جوڭگۇ بازىرىدا قارا دۇشەنبە
ئالدىنقى جۇمە كۈنى جوڭگۇ ئاكسيە كومىتىتى ئاكسيە شېركەتلىرىنىڭ پاي توپلاش ،مەبلەغ جۇغلاش كەسپىنى تەكشۇرۇش ۋە جوڭشىن ئاكسيەسىدەك 3 شېركەتنىڭ بۇ كەسپىنى توختىتىش سەۋەبى بىلەن بۈگۈن شاڭخەي بازىرى 212.78نۇقتا چۇشۇپ تارىختىكى ئاز ئۇچرايدىغان قارا دۇشەنبە بازىرىنى شەكللەندۇردى،بازارمۇ 20 كۈنلىك رايوننى بۇزۇپ ئۆتۈپ 30 كۈنلىك رايونغا قاراپ سىلجىدى،نۆۋەتتە ئاكسيە پايلىرى ئاساسەن چۇشۇپ توختاش ھالەتتە،بانكا ۋە سۇغۇرتا پايلىرىمۇ ئاكسيە پايلىرىنىڭ تەسىرىدە چوڭ كۆلەمدە چۈشتى،بۇ ھەقتە كېيىنكى بازار تەھلىلىمىز مۇنداق:1-ئاكسيە پايلىرى ئۇدا ئۆسەپ 2-3ھەسسىگىچە قاتلىدى،خەتەر كۆپەيدى،دىمەك بۇ ئەھۋالدا شىددەت بىلەن ئۆسكەن ئاكسيە شېركەتلىنىڭ پاي توپلاش ،مەبلەغ جۇغلاش كەسپىگە نىسبەتەن ئاكسيە كومىتىتى دىققەت قىلىشقا باشلىدى،ھەم تەكشۇرۇشنى قارار قىلدى،ھەمدە جوڭشىن ئاكسيەسى قاتارلىق 3 شېركەتنىڭ بۇ كەسپىنى ۋاقتىلىق توختاتتى،ۋە بۇ سەۋەپ بىلەن بازار بۈگۈنكىدەك كۈچلۈك ئىنكاس بىلدۇردى،جوڭگۇ بازىرىدا بانكا ئاكسىيە ۋە نېفىت پايلىرى ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلىگەن،بۇ پايلاردا ئۆسۈش ياكى چۈشۈش بولسا بىۋاستە بازارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
2-ئىگىلىك ۋە ئوتتۇرا ئۇششاق بۆلەك پايلىرى بولسا بۇ توپىلاڭدىن تۇقاش ئۇغۇرلىغاندەك ئىش بولدى،چۈنكى پۇل مۇئامىلە پايلىرى تەسىرىدىن مەبلەغ كىچىك بۆلەككە كىرىپ ئىگىلىك بازىرىنى تارىختىكى ئەڭ يۇقۇرى پەللىگە يەتكۇزدى،ئىگىلىك پايلىرىدا پايدا تەقسىم قىلدىغان پايلار بولسا تۇتۇپ تۇرغاندىن سىرت باشقا پايلار بولسا پايدا بولسىىلا قېچىش تەكلىۋى بېرىمىز،
خۇلاسە:ئاكسيە كومىتىنىڭ جىددى ئۆسكەن بازارغا بولغان ۋاقتىدا ئىنكاسىنى بىز توغرا چۇشىنىمىز،چۈنكى جىددى ئۆسكەن بازارنىڭ خەتىرى كۆپ بولىدۇ،دىمەك نازارەتنى كۈچەيتىش جوڭگۇ بازىرىغا ساغلام مۇھىت ئېلىپ كېلىدۇ،دولەتمۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بازارنى ئاستا ئاستا ساغلام ئۆستۇرۇش مەخسىدە يېتەلەيدۇ.كۆپ دوسلارغا دۆلىتىمىزنىڭ قۇرال ياراق كارخانا پايلىرىغا دىققەت قىلىشنى تاپىلىغان ئىدۇق،دىمەك بۇ بۆلەك بۈگۈن ئۆزىنى نامايەن قىلدى،مەسلەن:002190 000768 600343 دىگەندەك،بۇنىڭدىن باشقا دورا پايلىرىمۇ قۇزغالغان ھالەتكە ئۆتتى.
پاي بازىرى خەتەرلىك ،دىققەت بىلەن مەبلەغ سېلىڭ،يۇقارقىلار تەڭرىتاغ ئاكسيە تورىنىڭ تەھلىلى،تەنقىدى پايدىلىنىڭ،تورىمىزنىڭ ئۇندىدار سالۇنى aksiyabizبولۇپ،قېتىلۋېلىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمىز. مۇشۇ پايچېكىنىڭ ئۆسۈپ -چۈشىشىنىڭ نېمىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى،نېمىنىڭ تەسىرىدىن ئۆسۈپ-چۈشۈش كۆرىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ قويىدىغان ئادەم بولسا بەك خوش بوپ كېتەتتىم شۇ ئادەمدىن. ھوججۇ، بايار كىيۇ-كىيۇ خەۋىرىدىن ئۇچۇر كېلىپ، بۈگۈن ئومۇمى پاي چېكىنىڭ 8% چۈشۈپ ، پاي بازىرىنىڭ تاقالغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
:lolنىمە ئىش بۈلۇپ كېتپ بارىدۇ ؟ ئامېرىكا قولى بارمىدۇ ؟
ئېسىت پايلىرىم ... بۈگۈن كەيپىياتىم ياخشى ئەمەس -ھە :'({:87:} خەپ ئامرىكا :lol pis-pas يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 13:52 static/image/common/back.gif
ھوججۇ، بايار كىيۇ-كىيۇ خەۋىرىدىن ئۇچۇر كېلىپ، بۈگۈن ئو ...
مىنىڭ قارىشىمچە بۇ تىخنىكىىلق تەڭشەش. ئامرىكا بىلەن مۇناسىۋەتسىز، بەلكى دوللارنىڭ ئۆسىشى ئەرزان نىفىت بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ. ER518 يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 12:39 static/image/common/back.gif
مۇشۇ پايچېكىنىڭ ئۆسۈپ -چۈشىشىنىڭ نېمىگە مۇناسىۋەتلىك ...
ئاددىلام مۇنداق چۈشەنسىڭىز بولىدۇ. چوڭ پۇلدارلار بىر شېركەتكە مەبلەغ سالسا بۇ پاي ئۆسىدۇ. ئۇ بايلار پايلىرىنى سىتىۋەتسە شېركەتتىكى مەبلەغ كېمىيىدۇ شۇنىڭ بىلەن پاي چۈشىدۇ. مېنىڭ شەخسى قارىشىمدا پايچەك بازىرى بولسا چوڭ بايلارنىڭ كىچىك بايلارنى چۆگىلتىپ ئوينايدىغان ئويۇن سورۇنى.
كورىيەنىڭ ‹‹幽灵››دىگەن تىلىۋىزىيە تىياتىرىدىمۇ پاي چېكىنى پىرۇگىراممىرلار كونتىرول قىلالايدىكەنتۇق،
لېكىن ئۇ نىمىلا دىگەن بىلەن كىنۇ ،تۇرمۇشتىن بىر قەدەر يۇقۇرى ....
بەت:
[1]