zemindar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 16:07:36

يەنە كونا كىتاب ساتىمەن شۇ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zemindar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-19 16:09  

بۈگۈن سېتىلىدىغان كونا كىتابلار
مۇھەممەد باغراش ئەسەرلىرى:
ساۋاب (ھېكايىلەر) يۇمشاق مۇقاۋىلىق
يۈرەكتاغ (پوۋېستلار)
ئۈرۈمچىنىڭ جىلۋىسى (ھېكايە، نەسر، پوۋېستلار)
بۇ ئۈچ پارچە كىتابنىڭ ئۇمۇمىي سېتىلىش باھاسى: 150.00 يۈەن
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

ئورخۇن شەجەرىسى (تارىخىي رومان) ئاپتورى: پەرھاد جىلان، يۇمشاق مۇقاۋىلىق
ئۆتكەن كۈنلەر (تارىخىي رومان) ئاپتورى: ئابدۇللا قادىرى، يۇمشاق مۇقاۋىلىق
بالدۇر ئويغانغان ئادەم (تارىخىي قىسسە) ئاپتورى: خېۋىر تۆمۈر، قاتتىق مۇقاۋىلىق
ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر (تارىخىي رومان) ئاپتورى: تۇردى سامساق، قاتتىق مۇقاۋىلىق
يىگانە ئارال (رومان) ئاپتورى: ئەختەم ئۆمەر، يۇمشاق مۇقاۋىلىق
بۇ بەش پارچە كىتابنىڭ ئۇمۇمىي سېتىلىش باھاسى: 500.00 يۈەن
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

بوغدا ئاتا (پوۋېستلار) ئاپتورى: قەييۇم تۇردى، قاتتىق مۇقاۋىلىق
يوقالغان گۆھەر (پوۋېستلار) ئاپتورى: زۇلپىقار، يۇمشاق مۇقاۋىلىق
بۇ ئىككى پارچە ئۇمۇمىي سېتىلىش باھاسى: 100.00 يۈەن
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن (رومان) ئاپتورى: چ.ئايتماتوف، يۇمشاق مۇقاۋىلىق
تېڭىرقاپ قالغان قىز-ئاپتورى: ئېھسان ئابدۇقۇددۇس، يۇمشاق مۇقاۋىلىق
بۇ ئىككى پارچە كىتابنىڭ ئۇمۇمىي سېتىلىش باھاسى: 180.00 يۈەن
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

جاھاننامە-ئاپتورى: ئاياز شىكەستە، قاتتىق مۇقاۋىلىق
بۇ كىتابنىڭ سېتىلىش باھاسى: 100.00 يۈەن
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
بۇ كىتابلارنىڭ ھەممىسى ھەر قايسى نەشرىياتلار تەرىپىدىن قانۇنلۇق نەشر قىلىنغان، تۇنجى نەشر، تۇنجى باسمىسى بولۇپ، مۇقاۋا ۋە بەتلىرى ناھايىتى پاكىز ساقلانغان.

ئالاقىلىشىش كيۇ كيۇ نومۇرى:
453461638

Ahlak321 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 16:22:03

ئىزدىنىش رومانى بولسا مەن ئالاتتىم

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 17:18:21

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تىزىملىككە چۈشمىگەنلەر پوۋېستتى  كىمدە بار

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 17:30:29

ئۈستىدىكى ئىككى كىتاب مەندە يوق!

lopnuri يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 18:00:15

Ahlak321 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 16:22 static/image/common/back.gif
ئىزدىنىش رومانى بولسا مەن ئالاتتىم

مەندە ئىزدىنىش رومانىنىڭ 2009-يىلى بېسىلغان نۇسخىسىدىن بىر يۈرۈش بار، مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ. چ چ : 1428817175

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 18:57:31

مۇشۇ كونا كىتابچىلارنى بەكلا ئىنساپسىز دېسەم كىم ئىشىنىدۇ؟! ئۇلار ھەتتا ئىزدىنىشتىكىلەرگە ئەسلى باھاسىدىن نەچچە ھەسسە قىممەت ساتقاننى ئاز دەپ، ئىزدىنىشقا ئېلان ۋە يايما ھەققى تاپشۇرمايدۇ. ( بۇ سۆزۈم دەلىللەنمىگەن )

bahadir003 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 21:38:18

مۇشۇ توردىن نەرسە سېتىۋىلىش بولسىلا ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدىم (تېما ئىگىسى سىزگە دېمىدىم ) مەن مۇشۇ مۇنبەرگە يازغان «ئەلشاھ كومپىيۇتىر شىركىتىگە ئوچۇق خەت'دېگەن تېما م ئۆچۈرۈلۈپتۇ. شۇنىڭدىمۇ مەن شۇ شىركەتتىن نەرسە سېتىۋىلىپ تاپشۇرۇپ ئالالمىغانلىق ئىشلىرىم يېزىلغان ئىدى. ئىشقىلىپ شىركەت جاۋاپ بەرمەي ئارقا يولدىن مېڭىپ تېمىنى ئۆچۈرۈپتۇ. نېمىشقا ئوچۇق ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقالمىدى. دېمەك، مەسئۇلىيەتتىن قورقتى. شىركەت قورقمىسىمۇ بولىدۇ. ئۇ 500يۈەن پۇلنى ئالمايمەن بولدى.  

function يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 22:01:08

ئۆزىدە ئارتۇق بولۇپ قالغان كىتابلارنى ساتىدىغانلار خېلى ئىنساپ بىلەن ساتىدىكەن، لېكىن مۇشۇنداق كونا كىتاب سېتىشنى كەسپ قلىۋالغانلار  يامان ئىنساپسىزكەن، ئىنساپسىز ئىكەنلىكىگە مەن گۇۋاھ، چۈنكى سىرلىق ئارال دېگەن كىتابنى ئارتۇق كىابى بار بىرسىدىن (مۇشۇ ئىزدىنىشتا ئېلان بەرگەن خوتەنلىك ئاداش)  100 يۈەنگە سېتىۋالدىم (ئۈچ كىتاب) ، كونا كىتابچىلار بولسا  ئاز دېگەندىمۇ 150 دىن كام بەرمەيدۇ، بولسا تېخى...

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 02:45:18

function يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 22:01 static/image/common/back.gif
ئۆزىدە ئارتۇق بولۇپ قالغان كىتابلارنى ساتىدىغانلار خې ...

« سىرلىق ئارال »  200 كويدىن سېتىلدىغۇ مۇشۇ مۇنبەردە ،   كۆرمەپسىزدە .    ساتقۇچى شۇنداق ئۆرە باھا قويسا ، ئالغۇچىمۇ ئۇنىڭغا رازى بولۇپ ئالغان بولسا بۇ ئۇلارنىڭ تاللىشى ، ئىختىيارى .  ئەيىپلىگىلى بولمايدۇ .  

بۇ مۇنبەردە كىتاب سېتىش ھەققىدىكى تېمىلار خېلىلا كۆپ ،  خېلى ئوبدان كىتابلار بار ، لېكىن كۆپىنچە كىتابلارنىڭ باھاسى بەكلا ئۆرە بولغاچقا ( مېنىڭ نەزىرىمدە )  مەن بۇ مۇنبەرلەردە سېتىلىۋاتقان كىتابلارنى ئاساسەن ئېلىپ باقمىدىم ،  قەشقەر شەھرىدىكى كونا كىتاب بازارلىرىنى ۋاقتىم چىققاندا ئارىلاپ تۇرىمەن ،  مۇشۇ مۇنبەردە 100 كوي ۋە ئۇنىڭدىن ئۈستۈن سېتىلىۋاتقان خېلى كۆپ كىتابلارنى شۇ بازاردىن 20  - 30 يۈەندىن ئانچە ئېشىپ كەتمىگەن باھادا ئالدىم .  بەزىدە بولسا ناھايتى ئەرزان ئۇچراپ قالىدۇ ،  تېخى يېقىندىلا ،  ئىزدىنىشتا 200 كوي سېتىلغان كىتابنى 30 كويغا سېتىۋالدىم ،  لېكىن بۇنداق مۇۋاپىق باھادا  داۋاملىق ئۇچرىمايدۇ .
مەندە 4  -  5 يۈز پارچىدىن ئارتۇقراق كىتابلار بار ، بۇنىڭ ئىچىدە ئېلىپ قويۇپ ئوقۇمىغان كىتابلىرىممۇ خېلى كۆپ ساندا ،   شۇنداق بولغاچ ، خېلى ئوبدان كىتابلار بولسىمۇ ، ئەمما باھاسى پەۋقۇلئادە ئۈستۈن بولسا  ( مۇنبەردىكى تېمىلاردىكىدەك )  ئېلىشقا ئۇنچە ئالدىراپ كەتمەيمەن . بىر قېتىمدا بولمىسا يەنە بىر .... قېتىمدا مۇۋاپىق بىر باھادا ئۇچراپ قالىدۇ .  

ئەمما يېقىندىن بۇيان بۇ بازاردىمۇ كونا كىتابلارنىڭ مەنبەسى كەملەپ ، كۈندىن كۈنگە تېپىش تەسلىشىپ ، باھاسىمۇ ئۆسۈپ كېتىۋاتىدۇ . لېكن شۇنداقتىمۇ توردىكى باھادىن راۋۇرۇس ئەرزان .
2 يىل ئاۋال ئۈرۈمچىگە چىققاندا ئۈرۈمچىدىكى كونا كىتاب يايمىللىرىنىمۇ خېلى ئارىلاپ بىرمۇنچە كىتابلارنى ئېلىپ كەلگەنتىم ، ئۈرۈمچىدىمۇ خېلىلا مۇۋاپىق ئالغان  ،   بۇ ئىككى يىلدىن بۇيان ئۈرۈمچى تەرەپلەرگە ئۆتۈپ باقمىغاچ ، ھازىرقى بازار ئەھۋالى قانداق بولۇپ كەتتى خەۋىرىم يوق ،  يا ئۈرۈمچىدىكى باھامۇ توردىكى كىتاب باھا سەۋىيەسىگە يېتىپ قالدىمىكى .

IKSAK يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 08:28:02

مەنمۇ پۇلنىڭ كۆزىگەقارىماي نۇرغۇن كىتابنى قىممەت ئېلىۋالغان. كىيىن شۇ كىتابلار بىر -ياكى ئىككى ھەسسە ئەزان ئۇچۇراپ قالغان.

asman يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 09:26:46

مەنمۇ مۇشۇ مۇنبەردىكى بىر كونا كىتابچىدىن خېلى كۆپ كىتاب سېتىۋالدىم، ئەلۋەتتە ئۆزۈم تاپالمىغان كىتابلارنى ئۆزۈمنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا لايىق باھادا ئالدىم. قىممەت كۆرگەنلىرىمنى ئالمىدىم. ئېلىپ بولۇپ قىممەت ئاپتىمەن، دەپ پۇشايمان قىلىپ باقمىدىم. چۈنكى نەچچە يىل ئىزدىگەن نەرسىنى ئاران تاپقان چاغدا ئۇنىڭ قىممەتلىكى كۆزىمىزگە كۆرۈنۈپ كەتمەيدىكەن. لېكىن بىر قىسىم كىتابچىلار باھانى ئۆرە قويغان بىلەن بىر نەچچە پارچىنى بىللە ئالسا خېلىلا ئەرزان بىرىدىكەن. بۇمۇ بىزنىڭ باھا تالىشىپ سودا قىلىدىغان پىسخىكىمىزغا ماس كەلسە كېرەك.

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 11:44:44

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zemindar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-20 11:45  


ئورخۇن شەجەرىسى (تارىخىي رومان) ئاپتورى: پەرھاد جىلان، يۇمشاق مۇقاۋىلىق
ئۆتكەن كۈنلەر (تارىخىي رومان) ئاپتورى: ئابدۇللا قادىرى، يۇمشاق مۇقاۋىلىق
بالدۇر ئويغانغان ئادەم (تارىخىي قىسسە) ئاپتورى: خېۋىر تۆمۈر، قاتتىق مۇقاۋىلىق
ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر (تارىخىي رومان) ئاپتورى: تۇردى سامساق، قاتتىق مۇقاۋىلىق
يىگانە ئارال (رومان) ئاپتورى: ئەختەم ئۆمەر، يۇمشاق مۇقاۋىلىق
بۇ بەش پارچە كىتابنىڭ ئۇمۇمىي سېتىلىش باھاسى: 500.00 يۈەن

بۇ بەش پارچە كىتاب سېتىلىپ بولۇندى!
بەت: [1]
: يەنە كونا كىتاب ساتىمەن شۇ