلۇق تېزلىككە ،  يەنى ئىككىنچى ئالەم تېزلىكى (قېچىش تېزلىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ىگە ئىگە بولۇشى ، قۇياش سىستېمىسىدىن ئايرىلىش ئۇچۇن بولسا ،تېزلىكى  16.7 كىلومېتىر ھەر سېكۇنتلۇق ئۈچىنچى ئالەم تېزلىكىدىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك .
مەيلى بىرىنچى ئالەم تېزلىكى بولسۇن ياكى تۆتىنچى ئالەم تېزلىكى (سامان يولى سىستېمىسىدىن ئايرىلىش تېزلىكى بولۇپ ، تەخمىنەن ھەر سېكۇنتىغا 525 كىلومېتىردىن ئارتۇق) بولسۇن ،  راكېتا ( ئۇچۇش ئەسۋابى )  ماسسىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز (پەۋقۇلئاددە چۇڭ بولۇپ قارا ئۆڭكۈر ماسسا دەرىجىسىدە بولسا باشقىچە ئويلىنىشقا توغرا كېلىدۇ )بولۇپ ، تارتىش كۈچىنىڭ چامىسى  بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئەگەر ،تارتىشىش كۈچى مەنبەسىنىڭ رادىيوسى يېتەرلىك كىچىك ، تارتىش كۈچى ماسسىسى يېتەرلىك چوڭ بولسا  ، تەخمىنەن سېكۇنتىغا 300 مىڭ كىلومېتىر بولغان  نۇرمۇ بۇنداق جىسىمنىڭ تارتىش كۈچى دائىرىسىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ .
مۇشۇنداق تارتىش كۈچىدىن نۇرمۇ قېچىپ قاچالمايدىغان رادىئۇس شىۋازچىلىد رادىيوسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ - 2 ھەسسىلەنگەن ئالەملىك تارتىش  كۈچى تۇراقلىقى بىلەن تارتىش كۈچى مەنبە ماسسىنىڭ  كۆپەيتىلىمسىنى  يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ كىۋادراتىغا بۆلگەندە چىققان قىممەتكە تەڭ ، ئەمەلى رادىيوسى شىۋازچىلىد  رادىيوسىدىن كىچىك بولغان جىسىم قارا ئۆڭكۈر ، ئېنىقراقى شىۋازچىلىد قارا ئۆڭكۈرى  بولۇپ شەكىللىنىدۇ.
قۇياشنىڭ شىۋازچىلىد رادىيوسى تەخمىنەن 2.95 كىلومېتىر ، يەر شارىنىڭ بولسا 9 مىللىمېتىر .
نۆۋەتتە ، شىۋازچىلىد رادىيوسىدىن كىچىك دائىرىدىن ھەرىكەت تېزلىكىنىڭ چېكى دەپ قارىلىۋاتقان نۇرمۇ قېچىپ قۇتۇلالمىغانلىقتىن ، ھەرقانداق سىگنالنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇمكىن ئەمەس دەپ قارىلىۋاتىدۇ.
بەزى ئالىملار شىۋازچىلىد رادىيوسىنىڭ ئىچىدە تارتىش كۈچى ۋە زىچلىق چەكسىز چوڭ بولىدىغان << غەيرى نۇقتا>> بار دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى .
شىۋازچىلىد رادىيوسى ئىچىدىكى ھادىسىلەرنى تەسۋىرلەشتە  بولۇپمۇ <<غەيرى نۇقتا>>نى تەسۋىرلەشتە ھازىرغىچە بار بولغان مۇتلەق كوپ قىسىم نەزەرىيەلەر كۈچتىن قالىدۇ ،  ئۇنداقتا ، شىۋازچىلىد رادىيوسى ئىچىدە نېمە بار ؟ قانداق نەزەرىيەلەر بىلەن ئۇ يەردىكى ھادىسىلەرنى تەسۋىرلەش كېرەك ؟
ئىشنىمىزكى قېرىنداشلىرىمىز بۇ جەھەتتە ئايىماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ!.
2015.01.20 . كۇچار

bulaksuyi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 17:45:26

بۇياققا قىچىپسىزدە  سىزگە ئامەت تىلەيمە ،ئىزدىنىشتا  خاتىرجەم  بۇغايسىز

umidwar029 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 17:55:42

رادىيوسىمۇ  ياكى رادىئۇسىمۇ؟  ئۇقۇم ئارىلىشىپ كەتكەندەك قىلامدۇ نېمە؟:P

hohayla يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 19:11:24

قارا ئۆڭكۈر مەۋجۇت ئەمەسكەن دەۋاتاتتىغۇ يېقىندا

hohayla يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 19:17:21

يەرشارنى سىقىپ  مۇشتۇمدەك قىلغىلى بۇلامدۇ ؟ مۇشۇنداق قىلغىلى بولسا يەر شارنى قارا ئۆڭكۈر قىلغىلى بۇلىدۇ  يۇقارقى ماقالىدە دىيىلگەن قارا ئۆڭكۈر  ئالىملانىڭ خىيالى پەرزى تېخى قارا ئۆڭكۈر توغرىسىدا ھېچقانداق ئىسپات يوق

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 19:54:38

umidwar029 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-20 17:55 static/image/common/back.gif
رادىيوسىمۇ  ياكى رادىئۇسىمۇ؟  ئۇقۇم ئارىلىشىپ كەتكەند ...

مەنمۇ رادىئۇس دەپ ئالغان ، بىراق ، ئويغۇر سوفىتنىڭ كوررىكتۇرىدا تەھرىرلىسەم خاتا دەپ كۆرسىتىپ تۇرۇۋالدى ، شۇڭا توغرا دەپ قارىغان مۇشۇ ئىسىمنى قوللاندىم، رەھمەت.

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 19:59:29

hohayla يوللىغان ۋاقتى  2015-1-20 19:17 static/image/common/back.gif
يەرشارنى سىقىپ  مۇشتۇمدەك قىلغىلى بۇلامدۇ ؟ مۇشۇنداق ق ...

بىر قىسىم بىلىملەرگە ۋە چاندىرا سېكخارنىڭ لىمىت شەرتىگە ئاساسلانغاندا يەر شارىنىڭ قارا ئۇڭكۇر بۇلۇشى ئۇچۇن رادىئۇسى 9 مىللىمىتىرغا چۇشۇشى شەرت بولسىمۇ پائۇلى سىغىشماسلىق پىرىنسىپىنى قانائەتلەندۇرۇشكە ئىمكانىيەت بولمىغانلىقتىن يەرشارى قارا ئۇڭكۇرنى شەكىللەندۇرەلمەيدۇ ، يەرشارىلا ئەمەس ھەتتا قۇياشمۇ قارا ئۇڭكۇر بۇلالمايدۇ  دپ قارىلىدۇ . رەھمەت.

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 20:30:25

hohayla يوللىغان ۋاقتى  2015-1-20 19:11 static/image/common/back.gif
قارا ئۆڭكۈر مەۋجۇت ئەمەسكەن دەۋاتاتتىغۇ يېقىندا

ھازىرغا قەدەر بۇ توغرىسىدا نۇرغۇن تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلدى ، ئەڭ دەسلەپ قارا ئوڭكۇرنى ئەنگىليەلىك مىخائىل ئىسىملىك ھەۋەسكار نىيوتۇننىڭ ئالەملىك تارتىش كۈچى قانۇنىغا ئاساسەن 1790- يىللار ئەتىراپىدا تىلغا ئالغان ، ئۇنىڭدىن كىيىن لاپلاس بىر قەدەر مۇكەممەل تەتقىق قىلغان ، شۇنىڭدىن باشلاپ نۇرغۇن تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان ،  كەڭ مەنىلىك نىسبىيىلىك نەزەرىيەسى تىكلەنگەندىن كىيىن شىۋازچىلىد ئېينىشتىيىن مەيدان تەڭلىمىسىنىڭ ئوز ئۇقىدا ئايلانمايدىغان ، ماگىنتسىز ، شار سىمىتىرىك  ئاسمان جىسمىنىڭ يىشىمىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ، قارا ئۇڭكۇر مەۋجۇتلۇقىدىن بىشارەت بەرگەن ، ئۇنىڭدىن كىيىن ، ئوپىنخىمىيىر ، كىر ، نىيۇمان ، پىنروس ...  قاتارلىقلار  زەرەت ، بۇلۇڭلۇق ھەرىكەت  مىقتارى ... قاتارلىقلار بار ئاسمان جىسمىنىڭ  قارا ئۇڭكۇر مەيدان يىشىمىگە ئىرىشكەن  ياكى باشقا  ئالاقىدار نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرگەن  ،  1960 -يىللارغا كەلگەندىن كىيىنلا ئاندىن نۇرنىمۇ ئۇزىگە سۇمۇرۋېلىپ ، سىرتقا نىسبەتەن ھەچقانداق ئىنىرگىيە تارقاتماسلىقى سەۋەبىدىن قارا ئۇڭكۇر ئاتالغۇسى ئىشلىتىلىشكە باشلىغان ،
60 - يىللاردىكى ئاستىرونۇمىيىلىك بايقاش بۇلۇپمۇ ئىمپولىس يولتۇزنىڭ بايقىلىشى بىلەن قارا ئۇڭكۇر تەتقىقاتى ئۇچقاندەك تەرەققىياتقا ئىرىشىپ ، قارا ئۇڭكۇر فىزىكىسى ، قارا ئۇڭكۇر تىرمودىنامىكىسى قاتارلىق پەنلەر مەيدانغا كەلگەن ، زور بىر قىسىم كوپچىلىككە تۇنۇش بولغان سىتىفىن خاۋكىڭمۇ قارا ئۇڭكۇرنىڭ قارا ئەمەسلىكى ئۇمۇ رادىئاتىسيە يەنى خاۋكىڭ رادىئاتسىيىسىنى شەكىللەندۇرەلەيدىغانلىقى قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ تەتقىقاتلارنى ئىلگىرى سۇرگەن .
ئويغۇرلاردىن مىنىڭ بىلىشىمچە ، ئەڭ بۇرۇن قارا ئۇڭكۇر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان كىشى شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى فىزىكا فاكولتىتىنىڭ 80 -يىللاردىكى مۇدىرى  مەرھۇم  غاپپار غېنى ( ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي )  مۇئەللىم بۇلۇپ ، 90 - يىللاردا كانادادا ئۇقۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان ، مەنمۇ غاپپار غېنى مۇئەللىمنىڭ 80 - يىللاردا شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى ئىلمى ژورنىلىدا ئىلان قىلغان ماقالىلىرى ئارقىلىق غاپپار مۇئەللىمنى ۋە نىسبىيىلىك نەزەرىيەسىنى دەسلەپكى قەدەمدە تۇنۇغان .
دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك نوقتا شۇكى قارا ئۇڭكۇرنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا دائىر نەزەرىيە ئىسپاتىغا نىسبىيىلىك نەزەرىيەسى ئارقىلىقمۇ ھەم كىلاسىك فىزىكا ئارقىلىقمۇ ئىرىشكىلى بۇلىدۇ .
ھازىرغىچە بىر نەچچە نامزات كۇزىتىش ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى ، لىكىن ئاخىرقى نەتىجە چىقمىدى ، يېقىندا سىز ئوتتۇرىغا قويغاندەك خاۋكىڭ قاتارلىقلار قارا ئۇڭكۇر يوق دىگەنلەرنى ئوتتۇرىغا قۇيغان بولسىمۇ يەنىلا كۇزىتىش نەتىجىسىگە مۇراجىئەت قىلىشقا ۋە نەزەرىيە جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشقا توغرا كىلىدۇ.

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 20:31:58

bulaksuyi يوللىغان ۋاقتى  2015-1-20 17:45 static/image/common/back.gif
بۇياققا قىچىپسىزدە  سىزگە ئامەت تىلەيمە ،ئىزدىنىشتا  خ ...

قاچمىدىم ، ئۇ يەردىمۇ بار ، ئۇرۇنسىز مۇنازىرىدىن قاچقىنىم بىلەن ئۇرۇنلۇق بولسا قاچمايمەن.

bulaksuyi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 07:25:24

مەن سىزنى قۇللايمەن ئۇ -بۇدۇشقاقتىن  ئەنسىرىمەي تەتقىقاتىڭىزنى قىلىۋىرىڭ

bulaksuyi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 07:32:20

يالغان

ھەزەر ئەيلەڭ بىۋاپالاردىن.
سىزگە كۆڭۇل بەرگىنى يالغان.
باغلىرىغا سىزنى كېلۇر دەپ ،
قىزىل گۇللەر تەرگىنى يالغان.

ئالدىڭىزدا ئالدايدۇ ‹‹ئۆز›› دەپ ،
‹‹ئالەمدە سەن تەنھا بىر توز!›› دەپ.
سىزنى شۇڭا، ئاتايىن ئىزلەپ،
يىراقلاردىن كەلگىنى يالغان

شەيتاننىڭ كەسپى ئىنساننى ئالداش،
كۆزلىرىدىن تۆكۇپ يالغان ياش.
ئۇلاردا يوق ئاشىقنى ئاياش،
سىز ئۇچۇن كۇلاھ كىيگەنى يالغان.

بىۋاپادا ۋەدىلەر تولا،
دۇتتارىدا پەدىلەر تولا.
يالغان كۈلكە تەنىلەر تولا،
سىزگە قۇچاق كەرگىنى يالغان.

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 09:10:25

bulaksuyi يوللىغان ۋاقتى  2015-1-21 07:32 static/image/common/back.gif
يالغان

ھەزەر ئەيلەڭ بىۋاپالاردىن.


رەھمەت  ئىلھاملىرىڭىزغا . ئىشقىلىپ تىرىشچانلىق كورسىتىمەن ، ئامال بار نەتىجە چىقىرىشقا تىرىشىمەن ،  نەتىجە چىقمىسىمۇ جېق ۋايسىمايمەن ، سەۋەبى ناھايىتى ئاددى ، چۇنكى مەن تىرىشتىم ، تىرىشىۋاتىمەن ، يەنە تىرىشىمەن ، ماڭا مۇشۇلا كۇپايە .

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 09:33:25

     گەرچە بۇ ساھەدە بىلىمىم بولمىسىمۇ سىزدىن سورىۋالاي: ئالىملار كائىناتتا قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئەكسى بولغان «ئاق ئۆڭكۈر»نىڭ مەۋجۇت بولۇش مۈمكىنلىكىنى ۋە ئۇ «ئاق ئۆڭكۈر»  قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئەكسىچە ھەر قانداق جىسىمنى ھەتتا نۇرنىمۇ سىرىتقا تېپىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشىپتىكەن.  مېنىڭ كاللامدىن ئۆتكەنتى. چۈنكى ئاللاھ جىمىيكى شەيئىلەرنىڭ جۈپتى بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەمەسمۇ. ناۋادا ئۇ «ئاق ئۆڭكۈر» تامامەن ئانتىي ماددىدىن تۈزۈلگەن «تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئىتتىرىش كۈچى»گە ئىگە بولغان رىئال مەۋجۇت شەيئىي بوپ قالسا دىگەنلەرنى ئويلاپ قالدىم. بۇ جۈپلەرنىڭ خۇسۇىيەتلىرىدىكى قارمۇ - قارشىلىق پىرىنسىپى بويىچە «ئاق ئۆڭكۈر»نىڭ شىۋارچىلىد رادىئوسى غايەت زور(چەكسىزلىككە ئىنتىلگەن) بولۇشى كېرەكمىدۇ؟

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 22:06:55

شىۋازچىلىد، بۇ گېرمان تىلىمۇ؟

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 00:00:50

Baqka يوللىغان ۋاقتى  2015-1-21 22:06 static/image/common/back.gif
شىۋازچىلىد، بۇ گېرمان تىلىمۇ؟

شۇنداق ، شىۋازچلىد ( بەزى ماتىرىياللاردا شىۋارزچىلىد دەپ ئېلىنغان ) گىرمانچە ( نىمىسچە ) ئادەم ئىسمى ، شىۋارزچىلى ئىسملىك ئالىمدىن ئىككىسى بۇلۇپ بۇلار ئاتا بالا ئالىملاردۇر .

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 05:13:57

sahabe يوللىغان ۋاقتى  2015-1-21 09:33 static/image/common/back.gif
گەرچە بۇ ساھەدە بىلىمىم بولمىسىمۇ سىزدىن سورىۋالاي: ...

مەن بۇ توغىرىسىدا كىيىنچە  ۋاقىت چىقىرىپ مەخسۇس تىما يىزىپ جاۋاپ بىرەي . رەھمەت.

bulaksuyi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 07:15:17

muhakima يوللىغان ۋاقتى  2015-1-21 09:10 static/image/common/back.gif
رەھمەت  ئىلھاملىرىڭىزغا . ئىشقىلىپ تىرىشچانلىق كورسى ...

تىرىشىڭ سىزگە ئامەت يار بۇلسۇن
لىكىن باشقىلاغا ئوخشاش غاۋغا قىلىپ جەڭ قىمماڭ پايدىسى يۇق

3140 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 07:40:19

دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك نوقتا شۇكى قارا ئۇڭكۇرنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا دائىر نەزەرىيە ئىسپاتىغا نىسبىيىلىك نەزەرىيەسى ئارقىلىقمۇ ھەم كىلاسىك فىزىكا ئارقىلىقمۇ ئىرىشكىلى بۇلىدۇ .



بۇنىڭ.شەرتى.نۇرتىزلىكىنىڭ.ئالەمدىكى.تىزلىكلەرنىڭ.چىكى.ئىكەنلىكىنى.ئىتراپ.قىلىشمۇ؟

3140 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 08:09:15

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   3140 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-22 08:27  

http://tech.sina.com.cn/d/2006-08-02/14241067267.shtml
قاراڭغۇ.ئۆڭكۈرنىڭ.مەۋجۇتلۇقىدا.گەپ.باردەك.قىلىدىغۇ...

http://arxiv.org/pdf/1401.5761v1.pdf
خاۋكىڭ.يوق.دەپتۇ.

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 09:03:48

3140 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-22 08:09 static/image/common/back.gif
http://tech.sina.com.cn/d/2006-08-02/14241067267.shtml
قاراڭغۇ.ئۆڭكۈرنىڭ.مەۋجۇ ...

خاۋكىڭ يوق دىگەنگە يوق ، بار دىگەنگە بار بۇلۇپ كەتمەيدۇ ، خاۋكىڭ رادىئاتىسىيىسىمۇ قارا ئۇڭكۇر تىرمۇدىنامىكا قانۇنلىرىمۇ قارا ئۇڭكۇرنى شەرت قىلىدۇ.
بەت: [1] 2
: شىۋازچىلىد رادىيوسىنىڭ ئىچىدە نېمە بار؟