ئامېرىكا كۆپ قىسىملىق فىلىمى - دوستلار (سېنارىيە)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا HeyDoctor تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-19 22:35ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگۈچىلەر ئامېرىكا كىنو-فىلىملىرىنى كۆرۈپ تىل ئۆگىنىشنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلگىنى ھەمدە ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغىنى «دوستلار» دېگەن بۇ كۆپ قىسىملىق فىلىم بولۇپ، بۇمۇ مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان، ئىككى قېتىم كۆرۈپ بولۇپ مانا بۈگۈن يەنە ئۈچىنچى قېتىملىق كۆرۈشنى باشلىغان فىلىم.
بۇ مېنىڭ ئىنگلىز تىل ئۆگىنىش قىزغىنلىقىمنى كۆتۈرىدىغان، ھەمدە ئاڭلاش ئىقتىدارىمنى روشەن ھالدا كۆتۈرگەن فىلىم.
تۆۋەندە مەن مۇشۇ فىلىم توغرىسىدا ئازراق ئۇچۇر مەلۇماتلارنى توردىن توپلاپ يېزىپ رەتلىدىم.
ئاخىرىدا مۇشۇ فىلىمنىڭ بارلىق سېنارىيەسىنى تەمىنلىدىم.
قىزىققان دوستلار ۋاقتىدا چۈشۈرۈۋېلىڭلار.
«دوستلار» ،بۇ ئامېرىكا كۆپ قىسىملىق فىلىمى بولۇپ، جەمئىي ئون پەسىل ئىشلەنگەن.
بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇتۇق قازانغان، تەسىرى ئەڭ چوڭ بولغان فىلىم دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.
تۇنجى قويۇلۇشى، 1994-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى.
ئەڭ ئاخىرقى قىسمى 2004-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى ئاياغلاشقان.
جەمئىي 10 پەسىل 236 قىسىم. ھەر قىسمى 22 مىنۇت ئەتراپىدا.
بۇ فىلىم دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا تا ھازىرغىچە قويۇلۇپ كەلمەكتە.
بۇ فىلىمنىڭ كۆرۈلۈش سانى بەك يۇقىرى بولۇپ، مەلۇم بىر قىسمى 53 مىليون ئادەم بىر ۋاقىتتا كۆرۈش رېكورتىنى ياراتقان. شۇ سەۋەب بۇ ئالتە يېقىن دوستنىڭ فىلىم ھەققىمۇ توختىماي ئۆرلەپ ماڭغان.
1994-يىلى، «دوستلار» دىكى 6 ئارتىس ھەربىرى ھەر قىسمىغا 6500 (ئالتە مىڭ بەش يۈز) دوللار فىلىم ھەققى ئالغان.
1996-يىلى، ھەر ئادەم ھەر قىسمىغا 120000 (بىر يۈز يىگىرمە مىڭ) دوللار فىلىم ھەققى.
2000-يىلى، 750000 (يەتتە يۈز ئەللىك مىڭ) دوللار.
2002-يىلى 1000000 (بىر مىليون) دوللار.
2004-يىلى، يەنى ئەڭ ئاخىرقى پەسلىدە ھەر ئادەم ھەر قىسمىغا 1200000 (بىر مىليون ئىككى يۈز مىڭ) دوللار فىلىم ھەققى ئالغان.
ئاخىرقى سۆز:
بۇ فىلىمدا ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك شەھرىدىكى تۇرمۇش سۆزلەنگەن. فىلىمدا ئۇلارنىڭ ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلارغا بولغان پوزىتسىيەسى بىزنىڭكىگە تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. مەن ئامېرىكىلىق دوستلىرىمدىن مۇشۇ توغرىسىدا سوراپ باقتىم، ئۇلار بۇ فىلىمدىكى تۇرمۇش بىزنىڭكىگىمۇ ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدۇ، سىلەر كىنو فىلىملەردىن كۆرگەن ئامېرىكا تۇرمۇشى كۆپىنچىسى رېئاللىق ئەمەس دەپ چۈشەندۈردى. دوستلارنىڭ مۇشۇنداق فىلىملەرنى كۆرگەندە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئامېرىكا تۇرمۇشىكەن دەپ بىلىپ قالماسلىقىنى، ھەمدە فىلىمنىڭ شاكىلىنى تاشلاپ مېغىزىنى ئايرىشقا دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
سېنارىيە چۈشۈرۈش
فىلىم كۆرۈش
مەنبە: 24 سائەت ئىنگلىز تىلى بەك ياخشى چۈشەندۈرۈش ھەم كۆرسىتىش بوپتۇ،شۇندىمۇ ئۇيغۇرچە خەتلىك بولسا تىخىمۇ ياخشى بولاتتى. شۇندىمۇ يەنە ئەنسىرەيمەن. ئۆتكەندە ‹‹ئىنگىلىز تىلنى توغرا تەلەپپۇز قىلىڭ›› دىگەن بىر فىلىم چىقىپ شۇنداق ياخشى باھاغا ئىرىشىپ ئاخىرى چىقماي توختاپ قالدى. تىل ئۈگنىۋاتقان چاغلىرىمدا شۇنداق قىزغىنلىق ئىچىدە كۆرۈپ چىققان، فىلىم تىلىنى چۈشەنمەي كۆرسە يەنىلا قىززىقارلىق ھىس قىلامدۇ يوق بىلمىدىم، ئالامەت قىززىقارلىق ئىشلەنگەن فىلىم. بولۇپمۇ ئەر رولچى داۋىد بىلەن ئايال رولچى جەنىفىرنىڭ ياراتقان ئوبرازى قالتىس يۇمۇر.
ئالدىنقى يىللىرى تۈرمىدىن قېچىشتىن باشقا فىلىملەرگە قىززىقمىغاچ باشقا قىسىملىق فىلىملەرنى كۆرمەي، ئامىركىنىڭ يەنە بىر قىززىقارلىق فىلىمى The Bing Bang Theory يەنى 生活大爆炸 دېگەن فىلىمىنى كۆردۈم، بۇمۇ خېلى بوپ قالىدۇ. بولۇپمۇ شېلدىن دېگەن كىتاپ خالتىسىنىڭ ئوبرازى ئالامەت چىققان. بۇ كىنودىن تۆت قىسىم كۆرۈپلا كۆرگۈم كەلمىگەنىدى. بەك لاۋزا بىلىنگەن، ئامېرىكىچە يۇمۇر تۇيغۇم كەم بولىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە تازا ساغلام ئەمەس يەرلەر كۆپ.
ئاۋاز سۈزۈك، ئىنگىلىز تىلى ئۈگەنگۈچىلەرگە ماس كىلىدىغان بىر كىنو تەۋسىيە قىلاي
ئىسمى: merlin
خەنچىسى:梅林传奇
بەش قىسىم، ۋەقەلىكى جەلىپ قىلارلىق. قالايمىقان كۆرۈنۈشلەر ئاز. ئايىلتىس بەرمەكچى بولغانلار كۆرسە بولىدۇ. 人人都爱雷蒙德
«ھەممەيلەن رەينى ياخشى كۆرىدۇ» دىگەن بۇ تىياتىرچۇ؟ بۇ تىياتىرمۇ قىزىقارلىق. بىر ئائىلە كىشىلىرى تەسۋېرلەنگەن. بېغىرنىڭ سۆزى بويىچە دىسەك، ھەلەق يېرى يوق، پاكىز تىياتىر.:lol begir يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 10:34 static/image/common/back.gif
مېرلىننىڭ ئاخىرى تېخى چىقمىدىغۇ ھە ؟ مەنمۇ تازا بېرىل ...
ئاخىرقى بۆلۈمىنى مەن ئۆتكەن يىلى كۆرۈپ تۈگىتىۋەتكەن. ئاخىرىدا ئارسىر پەنجىرەگىن ئۆلۈپ تۈگەيدۇ. 24 سائەتنى كۆرۈۋاتىمەن، ۋەقەلىكلىرى بەك جىددى ئىكەن.
بۇ بۇرادەرلەر دىگەننى خەنزۇلارمۇ دوراپ چىقتىغۇ دەيمەن، 爱情公寓دەپ :lol pis-pas يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 14:53 static/image/common/back.gif
24 سائەتنى كۆرۈۋاتىمەن، ۋەقەلىكلىرى بەك جىددى ئىكەن.
ب ...
«24 سائەت» نىڭ 8-قىسىمىغىچە كۆرۈپ ،توختاپ قالدىم. ۋاقتىمنى walking dead لا ئېلىپ كەتتى. 24 ساەت بولىدىغان تىياتىر بىراق ئاخىرى تولۇق چىقمىدى تىخى... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bughra-oghli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-20 19:21
مەن بۇ كىنۇنى ئالتە قېتىم كۆرۈپ بولدۇم ،بولۇپمۇ ئىككى يىل ئۈزۈم يالغۇز بىر ياتاقتا ياتقان مەزگىلدە ماڭا بەك ھەمرا بولغان ،خۇددى بۇ ئالتە دوست مىنىڭ ئەتراپىمدا ياشاۋاتقاندەك ،ھازىر ھەرھالدا يالغۇز ئەمەس شۇڭا كۆپ كىتاب كۆرۈپ بۇلارغا ۋاقىت ئىسراپ قىلمىدىم ،ئەمما پات -پات سىغىنىپ قالمەن ،شۇنداق ۋاقىتتا توردىكى زىيارەتلىرىنى كۆرۈپ قويىمەن ،
بىر قارىماققا گەپ سۆزدە بەك چەكتىن ئاشقان سۆزلەر بولسىمۇ لىكى ،ھەركەت كۆرۈنۈشتە بەك پاككىز ،
كۆرۈپ باققانلار ئورتاقلاشساق ،قايسى ئارتىسىنى ئەڭ ياقتۇرسىلەر؟؟؟؟
مەن روس بىلەن فىبى
روسنىڭ چىن مۇھاببەتنى قەدىرلەيدىغىننى شۇنداقلار دەلتە دوكتۇرلىقى يارايدۇ ،
فىبىنىڭ باشقىلارنىڭ كەيپىياتىنى ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن كۆتۈرەلەيدىغىنى بەك يارايدۇ boran120 يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 01:33 static/image/common/back.gif
بەك ياخشى چۈشەندۈرۈش ھەم كۆرسىتىش بوپتۇ،شۇندىمۇ ئۇي ...
ئەگەر يېتەرلىك ۋاقتىم بولسا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ باقاتتىم. jesurmen يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 07:57 static/image/common/back.gif
تىل ئۈگنىۋاتقان چاغلىرىمدا شۇنداق قىزغىنلىق ئىچىدە كۆ ...
Big Bang نى خېلى ئۇزۇن كۆرۈپتىمەن. كېيىن كۆرىدىغىنىم كۆپىيىپ كەتتى، ئامال يوق بۇنى كۆرۈشنى توختاتتىم.
ھازىر
Two Broke Girls
Breaking Bad
The Hundred
The Walking Dead
Baby Dady (بۇنىڭ ئاخىرى چىقماي توختىدى...)
تىل ئۆگىنىمەن دەپ كۆرىۋېرىپتىمەن. ئەمەلىيەتتە بۇلار مېنىڭ كۆپ ۋاقتىمنى ئېلىپ كېتىپتۇ. ھازىر ئاندا-ساندا كۆرۈپ قويىدىغان بولدۇم.
izchilar يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 09:29 static/image/common/back.gif
بۇ كىنودىن تۆت قىسىم كۆرۈپلا كۆرگۈم كەلمىگەنىدى. بەك ل ...
ماڭا ئوخشاش بوپتىكەنسىز.
دەسلەپتە مەن نامىنى ئاڭلاپ، ھە بوپتۇ بىر كۆرۈپ باقاي دەپ كۆرگەن. بېشىدىكى ئۈچ-تۆت قىسمىنى كۆردۈم، توختىدىم. بىر يىلدىن كېيىن يەنە شۇنداق باشلاپ يەنە توختىدىم.
ئۈچىنچى قېتىم توختىيالماي 10 پەسىللىك ھەممە قىسمىنى ئىككى قېتىم كۆرىۋېتىپتىمەن:lol ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 11:41 static/image/common/back.gif
人人都爱雷蒙德
«ھەممەيلەن رەينى ياخشى كۆرىدۇ» دىگەن بۇ تىيات ...
بۇنى تېلىۋىزوردىمۇ قويغانغۇ دەيمەن. بۇرۇن. pis-pas يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 14:53 static/image/common/back.gif
24 سائەتنى كۆرۈۋاتىمەن، ۋەقەلىكلىرى بەك جىددى ئىكەن.
ب ...
ھاھا! 爱情公寓 نىڭ بەزى قىسىملىرىنى ئەينەن دورىغان دەپمۇ ئاڭلىدىم.
ئىشقىلىپ تىرىشىپ باقتى.;P bughra-oghli يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 19:18 static/image/common/back.gif
مەن بۇ كىنۇنى ئالتە قېتىم كۆرۈپ بولدۇم ،بولۇپمۇ ئىككى ...
ئالتە قېتىم..... سىز بەكلا كۆرۈپتىكەنسىزغۇ بۇنى
روللارنىڭ ھەممىسىگە بەك ئاراق، ئۇلار ئوبرازنى بەك ئوبدان ياراتقان. چوقۇم تاللاش كېرەك بولسا، مەن جوئى بىلەن فىبى بۇ ئىككىسىگە بەك ئامراق.
فىبى بىر غەمسىز ئادەمدەك تۇيىلىدۇ. جوئى بولسا بەك دۆت.
بۇ ئىككىسىنىڭ ياشاۋاتقان دۇنياسى ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىغاندەكلا. بەك ياقتۇرىمەن. ئىنتايىن تەبىئى ئىشلەنگەن خۇددى 成长的烦恼 دەكلا... kuyaxoghli يوللىغان ۋاقتى 2015-1-21 01:25 static/image/common/back.gif
بەك ياقتۇرىمەن. ئىنتايىن تەبىئى ئىشلەنگەن خۇددى 成长的烦恼 ...
成长的烦恼نىڭ يېڭىسىنى كۆرگەنمىدىڭىز؟ يېڭىسىمۇ بەك ياخشى . يېڭى دېگىنىم بىلەن ئۇنىڭغىمۇ ئاز دېگەندە 15 يىل بولدىمىكىن. مەن چەندىلېرغا ئامراق ئۇ بولمىسا قىزىمايدىغاندەكلا بىلىندۇ . بەك يۇمۇر بەزى گەپ سۆزلىرىگە ھازىر ئويلىساممۇ كۈلىمەن. مەنمۇ كام دىگەندە ئىككى قېتىم كۆرۈپ بولغان. ئىچىم پۇشقاندا ئېچىپ خالىغان قىسمىنى كۆرۈپ قويىمەن خۇددى كونا دوستلىرىمنى كۆرگەندەك كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالىدۇ
بەت:
[1]
2