uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 17:09:10

ئالتۇن سودا تەھلىلى ۋە پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرلىرى 19-01

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyaltun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-19 17:26  

ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئالتۇن سودا  بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى 1222.9  دوللا ر  ئەڭ يۇقىرى باھاسى 1282.22  دوللا ر ، ئەڭ  تۆۋەن باھاسى 1217.75  بازار  بازار يېپىلىش باھاسى   1280.08  دوللار بولدى .

ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 92.74   دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى 1281  دوللار بولدى .

ئاساسى ئانالىز:     

ئالدىنقى پەيشەنبە كۈنى شىۋىتسىيە مەركىزى بانكىسى تۇيۇقسىز 3 يىلدىن بۇيان 1.2 فىرانىكنىڭ  1 دوللارغا بولغان پىروۋۇت نىسبىتىنى بىكار قىلدى ،  شىۋىتسىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ بۇ قارارى بەلكىم ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسىنىڭ بۇ ھەپتە يولغا قۇيۇلۇش ئىھتىماللىقى بولغان EQ كەڭ پۇل سىياسىتىنىڭ زەربىسىدىن ساقلىنىش ئىھتىماللىقى بۇلىشىى مۇمكىن . ئەگەر  EQ كەڭ پۇل سىياسىتى يولغان قۇيۇلسا بۇ ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ .

مەشغۇلات باسقۇچى :

1.ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى 1281-1275  دوللار ئارىلىقىدا تەۋرەندى ،بۈگۈن ئامىرىكىنىڭ دەم ئىلىش كۈنى شۇ سەۋەبىدىن ئاساسلىق بازار ياۋرۇپا بازىرىغا مەركەزلىشىدۇ ، ئالدىنقى ھەپتە بازار مۇسبەت سىزىق ھالىتىدە يپىلدى . بۈگۈنكى ھالقىلىق نۇقتا  1264 دوللاردىكى تىرەش نۇقتىسى ئەگەر بۇ تىرەش نۇقتىسىدىن چۈشۈپ كەتمىسە ئۆرلەشكە  ھالىتى ساقلىنىپ قالىدۇ ، ئاسىيا ياۋرۇپا  بازىرىدا1266-1270 دوللار ئەتىراپىدىن  ئۆرلەشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللار دا توختىتىپ پايدىسىنى  1280-1288 ئارىلىقىدا چىقىرىشقا بولىدۇ  .

چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1288 1280
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار    1264 1270
بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى  1288-1265

بۈگۈنكى تىرەش   نۇقتىسى 1264
بۈگۈنكى بۆسۈش   نۇقتىسى 1288

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .








ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش

      بۈگۈنكى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچ 92.63 ئەتراپىدا ئايلاندى ،  خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1280 دوللاردىن تۆۋەن بولغان نۇقتىنى كۆرسەتكەن بولۇپ ، نۆۋەتتە خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 252.30 يۈەن بولۋاتىدۇ ؛  ئالدىنقى ھەپتە شۋېيتسارىيە مەركىزى بانكىسى  پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن نۇقتىنى شەكىللەندۈرۈپ دۇنيا پۇل مۇئامىلە بازىرىدا چوڭ بىر ئۆزگىرىش پەيدا قىلغاندىن كېيىن ، بۇ ھەپتىنىڭ 4 - كۈنى ئېلان قىلىدىغان ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى قارارى بازارنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ ، ياۋرو رايونىنىڭ CPI قىممىتى تۆۋەنلەپ مەنپىي قىممەت كۆرسەتكەنلىكى ،  گرېتسىيە چوڭ سايلىمى ۋە شۋېيتسارىيە مەركىزى بانكىسى قاتارلىق 3 چوڭ بېسىم ئاستىدا ، تەھلىلچىلەر ياۋروپا بانكىسى بۇھەپتە QE سىياسىتىنى باشلىشى مۇمكىن دەپ قارىغان ، شۇنداقلا ئالتۇن باھاسىنى يۇقىرى ئۆرلەپ 1300 دولارغا چىقىشى مۇمكىن دەپ قارىغان . بۈگۈن ئاسىيا ۋاقتىدا ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئالتۇن كۈمۈشنىڭ بازار ئېچىلىش ئەھۋالى ؛ بۇنىڭدىن سىرت ، ئاۋسترالىيىنىڭ پۇل پاخاللىقى كۆرسەتكۈچى ۋە ئەنگلىيىنىڭ ئۆي باھا كۆرسەتكۈچى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلار ، بۇ ئىككى تۈرلۈك سانلىق مەلۇمات ئالتۇن كۈمۈش باھاسىنىڭ يۆنىلىشىگە قىسقا ۋاقىت تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن . ياۋروپا ۋاقتىدا  ياۋروپا رايونى دائىملىق ھېساباتى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدۇ . نيۇ يورك ۋاقتىدا ، ئامېرىكا بازىرى ئارام ئالىدۇ .

ئەسكەرتىش :
نۆۋەتتە نەخ ئالتۇننىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 252.30 يۈەن ؛
نەخ كۈمۈشنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 3.49 يۈەن ؛
1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ ؛






ياۋروپا مەركىزى بانكا قارارى ۋە خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى تەسىرىدە نەخ ئالتۇن باھاسى ئۆرلىدى

       1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، دوللار / شۋېتسارىيە فرانكى كىچىك ئاساستا ئۆرلەپ ، تۆۋەن ئېقىشچانلىق كەيپىياتى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن ؛ قىممەت مېتاللار باھاسى چوڭ ئاساستا ئۆرلىگەن ، خەلقئارا خام نېفىت باھاسىمۇ چوڭ ئاساستا ئۆرلىگەن ، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىدىكى كۆپ ساندىكى پاي چېكى ئۆرلىگەن ؛ بۇ سودا كۈندە مادڭلۇدې خاتىرە كۈنى سەۋەبى بىلەن كۆپ قىسىم بازارلار دەم ئالغان .
        تۈنۈگۈنكى ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى قارارى ۋە خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى تەسىرىدە نەخ ئالتۇن باھاسى ۋە Comex قەرەللىك ئالتۇن باھاسى چوڭ ئاساستا ئۆرلىگەن ؛ گرافىكلىق ئۆسۈش ھالىتى ۋە ئامېرىكا CCI سانلىق مەلۇمات نەتىجىسىنىڭ ياخشى چىقىشى سەۋەبىدىن ئامېرىكا خام نېفىت باھاسى چوڭ ئاساستا ئۆرلىگەن .







شىۋېتسارىيە بانكىسى ئالتۇن تەھلىلى

       ئالدىنقى ھەپتە شىۋېتسارىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى ئېلان قىلىش تەسىرىگە ئۇچراپ، ئالتۇن باھاسى چوڭ ئاساستا ئۆسۈپ 4 ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى ھالەتنى كۆرسەتكەن ،ھەمدە ئالدىنقى ھەپتە 10 ئايدىن بۇيانقى ئالتۇن ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولغان بىر ھەپتە ھېسابلىنىدۇ.
شىۋېتسارىيە (UBS) ئانالىزچىسى Joni Teves نىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرچە شىۋېتسارىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ ھەركىتى ئالتۇنغا نىسبەتەن ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتەلەيدۇ دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.
       Teves نىڭ ئېيتىشىچە ، بازارنىڭ دۇلقۇنسىمان ئېشىشى ئالتۇنغا نىسبەتەن پايدىلىق ،چۈنكى ئالتۇن خەۋپتىن ساقلىنىش قىممىتىنى ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە،شىۋېتسارىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى مەنپىي قىممەتكىچە تۆۋەنلىتىشى دەل مۇشۇ خىل ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ.
       لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن Teves نىڭ قارىشىچە، شۋېتسارىيە فرانكىنىڭ ھەركەت ئېنىرگىيسى شۋېتسارىيە فرانكى بىلەن ئالتۇننى بىر - بىرىگە زىت قىلىپ قويغان، ئوخشاشلا خەۋپتىن ساقىلىنىش قىممىتىنى ساقلاش مەبلىغى بولۇش سۈپىتى بىلەن رىقابەت كۈچى چوڭ ئاساستا ئاشقان.
      " ئومۇمەن ئېيتقاندا ، بۇنى مەبلەغ سالغۇچىلار بەلگىلەيدىغان بولۇپ، خەۋپ-خەتەر ئېھتىياجىنىڭ بار- يوقلىقىغا قارايمىز، ئۇلارنىڭ قايسىسىنى ياقتۇرۇپ تاللىشىغا باغلىق. يىغىپ ئېيتقاندا ئەگەر ئالدىنقى ھەپتىدىكى بازارنىڭ خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجىغا قارايدىغان بولساق، يەنىلا بىرقەدەر ئاكتىپ بولغان."
The Lindsey Group نىڭ باش بازار ئانالىزچىسى Peter Boockvar نىڭ قارىشىچە، شىۋېتسارىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ ئالدىنقى ھەپتىدىكى باياناتىدىن كېيىن ، ئالتۇنغا نىسبەتەن ئۆسىدۇ دەپ قارىغان ، چۈنكى پۇللارنىڭ ئېغىر تەۋرىنىشى ئاستىدا ، ئالتۇن مەنپەئەتلەنگۈچى ھېسابلىنىدۇ.
       Boockvar نىڭ ئېيتىشىچە: " ئالتۇن كاسات بازىرى ئاخىرلىشىپ، ئالتۇن بۇندىن كېيىنكى بىر قانچە يىلدا داۋاملىق ئۆسىدۇ." دەپ قارىغان.
     Julius Baer نىڭ تاۋار تەتقىقات ئانالىزچى Carsten Menke مۇ ، بازارنىڭ تەۋرىنىشچانلىقى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئالتۇنغا تىرەشلىك رول ئوينايدۇ دەپ قارىغان، ئۇنىڭ قارىشىچە كىلەر ھەپتە ياۋرۇپا مەركىزىي بانكا يىغىن قارارى ۋە گرېتسىيە سايلىمى ئالتۇن باھاسىغا تېخىمۇ كۆپ تىرەشلىك بولىدۇ.
      ئەمما Menke ئالتۇننىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك يۆلىنىشى چۈشۈش دەپ قارىغان.
     Menke مۇنداق دېدى: " ئۇزۇن مەزگىلدىن قارىغاندا، بىز ئالتۇنغا نىسبەتەن يەنىلا چۈشۈش يۆلىنىشنى ئاساس قىلىدۇ دەپ قارايمىز، ئىقتىسادنىڭ جانلىنىشى ئالتۇننىڭ خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ."







شۋېتسارىيە فرانكىنىڭ 12 ئايلىق تەۋرىنىش دەرىجىسى رۇبلىدىن ئېشىپ كەتتى

        1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى شۋېيتسارىيە مەركىزى بانكىسى (SNB)  ياۋرو / شۋېتسارىيە فرانكى پېرېۋوت نىسبىتى يۇقىرى چېكىنى بېكار قىلغاندىن كېيىن ، شۋېتسارىيە فرانكىنىڭ 12 ئايلىق تەۋرىنىش دەرىجىسى تەۋرىنىشى دۇنيا بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرىدىغان روسسىيە رۇبلىدىن ئېشىپ كەتتى ؛ 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىكى شۋېتسارىيە فرانكىنىڭ تەۋرىنىش نىسبىتى 1.90% ئەتىراپىدا بولۇپ ، 24 سائەتلىك تەۋرىنىش نىسبىتى روسسىيە رۇبلىنىڭ 5 ھەسسىگە تەڭ بولدى ، نۆۋەتتە يەنە داۋاملىق ئۆرلەيدۇ .







ئاساسي پۇل ۋە تاۋارلارنىڭ  بازار يېپىلىش باھاسى

      1 -ئاينىڭ 16 - كۈنى تاشقى پېرېۋوت بازىرىدا : ياۋرو / دوللار بازار يېپىلىش باھاسى 1.1563 بولدى؛ فوندستېرلىڭ / دوللار بازار يېپىلىش باھاسى 1.5136 بولدى ؛ ئاۋسترالىيە دوللىرى / دوللار بازار يېپىلىش باھاسى 0.8222 بولدى ؛ دوللار / يېن بازار يېپىلىش باھاسى 117.49 بولدى ؛ دوللار / كانادا دوللىرى بازار يېپىلىش باھاسى 1.1980 بولدى ؛ دوللار / شۋېتسارىيە فرانكى بازار يېپىلىش باھاسى0.8587 بولدى .
      تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار : نەخ مال ئالتۇن بازار يېپىلىش باھاسى 1280.30 دوللار بولدى ؛ Comex قەرەللىك ئالتۇن بازار يېپىلىش باھاسى 1276.90 دوللار بولدى ؛ نەخ مال كۈمۈش بازار يېپىلىش باھاسى 17.77 دوللار بولدى ؛ Comex  قەرەللىك كۈمۈش بازار يېپىلىش باھاسى 17.75 دوللار بولدى ؛  بۇلۈنتې خام نېفىت بازار يېپىلىش باھاسى 50.17 دوللار بولدى ؛ NYMEX خام نېفىت قەرەللىك مال بازار يېپىلىش باھاسى 48.69 دوللار بولدى .







1 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى

        جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىنىڭ بۈگۈن ئىلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە ، بۈگۈنكى دوللارنى خەلق پۇلغا ئالماشتۇرۇش پېرېۋوت نىسبىتى ئوتتۇرچە باھاسى 6.1230 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىن 42 نۇقتا ئۆرلىگەن ؛ ئالدىنقى سودا كۈنى ئوتتۇرچە باھاسى 6.1188 يۈەن ، بازار يېپىلىش باھاسى 6.2066 يۈەن بولغان ؛
      1 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىكى جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىگە بېرىلگەن ھوقۇق بويىچە خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى ئوتتۇرچە باھاسى :
دوللار / خەلق پۇلى 6.1188 يۈەن ؛
ياۋرو / خەلق پۇلى 7.1244 يۈەن ؛
ياپونىيە يېنى / خەلق پۇلى  5.2775 يۈەن ؛
شىياڭگاڭ دوللىرى / خەلق پۇلى  0.78934 يۈەن ؛
فوندستېرلىڭ / خەلق پۇلى 9.3044 يۈەن ؛
ئاۋسترالىيە دوللىرى / خەلق پۇلى  5.0394 يۈەن ؛
كانادا دوللىرى / خەلق پۇلى 5.1071 يۈەن ؛
خەلق پۇلى /  مالايسىيا رېنگىت  0.57987 ؛
خەلق پۇلى / روسىسيە رۇبلى 10.3911 ؛  

ئەسلى مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى
بەت: [1]
: ئالتۇن سودا تەھلىلى ۋە پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرلىرى 19-01