Sewirchan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 12:34:45

1% بايلار ۋە % 99نامراتلار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Sewirchan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-20 12:36  

ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ %1 ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ %99 ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﺴﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﻛﯚﭖ
ﻣﻪﻧﺒﻪ: ﺷﯩﺨﯘﺍ ﺋﺎﮔﯩﻨﯩﺘﻠﯩﻘﻰ ﺗﻪﮪﺮﯨﺮ: ﺋﺎﺑﻠﯩﻤﯩﺖ،

ﺷﯩﻨﺨﯘﺍ ﺗﻮﺭﻯ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ: ﺑﺎﻏﺪﺍﺵ ﺗﻮﺭﯨﺪﯨﻦ: ﺋﺎﺑﻠﯩﻤﯩﺖ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ
ﺑﺎﺵ ﺷﯩﺘﺎﺑﻰ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﻴﯩﮕﻪ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺧﻪﻳﺮ-ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺕ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ 19- ﻳﺎﻧﯟﺍﺭ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺩﻭﻛﻼﺗﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﻴﯩﻠﺪﻯ: ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻧﯩﯔ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﺴﯩﺰ ﺋﯧﺸﯩﺸﻰ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﺴﺎ, 2016- ﻳﯩﻠﻰ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ %1 ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺋﯧﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ %99 ﻧﻮﭘﯘﺱ ﺋﯧﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﺴﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.
ﺑﯘ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻨﯩﯔ ﺩﻭﻛﻼﺗﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ, ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ %1ﺑﺎﻱ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯧﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺋﯧﺸﯩﭗ, 2009- ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ %44 ﺗﯩﻦ, 2014- ﻳﯩﻠﻰ %48 ﮔﻪ ﻛﯚﭘﻪﻳﮕﻪﻥ, ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﻟﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ ﺑﯘ ﻧﯩﺴﺒﻪﺕ 2016- ﻳﯩﻠﻰ %50 ﻛﻪ ﻳﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.
2014- ﻳﯩﻠﻰ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ %1 ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ %48 ﺩﯨﻦ ﺋﯧﯩﺸﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ %52 ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ %46 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﯩﻤﯘ ﺑﯘ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ %99 ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ %20 ﺑﺎﻱ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﮕﯩﺪﺍﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ %5.5 ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻼﺭ ﻗﯧﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﮪﯧﺴﺎﺏ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮪﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺭﺍﻣﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ 3851 ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﻭﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ, ﺑﯘ ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﭼﻪ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 700 ﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﮪﻪﺳﺴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﯞﻩ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺵ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺮﺍﺋﯩﻴﻪ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻯ ﯞﯨﻨﻨﻰ ﺑﻪﻳﻨﯩﻤﺎ 2015- ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯩﻘﺘﺴﺎﺩ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮ ﺩﺍﯞﯗﺱ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﺭﻩﺋﯩﺴﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﺭﻩﺋﯩﺴﻠﯩﻚ ﺳﺎﻻﮪﯩﻴﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮪﻪﺭﻛﻪﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻧﯩﯔ ﺗﻪﻛﺸﯩﺴﯩﺰ ﺋﯧﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﺗﯧﺰﮔﯩﻨﻠﻪﭖ, ﺑﺎﺟﺪﯨﻦ ﻗﺎﭼﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻏﺎ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ, ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﻯ ﻛﯩﻠﯩﻤﺎﺕ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻨﺎﻣﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻤﺰﺍﻟﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﻣﯘﺭﺍﺟﯩﺌﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ.
ﺑﻪﻳﻨﯩﻤﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ: ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺳﻮﺩﺍ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﮪﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﻪﺩﻩﻝ ﺗﯚﻟﯩﻤﻪﻳﻼ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﯩﺴﻤﻠﯩﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﻛﺸﯩﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﮪﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﺴﺎ, ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭﻧﻰ ﻳﯚﻟﻪﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪﻩ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻧﻪﺗﺠﯩﻠﻪﺭ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻳﻮﻗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ, 10 ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﮪﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺗﻪﻗﺴﯩﻤﻠﯩﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﻛﺸﯩﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ, ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﺗﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺗﻮﺭﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﯩﺴﯩﯟﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺋﺎﺯﯨﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ-ﺩﻩ, ﮪﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺗﻪﺷﯩﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻧﯩﯔ ﺋﯧﺸﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﺗﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺗﻮﺭﺕ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.

Sewirchan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 15:39:19

   تېما رەسىمىگە ئىزاھات بېرىشنى ئۇنتۇپتىمەن. بىرىنچى رەسىمدىكىسى: پاكىستاندىكى مەلۇم بىر نامراتلار مەھەللىسىدىكى تۈزۈكرەك چېدىرغىمۇ قادىر بولالمىغان نامراتلار.   ئىككىنچى رەسىم:  ئۆي مۈلۈك كەسپىدىن غايەت زور پايدىغا ئېرىشكەن زەردارلار.

begir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 17:16:27

bariber يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 23:29:50

begir يوللىغان ۋاقتى  2015-1-20 17:16 static/image/common/back.gif
شى رەئىسنى پۈتۈن دۇنياغا باشلىق قىلىپ قويىدىغان بولسا  ...

مەنمۇ شۇ

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 08:22:32

begir يوللىغان ۋاقتى  2015-1-20 17:16 static/image/common/back.gif
شى رەئىسنى پۈتۈن دۇنياغا باشلىق قىلىپ قويىدىغان بولسا  ...

دۇلىتىمىز كىرىم تەخسىماتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق ئىغىر دۇلەتلەرنىڭ بىرى، شى ئەلباشى بۇنى ئوڭشاشقا تىرىشىۋاتىدۇ. خوش بۇلۇشقا سەل بالدۇر تېخى.

Sewirchan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 08:26:16

    بايلار بىلەن نامىراتلار ئارىسىدىكى پەرىق ئىنتايىن زورىيىپ ۋە ئۇلار ئوتتىرىسىدىكى زىددىيەتلەر راسا كەسكىنلەشكەن چاغلاردا تەبىي ھالدا مۇتلەق كۆپ قىسىمنى تەشكىل قىلغان نامراتلار بايلارغا بولغان ھەسەت ۋە ئۆچمەنلىكلەر تۈرىتكىسىدە تەشكىللىك ئىنقىلاپ قىلىپ يوقسۇللار(پىرۇلتارىيات)نىڭ ھاكىمىيىتىنى قۇرۇپ چىقىپ بايلارنى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە باستۇرغان ۋە نامراتلىقنى شەرەپ دەپ تەتۈر مۇقام توۋلىغان تارىخلارغىمۇ  ئانچە ئۇزاق بولمىدى.  دىمەك باي - نامراتلىق پەرقى مەلۇم بىر دائىرە ئىچىدە كونتىرول قىلىنماي مۇشۇنداق تەتۈر تاناسىپلىق نىسبەتتە ئېشىپ كېتىۋەرسە يەنە شۇنداق تارىخ قايتا تەكرارلانمايدۇ دەپ ھىچكىم ھۆددە قىلالمايدۇ. شۇڭا ئەشۇ ئاز ساندىكى بايلار ھەقىيقى يىراقنى كۆرەلەيدىغانلاردىن بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىم تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن بولسىمۇ ئۆز مۈلكىدىن نامراتلارغا سەرپ قىلىپ تۇرسا، نامراتلارمۇ بايلارنىڭ بۇ ئىنسانىي پەزىيلىتىدىن ئىللىقلىق ھىس قىلىپ ھەسەت ۋە ئۆچمەنلىكلەرگە بىخلىنىش پۇرسىتى بولمايدۇ. جەمىيەتتە ئىچكىي ئېھتىياج ئېشىپ ئىقتىسادنىڭ ياخشى يۆنۈلۈشتە راۋاجلىنىشى ۋۇجۇتقا كېلىدۇ.  ئىسلام يولغا قويغان زاكات تۈزۈمى ئىنسانلار جەمىيىتىدە دەل مۇشۇنداق باي - نامراتلىق تەڭپۇڭلۇقىنىڭ ۋە ئىناق تەرەققىياتنىڭ بولۇشىنى تۈپ يىلتىزىدىن كاپالەتكە ئىگە قىلالايدۇ.
بەت: [1]
: 1% بايلار ۋە % 99نامراتلار