ABC يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 09:45:07

باي

باي

ئوۋىن ھېنرى [ئامېرىكا]


گۇگۇم پەيتى، كۈلرەڭ كىيىم كىيگەن بىر قىز بۇ كىچىككىنە باغچىنىڭ تولىمۇ تىنچ بۇلىڭىدىكى ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇرۇپ، قولىدىكى كىتابنى ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتتى. يېقىنلا يەردە ئۇنى كۆزىتىپ تۇرغان بىر يىگىت بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، بۇ قىزنىڭ ھەر كۈنى مۇشۇ كەمدە مۇشۇ جايدا ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى.
يىگىت ئاخىرى ئۆزىنى ئۆزى غەيرەتلەندۈرۈپ، تولىمۇ ئاستا قەدەملەر بىلەن قىزنىڭ ئالدىغا كەلدى. قىز بېشىنى كۆتۈرۈپ ئالدىدا تۇرغان، تولىمۇ ئاددى-ساددا كىيگەن بۇ يىگىتكە پەرۋاسىزلا قاراپ قويدى، يىگىتنىڭ چىرايىدىن ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ئادەتتىكى ئادەم ئىكەنلىكى چىقىپلا تۇراتتى.
-قېنى ئولتۇرۇڭ،-دېدى قىز گەپنى كەسكىنلا قىلىپ،-ئەلۋەتتە باشقىچە ئويىڭىز بولمىسا، بۇ ياققا مەرھەمەت قىلىڭ. كۈنمۇ كەچ بولۇپ قالدى، مۇنداق چاغدا كىتاب ئوقىغىلىمۇ بولمايدۇ، شۇڭا سىز بىلەن مۇڭداشقۇم كېلىپ قالدى.
-بەلكىم سىزگىمۇ ئايان بولسا كېرەك،-دېدى يىگىت،-سىز مەن ھاياتىمدا كۆرگەن ئەڭ گۈزەل قىز، سىز تۆنۈگۈنمۇ مۇشۇ يەردە ئىدىڭىز، شۇنداقمۇ؟
-مەيلى سىز كىم بولۇڭ،-دېدى قىز يەنىلا شۇنداق سوغۇق ئاۋازدا،-يادىڭىزدا بولسۇن، مەن خېلى ئوبدان تەربىيە كۆرگەن قىز.
-كەچۈرۈڭ،-دېدى يىگىت،-قارىغاندا مەن سەل تاپتىن چىققان ئوخشايمەن، بەك تەۋەككۈل قىلىپ كەتكەن بولۇشۇم مۇمكىن.  
-يەنىلا باشقا تېمىدا مۇڭدىشايلى... قاراڭ، مۇشۇ ئۇيان-بۇيان ئۆتۈشۈپ تۇرغان كىشىلەر توغرىسىدا مۇڭدىشايلى، ئۇلار نەگە بارىدىغاندۇ؟ نېمىشقا شۇنچىۋالا ئالدىراشتۇ ئۇلار؟ ئۇلار خۇشالمىدۇ؟
يىگىت بىردىنلا ئۇجۇقۇپ كەتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ يەردە ئەمدى زادى قانداق رول ئوينىشى لازىملىقىنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدى، ئۇ ھەقىقەتەن گاڭگىراپ قالدى.
-سىزگە گەپ قىلىشىمغا ئاق كۆڭۈل بىر ئادەم بىلەن مۇڭداشقۇم كەلگەنلىكى سەۋەب بولدى، ئۇنداق ئادەملەر چوقۇم پۇلغا بېرىلگەن بولماسلىقى كېرەك. بەلكىم بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، مەن پۇلدىن بەك بىزار، ئەتراپىمدىكى ئاشۇ يانچۇقى توم كىشىلەرگە شۇنچىلىك ئۆچلۈكۈم كېلىدۇ!
-ئەمما مېنىڭچە،-دېدى يىگىت سالماق ئاۋازدا،-پۇل ئەمەلىيەتتە يامان نەرسە ئەمەس.
-يانچۇقىڭىزغا بىر مىليون دوللار كىرىپ باقسۇنچۇ قېنى، كوچىدىن كىرمەيسىز، ئويۇن-تاماشا، تانسا-پانسا، زىياپەت دېگەنلەر سىزدىن ئاشمايدۇ. مەن بۇنداق كۈنلەرگە خۇشتار ئەمەس. بەزى چاغلاردا...-دېدى قىز سۆزىنى داۋام قىلىپ،-شۇنداق ئويلايمەن، ناۋادا بىرەرى بىلەن ئىش-پەش تارتىشىپ قالسام، ئۇياق چوقۇم تولىمۇ ئاددىي يىگىت بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ماڭا ئېيتىپ بېرەلەرسىزمۇ، سىز نېمە ئىش قىلىسىز؟
-مانا مەن ئاشۇنداق ئادەتتىكى ئادەم، ئەمما مەن پۇل تېپىپ تۇرمۇشۇمنى خۇشال ئۆتكۈزۈشنى ئويلايمەن. سىز بايا دېگەن گەپلەر راستمۇ، سىز ھەقىقەتەن ئادەتتىكى يىگىتنى كۆرەمسىز؟
-ئەلۋەتتە!-دېدى قىز كەسكىن تەلەپپۇزدا،-سىز نېمە خىزمەت قىلىسىز؟
-مەن ئادەتتىكى بىر ئاشخانىدا خىزمەت قىلىمەن،-دېدى يىگىت.
-ئېھتىمال توختىماي چېپىپ يۈرىدىغان كۈتكۈچى بولسىڭىز كېرەك؟-دېدى قىز.
-يېقىنلاشتىڭىز، مەن شۇنداقراق بىر خىزمەتچى.
-ئۇنداقتا سىز نېمىشقا ئىشىڭىزغا بارماي قاراپ تۇرىسىز؟ -دېدى قىز ئاۋۋال سائىتىگە قاراپ، ئاندىن ئورنىدىن ئىتتىك تۇردى.
-ئىشقا بارىدىغان ۋاقتىم تېخى بالدۇر،-دېدى يىگىت،-بىز...بىز يەنە كۆرۈشەلەرمىزمۇ؟
بىلمەيمەن...ھوي، مەن دەرھال ماڭمىسام بولمىدى، كەچتە بىر زىياپەت بار، يەنە تېخى مۇزىكا كېچىلىكىگە بېرىشىم كېرەك. ئەنە، شوپۇرۇم ئاۋۇ يەردە مېنى كۈتۈپ تۇرىدۇ،-دېدى قىز، ئاندىن باغچىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى ئاق رەڭلىك ھەشەمەتلىك پىكاپنى كۆرسەتتى،-ئاشۇ مېنىڭ پىكاپىم.
-مەن كۆردۈم،-دېدى يىگىت بىر خىل ھەۋەسلەنگەن تۇرۇقتا.
-خوش ئەمىسە!
-بەك كەچ بولۇپ كەتتى!-دېدى يىگىت،-بۇ ئەتراپ تازا تىنچ ئەمەس، بولمىسا...مەن سىزنى ئۇزىتىپ بارايمۇ؟
-رەھمەت، سىز يەنىلا بىر ئاز ئولتۇرۇپ، ئاندىن باغچىدىن چىقىڭ!-دېدى قىز، ئاندىن باغچىنىڭ ئىشىكىگە قاراپ ئىتتىك مېڭىپ كەتتى. يىگىت قىزنىڭ قارىسىنى كۆزدىن يوقاتماي، ئىتتىكمۇ ئەمەس، تېزمۇ ئەمەس قەدەم بىلەن ئۇنىڭغا ئەگەشتى.
باغچىنىڭ دەرۋازىسىغا يەتكەندىن كېيىن، قىز ھېلىقى ئاپپاق پىكاپنى يانداپ، چوڭ يولنى كېسىپ ئۇياققا ئۆتتى، ئاندىن كىچىككىنە بىر ئاشخانىغا كىرىپ يوقلىما كارتىسىنى ئاپپاراتقا سۈركىدى، ئۇدۇل كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە كىرىپ كۈتكۈچىلەر كىيىمىنى كىيدى ۋە دەرھال ئىشقا كىرىشىپ كەتتى.
يىگىت كوچىدا بىر ئاز لاغايلاپ يۈرگەندىن كېيىن، ھېلىقى ئاق پىكاپنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە ئىشىكنى ئېچىپ ئارقا ئورۇندۇقىغا جايلاشتى، ئاندىن شوپۇرغا دېدى:
-ماڭايلى ھېنرى، كىچىلىك كۇلۇبقا بارايلى!

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 10:57:09

باي بىلەن كەمبەغەلنىڭ يارقىن سىلىشتۇرمىسى

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 14:53:46

:lol
بەت: [1]
: باي