bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 02:19:22

بىلىمخۇمار: نىيەت بار يەردە، ئامالمۇ بار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-19 02:30  

نىيەت بار يەردە، ئامالمۇ بار

بىلىمخۇمار
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى

بۇ يىل 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن مېدىيە تاراتقۇلىرى تومى كالدۋېل (Tommy Caldwell) بىلەن كېۋىن جورگىسان (Kewin Jorgenson) ئىسىملىك ئىككى ياشنىڭ بىر كىلومېتىر ئېگىزلىكتىكى بىر تاغقا غەلىبىلىك چىققانلىقىنى خەۋەر قىلدى .  نېمە ئۈچۈن بۇ ئىش بۇنچىۋالا چوڭ خەۋەر بولۇپ كېتىدۇ؟  ئۇنىڭ سەۋەبى مۇنداق:

ئامېرىكىدا 10 دەك چوڭ تەبىئىي باغچىلار بار بولۇپ، «يوسېمىتې» (Yosemite National Park) دەپ ئاتىلىدىغان دۆلەتلىك تەبىئىي باغچا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىسى ھېسابلىنىدۇ.  بۇ باغچا كالىفورنىيە شتاتىنىڭ شەرقىي-شىمالىي تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، ھەر يىلى پۈتۈن دۇنيادىن بۇ يەرنى كۆرۈش ئۈچۈن 3.4 مىليوندىن 4.1 مىليونغىچە بولغان ساندىكى كىشىلەر كېلىدۇ .  ھېلىقى ئىككى يىگىت چىققان، ئىنگلىزچە «El Capiton» دەپ ئاتىلىدىغان تاغ مۇشۇ باغچىنىڭ ساياھەت مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇ بىر قاتتىق تاشتىن تۈزۈلگەن ناھايىتىمۇ تىك تاغدۇر.  تاغنىڭ ئۇلار ياماشقان تەرىپى «تاڭ سەھەر تېمى» (Dawn Wall) دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، تاغنىڭ بۇ تەرىپىگە ھازىرغىچە باشقا ئادەملەر يامىشىپ باقمىغان ئىكەن.  بۇ ئىككى يىگىتنىڭ بۇ بىر كىلومېتىر كېلىدىغان مۇساپىنى يامىشىپ تۈگىتىشى ئۈچۈن جەمئى 19 كۈن ۋاقىت كېتىپتۇ.  يەنى ئۇلار ئاشۇ 19 كۈن ئىچىدە كېچىسى ئۆزلىرىنى تاغقا ئېسىپ قويۇپ ئۇخلاپ، كۈندۈزى تاغقا يامىشىپ، ئارىلىقتا بىرەر قېتىممۇ يەر يۈزىگە قايتىپ چۈشمەپتۇ.  ھەمدە تاغقا يامىشىش جەريانىدا ئۆزىنى باغلاپ قويۇپ، ئۆزىنى قوغدايدىغان تانىلارنى باغلايدىغان ھالقىلىق مىقلارنىمۇ تاغقا يامىشىپ ئۆرلەش جەريانىدا تاغقا ئۆزلىرى قېقىپتۇ.  

ھېلىقى ئىككى يىگىتنىڭ دېيىشىچە، ئۆزلىرىنىڭ قىلغىنى بىر «بويسۇندۇرۇش» يولىدىكى تىرىشچانلىق بولماستىن، پەقەتلا ئۆزلىرىنىڭ بىر غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا ئالغان بىر قەدەم ئىكەن.  

جورگىسان تاققا يامىشىشنى 11 ياشقا كىرگەندە باشلىغان ئىكەن.

مەن بۇ خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن، مۇنداق بىر ئىنگلىزچە ئىدىئومنى ئېسىمگە ئالدىم: «Where there is a will there is a way».  ئۇنىڭ مەنىسى مۇنداق: ئەگەر سىز يېتەرلىك دەرىجىدە ئىرادە باغلىسىڭىز، سىز ئۆزىڭىز ئىستىگەن نەرسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇم بىر ئامال تاپالايسىز، سىز ئىستىگەن نەرسە ئىنتايىن قىيىن بولغان ئەھۋالدىمۇ شۇنداق قىلالايسىز.  

بۇ ئىدىئوم بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ «قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە» دېگەن ئىدىئومى ئوخشىشىپ كېتىدىكەن.  

بۇ ئىدىئومدا سۆزلەنگىنى بىر ھەقىقەت بولۇپ، ئۇنى ھازىرغىچە نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئىسپاتلاپ بولغان.  مەن مەنىلىك ياشاشنى، ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئىستەيدىغان بارلىق ئىنى-سىڭىللاردىن يۇقىرىدىكى ئىككى يىگىت، يۇقىرىدىكى تاغ، ۋە مەزكۇر ئىدىئومنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى ئۈمىد قىلىمەن.  بىزنىڭ ھازىر ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان يېڭى ئەۋلادلىرىمىز ئىچىدىن بۇ ئىدىئومنى ئىسپاتلايدىغانلار ھەسسىلەپ كۆپىيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

تۆۋەندىكىسى يۇقىرىدىكى ئىككى يىگىتنىڭ تاغقا يامىشىش جەريانىدىكى بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر (ئۇلار تۆۋەندىكى 1-مەنبەدىن ئېلىندى).

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

Summiting Yosémité's Dawn Wall, Climbers Make History
http://news.nationalgeographic.com/news/2015/01/150114-climbing-yosémité-caldwell-jorgeson-capitan/

A Guide to Yosémité National Park
http://jrabold.net/yosémité/faqs.htm

where there's a will there's a way



1-رەسىم: قىزىل سىزىق ئىككى يىگىت يامىشىپ ماڭغان يولنى كۆرسىتىدۇ.


2-رەسىم: بىر يىگىتنىڭ تاققا يامىشىۋاتقان كۆرۈنىشى


3-رەسىم: ئىككى يىگىت كېچىنى مانا مۇشۇنداق ئۆتكۈزگەن


4-رەسىم:  تاققا يامىشىۋاتقان يەنە بىر كۆرىنىش


5-رەسىم: ئىككى يىگىت يېرىلىپ كەتكەن بارماقلارنى يېلىملىك لاتا ۋە يېلىم بىلەن يەملەپ قويۇپ، تاققا چىقىشنى داۋاملاشتۇرغان


6-رەسىم: بەزىدە كېچىسىمۇ تاغقا ياماشقان


7-رەسىم: غەلىبىنى تەبرىكلەش



8-رەسىم: يوسېمىتې تەبىئىي باغچىسى ئايالىم بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان جايلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ يەرگە بىز كۆپ قېتىم بارغان.  باغچىنىڭ ئىچىدىكى بەزى جايلار بىر خۇددى سىزىپ قويغان رەسىمگىلا ئوخشايدۇ.  بىز بۇ باغچىغا ئاخىرقى قېتىم 2014-يىلى 7-ئايدا بارغان بولۇپ، بۇ رەسىم ئەنە شۇ چاغدا تارتىلغان.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 10:14:56

راستىنلا غەيرەتلىك يېگىتلەر ئىكەن!
Yosemite National Park نى ياخونىڭ رەسىم ئامبىرىدىن ئىزدەپ كۆرۈپ باقساق ھەقىقەتەن گۈزەل باغچا ئىكەن ئۇ.

rock يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 10:55:58

بىر غەلىتە سوئالىم بار، بۇلا چۈشكەندە قانداق چۈشىدۇ؟ تىكئۇچار چۈشۈرۈپ قويامدىكەن يا، ياماشقان يولى بىلەن قايتا چۈشەمدۇ؟
ئاندىن يەنە بىرسىگە، بۇر رەسىملەنى كىم تارتقان؟ يەنە بىر ئادەم بىللە ياماشقانمۇ؟

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 10:58:02

ھەقىقەتەن قىينلىق دەرىجىسى يۇقىرى بىر ئىشكەن. كۈچلۈك ھەۋەس بولمىسا ، تەس ئىش بۇ

yasir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 11:51:06

ھەققەتەن ئۈلگە قىلىشقا تىگىشلىك ياشلار ئىكەن .
شىڭشىسەي خۇجا نىياز ھاجىمنى قورشاۋغا ئېلىۋېلىپ، بىر تەرەپ قىلىشنى ئەتىسى ئەتتىگەنگە  قالدۇرغاندا ھاجىم ئەسكەرلەرنى ئېلىپ «قېچىش مۇمكىن ئەمەس »دەپ شىڭشىسەي قەتئى  ئىشەنگەن تاغنىڭ تىك قىيالىرىدىن ئېشىپ  قۇتۇلۇپ چىققان يىگىتلەر يادىمغا يەتتى .

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 12:40:59

rock يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 10:55 static/image/common/back.gif
بىر غەلىتە سوئالىم بار، بۇلا چۈشكەندە قانداق چۈشىدۇ؟ ت ...

تاغنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىن بۇ تاغ چوققىسىغا ماشىنا چىقالايدىغان بولۇپ، بۇ 2 يىگىت چوققىغا يېتىپ بارغاندا 40 تەك تۇغقان-دوستلىرى ۋە مۇخبىرلار ئۇلارنى ساقلاپ تۇرغان.

ھازىر يىراقتىن باشقۇرىلىدىغان رەسىم ئاپاراتلىرى بىر ئادەتتىكى نەرسە بولۇپ، مېنىڭ رەسىم ئاپاراتىممۇ شۇنداق ئاپارات.  مېنىڭچە ئۇ 2 يىگىت تەڭلا رەسىمنىڭ ئىچىگە كىرگەن رەسىمنى ئاشۇنداق ئاپارات بىلەن تارتقان.

nijat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 13:43:14

ئىرادىلىك ياشلاركەن ئاپىرىن. ئاۋۇ تاغ راستىنلا بەك تىككەن ، يامىشىشى قېيىنلىق دەرىجىسى ئۈستۈنكەن.
ئامېرىكا دۆلەتلىك باغچىسى توغرىلىق بىر ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرگەن، پرىزىدىنت روزۋىلىت دۆلەتلىك باغچا قۇرۇشقا بەك كۈچ چىقىرىپتىكەن.
بىلمخۇمار ئاكا قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى  چىقىرىپ بىزگە  ھەقىقىي ئوزۇق  بولىدىغان نەپ بېرىدىغان  مۇشۇنداق ئېسىل تىمىلار بىلەن ئۇچراشتۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەخمەت، ئېسىل تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي. تېىنڭىز سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك ، ئىشلرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغاي.

Estami يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 14:03:35

بارىكاللا بۇ يىگىتلەرگە . 19 كۈن .

asalam يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 14:28:43

rock يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 10:55 static/image/common/back.gif
بىر غەلىتە سوئالىم بار، بۇلا چۈشكەندە قانداق چۈشىدۇ؟ ت ...

ئادىل ھوشۇرمۇ سىمدىن ئۆتەپبولۇپ يەنە سىمنى بويلاپ كەينىگە قايتمايدىغۇ :lol

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 18:53:31

ھەۋەس قىلۋاتىمەن ئۇلارغا :lol:lol

acid يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 19:03:47

rock يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 10:55 static/image/common/back.gif
بىر غەلىتە سوئالىم بار، بۇلا چۈشكەندە قانداق چۈشىدۇ؟ ت ...

GoPro دىگەندەك ئاپراتلاردا تارتىلغانمىكىن.بۇنداق ئىشلاردا GoPro كەم بولسا بولمايدىغان جابدۇقنىڭ بىرى.

Aqsu يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 23:06:38

yasir يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 11:51 static/image/common/back.gif
ھەققەتەن ئۈلگە قىلىشقا تىگىشلىك ياشلار ئىكەن .
شىڭشىسە ...

مەنمۇ سىزگە ئوخشاش ھېسياتتا بولدۇم:)

xXx يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 04:52:25

نىيەت بار يەردە، ئامالمۇ بار
بىزدە ‹‹ نىيەت ھەممىدىن ئەلا !!! ››  دەيدىغان گەپ بۇلىدىغان  بۇ بالىلار نىيىتىگە يارىشا مەخسىدىگە يىتىپتۇ .
ھەر ئىشتا تەۋرەنمەس بىر نىيەت بىلەن قۇشۇلۇپ ھەركەتلام بۇلىدىكەن قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يۆقكەن جاھاندا .
بىلمخۇمار ئەپەندىمنىڭ بىزنى قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئەتكەنلىكىگە تەشەككۇر

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 06:29:07

تۇلۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمىزدا تۆتىمىز تاغقا چىقىمىز دەپ مەسلەتلىشىپ، ئەتىسى ئىككى موتودا تاغقا ماڭدۇق. بۇ تاغ بەك ئېسىل يەر ئوخشايدۇ دەپ خوشاللىقتا مېڭۋېرىپتىمىز ماڭساق -ماڭساق تۈگىمەيدۇ بۇ تاغ، تاغنىڭ كەينىدە يەنە تاغ. شۇنىڭ بىلەن پىيادە تاغنىڭ ئۈستىگە چىقماقچى بولۇپ، تاغقا چىقتۇق ، تاغدىن چۈشكىچە ئايىغىمنىڭ پاشنىسى چۈشۈپ قالدى ھەم پۇتۇمنىڭ  تاپنىمۇ قاناپ كەتتى. ئاخىرى سالپىيىپ ئۆيگە قايتىپ كەلدۇق. ئۆيگە كەلسەم ئاتام قاپاقنى تۈرۈپ تۇرۇپتۇ ، سەن گۇي مۇشتامچىلىك تۇرۇپ موتو مىنىپ تاغقا چىققۇدەك بولدۇڭمۇ؟ تۆنۈگۈن ئەپ بەرگەن ئاياغنىمۇ يىرتىپ بوپسەن،موتونىڭ مېيىمۇ تۈگىدى ھەقاچان دەپ تاس-تۇس قىلىپ قالدى شاپىلاق بىلەن بېشىمىغا بىرنى قويدى . ماڭقامنى ئېقىتىپ يىغلاپ تۇرسام ئاپام كېلىپ ،سەندىن ئەنسىرەيكەنمىز بالام دەپ تەسەللى بېرىپ ، يەنە مىنى ئۇرغىلى كەلگەن ئاتامنى ئاران تەستە توسىۋالدى. بولمىسا خېلى تاياق يەيتتىم. : :lol:lol

ئاشۇ ۋاقتىسى 10 كويلۇق مايدا 90 كېلومېتىدەك يول مېپڭتىكەنمىز ،موتونىڭ ماركىسى تيەنخوڭ خونداتى.........{:92:}

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 06:37:24

  مۇشۇ موتو شۇ.:lol

amirdinov يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 11:17:21

رەھمەت   .    ياخشى تېمىلىرىزگە ئىنتىزاربىز   

Typography يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 13:18:33

ئالمىنىڭ يېڭى سېستىمىسى چىققاندا مۇشۇ يەرنىڭ ئىسمىنى قويۇپتىكەن نەشىرىنى كۆتۈرگەندە شۇ ۋاقىتتا تونۇغانتىم بۇ يەرنى. بەك گۈزەل يەر ئىكەن.  

bariber يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 14:09:15

ئەجرىڭىزگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.

oyghunush يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 15:53:50

راسىت دەيسىز، ئىرادە بولسىلا ئارزۇ- ئارمانلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدىكەن. مەن ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن يەنە بىر ئىلھام ئالدىم....

Sewirchan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 16:14:27

      مۇشۇنداق پولاتتەك ئىرادىنى چېنىقتۇرىدىغان ئىشلارنى بىزمۇ بالىلىرىمىزغا ئىمكان بار ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرەلىسەك - ھە...
بەت: [1] 2
: بىلىمخۇمار: نىيەت بار يەردە، ئامالمۇ بار