ABC يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 09:43:04

يېڭى خادىملار ۋە ئىستراتېگىيە دوكلاتى

يېڭى خادىملار ۋە ئىستراتېگىيە دوكلاتى

2011-يىلى 29-ئاۋغۇست «ئەلى بابا» گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ما يۈن قىسمەن يېڭى خادىملاردىكى تەنتەكلىك ۋە باشقا بىمەنە قىلىقلارنى تەنقىد قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى:«شىركەتكە كەلگىنىگە تېخى بىر يىل بولمىغان خادىملار ماڭا قانداقتۇر ئىستراتېگىيە دوكلاتى يېزىپ يۈرمەڭلار، تېخىمۇ مۇھىمى <ئەلى بابانىڭ تەرەققىيات دوكلاتى> دېگەندەك نەرسىلەر ئۈستىدە باش قاتۇرماڭلار...دەپ قوياي، كىمكى شۇنداق قىلسا، شۇ شىركەتتىن قوغلىنىدۇ! ئەمما سىلەر <ئەلى بابا> نىڭ ئۈچ يىللىق خادىمى بولۇپ بولغاندىن كېيىن، قانداق گېپىڭلار بولسا مەن خۇشاللىق بىلەن ئاڭلايمەن. بىز ئاددىي تەكلىپ ۋە ئاددىي مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئامراق. شىركەتنىڭ سىلەرنى تەكلىپ قىلىشتىكى مۇددىئاسى قانداق سىلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەمەس، بەلكى سىلەر ئارقىلىق خېرىدارلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، چۈنكى بىز خېرىدارلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىقلا ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرالايمىز».
بۇ قۇرلاردىن ئايانكى، مۈ يۈننىڭ دېمەكچى بولغىنى، سىلەرنى پۇل خەجلەپ تەكلىپ قىلىشتىكى مەقسىتىمىز ھەرگىزمۇ قۇرۇق خىيال قىلىشىڭلارغا زېمىن ھازىرلاپ بېرىش ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي ئىش قىلدۇرۇش. ئۇ گەپنى ئەنە شۇنداق ئوچۇق-ئاشكارا قىلغان، ئاڭلىماققا بۇ گەپلەر ئادەمگە سەل قوپالدەك تۇيغۇ بەرسىمۇ، لېكىن ما يۈننىڭ مەقسىتى ئېنىق ئىدى، ماھىيەتتە بۇ سۆزلەر ما يۈننىڭ باشقۇرۇش ئىدىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن، ما يۈن ئىلگىرى ھەرخىل سورۇنلاردا ئىجرا قىلىش كۈچىنىڭ مۇھىملىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن ئىدى.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ما يۈن سۇن جىڭيى («يۇمشاق دېتال گۇرۇھى» نىڭ باش مۇدىرى) بىلەن مۇنداق بىر مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىشقان ئىكەن: ئەڭ سەرخىل تەكلىپكە 3-دەرىجىلىك ئىجرا قىلىش كۈچىنى قوشقان ياخشىمۇ ياكى 3-دەرىجىلىك تەكلىپكە ئەڭ ياخشى ئىجرا قىلىش كۈچىنى قوشقان تۈزۈكمۇ؟ ئاخىرىدا بۇ ئىككەيلەن چىقارغان يەكۈن مۇنداق بولغان: 3-دەرىجىلىك تەكلىپكە ئەڭ ياخشى ئىجرا قىلىش كۈچىنى قوشقان ياخشى. شۇڭا ما يۈن «ئەلى بابا»غا مۇنداق تەلەپ قويغان:«ماڭا كېرىكى تەسەۋۋۇرچىلار قوشۇنى ئەمەس، ئىجرا قىلغۇچىلار قوشۇنى».
(ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى)

fatihdin يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 09:47:15

خەنزۇتىلىدا شۇنداق بىر گەپ باغۇ : ‹‹心动不如身动››
بەت: [1]
: يېڭى خادىملار ۋە ئىستراتېگىيە دوكلاتى