dunya يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 09:08:50

بۈگۈنكى بوشاڭلىق ئەتىدىكى ھالاكەتتۇر

      بۈگۈنكى بوشاڭلىق ئەتىدىكى ھالاكەتتۇر



ھازىر ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا خىزمەت تاپماق ئۇنچە ئوڭاي ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقىدەك ئۇچۇر دەۋرىدە خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشمۇ مۇھىم بولۇپ قالدى. مەلۇم خېلى غوللۇق شىركەتكە خىزمەتكە چۈشكەن بىرەيلەن ئۆزىنىڭ خىزمىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىشقا چىقىپ يوقلىمىدىن ئۆتۈۋەتكەندىن كېيىن چاي ئىچكەچ گېزىت ئوقۇيمىز، زېرىكسەك قارتا ئويناپ كۈننى كەچ قىلىمىز.» ئەتراپىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق، يېنىمىزدىلا ئاشۇنداق ئەركىن يەردە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىدىن كۆرەڭلەپ، قولىنىڭ ئۇچىدىلا ئىشلەپ خىزمەت قىلغىنىدىن پەخىرلىنىدىغان، نۆۋىتى كەلسە خىزمەت ئورنىدا جاپالىق ئىشلىگەنلەرنى مەسخىرە قىلىدىغانلارنى يوق دېيەلمەيمىز. بىراق، ئۇزۇن ئۆتمەيلا كۆرگەنلا كىشىگە ئۆزىنىڭ خىزمىتىدىن ھېلىقىدەك دوكلات بەرگەن كىشى خىزمەتتىن بوشىتىلدى.   
   ئاتا- ئانىمىز بىزنى مىڭبىر جاپالاردا ئوقۇتۇپ، يەنە تېخى خىزمىتىمىز ئۈچۈن كەشى تېشىلگۈچە ھەر تەرەپكە چېپىپ خېلى پالاقشىپ، مىڭبىر تەسلىكتە خىزمەت ئورنىغا ئېرىشتۈرۈپ، ئەمدى «ئۇھ» دەپ تۇرغاندا ئۆزىمىزنىڭ ئەستايىدىل ئەمەسلىكى، يارىماسلىقى سەۋەبلىك ئۆز نېنىمىزنى ئۆزىمىز قاملاشتۇرۇپ يېيەلمىسەك بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك؟ ئاشۇ جاپاكەشلەرنىڭ يۈزىگە قانداق قارىغۇلۇق؟ جۇڭگودا ئۇزۇن يىل دەرس بەرگەن مەلۇم بىر چەتئەللىك ئوقۇتقۇچى دۆلىتىگە قايتىدىغان چاغدا ئۇنىڭدىن كىشىلەر: «دۆلىتىڭىزگە قايتقاندىن كېيىن نېمە ئىش قىلىسىز؟» دەپ سورىسا ئۇ: «قايتقاندىن كېيىن داڭلىق ئالىي مەكتەپتە بىر يىل بىلىم ئاشۇرۇپ ئاندىن خىزمەت ئىزدەيمەن» دېگەن ئىكەن. ئۆز بىلىمى ۋە قابىلىيىتىنى زاماننىڭ، جەمئىيەتنىڭ تەقەززاسىغا ماس ھالدا راۋاجلاندۇرۇش روھى ياشلىرىمىزدا كەمچىل بولۇپلا قالماي، ئۇلار ئۆزىنى ئالىي مەكتەپتە ئۆگەنگەنلىرى بىلەنلا چەكلەپ، تېخىچە ئۆزىنى زامانغا لايىقلاشتۇرالمايۋاتىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئەتىكى خىزمەتنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن بۈگۈنكى ئۆگىنىش پۇرسىتىنىمۇ چىڭ تۇتۇشىمىز تولىمۇ زۆرۈر.

كۈز كۈنلىرى كېلىشى بىلەنلا ھەممە جانلىق ئۆز ئۇۋىلىرىغا يېمەكلىك توپلاشقا باشلايدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى چوڭ ئاچارچىلىقتىن ئۆتۈۋېلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئەتىنى ئويلاپ بۈگۈندە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈندۇر. ئەتە قىينالماسلىق ئۈچۈن بۈگۈن تىرىشىشىمىز لازىم. بۈگۈننى چىڭ تۇتۇپ تىرىشساق، نۇرغۇن گۈزەل ئەتىلەرنىڭ خوجايىنى بولالايمىز. ياشلارغا خاس جۇشقۇن جاسارىتىمىز بىلەن ئالدىمىزدىكى پۇرسەتنى مەھكەم تۇتۇپ، پارلاق ئەتىدىكى گۈزەل ئارزۇ- ئارمانلىرىمىزنىڭ روياپلىنىشى ئۈچۈن يەنىلا بۈگۈنكى ئۇلنى ئوبدان سالغىنىمىز ياخشى. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، بۈگۈن بوشاڭلىق قىلىپ تىرىشمىساق، ئەتىكى كۈندە بىزنى كۈتۈپ تۇرغىنى مۇقەررەر ھالاكەتتۇر.   


--------------------------------------------------------------------------------


  
   بىر قاغا دەرەخكە قونۇۋېلىپ ھېچ ئىش قىلمايدىكەن، ئۇ قارىماققا ئىنتايىن بەخىرامان كۆرۈنىدىكەن. بىر توشقان بۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئىنتايىن ھەۋەس قىپتۇ ۋە ئۇنىڭدىن: «مەنمۇ ساڭا ئوخشاش ھېچ ئىش قىلماي بىكار ئولتۇرسام بولامدۇ؟» دەپ سوراپتۇ. «ئەلۋەتتە بولىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ قاغا. شۇنىڭ بىلەن توشقان دەرەخنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرۇپتۇ. ئەمما، ئۇزاق ئۆتمەي بىر تۈلكە پەيدا بولۇپ توشقانغا ئېتىلىپتۇ- دە، ئۇنى يەۋېتىپتۇ. دېمەك، سىز بەخىرامان ئولتۇرسىڭىز بولىدۇ، لېكىن ئۆزىڭىزنىڭ قانداق ئورۇندا ئولتۇرغىنىڭىزنى بىلىشىڭىز كېرەك. ناۋادا سىز قايسى ۋاقىت، قانداق شارائىت ۋە قانداق ئورۇندا ئولتۇرۇشنى بىلمىسىڭىز ئەقىل- پاراسىتىڭىزنى ئەڭ كەڭ دائىرىدە ئىشقا سېلىپ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كۈچىنىپ ئىشلەپ ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقىنى نامايەن قىلالمىسىڭىز ھەمدە نۆۋەتتىكى رىقابەت سەھنىسىدە باشقىلارغا مۇستەقىل ھالدا جەڭ ئېلان قىلىش قۇدرىتىگە ئىگە بولالمىسىڭىز، شەكسىزكى، ئۇ چاغدا سىز سەپتىن چۈشۈپ قالىسىز.

   ھازىر جەمئىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم ياشلىرىمىز، شۇنداقلا ئالىي مەلۇماتلىق قىسمەن ىستۇدېنتلىرىمىز «ئۈزۈم پىش، ئاغزىمغا چۈش» دەپ كۈن ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. بىلىشىمىز كېرەككى، دۇنيادا تامامەن بىر- بىرىگە ئوخشايدىغان ئىككى خىل نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، دۇنيا خاسلىقى بىلەن رەڭدار. خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈش مەيلى تەبىئەت دۇنياسىنىڭ، مەيلى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ بولسۇن، بارلىق شەيئىلەرنىڭ تۈپ مەۋجۇتلۇق شەكلىدۇر. شۇڭا، سىز قۇرۇق خىيالنى ئاز قىلىپ، رېئاللىققا نەزەر تاشلاڭ. تىرىشىپ ئۆگىنىپ، بېرىلىپ ئىشلەپ، خاسلىقىڭىزنى نامايەن قىلىڭ. باشقىلارغا تايىنىپ ياشاشتىن، يۆلىنىۋېلىشتىن ساقلىنىڭ. ئۆزىڭىزدە بار بولغان ئىقتىدارىڭىزنى جارىي قىلدۇرۇپ، چوڭ ئىشلارنى قىلالمىسىڭىز چامىڭىز يېتىدىغان ئىشنى قىلىڭ. ئازادە، ئۈمىدۋار ياشاڭ، شۇنداقلا ئۆزىڭىزدە بار بولغان خاسلىقىڭىزغا تايىنىپ ياشاڭ.   
     بىز دائىم كىشىلەر ئاغزىدىن: «ۋاي ئىسىت، بىر قەدەم كېچىكىپ قاپتىمەن ئەمەسمۇ» دېگەن گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. بۇ دەل بىزدىكى ئالدىن كۆرەرلىكنىڭ كەمچىللىكى، ئەلۋەتتە! ئادەم ئەھمىيەتلىك ياشايمەن دەيدىكەن ئويلىنىشنى، پىلان تۈزۈشنى، ئالدىن كۆرەرلىكنى ۋە تەشەببۇسكارلىقنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك. ئەگەر بۇلار سىزنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىڭىز بىلەن بىرلەشمىسە ئويلىنىش، پىلان، ئالدىن كۆرەرلىك دېگەنلەر سىزگە پەقەت غەم- ئەندىشە ئېلىپ كېلىدۇ، خالاس.

      سىز مۇنداق بىر ھېكايىنى ئاڭلىغانمۇ؟ بىر كۈنى ناپالىئون ئوۋغا چىققىنىدا، بىر ئادەمنىڭ قۇتۇلدۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلىپ ۋارقىرىغانلىقىنى تۇيۇقسىز ئاڭلاپ قاپتۇ. يېقىن بېرىپ قارىسا بىر ئادەم سۇغا چۈشۈپ كەتكەنىكەن. ناپالىئون ئوۋ مىلتىقىنى سۇدىكى ئادەمگە تەڭلەپ: «ھەي، تېز بۇياققا چىق، قىرغاققا چىقىۋالمايدىكەنسەن، ھازىرلا ئېتىۋېتىمەن» دەپ ۋارقىراپتۇ. ھېلىقى ئادەم بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەممىنى ئۇنتۇپ قىرغاققا ئۈزۈپتۇ. ئۇ گاھ چۆكۈپ، گاھ لەيلەپ ئاخىرى مىڭ تەستە قىرغاققا چىقىۋاپتۇ. ئۇ ئادەم قورققان ھالدا ناپالىئونغا: « مېنى نېمە دەپ ئېتىۋەتمەكچى بولىسىز؟» دەپ سوراپتۇ. ناپالىئون كۈلۈپ كېتىپ: «سېنى شۇنداق قورقۇتمىسام، ھەرىكەت قىلماي ئۆز جايىڭدا تۇرىۋېرىپ تۇنجۇقۇپ ئۆلمەمتىڭ»دەپتۇ.

      شۇنداق، ھايات قېلىشنى ئىستىگەن ئادەم ئۆزىنى قۇتۇلدۇرمىسا ھايات قالامتى؟ دەرھەقىقەت، ھەرىكەت قىلىش، ئۆز بەختى، ئىستىقبالى ئۈچۈن ئىزدىنىش ھەرگىز خەتەرلىك يول ئەمەس، خەتەرلىكى ھەرىكەتلەنمەسلىك، تىرىشماسلىق ۋە ئىزدەنمەسلىك. ھازىر جەمئىيىتىمىزدە نۇرغۇن كىشىلەر خام خىيالغا بېرىلىپ، ئۈمىدلىنىپ يۈرۈشكە ئامراق. بىراق بۇلار پەقەت خىيال پېتىلا قالسا، ئۆز بەختىمىز، كەلگۈسىمىز ئۈچۈن تىرىشمىساق، ئىزدەنمىسەك، بىر كۈنى تۇيۇقسىز چۈش كۆرگەندەك ئويغىنىپ كېتىمىز-دە، ئويغانساق چۈشىمىزدە كۆرگەن نەرسىدىن ئەسەرمۇ قالمايدۇ، ئۇنىڭدىن ھېچقانداق نەتىجە چىقمايدۇ، ئەلۋەتتە.

ھەرىكەت بولغاندىلا نىشان ئەمەلگە ئاشىدۇ. ھەر كۈنى نەتىجىگە ئېرىشسەك مۇكەممەللىشىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولىمىز. ئەتىگە تېخىمۇ يۇقىرى ئىشەنچ ۋە خۇشاللىق بىلەن ئاتلىنىمىز. كەلگۈسىمىز تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ. شۇڭا، كۆزىڭىزنى يوغان ئېچىڭ، دۇنيا بىزنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ. ئۇنداقتا يەنە نېمىنى كۈتۈۋاتىسىز، نېمىنى ساقلاۋاتىسىز؟ چوقۇم ئىككىلەنمەي ئالغا قاراپ مېڭىڭ، ئىشىنىڭكى، ئالدىڭىزدا نامايەن بولىدىغىنى كۆپكۆك بىپايان ئاسمان ۋە گۈزەل كەلگۈسى!

3140 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 10:33:42

{:112:}

tokqi123 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 10:39:15

بۇ ماقالىنى ئوقۇۋېتىپ،بۇگۇن تىرىشىپ ئىشلىمىسىڭىز ئەتە تىرىىشىپ  خىزمەت ئىزدەيسىز دىگەن سۆز ئېسىمگە كېلىپ قالدى.

bilig2010 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 11:07:29

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilig2010 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-20 12:51  

ياخشى تىما ئىكەن

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 12:50:36

bilig2010 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-20 11:07 static/image/common/back.gif
مەن 83-يىلى توغۇلغان ،بايىنغۇلىن تەۋەسىدە ،كەسپى شىتات  ...

بۇمۇنبەردە ئېلان بەرمەي ،سىز ئۇدۇل بېرىپ شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسى باشقۇرغان  ‹‹ئىستىقنال سەھنىسى››گە  بېرىپ شۇنىڭدىن ئىش تېپىڭ .چوقۇم سىز بىلەن توختام تۈزىدىغان شىركەتلەر چىقىدۇ.:)

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 13:10:19

     ھورۇنلۇققا قارىتىپ ئېتىلغان ئوق بوپتۇ. {:112:}

bariber يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 14:04:18

مەن بەزى ياشلىرىمىزنىڭ چۈشكۈن،پەرۋاسىزلىغىدىن ئەنسىرەپلا قالىمەن.

Sewirchan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 15:53:53

    ھورۇنلۇق ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك مۇقەررەر ھالدا نامراتلىق ۋە مۇھتاجلىقنى چىللايدۇ.

oyghunush يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 15:57:42

راسىت ئىيتىدۇ، بىز بۈگۈننى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ، شۇنداقلا ئەتىمىز ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمىز كىرەك.

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 18:07:04

ئ‍ېسىل تېمىدىن ئ‍وقۇۋالدىم ، ئ‍ىلھام ئ‍الدىم ، گەرچە تەتىل قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ ، ئ‍ۆيدە كىتاپ ئ‍وقۇۋاتىمەن .:)

wonderful يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 20:45:33

مېنى ئەڭ ئەنسىرىتىدىغىنىمۇ دەل مۇشۇ ھورۇنلۇق، ھەر قېتىم ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ شۇ چۈشكۈن ھالىتىنى، قان قېنىغا سىڭىپ كەتكەن ھورۇنلۇقنى كۆرگىنىمد تولىمۇ بىئارام بولۇپ كېتىمەن...

tasawwur138 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 20:35:07

ئېسىل تېما ! ئەجرىڭىزگە رەھمەت قېرىدىشىم !

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 20:53:23

كىچىكىمىزدىن تارتىپ ئاڭلاۋاتقان قۇرۇق گەپ
بەت: [1]
: بۈگۈنكى بوشاڭلىق ئەتىدىكى ھالاكەتتۇر