Adilkozeynek يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 14:40:49

بۇشەربەتنىڭ تەركىۋىنى بىلىشكە بولامدىكىن؟

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 16:02:32

Adilkozeynek يوللىغان ۋاقتى  2015-2-25 14:40 static/image/common/back.gif
بۇشەربەتنىڭ تەركىۋىنى بىلىشكە بولامدىكىن؟

ئالما ئاچچىقسۈيى، سامساق سۈيى، زەنجىۋىل، يەنە لىمون لارنى قاينىتىدۇ، مۇشۇ تىمىنى ئۇقۇسىڭىز باردۇ؟...

ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 08:58:24

ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2015-2-25 16:02 static/image/common/back.gif
ئالما ئاچچىقسۈيى، سامساق سۈيى، زەنجىۋىل، يەنە لىمون  ...

شۇ ئاساسىدا بىز يېڭىدىن بارلىققا كەلتۈرگەن رېتسىپ ...مەخپى ئاشكارىلاشقا بولماي دۇ .

ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 08:59:09

ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2015-2-25 13:44 static/image/common/back.gif
مەنمۇ ئىچىۋاتقىلى ئۈچ كۈن بولدى، دۇختۇرخانىدىن بېرىد ...

يېقىندىن بۇيانقى ئەھۋالىڭىز قانداق؟نىم بولسا شۇنى يېزىڭ چاتاق يوق ..

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 09:19:27

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام تېما ئىگىسى، مەزكۇر يازما ئارقىلىق ئالما ئاچچىقسۈيى دېگەن مەھسۇلاتىڭلارنى بىلدىم ھەم قىزىقىپ قالدىم. تۆۋەندىكى گەپلەرنى سەل تەپسىلىيرەك يېشىپ بەرگەن بولسىڭىز، ئەگەر قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشسەم مەنمۇ ھاجىتى بارلارغا بۇ مەھسۇلاتنى تەۋسىيە قىلىپ قويسام. رەھمەت.

قان تومۇردا ماي شىلىمشىق يوقىرى بولۇشنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئىچكەن بىمارلارنىڭ ھەممىسى مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.
===================
دېمەك بۇ ئالما ئاچچىقسۈيىنىڭ قان تومۇردىكى ماينى ئازلىتىدىغان رولى بار ئىكەن. ئېنىق بىلىۋالماقچى بولغىنىم، سىلەر بىمارلارنىڭ قېنىدىكى ماي ماددىسىنى بۇ دورىنى ئىچىشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن تەكشۈرۈپ ئاندىن يۇقىرىدىكى ھۆكۈمگە ئېرىشتىڭلارمۇ ياكى بۇ بىمارلارنىڭ ئاغزاكى بايانىمۇ؟ ئەگەر بۇ مەھسۇلات ئۈستىدە مەلۇم دەسلەپكى تەتقىقات نەتىجىلىرى بولسا بۇنى دۇنياۋى دورا قىلىپ كېڭەيتىش كېرەك، دەپ قارايمەن. چۈنكى ھازىرغىچە قاندىكى ماينى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەيدىغان ۋە ئەكىس تەسىرى تۆۋەن دورىلار تېخىچە بارلىققا كەلمىدى. بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئۈنۈمى ئىسپاتلانسا ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئۈنۈمنى ھاسىل قىلغۇچى ماددىنى ئايرىپ ئىلىپ دورا ياسىساڭلار بۇ پۈتۈن دۇنيا كىشىلىرىنىڭ ساغلاملىقىغا قوشۇلغان كاتتا تۆھپە بولىدۇ ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىمۇ زور كىرىم قىلالايسىلەر.


سەل تەمبەل كىشىلەر ئۆزىنىڭ روشەن ئورۇقلىغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى .مەسىلەن ئاتۇشتىكى بىر ھاجىم قوسىقىنىڭ ئىككى نومۇر كىچىكلىگەنلىكىنى بىزگە ھاياجانلىنىپ ئېيتتى .دىمەك بۇ رېتسىپ ھەم ساقلىقنى ساقلاش ئىچىملىكى ،ھەم يۈرەك مىڭە قان تومۇرلىرىنى توسولۇشنى ھەل قىلىش ئىچىملىكى ،ھەم ئورۇقلاش ئىچىملىكى قىلىشقا بولىدىكەن.
========================
بۇ ئىچىملىك ئارقىلىق ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى قەيىت قىپسىز. ئۇنداق بولسا، بۇ ھۆكۈم ئاتۇشتىكى بىر ھاجىمنىڭ سۆزى بىلەن دېيىلدىمۇ ياكى قانچە نەپەر بىمار شۇنداق دوكلات قىلدى؟ سىلەر بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئورۇقلىتىش ئۈنۈمىنى سىتاتىستىكىلاپ باقتىڭلارمۇ؟ مەسىلەن، قانچە پىرسەنت ئورۇقلىتىدۇ؟ ئەرلەر ۋە ئاياللاردا، ئوخشىمىغان ياشلىقلاردا ئۈنۈمى قانداق؟ بۇ مەھسۇلاتنى ئىستىمال قىلغۇچىلار پەقەت مۇشۇ ئىچىملىكنى ئىچكەنمۇ ياكى ھەرىكەت قىلىش ۋە ياكى باشقا يېمەكلىكتىن پەرھىز تۇتۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى تەڭ قوللانغانمۇ؟

جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن. رەھمەت!

Windboy يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 09:47:47

ئاپامنىڭمۇ يۈرىكىگە ئىككى تېرەك قويۇپ بولدى،دورىنى ئۈزمەي ئىچىدۇ،بۇ قېتىم ئۆيگە قايتقاندا ئۆيدىكىلەرمۇ مۇشۇ رىتسىپنىڭ گېپىنى قىلدى، سىناپ باقسا ماس كېلەمۇ، يېقىندا دوختۇرخانىغا بېرىپ دوختۇردىن مەسلىھەت سوراپ باقاي دەپ ئولتاغان، بىلگەجان ياخشى سوراپتۇ،مەنمۇ بىلىپ باقاي دېگەن. مۇشۇ رىتسىپ زادى ئىشەنچىلىكمۇ،ئىشلەتكەن ۋە ھەقىقەتەن پايدىسىنى كۆرگەنلە بوسا سۆزلەپ باققان بوسا بوپتىكەن.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 10:51:22

ilim@nur يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 08:59 static/image/common/back.gif
يېقىندىن بۇيانقى ئەھۋالىڭىز قانداق؟نىم بولسا شۇنى يې ...

  ئاشقازىنىم ياخشى ئەمەس بولغاچقا سەل قۇرۇق ئىسسىق كىلىدىكەن، ئاندىن تالغا ئازراق تەسىرى باردەك ھىس قىلدىم. ئۇزۇن كىسەل تارتىپ كەتكەچكە سەپ-پەل بىلگىنىمچە ئۇزۇقتىن تەڭشەپ مىڭىۋاتىمەن.

ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 18:56:32

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ilim@nur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-1 18:58  

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 09:19 static/image/common/back.gif
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام تېما ئىگىسى، مەزكۇر يازما ئارقىلى ...

دېمەك بۇ ئالما ئاچچىقسۈيىنىڭ قان تومۇردىكى ماينى ئازلىتىدىغان رولى بار ئىكەن. ئېنىق بىلىۋالماقچى بولغىنىم، سىلەر بىمارلارنىڭ قېنىدىكى ماي ماددىسىنى بۇ دورىنى ئىچىشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن تەكشۈرۈپ ئاندىن يۇقىرىدىكى ھۆكۈمگە ئېرىشتىڭلارمۇ ياكى بۇ بىمارلارنىڭ ئاغزاكى بايانىمۇ؟ ئەگەر بۇ مەھسۇلات ئۈستىدە مەلۇم دەسلەپكى تەتقىقات نەتىجىلىرى بولسا بۇنى دۇنياۋى دورا قىلىپ كېڭەيتىش كېرەك، دەپ قارايمەن. چۈنكى ھازىرغىچە قاندىكى ماينى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەيدىغان ۋە ئەكىس تەسىرى تۆۋەن دورىلار تېخىچە بارلىققا كەلمىدى. بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئۈنۈمى ئىسپاتلانسا ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئۈنۈمنى ھاسىل قىلغۇچى ماددىنى ئايرىپ ئىلىپ دورا ياسىساڭلار بۇ پۈتۈن دۇنيا كىشىلىرىنىڭ ساغلاملىقىغا قوشۇلغان كاتتا تۆھپە بولىدۇ ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىمۇ زور كىرىم قىلالايسىلەر.
جاۋاپ :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلگەجان ئەپەندىم ،سۇئالىڭىزغا كىچىكىپ جاۋاپ بىرىپ قالدىم يېقىندا ھەقىقەتەن سەل  ئالدىراش بولۇپ قالدۇق .بىز مەخسوس شۇنداق سېلىشتۇرۇشتىن ئۆتكەزمىدۇق .ئەمما يۈرەك قان تومۇر توسۇلغان بىمارلار ئالما ئاچچىقسۇلۇق قان تومۇر تازلاش شەربىتىمىزنى ئىشكەندىن كېيىن دوختۇرخانىغا بېرىپ قاننى تەكشۈرگەزسە بۇرۇنقى قان قويۇقلۇق ۋە ماي ھادىسىلىرى پۈتۈنلەي ھەل بولغان ۋە ئىتىلگەن تومۇرمۇ ئېچىلغانلىقىنى بايقىغان ،دوختۇرخانىدىكى  بەزى دوختۇرلار بىماردىن زادى نىمە نەرسە يىگەن ھەجەپ تىز ساقىيىپسەنغۇ دىگەن. بۇ مەلۇماتلارنى نۇرغۇن بىمارلار بىزگە يەتكۈزدى لېكىن  سىتاستىكىلاپ باقمىدۇق .يەنە بەزى قان قويۇق  بىمارلىرى بىزگە تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن خەۋەردار قىلىپ ھەقىقەتەن ئۈنۈمگە ئېرىشىپ قېنى نورمال ھالەتكە كەلدى دىدى .لېكىن بىز مەخسوس كىلىنكىلىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈشكە ئامالسىز ۋە تېخنىكىلىق ۋە ئىقتىسادىي شارائىتلارنى ھازىرلاشقا ئامالسىز .سىز بىلىسىز ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرى مۇشۇ ھالەتتە .بىزنىڭ دەسلەپكى   خېرىدارلىرىمىز يۈرەك قان تومۇر توسۇلۇش بىمارلىرى بولسا ،ھازىر تەدرىجى دائىرىسى كېيىڭىپ ،ئاغىزدىن ئاغىزغا كۆچۈپ  ھازىرقىدەك  يېرىمى دىگۈدەك قان تومۇردا مەسىلە يوق، لېكىن قاندا مەسىلە بار بىمارلار بولدى  .دىمەك بۇ شەربەتنى ساغلام كىشىلەرمۇ ئىچىپ بەرسە ھەقىقەتەن ياخشى بولىدىكەن .مىقدارىنى بىلمەكچى بولغانلار بىزگە تېلىفۇن قىلسا دەپ بەرسەك بولىدۇ .ئەمدى ئومومىي يۈزلۇك ئىنكاس شۇكى ئاشقازان ،ئۈچەيدە مەسىلە بار بىمارلارنىڭ ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنى سەل بىئارام قىلىپ قويىدىغان ئەكىس تەسىرى بار .لېكىن بىمارلارنىڭ  سالامەتلىكىگە ئېغىر تەسىر ئېلىپ كېلىدىغان دائىرىدە ئەمەس دەپ قارايمىز .بەلكىم بۇ شەربەتنىڭ تەكىبىدىكى كىسلاتالىق تەركىبلەرنىڭ رول ئوينىشى سەۋەبىدىن بولىشى مۇمكىن .
بۇ ئىچىملىك ئارقىلىق ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى قەيىت قىپسىز. ئۇنداق بولسا، بۇ ھۆكۈم ئاتۇشتىكى بىر ھاجىمنىڭ سۆزى بىلەن دېيىلدىمۇ ياكى قانچە نەپەر بىمار شۇنداق دوكلات قىلدى؟ سىلەر بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئورۇقلىتىش ئۈنۈمىنى سىتاتىستىكىلاپ باقتىڭلارمۇ؟ مەسىلەن، قانچە پىرسەنت ئورۇقلىتىدۇ؟ ئەرلەر ۋە ئاياللاردا، ئوخشىمىغان ياشلىقلاردا ئۈنۈمى قانداق؟ بۇ مەھسۇلاتنى ئىستىمال قىلغۇچىلار پەقەت مۇشۇ ئىچىملىكنى ئىچكەنمۇ ياكى ھەرىكەت قىلىش ۋە ياكى باشقا يېمەكلىكتىن پەرھىز تۇتۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى تەڭ قوللانغانمۇ؟
جاۋاپ :
ئىستاستىكىلاپ باقمىدۇق،قان قويۇقلۇق ۋە يۈرەك  قان تومۇر تارىيىش بىمارلىرى بۇ شەربەتنى ئىچىپ ئۆزىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئورۇقلىغانلىقىنى بىزگە دىدى .بۇ ساننى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ باقمىدۇق .لېكىن كېيىن ئورۇقلاشنى ئاساسىي مەقسەت قاندىكى مەسىلىنى قوشۇمچە مەقسەتتە نۇرغۇن بىمار ئېلىپ ئىچتى ۋە مەلۇم  دەرىجىدە ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتتى .بۇ ساننىمۇ بىز مەخسوس ئىستاستىكىلاپ باقمىدۇق لېكىن خېلى ساندىكى بىمارلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىزگە شۇنداق ئىنكاس قىلىدى .ئاتۇشتىكى ھاجىم پەقەت بىر مىسال خالاس .

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 19:23:14

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   azharbag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-1 19:55  

ilim@nur يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 08:59 static/image/common/back.gif
يېقىندىن بۇيانقى ئەھۋالىڭىز قانداق؟نىم بولسا شۇنى يې ...

مىنىڭ  ئاكام  ئىچىۋاتىدۇ. ئاكام بۇ يىل  48  ياش  شەھەرلىك  دۇختۇرخانىدا  يۇرەكتە تۇسۇلۇش بار دەپ  زۇيىڭ  قىلغۇزغان. ھازىر ئىچكىلى  15 كۇندىن  ئاشتى  ئەگەر ئۇنۇمى كۇرۇلۇپ  قالسا   سىزگە   ھەقسىز   تەشۋىقاتچى   بۇپ   بىرىمەن،،:handshake  

ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 15:10:43

Windboy يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 09:47 static/image/common/back.gif
ئاپامنىڭمۇ يۈرىكىگە ئىككى تېرەك قويۇپ بولدى،دورىنى ئۈ ...

تىرەك سەپ بولغان بىمارلارمۇ ئىچسە باشقا تومۇرلارنىڭ تارىيىپ قالماسلىققا پايدىلىق .لېكىن مىقتارى ۋە ئىچىش ئۇسولىنى دەپ بىرىمىز .

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 15:37:16

بىلگەجاننىڭ تەكلىپلىرى ئورۇنلۇق، ئەگەر بۇ ساھادە ئۇتۇق قازىنالىغان بولساڭلار، سىستېمىلىق بىر پىلان بىلەن يېڭىچە قىياپەتتە مەيدانغا چىقساڭلار تامامەن بولىدۇ. ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنىڭ ئەھۋالى مۇشۇ دەپلا قويۇش بىلەن مەسىلە ھەل بولمايدۇ. نەچچە مىڭ يىللىق تىبابەت جۇغلانمىسىنىڭ مەھسۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر تىبابىتىمۇ جاھان ئەھلىنىڭ سالامەتلىك ئىشلىرىغا تۆھپە قوشقىچىلىكى بار دەپ ئىشەنچىمىز بار.
مېنىڭ ھېس قىلىشىمدا، مەيلى ئۇيغۇر تىبابىتى بولسۇن مەيلى غەرب تىبابىتى بولسۇن كېسەللىكنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرىدا پەرقلەر بولىدۇكەن. ئاددىيسى غەرب تىبابىتىدە كېسەللىك ئاقسىل بىلەن ۋىتامىنلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىشىشىدىن دەپ قارىسا، ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئىسسىق سوغۇقنىڭ تەڭپۇڭسىزلىشىسى دەپ قارايدىكەن. بۇ بەلكىم ئوخشاش گەپنىڭ باشقا باشقا ئاتىلىشى بولىشى ئېھتىمال...
دېمەكچىمەنكى ئەھۋالىمىز مۇشۇ دەپ ھەرگىز سەل قارىماسلىق، ئېغىزغا ئالغىدەك نەتىجە قازانغان ھامان، كەڭ كۆلەمدە بازارغا يۈزلىنىپ، ئىقتىساد ۋە تەسىر پەيدا قىلىش كېرەك دەپ قارايمەن.

yehya1 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 21:19:03

مەن يۈرەكنى سايىلەندۈرۈپ يەنى زاۋيىڭ قىلدۇرۇپ باقتىم  مەنمۇ بۇشەربەتتىن بىر باسقۇچ ئىچكەن كېيىن پاكىستاننىڭ ئوخشاش شەربەتتىن ئىچكەن،ئەمدى مېنى يۈرەكنى يېرىپ قان تومۇر ئۇلايدىغانغا چىقتى،قاندىكى ماي مىقدارىمۇ ئالامەت يۇقىرىكەن.مېنىڭكىگە تىرەك سالغىلى بولمايدىكەن.

ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 09:24:42

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ilim@nur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-3 09:26  

yehya1 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-2 21:19 static/image/common/back.gif
مەن يۈرەكنى سايىلەندۈرۈپ يەنى زاۋيىڭ قىلدۇرۇپ باقتىم   ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ،ئۆزۈمنى ئاقلىغىنىم ئەمەس يازمامغا تەپسىلى قارىسىڭىز كۆۋرۈك سېلىش ھالىتىگە كېلىپ قالغان بىمارلار بۇ شەربەتنى ئىچىشكە بولمايدۇ دەپ بار ماس كەلمەيدىغان بىمارلار دىگەن يەردە .ھېلىمۇ بۇ شەربەت سىزنىڭ يۈرىكىڭىزنى سالدۇرۋەتمەپتۇ .بىز بۇ شەربەتنىڭ تومۇر 100پىرسەنت توسولۇپ قالغاندا كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىمىز ھەم ئەسكەرتىش بىرىپ كەلگەن .سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزدىن خەۋەرسىز بولغاچقا بۇنى دىيىشكە ئامالسىز .كۆۋرۈك سەپ بولغاندىن كېيىن ئىچسىڭىز بولىدۇ ..قان ئايلىنىش ئەسلىگە كەلگەندە ئۈنۈمى روشەن بولىدۇ .ئاشقازىنى ئاجىزلار چوقۇم تاماقتىن كېيىن پەلەمپەي شەكىلدە بەش كۈن مۇددەت ئىچىدە ئاز مىقتاردىن باشلاپ ئاشقازاننى كۆندۈرۋېلىپ 20 مىللى لېىتىرغا كەلگەندىن كېيىن تۇراقلىشىشى كىرەك .
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما http://bbs.izdinix.com/thread-62297-1-1.html

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 09:58:13

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2015-3-2 15:37 static/image/common/back.gif
بىلگەجاننىڭ تەكلىپلىرى ئورۇنلۇق، ئەگەر بۇ ساھادە ئۇتۇ ...

ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنىڭ ئەھۋالى مۇشۇ دەپلا قويۇش بىلەن مەسىلە ھەل بولمايدۇ.
گۇدلاك ئەپەندىم، بۇ ئۇيغۇر تىبابەت دورىسى ئەمەس، خەلقئارادىمۇ ئۇزۇندىن بېرى تارقىلىپ كەلگەن ئاشكارا رېتسىپ بولۇپ، بەزى كىسەللەرگە مەلۇم مەنپەئەت قىلىدىغانلىقى مەلۇم ، بىراق ئۇنىڭ ئۈنۈمى تەشۋىقاتتىكىدەك ئۇنچىۋالا ئەمەس دەپ قارايمەن .




yehya1 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 13:40:25

ilim@nur يوللىغان ۋاقتى  2015-3-3 09:24 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ،ئۆزۈمنى ئاقلىغىنىم ئ ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام مەن بۇ شەربەتنى بىرنىمە دىمىدىم.ئۆتكەندە 8- ئاينىڭ ئاياقلىرىدا ئۈرۈمچىدە تىرەك سالساق بولىدۇ دىگەن .لېكىن مەن ئۇچاغدا زاۋيىڭ قىلدۇرمىغان، كېيىن بۇلاق كىتاپخانىسىنىڭ خوجايىنى ئىزدىنىش تورىدا مۇشۇ شەربەتنى كۆرگەنلىگىنى دىگەندىن كېيىن مەن دەرھال يېنىپ كېلىپ تورنى ئىزدىدىم، لېكىن خېلى ئۇزۇندا تېپىپ سىز بىلەن ئالاقىلاشتىم. شەربەتنى ئىچىپ بولۇپ پاكىستاننىڭ ئوخشاش شەربىتىدىن ئچتىم،  ئۇنى بىر تاغام تېپىپ بەردى چۈنكى ئۇ تاغامنىڭ ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرى ياسايدىغان زاۋۇتى بار، ئۆزى مىللى تىبابەتچىلىك ئالى تېخنىكومدا ئوقىغان  ئوردۇچە ھىندىچە تىللارنى پىششىق بىلىدۇ،  دارىنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئوقۇپ ماۋۇ ساڭا ماس كېلىدىكەن دىگەنتى.ئۆتكەندە بىلگېجاننىڭ گېپىگە ئاساسەن زاۋيىڭ قىلدۇرۇپ باقتىم تېخى مۇشۇ 27- چېسلا كەچتە قىلدۇرغان شۇنىڭدا شۇنداق چىقتى. مەن بۇ شەربەت ئۇنداق مۇنداق دىگەن گەپنى قىلمىدىم خاتىرجەم سېتىۋېرىڭ مەنمۇ كۆۋرۈك سالدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن يەنە شۇنداق شەربەتلەرنى ئچىمەن، كۆۋرۈك سلدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن بىرەر يىل دارا ئىچىدىغان ئشكەن.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 14:55:17

@bilgejan بۇ ئەسلىدىلا ياۋروپادا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان نەرسىغۇ؟ Apple cider vinegar غا ئۇنى-بۇنى قوشۇپتۇ. مەن ئۆتكەندە ئامېرىكىنىڭ ئورۇقلاش خانىشى دەپ نامى بار جېننىفېر جولاننىڭ مۇشۇ ھەقتە يازغان بىر كىتابچىسىنى ئوقۇغانتىم، ئۇنىڭدا ئىشقىلىپ بۇ ئالما ئاچچىقسۈيىنى ئىشقىلىپ ھەممە كېسەلگە داۋا دەۋېتىپتىكەن. بەك جىق تەتقىقات نەتىجىلىرىمۇ باركەنتۇق ئۇنىڭدا. كېيىن باشقا بىرەيلەن چىقىپ ئالما ئاچچىقسۈيىنىڭ ئىقتىدارىنى بەكلا مۇبالىغە قىلىۋەتكەن، ئەمەلىيەتتە بەدەنگە زىيانلىق تەرەپلىرىمۇ بار، دەپ بىر نەرسە يېزىپتۇ.
مەن ئالما ئاچچىقسۈيىنىڭ ئورۇقلىتىش رولى بارلىقىغا ئىشەنمەيمەن. بۇنى ئىسپاتلايدىغان تەتقىقات نەتىجىسى يوق. ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق تەتقىقاتتا، ئالما ئاچچىقسۈيى ئىستېمال قىلغانلار ئۈچ ئايدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر قاداق ئورۇقلىغان، كېيىنكى بىر ئايدا يەنە دەرھال بۇرۇنقى ئېغىرلىقىغا قايتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتىكەن.
لېكىن قان-تومۇلارنى تازىلاش، توسۇلۇپ قالغان تومۇرلارنى ئېچىش رولى بىلىشىمچە خەلقئارادا ئورتاق ئېتىراپ قىلىنغان.  

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 23:47:24

mastura يوللىغان ۋاقتى  2015-3-3 14:55 static/image/common/back.gif
@bilgejan بۇ ئەسلىدىلا ياۋروپادا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئىشل ...

شۇنداق، مەنمۇ بۇ ئېلانغا كۈچلۈك گۇمان بىلەن قارىغانلىقىم ئۈچۈن ئۈستىدىكى سوئاللارنى سورىغان. ھەر ھالدا قېرىنداشلىرىمىز قىلغان ئىشنىڭ تېگى-تەكتىنى سۈرۈشتۈرۈپ باقاي دېگەن ئىدىم. جاۋابتىن قارىغاندا بۇ ئېلاندىكى سۆزلەرنىڭ ھېچقايسىسى ئىلمىي يەكۈن ئەمەس ئىكەن. ياۋروپا ئامېرىكىدا ئىشلىتىلىپ كىلىنۋاتقان ئالما ئاچچىقسۈيى قاندىكى ماينى ئازلىتىدۇ دېگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ رولى كۆرۈنەرلىك بولغان بولسا بۇ كەمگە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى دورىلىق تەركىب ئايرىپ ئېلىنىپ دورا ياسىلىپ بازارغا كىرگەن بولاتتى. بۇنى پەقەت بەدەنگە مەلۇم پايدىلىق تەسىرى بار ساغلاملىق يېمەكلىكى قاتارىدا ئىستىمال قىلسا بولغۇدەك دېگەن ئويلىدىم.

ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 10:09:55

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ilim@nur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-4 10:41  

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-3 23:47 static/image/common/back.gif
شۇنداق، مەنمۇ بۇ ئېلانغا كۈچلۈك گۇمان بىلەن قارىغانل ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلگەجان ئەپەندىم .ئىزدىنىشتە بۇ ھەقتە بىر نەرسە يېزىشىمدىكى سەۋەپ ،توغرا ئېلان مەقسىتىمۇ بار .لېكىن ئاشۇرىۋېتىشتىن  ساقلاندىم دەپ قارايمەن .سىز ئەڭ ياخشىسى سۆز ئىشلىتىشتە ئىھتىيات قىلسىڭىز بولاتتى .چۈنكى سىز ھازىر پەقەت نەزەرىيە سۆزلەۋاتىسىز .بولسا يېنىمغا بىر كەلسىڭىز مەن سىزگە ساقايغان بىمارلارنى كۆرسەتسەم .ئەمۋاي،كيانى ،نونى توغرىسىدىكى يازمىلىرىڭىزدىن كېيىن نۇرغۇن كىشىلەر بۇ نەرسىلەرگە ئەھمىيەت بەرمەس بولدى .قىسقىسى تىجارەت شەكلى ئىسلام شەرىئىتىگە خىلاپ بۇ سودىلاردىن مەنمۇ بىزار .دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمىتوللاھ بۇ ھەقتە دەپ بولغان .ئاشۇ يازمىلىرىڭىزدىن كېيىن سىزنىڭ ساغلاملىق توغرىسىدكى ھەرقانداق يازمىڭىزغا تورداشلار تېخىمۇ قىزىقىدۇ ۋە ئىشىنىدۇ .
لېكىن قاراڭ بىزنىڭ بۇ مەھسۇلات نەق يوقىرقى رېتسىپنىڭ ئۆزىىلا بولمايلا قالماي شۇ ئاساسىدا ئىزدىنىپ ياسىدۇق .ھازىر 3-ئەۋلاتنى تارقىتىش ئالدىدا تۇرۇپتىمىز .بۇ رېتسىپ ئەمەلىيەتتە ئورتا ئاسىيادىن ياۋرۇپاغا تارقالغان ،ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئەلمىساقتىن بار رېتسىپ ئىكەن .بىز ئىزدىنىپ كۆردۇق .سىز بىزگە  ئېلانچى نەزىرىدە قارىماسلىقىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن .قومۇلدا ئىشەنچلىك تونىشىڭىز بولسا بىزگە ئەۋەتسىڭىز تەكشۈرۈپ باقسىمۇ بولىدۇ .
بەلكىم بۇ شەربەت سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق تىز ئۈنۈم بىرىدىغان شەربەت بولماسلىقى مۇمكىن،لېكىن بىسمىللاھ دەپ ئىچكەن نامرات دېھقانغا ياكى تەقۋادار بايغا تىز ئۈنۈم بىرىشى مۇمكىن . شۇڭا بىزنىڭ شەربەتكە چوقۇم  ئىلمى نەزەردە قاراشتىن باشقا يەنە ئازراق ئىمكانىيەت بوشلۇقى ئېلىپ قويساق ياخشى .
شەربىتىمىز ھازىرغىچە روشەن پايدا قىلىۋاتىدۇ،ۋاكالەتچىلىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ روشەن پايدا قىلغان خېرىدارلار ئىچىدىن تاللانغان .
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار
https://uyghur-archive.com/izdinix/space-uid-19630.html
تېلىفۇن :18999036938 ماۋۇ ئېلان ھە ..

ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 10:23:01

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2015-3-3 09:58 static/image/common/back.gif
گۇدلاك ئەپەندىم، بۇ ئۇيغۇر تىبابەت دورىسى ئەمەس، خەل ...

بۇ رېتسىپ ئورتا ئاسىيادىن ياۋرۇپاغا تارقالغان رېتسپ ،ئۇيغۇر تىبابىتىدە خەلىق ئىچىدە ساقلىنىپ كەلگەن .ئەھۋالدىن خەۋەرسىز ئوخشايسىز .قومۇلدا مەلۇم بىر تىۋىپ ئالما ئاچچىقسۇنىڭ ئورنىغا ئالما شەربىتى ئىشلىتىپ ياسىلۋاتقىلى ئۇزۇن يىل بولغان .

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 10:26:09

ilim@nur يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 08:59 static/image/common/back.gif
يېقىندىن بۇيانقى ئەھۋالىڭىز قانداق؟نىم بولسا شۇنى يې ...

  شەنبە كۈنى موتو بىلەن 5 كىلومىتىرغا يىقىن يول يۈرگەندىن كىيىن زۇكام بۇلۇپ قىلىپ ئىككى كىچە ئۇخلىيالمىدىم، بۇرۇن ياللۇغۇممۇ قوزغىلىپ يەتكۈچە ئاۋارە قىلدى، شۇڭا دورىنى تۇختىتىپ  قويدۇم. زۇكام دورىسىمۇ ئەقاتماي ئاموشىلىن بىلەن قۇشۇپ بىر كىلو قىتىقنى يەۋەتكەندىن كىيىن سەل ياخشى...
بەت: 1 2 [3] 4
: ئالما ئاچچىقسۇلۇق قان تومۇر تازلاش شەربىتىدىن بىر يىللىق خۇلاسە