ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 10:09:55

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ilim@nur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-4 10:41  

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-3 23:47 static/image/common/back.gif
شۇنداق، مەنمۇ بۇ ئېلانغا كۈچلۈك گۇمان بىلەن قارىغانل ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلگەجان ئەپەندىم .ئىزدىنىشتە بۇ ھەقتە بىر نەرسە يېزىشىمدىكى سەۋەپ ،توغرا ئېلان مەقسىتىمۇ بار .لېكىن ئاشۇرىۋېتىشتىن  ساقلاندىم دەپ قارايمەن .سىز ئەڭ ياخشىسى سۆز ئىشلىتىشتە ئىھتىيات قىلسىڭىز بولاتتى .چۈنكى سىز ھازىر پەقەت نەزەرىيە سۆزلەۋاتىسىز .بولسا يېنىمغا بىر كەلسىڭىز مەن سىزگە ساقايغان بىمارلارنى كۆرسەتسەم .ئەمۋاي،كيانى ،نونى توغرىسىدىكى يازمىلىرىڭىزدىن كېيىن نۇرغۇن كىشىلەر بۇ نەرسىلەرگە ئەھمىيەت بەرمەس بولدى .قىسقىسى تىجارەت شەكلى ئىسلام شەرىئىتىگە خىلاپ بۇ سودىلاردىن مەنمۇ بىزار .دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمىتوللاھ بۇ ھەقتە دەپ بولغان .ئاشۇ يازمىلىرىڭىزدىن كېيىن سىزنىڭ ساغلاملىق توغرىسىدكى ھەرقانداق يازمىڭىزغا تورداشلار تېخىمۇ قىزىقىدۇ ۋە ئىشىنىدۇ .
لېكىن قاراڭ بىزنىڭ بۇ مەھسۇلات نەق يوقىرقى رېتسىپنىڭ ئۆزىىلا بولمايلا قالماي شۇ ئاساسىدا ئىزدىنىپ ياسىدۇق .ھازىر 3-ئەۋلاتنى تارقىتىش ئالدىدا تۇرۇپتىمىز .بۇ رېتسىپ ئەمەلىيەتتە ئورتا ئاسىيادىن ياۋرۇپاغا تارقالغان ،ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئەلمىساقتىن بار رېتسىپ ئىكەن .بىز ئىزدىنىپ كۆردۇق .سىز بىزگە  ئېلانچى نەزىرىدە قارىماسلىقىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن .قومۇلدا ئىشەنچلىك تونىشىڭىز بولسا بىزگە ئەۋەتسىڭىز تەكشۈرۈپ باقسىمۇ بولىدۇ .
بەلكىم بۇ شەربەت سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق تىز ئۈنۈم بىرىدىغان شەربەت بولماسلىقى مۇمكىن،لېكىن بىسمىللاھ دەپ ئىچكەن نامرات دېھقانغا ياكى تەقۋادار بايغا تىز ئۈنۈم بىرىشى مۇمكىن . شۇڭا بىزنىڭ شەربەتكە چوقۇم  ئىلمى نەزەردە قاراشتىن باشقا يەنە ئازراق ئىمكانىيەت بوشلۇقى ئېلىپ قويساق ياخشى .
شەربىتىمىز ھازىرغىچە روشەن پايدا قىلىۋاتىدۇ،ۋاكالەتچىلىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ روشەن پايدا قىلغان خېرىدارلار ئىچىدىن تاللانغان .
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار
https://uyghur-archive.com/izdinix/space-uid-19630.html
تېلىفۇن :18999036938 ماۋۇ ئېلان ھە ..

ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 10:23:01

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2015-3-3 09:58 static/image/common/back.gif
گۇدلاك ئەپەندىم، بۇ ئۇيغۇر تىبابەت دورىسى ئەمەس، خەل ...

بۇ رېتسىپ ئورتا ئاسىيادىن ياۋرۇپاغا تارقالغان رېتسپ ،ئۇيغۇر تىبابىتىدە خەلىق ئىچىدە ساقلىنىپ كەلگەن .ئەھۋالدىن خەۋەرسىز ئوخشايسىز .قومۇلدا مەلۇم بىر تىۋىپ ئالما ئاچچىقسۇنىڭ ئورنىغا ئالما شەربىتى ئىشلىتىپ ياسىلۋاتقىلى ئۇزۇن يىل بولغان .

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 10:26:09

ilim@nur يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 08:59 static/image/common/back.gif
يېقىندىن بۇيانقى ئەھۋالىڭىز قانداق؟نىم بولسا شۇنى يې ...

  شەنبە كۈنى موتو بىلەن 5 كىلومىتىرغا يىقىن يول يۈرگەندىن كىيىن زۇكام بۇلۇپ قىلىپ ئىككى كىچە ئۇخلىيالمىدىم، بۇرۇن ياللۇغۇممۇ قوزغىلىپ يەتكۈچە ئاۋارە قىلدى، شۇڭا دورىنى تۇختىتىپ  قويدۇم. زۇكام دورىسىمۇ ئەقاتماي ئاموشىلىن بىلەن قۇشۇپ بىر كىلو قىتىقنى يەۋەتكەندىن كىيىن سەل ياخشى...

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 11:13:04

ilim@nur يوللىغان ۋاقتى  2015-3-4 10:23 static/image/common/back.gif
بۇ رېتسىپ ئورتا ئاسىيادىن ياۋرۇپاغا تارقالغان رېتسپ  ...

ئوتتۇرا ئاسىيادا لېمون ئۆستۈرەمدىكەن؟
كورىيەلىكلەرنى دورىمىساقمۇ بولا . :lol

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 12:28:07

ilim@nur يوللىغان ۋاقتى  2015-3-4 10:23 static/image/common/back.gif
بۇ رېتسىپ ئورتا ئاسىيادىن ياۋرۇپاغا تارقالغان رېتسپ  ...

دەۋاتقىنىڭىز قاچانقى تىۋىپكىن؟ بۇ نەرسە ياۋروپادا ئىستېمال قىلىنىۋاتقىلى نەچچە يۈز يىل بوپتۇ.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 12:55:37

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2015-3-4 11:13 static/image/common/back.gif
ئوتتۇرا ئاسىيادا لېمون ئۆستۈرەمدىكەن؟
كورىيەلىكلەر ...

ئورتا ئاسىيادا لىمون ئۆستۈردىدۇ دىمىدىم بەلكى بۇ رېتسىپ ئورتا ئاسىيە خەلىقلىرىدە جۈملىدىن ئۇيغۇرلاردا ئەڭ بۇرۇن بار  دىدىم .ماۋۇ ئىنكاسچىلار بىز بۇ ئىشنى ھەقىقى ئىشكەن دەپ ئىش باشلاۋاتقىلى بىر ييلغا يېقىنلاشتى .مەسخىرىلىك ئىنكاسلارنى ماز چىراي ئىپادىلىرىنى ئەۋەتمەي ئەمەلىي گەپ قىلىڭلار ..ئەمەلىيەتنى تەكشۈرۈپ ئىنكاس يېزىڭلار ،سىلەرنىڭ مۇشۇ يەردە يازغان پەرىزىۋى پاسسىپ ئىنكاسىڭلار كۆرۈرمەننىڭ بۇ رېتسىپنى تونۇشىغا تەسىر قىلىدۇ .پەرىزىۋى پاسسىپ ئىنكاسلار بۇنداق تېمىلارغا ماس كەلمەيدۇ .
بىمارلارنىڭ ئىنكاسى ھەقىقى ئىنكاس ..ئەگەر بىلگەجان ۋەكىللىكىدىكى بۇ رېتسىپقا قىزىققانلار تەكشۈرۈپ باقاي دىسەڭلەر بىمارلارنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ ،بىرەر يۈزدەك كىشىنىڭ تېلىفۇن نومىرىنى ئەۋەتىپ بەرسەم بولىدۇ ..سىلەر ئەمەلىيەتنى تەكشۈرۈڭلەر ..بۇ يەردە سىلەرنىڭ ئاغزىڭلارنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ ..لېكن پەرەز خارەكتىردىكى سەلبىي ئىنكاسلارنى يېزىشتىن بۇرۇن ،سەل ئويلىنىپ باقساڭلار ..
ئوچۇق ئېيتاي بۇ رېتسىپ روھى توسالغۇنى يوقىتىپ كىسەل داۋالايدىغان رېتسىپ ئەمەس .بەلكى تەركىبىدىكى نەرسىلەرنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن كىسەل داۋالايدۇ،روھىي تەسىر قوشۇمچە بولىشى مۇمكىن .

ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 12:59:41

mastura يوللىغان ۋاقتى  2015-3-4 12:28 static/image/common/back.gif
دەۋاتقىنىڭىز قاچانقى تىۋىپكىن؟ بۇ نەرسە ياۋروپادا ئى ...

قەدىمقى ياۋرۇپا تىبابىتىگە تۈرۈك،ئەرەپ تىبابەتلىرى چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن .قومۇلدىكى بۇ رېتسىپنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ مەن بەك تارىخىنى سۈرۈشتۈرۈپ كەتمىدىم .ئۇيغۇر تىبابىتى تارىخىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بەلكىم سىز پەرەز قىلىپ بولسىمۇ بىلىشىڭىز مۇمكىن .

ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 13:01:29

umidwar029 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-4 12:22 static/image/common/back.gif
بەزىدە ئەمدى شۇ بەزى كىسەلگە، بەزى ئادەمگە   دورىدىن ر ...

پەرىزىۋى پاسسىپ ئىنكاس ..

ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 13:03:44

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ilim@nur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-4 13:09  

ghura يوللىغان ۋاقتى  2015-3-4 11:48 static/image/common/back.gif
بۇمۇ باشقا تىبابەت دۇرىلىرىدەك زىيانمۇ قىلماي، پايدىم ...

مىكى پىكى نى يېزىشتىن ئۇيالمىدىڭىزمۇ ؟ماڭا تېلىفۇن قىلىڭ مەن سىزگە تەكشۈرەتكۈزۈپ قوياي ..قايسى شەھەردە سىز؟ئوغاۋالا بولسىڭىز مىكى پىكىنى قويۇپ ئەمەلىي ھەركەتكە ئۆتۈڭ ...18999036938،سىز تورغان شەھەردىكى ئىستىمالچىلىرىمىزنىڭ ئالاقىلىش نومىرىنى ئەۋەتىپ بىرەي ئەلۋەتتە ئۇلار رازى بولسا ..تەكشۈرۈپ گەپ قىلىڭ ..ھازىرقى زاماندىكى ئۇيغۇر تىبابىتى قالپىقى ئاستىدىكى بەزى تىۋىپلار پايدىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىۋالدى .بەزىلىرى ھارام تەركىبلەنى خالىغانچە قوشىدۇ .لېكىن ئۇيغۇر تىبابىتى ئاللىقاچان ئىسلامى ئەقىدىگە تويۇنۇپ ھەقىقى ئوربىتىغا كىرگەن ئەڭ شانلىق تىبابەتلەردىن ئىدى .بۇ روھتىن   ئايرىلسا  ئەنە ئاشۇنداق پاسىقلىشىشقا قاراپ ماڭىدۇ.ھەقىقى مەنىدىكى ئۇيغۇر تىبابىتىگە ھۆرمىتىم چوڭقۇر .

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 13:10:57

بۇ 100 ئادەمگە تېلىفون قىلىپ بىلگىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس. 100 ئادەمنى مەلۇم مەزگىل مۇشۇ مەھسۇلاتنى ئىشلەتكەندىن كېيىن كىلىنىكىلىق كۆزىتىپ، ھەرخىل تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرۈپ ئاندىن ئىسپاتلايدىغان ئىش.
يەنە كېلىپ تۈرك، ئەرەب تىبابەتلىرى ياۋروپاغا تەسىر كۆرسەتكەن، شۇڭا ئالما ئاچچىقسۈيى بىزنىڭ دەپ لوگىكىسىز ھۆكۈم چىقارماڭ. ھازىر ئالما ئاچچىقسۈيىنىڭ كىمگە تەۋەلىكى مۇھىم مەسىلە ئەمەس.
مەن ئالما ئاچچىقسۈيىنىڭ بەدەنگە پايدىلىق تەرەپلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن گۇمان قىلمايمەن. لېكىن بۇ دورا، كېسەلنى ساقايتىدۇ، دەپ ساتسىڭىز ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز ئىش تاپىسىز. بىلگەجان دەۋاتقاندەك بۇنى ساغلاملىق مەھسۇلاتى دېسىڭىز ئۆزىڭىزگىمۇ ياخشى، بىمارغىمۇ ياخشى. بىكار بۇنى دورا دەپ ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز ئىش تاپماڭ. ئەگەر سىز بۇنى دورا دەپ دورا نازارەت قىلىش ئىدارىسىغا تىزىمغا ئالدۇرغان بولسىڭىز ئۇ باشقا گەپ.

ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 13:17:07

mastura يوللىغان ۋاقتى  2015-3-4 13:10 static/image/common/back.gif
بۇ 100 ئادەمگە تېلىفون قىلىپ بىلگىلى بولىدىغان ئىش ئەمە ...

چۈشەندىم .رەھمەت،پىكىرىڭىز ئورۇنلۇق .بىز تەشۋىقاتتا ئۇنداق دىمەيۋاتىمىز .ئەلۋەتتە ئىجازىتىمىزمۇ ساغلاملىق يىمەكلىكى ئىجازىتى ..بىزگە ئۇچىرىغان ئەمەلىيەت بىلەن دارا ئۆلچىمى ئوتتۇرسىدا يەنە پەرق بارلىقىنى ھەقىقەتەن بىلمەپتىمەن .بۇندىن كېيىن دىققەت قىلاي .

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 13:44:35

بىر قۇتۇپقا قېيىپ ئەمەسلا بىرنەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇپسىلەر. پايدا قىلغانلارنىمۇ خېلى كۆردۈم. بىراق كۆرگىنىم تېما ئىگىسىنىڭ مەھسۇلاتى ئەمەس، ئوخشاش رېتسېپتا ئۆزى ياسىغان مەھسۇلات. پايدا قىلمىغانلارمۇ بار. ئوخشاش نەرسىنىڭ ئۈنۈمى ئادەمگە قاراپ ئوخشاش بولمايدىكەن دەپ قالدىم. كىلىنكىدىن ئۆتكۈزۈلگەن غەرب تېبابەت دورىلىرىمۇ 100 پىرسەن پايدا قىلىشى چاغلىق. ۋاقتى كەلگەندە پېنسېلىن بىلەن ساقايمىغان ئاغرىقلار زۇكام جەۋھىرى، ماداتۇل ھايات..... دېگەندەك دورىلار بىلەن ساقىيىپ قالىدۇ. ھەرقانداق دوختۇر مەن ساقايتىمەن ھۆددە قىلالمايدۇ. بىراق ساق ئادەملەرنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان يېرى، كېسەل بولغان ئادەملەر سەۋەب بوپ قالا دېگەن ئىدىيەدە بولىدۇ. مەسخىرە قىلغۇدەك، زاڭلىق قىلغۇدەك رېتسېپ، مەھسۇلات ئەمەستى بۇ.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 14:06:18

ئەمەلى پاكىت، ياكى ئىلمىى سۇئال بولمىغان، باشقىلارنىڭ ئابرويىغا دەخلى قىلىدىغان ئىنكاسلار تازلىنىدۇ.

boss يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 14:12:30

تېلۋېزوردا نۇرغۇن دورىلارنى كۈندە تەشۋىق قىلۋاتىدۇ ساقايىتمايدىغان كېسىلى يوق دەپ ، نوچى بولساڭلار شۇلارنى بىردىن - بىر زاڭلىق قىلمامسىلەر ، بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئۈنۈمىگە ئىشەنمىسەڭلار ئۆزۈڭلار سىناق قىلىپ بېقىڭلار ، ، ،

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 14:44:26

ilim@nur يوللىغان ۋاقتى  2015-3-4 12:55 static/image/common/back.gif
ئورتا ئاسىيادا لىمون ئۆستۈردىدۇ دىمىدىم بەلكى بۇ رېت ...

ئورتا ئاسىيە خەلىقلىرىدە جۈملىدىن ئۇيغۇرلاردا ئەڭ بۇرۇن بار  دىدىم
مانداق پىس-پاس پاراڭ قىلىمساق قانداق ؟ :lol
مەن بۇ ئاشكارا رېتسىپنىڭ خامئەشياسى بولغان لىمۇننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدىن چىقمايدىغانلىقىنى دەۋاتىمەن .
لىمۇننى تونۇمىغان كىشىلەر قانداق قىلىپ ئەڭ بۇرۇن پايدىلانغان بولىدۇ؟  
بۇغۇ تالىشىدىغان نەرسە ئەمەس ئىدى، بۇ  تۇرمۇشتىكى يەرلىك رېتسىپ بولۇپ، قاندىكى ماينى سىرىيدىغان ياكى قان-تومۇرلارنىڭ ئىلاستىكىلقىنى ياخشىلايدىغان ساغلاملىق يىمەكلىكى  ، دورا ئەمەس .  
نۇرغۇن  تەكشۈرۈشلەردىن بۇنىڭ ھەر ئادەمگە ھەر خىل  تەسىر قىلىدىغانلقىمۇ ئىسپاتلانغان،  مەنپەئەت قىلغانلارمۇ، قىلمىغانلارمۇ بار بولغان، شۇڭا تەشۋىقاتتا ئۈنۈمىنى  زىيادە ئاشۇرمىساق، پىياز يەپ بەرسىمۇ قاندىكى ماينى سېرىيدۇ ، بۇ شۇنچىلىك گەپ.
بۇنداق يارلىك رېتسىپلارغا ئىشەنمەسلىك توغرىسىدا دوختۇرلارمۇ كۆپ نەسىھەتلەرنى قىلغان، سىرلىقلاشتۇرۇپ، ئۈنۈمىنى كۆپتۈرۈپ قىلىنغان مۇشۇ تەشۋىقاتىڭلار ئېھتىمال كىشىلەرنىڭ نورمال دوختۇرغا كۆرۈنىشىنى توسۇپ، داۋالىنىشى توسۇشى مۈمكىن . ئەگەر بۇ رېتسىپنىڭ راستىنلا داۋاسى بولسا، مىڭە قان تومۇر كىسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى تاقالسا بولىتى.
http://shanxi.sina.com.cn/vinegar/hyxw/2013-12-13/093542898.html

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 15:00:18

بۇ رېتسىپنىڭ  راستىنلا قان-تومۇرنى ئېچىش رولى بار يوقلىغى توغرىسىدا ئىشلەنگەن سىننى ك؟ۆرۈپ بېقىڭلا.
ئەڭ ئاخىرقى دوختۇرنىڭ يەكۈنى مۇھىم .
http://player.youku.com/player.php/sid/XNjQ4ODc5MTMy/v.swf
http://v.youku.com/v_show/id_XNjQ4ODc5MTMy.html

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 16:13:47

بەزىدە مۇشۇ مۇنبەرداشلىرىم  ئاغرىپ قالمىسىكەن دەپ ئويلاپ قالىمەن، ئۇلار ئاغرىپ قالسا قانداقمۇ قىلار:lol
بەت: 1 2 3 [4] 5
: ئالما ئاچچىقسۇلۇق قان تومۇر تازلاش شەربىتىدىن بىر يىللىق خۇلاسە