پەرزەنت تەربىيەسىدە ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك نوقتىلار
پەرزەنت تەربىيىسىدە ئاتا-ئانىلار ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك نوقتىلارئەخمەتجان قۇربان(چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى)
پەرزەنتلەرنى بىلىملىك، ئىقتىدارلىق ۋە ئەدەپ- ئەخلاقلىق قىلىپ تەربىيىلەش نۆۋەتتە كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان رىقابەت ۋە خىرىسقا تولغان دەۋردە ھەر بىر ئائىلە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك جىددىي مەسىلىگە ئايلاندى. ھەممىمىزگە مەلۇمكى، پەرزەنت تەربىيىسى مەكتەپ،ئائىلە ۋە جەمئىيەت تەربىيىسىدىن ئايرىلالمايدۇ.ھەممە تەرەپلەرنىڭ ئورتاق ماسلىشىشى نەتىجىسىدە پەرزەنتلەرنى لاياقەتلىك تەربىيىلەش نىشانى ئەمەلگە ئاشىدۇ. مېنىڭچە، پەرزەنت تەربىيىسىدە ئاتا- ئانىلار تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىغا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك :
1. پەرزەنت تەربىيىسىدە ئائىلە تەربىيىسىنىڭ مۇھىملىقىنى ئېنىق تونۇش كېرەك. كۆپلىگەن ئاتا- ئانىلارنىڭ بۇنوقتا ھەققىدىكى چۈشەنچىسى ئېنىق ۋە توغرا بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم ئاتا- ئانىلاردا يەنىلا بالىنى تەربىيلەش مەكتەپنىڭ ئىشى، دەپ قارايدىغان بىر تەرەپلىمە قاراش مەۋجۇت. مەكتەپ تەربىيىسىنىڭ رولىنى زىيادە تەكىتلەپ، ئائىلە ۋە جەمئىيەت تەربىيىسىنىڭ رولىغا سەل قاراش پەرزەنت تەربىيىسىدىكى كەمتۈكلۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ، ئائىلە تەربىيىسى يېتەرلىك ئېلىپ بېرىلمىسا، بالىلارنىڭ ئۆزىگە خاس خاراكتېر ئالاھىدىلىكى ۋە ئىندىۋىدۇئاللىقىنىڭ يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
2. ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلىرىگە تەربىيە بېرىشتە تەربىيە ئۇسۇلىنىڭ توغرا،ئىلمىي،دەل جايىدا بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. تەلەپنى قاتتىق قويىمەن دەپ زىيادە زوراۋانلىق قىلىش، بالىنى ھەدېسىلا سىلكىش، سوتلاش، تىللاش ھەتتا ئۇرۇشتەك ئۇسۇللار پەرزەنتنىڭ ئىدىيىسى ۋە خاراكتېرىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلاردا تەبىئىي قارشىلىشىش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئۈگىنىش، تۇرمۇش، جەمئىيەت ۋە ئائىلىگە بولغان قىزغىنلىقى سۇسلاپ ،توغرا بولمىغان ئىدىيە ۋە ھەركەتلەرنى ئاسانلا يۇقتۇرۇۋېلىشتىن خالىي بولالمايدۇ.
3. ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلىرىگە تەربىيە بېرىشتە ھە دېسىلا ھەممە بىلىدىغان ئادەتتىكى تۇرمۇش داۋلىيلىرىنى تەكىتلەۋەرمەستىن، ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىغا تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ توغرا تونۇشى ۋە ھەقىقىي مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. مېھرىبانلىق، ئىللىقلىق، سەمىمىيلىك، مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ تۇيغۇسى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھېسسىياتى ۋە ئىدىيىسىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلاردا ساغلام بولغان روھى ھالەت، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان جاسارەت، مەسىلىلەرگە توغرا ۋە ئىلمىي قارايدىغان كەيپىيات، ئېنىق بولغان ھەق- ناھەق كۆز قارىشىنى يېتىلدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، بىر ياراملىق ئەۋلادنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
4. ئاتا- ئانىلار پەرزەنت تەربىيىسىدە ئۆزى ئۈلگە بولۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئاتا- ئانا پەرزەنتىنىڭ ئەينىكى ۋە ئۈلگىسىدۇر. ئاتا- ئانىلارنىڭ خاراكتېرى ۋە مىجەز- خۇلقى بەلگىلىك دەرىجىدە پەرزەنتنىڭ ۋۇجۇدىدا ئەكس ئەتكەن بولىدۇ. شۇڭا بىزدە«ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چار قۇيرۇق»دېگەن ھېكمەتلىك ئىبارە مەيدانغا كەلگەن. ئاتا- ئانىنىڭ ھەركىتى، سۆزى ۋە خاراكتېرى پەرزەنتكە نىسبەتەن تەبىئىي تەربىيە. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا- ئانىلاردىمۇ پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بولغۇدەك بەلگىلىك ساپا، قابىلىيەت ۋە ئىجابىي خاراكتېر بولۇشى كېرەك. چۈنكى، «قازاندا نېمە بولسا،چۆمۈچكە شۇ چىقىدۇ.»
5. جەمئىيەت تەرققىياتىنىڭ تېز رېتىمىغا ئەگىشىپ نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، تۇرمۇش سۈپىتى ئۆزلۈكسىز يوقۇرى كۆتۈرۈلدى. ئائىلە ئىقتىسادى داۋاملىك كۆپىيىپ باياشاتچىلىق، توقچىلىق ۋەزىيىتى شەكىللەندى. بۇھال پەرزەنتلەرنىڭ خاتىرجەم ئۈگىنىشى ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى شارائىت ھازىرلىدى. ئەمما، بىرقىسىم پەرزەنتلەر خۇددى«ياغنىڭ ئىچىدىكى بۆرەك»تەك ئەركىلىتىش ۋە پەپىلەش ئىچىدە چوڭ بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىگە بولغان تونۇشى يېتەرلىك بولماي كەلدى. بۇخىل خاراكتېرنى يېتىلدۈرگەن پەرزەنتلەردە باياشاتلىققا ئىنتىلىش، ھەشەمخورلۇقنى ئۈگىنىش، ھازىرقى ئەۋزەل شارائىتنى قەدىرلىمەسلىك ، ئاتا- ئانىسىنىڭ ئەجرى ۋە جاپاسىنى ھېس قىلماسلىق، ئەمگەكتىن، ئىشتىن، قېيىنچىلىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ھەممە ئىشتا ئاساننى، قۇلايلىق بولۇشنىلا كۆزلەيدىغان بىر قىسىم ناچار خاراكتېر ۋە روھى ھالەتلەر باش كۆتۈرۈپ قالدى. ئوقۇغۇچىلاردا ساقلىنىۋاتقان «راھەتپەرەسلىك كېسىلى»نىڭ بۇ خىل ئامىللىرى ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە سەلبى تەسىر كۆرسىتىپ، ئۆز مۇستەقىللىقى ۋە ئۆزىگە خاس خاراكتېرنىڭ يېتىلىشىگە توسالغۇ بولۇپ، ھە دېسىلا ئاتا- ئانىسىغا يۆلىنىۋالىدىغان، ئۆزلىرىنىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇش ئېھتىياجىنىمۇ قامدىيالمايدىغان ئەپسۇسلىنارلىق ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالدى. شۇڭا، ئاتا- ئانىلار پەرزەنت تەربىيىسىدە بەلگىلىك جاپا- مۇشەققەت تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
6. پەرزەنتلەرگە مىللىي ئەنئەنە، ئۆرپ- ئادەت، ئەخلاق- پەزىلەت تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش كېرەك. بىزگە ئۈگىنىشى ياخشى، تىرىشچان پەرزەنتلەر كېرەك، شۇنداقلا ئەدەب- قائىدىلىك پەرزەنتلەرمۇ كېرەك. شۇڭا، پەرزەنتلەرگە بۇ جەھەتتىكى تەربىيىنى ئېلىپ بېرىشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
7.ئاتا- ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتكە قاتناشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى، ئۇلارنىڭ ئۈگىنىش جەھەتتىكى ئىلگىرلەشنى قولغا كەلتۈرۈش شەرتى ئاستىدا، ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولغان ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە داۋاملىق ئىشتىراك قىلدۇرىشى لازىم. بۇ پەرزەنتلەرنىڭ تۇرمۇش بىلىمىنى كۈچەيتىپ، تۇرمۇشنىڭ رەڭگا-رەڭ تۈسكە كىرىشىگە پايدىلىق.
8.ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئەستايىدىل ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلەش بىلەن بىرگە، ئۇلاردا ئۆزىگە خاس قابىلىيەت ۋە ئىندىۋىدۇئاللىقنىڭ يېتىلىشىگە يول ھازىرلاش كېرەك. پەقەت تاپشۇرۇق ئىشلەتكۈزۈشكە تايىنىپلا پەرزەنتلەرنىڭ ياراملىق بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ئاتا- ئانىلار بىلىمنى زىيادە تەكىتلەپ كەتمەي، ئۇلاردا بەلگىلىك ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش مەسىلىسىنى ئويلىشىش كېرەك. بۇ ماھىيەتتە پەرزەنتلەرنىڭ كەلگۈسىنى لايىھىلەشتۇر.
بالىلار تەربىيەسى ھەممىمىز ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە. بىز بۇ ئىشتا باشقىلارنىڭ ئېسىل تەجرىبىللىرنى ئۈلگە قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزىمىزگە خاس بولغان ئۇسۇلنى قوللىنىشىمىز كېرەك. بىلىمخۇمار ئەپەندى يازغان يازمىللاردىن پايدىلىنىش بىلەن بىرگە يار مەمەت توغلۇق ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر بالىلار تەرببيەسى دېگەن كىتاۋىنى كۆرۈشىمىزگە ئەرزىيدۇ. قىيامەت كۈنىسى ئەھلى پەرزەنتلىرىمىزنى قانداق تەربىيەلىگەنلىكىمىز ھەققىدە چوقۇم سوراق قىلىنىمىز.
بەت:
[1]