ئوقۇش پىلانلانغان كىتاپلىرىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا komsha تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-19 00:40بەزى ھەۋەسكارلار ئېلخەت، ئۈندىدار، سىكايپ، ياكى ئىنكاس مۇنبەرلىرى ئارقىلىق مېنىڭ نېمىلەرگە قىزىقىدىغانلىقىم، قانداق كىتاپلارنى كۆپ ئوقۇيدۇغانلىقىمنى قىزىقىپ سورۇشۇدۇ. مەن بۇ يەردە بىر توربەتتىن سېتىۋېلىش ئۈچۈن تاللىغان كىتاپلىرىمنىڭ تىزىمىنى يوللۇدۇم. ئېنگىلىزچە بىلىدىغانلارنىڭ كۆپ ئەمەسلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئېنگىلىزچە كىتاپلارنى قوشمۇدۇم، ئۆزەممۇ بەك بىلىپ يېرىۋەتمەيمەن، بەك ئاستا ئوقۇيمەن، چۈشۈنۈشۈممۇ يېتەرلىك ئەمەس. ئەگەر بۇلار ئېنگىلىزچە بولغاندا، بۇنچە كىتاپنى بەلكىم ئەڭ ئاز 50 يىلدا ئوقۇسام كېرەك. ئۇيغۇرچىدىكى كىتاپلارنىڭ ئەھۋالى ھەممىڭلارغا مەلۇملۇق، شۇڭا، بىر ئاز تونۇشلۇقراق بولسۇن دەپ تۈركچە كىتاپلارنى يوللۇدۇم:
300'ler Komitesi
John Coleman
Anlatının Söylemi
Gerard Genette
Başlangıçlar - Niyet ve Yöntem
Edward W. Said
Big Boss
Mustafa Hoş
Bir Karakter Yaratmak
Konstantin Stanislavski
Cennetin Doğusu
John Steinbeck
Çağlar Boyunca Devrimler - İhtilaller ve Siyonizm
Ziya Uygur
Doris Lessing'i Yeniden Okumak
Claire Sprague
Dostoyevski - Yeraltı İnsanı
Rene Girard
Dünya İmparatorluğu
Geo. W Armstrong
Edebiyat Kavramı
Tzvetan Todorov
Edebiyat Olayı
Terry Eagleton
Edebiyat Teorisi
Austin Warren, Rene Wellek
Edebiyat ve Felaket
Marc Nichanian
Edebiyatta Estetik
Massimo Fusillo
Edward Said İle Konuşmaya Devam
Homi Bhabha
Eleştiri ve İdeoloji
Terry Eagleton
Eleştiri ve İnanç
Paul Ricoeur
Eleştirinin Eleştirisi
Tzvetan Todorov
Fareler ve İnsanlar
John Steinbeck
Goethe ve Çağı
Georg Lukacs
Ion - Şiir Üzerine
Platon (Eflatun)
Kendi Hayatının Şiirini Yazanlar
Stefan Zweig
Kötülük Üzerine Deneme
Terry Eagleton
Kuramlar ve Kuramcılar
Louise A. Hitchcock
Kurgu Hedef Tahtasında- Edebiyatın Savunusu
Gregory Jusdanis
Lambda
Aristoteles
Marksizm ve Edebiyat Eleştirisi
Terry Eagleton
Mekanın Poetikası
Gaston Bachelard
Modern İngiliz Romanında Mikhail Bakhtin
Cumhur Yılmaz Madran
Nikolay Gogol
Vladimir Nabokov
Nil' den Fırat' a Devlet Oyunları
Erdal Sarızeybek
Nobel, Orhan Pamuk ve Yazarlığı
Adnan Acar
Oscar Nasıl Wilde Oldu
Elliot Engel
Psikanaliz ve Hikaye Anlatıcılığı
Peter Brooks
Raymond Roussel: Ölüm ve Labirent
Michel Foucault
Rothschild Hanedanlığı
John Coleman
Rothschild Para İmparatorluğu
George Armstrong
Sanat Nedir ?
Lev Nikolayeviç Tolstoy
Sanatta ve Edebiyatta Eleştiri
Walter Benjamin
Shakespeare Ve Kültür Birikimi
Stephen Greenblatt
Siyasal Bilinçdışı
Fredric Jameson
Şiir Nasıl Okunur
Terry Eagleton
Tereddüt Üzerine
Joseph Vogl
Tragedyanın Ölümü
George Steiner
Türk Evini Hayal Etmek
Carel Bertram
Uluslararası İlişkiler
Michael G. Roskin, Nicholas Berry
Üç Büyük Usta
Stefan Zweig
William Faulkner'la Konuşmalar
M. Thomas İnge
Yaratıcı Yazının Sırları
Roland Fishman
Yazarın Kuramı - Eserimi Nasıl Yazdım?
İshak Reyna
Zaman Piramitleri
Remo Bodei
Başkaldıran İnsan
Albert Camus
Beyaz Geceler - Uysal Kız
Fyodor Mihailoviç Dostoyevski
Bilgeliğin Yedi Sütunu 2-Akabe'ye Yolculuk
Bilal Çölgeçen
Budala - Nietzche ve Dostoyevski Karşı Karşıya
Ziya Meral
Bush ve Evanjelizmin Mesih Planı
Nuh Gönültaş
Büyülü Dağ (2 Cilt Takım)
Thomas Mann
Casuslar Savaşı
Curt Riess
Casusluk
H. Keith Melton, Robert Wallace
Cinler 1. Cilt
Fyodor Mihailoviç Dostoyevski
Cinler 2. Cilt
Fyodor Mihailoviç Dostoyevski
Çavdar Tarlasında Çocuklar
J. D. Salinger
Çeteler ve Gangsterler
Ernest Volkman
Çocuklarla Beraber
Orhan Okay
Delikanlı Cilt: 1
Fyodor Mihailoviç Dostoyevski
Delikanlı Cilt: 2
Fyodor Mihailoviç Dostoyevski
Dostoyevski
Henri Troyat
Dostoyevski
Nikolay Aleksandroviç
Adam
Dostoyevski
Edward H. Carr
Dostoyevski Poetikasının Sorunları
Mihail Bahtin
Dört Talmud Okuması
Emmanuel Levinas
Dünyanın En Büyük İstihbarat Örgütü CIA
Ali Kuzu
Ecinniler Cilt: 1
Fyodor Mihailoviç Dostoyevski
Ecinniler Cilt: 2
Fyodor Mihailoviç Dostoyevski
Ev Sahibesi
Fyodor Mihailoviç Dostoyevski
Ev Sahibesi - Hasan Ali Yücel Klasikleri
Fyodor Mihailoviç Dostoyevski
Ezilenler
Fyodor Mihailoviç Dostoyevski
Garbiyatçılık
Avishai Margalit, Ian Bruma
Gizli Dünya İmparatorluğu-Dünyayı Yöneten Gizli Güçler
Jim Marrs
Gizli Örgütler Larousse
Jean François Signier
Görülmeyen El
Kont Cherep Spiridovich
Kabala
Ahmet Akıncı
Kırk İki İstihbarat Örgütünün Yirmi Beş Sene Aradığı Bir Hizbullah Komutanının Sırları - İmad Muğniy
Kolektif
Kobra 2 - Irak İşgalinin Perde Arkası
Michael R. Gordon
Komisar
Martyn Burko
Küreselleşme ve İmparatorluk
James Petras
Mafya
Tomas Lappalainen
Masonların 101 Sırrı - Dünyanın En Gizemli Topluluğunun Arkasındaki Gerçekler
Barb Karg, John K. Young
Netoçka Nezvanova
Fyodor Mihailoviç Dostoyevski
Opus Dei-Katolik Kilisesinin İçindeki Güç ve Gizemler
John L. Allen
Ölüler Evinden Anılar
Fyodor Mihailoviç Dostoyevski
Öyküler
Fyodor Mihailoviç Dostoyevski
Paranın Yükselişi - Dünyanın Finansal Tarihi
Niall Ferguson
Piyanist
Elfriede Jelinek
Psikolojik Savaşın Türkçesi
Adrien G. Clazze
Puşkin Konuşması
Fyodor Mihailoviç Dostoyevski
Savaş Hileleri 1
Harro von Senger
Savaş Hileleri 2
Harro von Senger
Savaş Hileleri 3
Harro von Senger
Sırlar Evreni-ABD Ulusal Güvenlik Dairesi'nin Dinleme ve İstihbarat Ağı
James Bamford
Şato
Franz Kafka
Şipşak Dostoyevski
Klaus Städtke
Talmud Nedir?
Aaron Parry
Tapınak Şövalyelerinin Yargılanışı
Malcolm Barber
Tarihte ve Günümüzde Gizli Örgütler
Le Forestier
Tarihteki en Şeytan Gizli Örgütler
Shelley Klein
Tatsız Bir Olay
Fyodor Mihailoviç Dostoyevski
Tramvay
Claude Simon
Türk Casusu İngiliz Kemal İsrail Macerası
Ali Kemal Meram, Esat Tomruk
Türk Casusu İngiliz Kemal-Milli Mücadelede
Recai Sanay
Varlık ve Hiçlik
Jean-Paul Sartre
Yabancı
Albert Camus
Yahudi Enternasyonali
Henry Ford
بۇ كىتاپلار ئاساسەن ئۈچ تۈردە بولۇپ، ئەدەبىيات، سىياسىي، ئىستىخبارات.
يۇقىرىدىكى كىتابلارنىڭ ئىچىدە مەن سېتىۋېلىش پىلانىمغا كىرگۈزگەن كىتابتىن بىرسىلا باركەن: توماس ماننىڭ «سېھىرلىك تاغ». ئاندىن ئادنان ئاجار دېگەن ئادەمنىڭ «نوبېل مۇكاپاتى، ئورخان پامۇك ۋە ئۇنىڭ يازغۇچىلىقى» دېگەن كىتابىغىمۇ قىزىقىپ قالدىم. رەھمەت .. ئەگەر بۇكىتاپلارنى سېتىۋالماقچى بولساق نەدىن سېتىۋالارمىز ؟
مەن ئىستىخبارات ... رازۋىتكا كىتاپلىرىنى سېتىۋالماقچى ئىدىم ماۋۇ تىما ماڭا ئامدانلا ئىلھام بولدى. ئىنگىلىزچە كىتاپ كۆرەلىگۈدەك سەۋىيە بولمىغاچقا بەكلا ئىچىم پۇشاتتى. دىمەك خەلقئارادىكى داڭلىق نوپۇزلۇق يىڭى چىقىۋاتقان كىتاپلار تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ تۇرىدۇ شۇنداقمۇ؟ تۈرۈكچەممۇ ئانچە ياخشى ئەمەس لىكىن كىتاپ كۆرگەچ ئۈگۈنۈپ قويسام 6ئايدا ۋەتىۋەرىگىنى چىقىرىۋەتكۈدەكمەن. ئەمىسە باشلاپ كەتتۇق. كىتاپلارنى قەيەردىن سىتىۋالىمىز؟ كىتابلارنىڭ ئىسىملىرىنى تەرجىمە قىلىپ قويسىڭىز بۇ تىللارنى بىلمىگەن قېرىنداشلار ھېچ بولمىسا يازغۇچىىس ۋە كىتاب ئىسمىنى بولسىمۇ ئۆگىنىۋالسا... ئاۋۇ كىتابلارنى شىنجاڭدا تۇرۇپ تور ئارقىلىق سېتىۋىلىش ئىمكانىيىتى بارمۇ؟ بۇرۇن سېتىۋىلىپ باققانلار بۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرسەڭلار! ھەئە ،خەلقئارادىكى داڭلىق ئەسەرلەر ئۇياقتىن يېزىلغۇچە بۇ ياقتىن تەرجىمە قىلىنىپ تۇرىدىكەن. (خەنزۇچىدىن باشقا :) )خىلمۇخىل نەشرىياتلار ئوخشاش كىتابنى ئوخشىمايدىغان تەرجىمانلارغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ رىقابەت تۈسى ھاسىل قىلسا ئوقۇرمەنلەرگە تاللاپ ئوقۇش ئىمكانىيىتى سۇنىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرچىغا يېقىن بولغاچقا ئوقۇۋېتىپ قىسمەن ئۆز تىلىمىزدا ئوقۇغاندەك بولۇش ئىمكانىيىتىمىز بولىدىكەن، بولۇپمۇ مەندەك ئېنگلىزچە ئەسەرلەر ئوچۇق دېسەم ئېنگلىزچە شېئىرلاردىن پەقەت زوق ئالالمايدىغان ئادەملەرگە تۈركچە تەرجىمىسى بەك خوشياقىدىكەن.
بۇ ئېنگلىزچە ئاكادېمىك نەرسىلەرنى ئۈگىنىشكە بەك باب كېلىدىغان بىر تىل ئىشقىلىپ.تۈركچەدەبىيات -سەنئەتكە . ئاكادېمىك تۈرك چە دۇنيادا يىگانە باشقىچە بىرچەتئەل تىلىمىكىن،،،:L ، شالغۇتلىشىش زىيادە ئېغىر. شۇڭا بىرلا خىل چەتئەل تىلى بىلىپ دۇنياۋى ئەسەرلەرنى ئوقۇيمەن دېگەنلەرگە تۈركچىنى تەۋسىيە قىلىمەن.:)
تۈركىيىنىڭ كۆپ قىسىملىق كىنولىرىنى تولا كۆرۈپ تۈركچىنى خېلى چۈشىنىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم. شۇڭا بەزى ماۋزۇلارنى سەل-پەل چۈشىنەلىدىم. ئېسىل كىتاپلاركەن... مەن ئالدى بىلەن «خولىرا يىللىرىدىكى مۇھەببەت»نى بىر ئوقۇۋالسام بولىتى... مەن پەقەت ئۇيغۇر تىلىدا يىزىلغان كىتاپلارنى ئوقۇيالايدىكەنمەن . :'( بۇ يازمىنى ئاخىرىدا charwichi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-19 19:54
altunchi يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 15:11 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ كىتابلارنى شىنجاڭدا تۇرۇپ تور ئارقىلىق سېتىۋىلىش ...
http://www.nadirkitap.com
مەن مۇشۇ تور بېكەتتىن بىر نەچچە كىتاپ ئېلىپ باققان، سىزدە visa,mastercard قاتارلىق خەلقئارا پۇل پېرىۋوتىنى قوللايدىغان كىرىدىت كارتىلار بولسا بولىدۇ.
ياكى تاۋباۋ غا كىرىپ، باشقىلارنىڭ ھەقلىق ياردىمى بىلەن، paypal ھېسابات نومېرىڭىزغا خەلق پۇلىنى دوللارغا ئالماشتۇرۇپ پۇل تۆلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ئەڭ ياخشى ئۇسۇل تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق قېرىنداشلاردىن ياردەم سوراپ، ۋەتەنگە قايتىدىغانلار ئېلىپ كەلسە ئەرزان بولىدۇ، بولمىسا بىر مۇنچە پوچتا ھەققى تۆلەيدىغان گەپ.
ئاۋۇ تور بېكەتتىن سېتىۋالسىڭىز، بېيجىڭ تاموژنىسىدىن ئۆتۈپ، 15-20 كۈندە ئۆرۈمچىگە كېلىدۇ. ئەلۋەتتە، تىز يوللانما سالسا، ۋاقىت ئاز كېتىدۇ، لىكىن پوچتا ھەققى يۇقۇرى بولىدۇ.
كىتاب ئوقۇش ئادەتلىرىمىز ۋە سۈرئىتىمىز ھەققىدە بىردەم پاراڭلاشمامدۇق؟ مېنىڭ ئوقۇش سۈرئىتىم بەك ئاستىدەك تۇيۇلىدۇ ئۆزۈمگە. كىتاب ئوقۇش سۈرئىتىنى ئاشۇرىدىغان ئامال چارىلەر بولسا دېگەچ تۇرساڭلار. بۇرۇن تېز ئوقۇش دەپ بىر مەشىق بارتى دەرسلىكىمىزدە. بىر پارچە ماقالە بېرىلەتتى، بەلگۈلەنگەن ۋاقىتتا ئوقۇپ چۈشىنىپ ئاستىدىكى مەشىقنى ئىشلەپ بولۇشىمىز كېرەكتى. مەن بەك جىددىيلىشىپ كېتەتتىم. بۇ جىددىيلىشىش ھازىرغىچە ھەمرا ماڭا. ئاندىن كىتاب ئوقۇۋېتىپ شاخلاپ كېتىدىغان بىر ئىشىم بار. مەسىلەن بىر روماننى ياكى ماقالىنى ئوقۇۋاتقىنىمدا بىرەر كىتابنىڭ ئىسمى ئۇچراپ قالسا قولۇمدىكى كىتابنى تاشلاپ شۇنى ئىزدەپ كېتىمەن. ئۇ يېڭى كىتابنى ئوقۇۋېتىپ ئوخشاش شەكىلدە يەنە بىر كىتاب ياكى بىر ماقالىگە ياكى بىر شېئىرغا...بىر چاغدا ئەسلىدە ئوقۇۋاتقان كىتاب ئېسىمگە كېلىپ ئۇ كىتابقا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىش قىلىپ قويغاندەك بىئاراملىق ئىچىدە زورلاپ ئۇنى قايتىدىن قولغا ئالىمەن...دېگەندەك.
كىتابنى باش رەسىمىمدىكى ئورخان پامۇكتەك راھەت ئولتۇرۇپ ئوقۇپ باقسام دەپ كېتىمەن، لېكىن ئوخشاش راھەتلىكتىكى شارائىتنى ھازىرلىساممۇ بەرىبىر، يەنىلا يېتىپ ئوقۇشقا ئۆتۈۋالىمەن، بەش ئون بەت ئوقۇغاندىن كېيىن ئۇيقۇ باسىدۇ، ئۇيقۇغا رەسمىي كىرىپ كېتىش پەيتىدىكى خىيالىي مەنزىرىلەر...كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇپ ياتساممۇ كۆرۈنىدىغان ۋە توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان رەڭ چەمبەرلىرى، كۆزنى يۇمغاندا كۆزگە كۆرۈنىدىغان خىيالى نەرسىلەر، ئاغزىمنى يۇمسام ئاڭلىنىدىغان ئاۋازلار...ئاندىن تەلىيىم كېلىپ بەزى بەزىدە كۆرۈپ قالىدىغان ئاجايىپ پەيزى چۈشلەر... دېگەندەك
چايخانا ياكى قەھۋەخانىلاردا كىتاب ئوقۇسام ئاجايىپ ھۇزۇرلىنىپ كېتىمەن، لېكىن داۋاملىق بېرىپ بولغىلى بولمايدۇ ئۇنداق يەرلەرگە. ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇس ياكى پويىزلاردىمۇ ئوبدان ئاۋۇيدۇ، شۇڭا بەزىدە بىرەر ئىككى ئايلىق پويىز سەپىرىگە چىقىپ باققۇم كېلىدۇ مەخسۇس كىتاب ئوقۇش ئۈچۈن(بۇ ئەلۋەتتە خام خىيال:lol)، ئىشلار تازا ئالدىراش چاغلاردا تۇتۇپ كېتىدۇ كىتاب ئوقۇش خۇمارىم. بىر قولنى ئىككى قىلالمايۋاتقان چاغلاردا بولۇپمۇ. قىلىدىغان ئىش يوق، تازا بىكار قالغان چاغلاردا دەل بۇنىڭ ئەكسىچە. شۇڭا ئويلاپ قالىمەن، كىتاب ئوقۇش ئادىتىم تازا ئەركە ئۈگىتىپ قويۇلغان بالىغا ئوخشايدىكەن...ئوبدان بىر ئادەت يېتىلدۈرەي دېسەم، يېتىلىپ بولغان ئادەتنى ئۆزگەرتىش تەس كېلىدىكەن، سىلەر قانداق ئوقۇۋاتىسىلەر؟ سۈرئەت ۋە ئۈنۈم قانداقراق؟ charwichi يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 19:49 static/image/common/back.gif
http://www.nadirkitap.com
مەن مۇشۇ تور بېكەتتىن بىر نەچچە كىتاپ ئ ...
رەھمەت سىزگە!
ئاۋۇ ئادرېستىن كىتاب سېتىۋالغاندا ئادرىسنى تۈركچە يازىمىزمۇ ياكى خەنچىمۇ ۋەياكى ئېنگىلىزچىمۇ؟ charwichi يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 19:49 static/image/common/back.gif
http://www.nadirkitap.com
مەن مۇشۇ تور بېكەتتىن بىر نەچچە كىتاپ ئ ...
200 بەت ئەتراپىدىكى كىتابتىن بەش پارچە سېتىۋالساق قانچىلىك پوچتا ھەققى تۆلەرمىز سىزچە ؟ باشلاپ قويۇپ ئاخىرىنى تۈگەتمىگەن كىتابتىن نەچچىسى بار، مەسىلەن «بوۋارى خانىم»نى 150 بەتتەك ئوقۇپ قويغان پېتى تۇرۇپتۇ. ئىنجىل ئوقۇشنى خەتمە قىلىش، پوپنى خاتىپ دەپ ئېلىشلار ئوخشىغان تاماققا چىۋىن چۈشۈپ قالغاندەك كۆڭلۈمنى غەش قىلىپ تۇرسىمۇ، ئوخشىغان تاماقنىڭ مەززىلىك ھېدى يەنىلا نەپسىمنى تاقىلدىتىپ ئۇ چىۋىنلەرنى ئېلىۋېتىپ داۋام قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەنىدى. گەرچە «ئافىي» دېگەندەك خەنچە گەپلەرنىڭ خاتىرجەم ئىشلىتىشلىرى كەيپىياتىمنى بۇزۇپ تۇرسىمۇ، روماننىڭ ئېسىللىكى يەنىلا ھېس قىلىنىپ تۇراتتى. بوۋارى خانىمنىڭ توي قىلىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۆزىنىڭ بەختسىزلىكىنى ھېس قىلىشقا باشلىغان يەرلىرىدىن باشلاپ كەيپىياتىم يامان ناچارلاپ كېتىشكە باشلىدى، ھاۋا يېتىشمەيدىغان بىر يەردە تۇرۇپ قالغاندەك قىينىلىشقا باشلىدىم. 1856- يىلى تاماملانغان بۇ روماننى كىشىلەرنىڭ بىكارغا ماختاشمىغانلىقى، شۇ يىللاردىلا يارىتىلىپ بولۇنغان بەدىئىي پەللە، ئاندىن شۇنداق بىر كاتتا روماننىڭ تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىنىپ كەلگەندىكى ئەھۋالى...كەيپىياتىم روماننى داۋاملىق ئوقۇيالمىغۇدەك دەرىجىدە ئوساللاشتى... 150 بەتتەك ئوقۇش جەريانىدا ئىچىمنى ئەڭ بۇشۇرغان ئىش: ئانا تىلىمدا ئوقۇۋېتىپمۇ خۇددى چەتئەل تىلىدا ئوقۇغانغا ئوخشاش ھەر بەتتە بىرمۇنچە مەنىسىنى ئېنىق بىلەلمىگەن سۆزلەرنىڭ ئۇچراپ تۇرۇشى بولدى. چەتئەل تىلىدا ئوقۇغاندىنمۇ بەتتەررەك يېرى، مەنىسىنى بىلەلمىگەن ئۇ سۆزلەرنى مەنىسىنى مەن نەدىن، قايسى لۇغەتتىن تېپىشىم كېرەك؟
...ھەمىشە شىپورىدىن ئاۋاز چىقىرىپ تۇراتتى.
...چار بازارچى بىدىكىگە ئوخشايتتى.
...فار فور تۇرۇپكىدا تاماكا چېكەتتى.
...ئۇ خاپىلىقتا سانائەت قۇرغان ئىدى.
... كېيىن سەھراغا كېتىپ يەردىن نەپ ئالماقچى بولدى.
... ئۇنىڭ مىجەزى ئۆزگىرىپ تېرىككەك، ۋىدىۋىسىل، چېچىلغاق بولۇپ قالدى.
...ۋېكىسىللەرنىڭ قەرەلى توشقانلىقى ئېسىگە چۈشسە....
... سىپارتاك ئۇسۇلى بويىچە قاتتىق باشلايتتى.
...چېركاۋنىڭ خاتىۋىغا ئاپىرىپ بەردى.
...ئۈچ پارچە خېمىر زۇۋۇلىسى بىلەن خەتنىڭ ئاغزىنى چاپلايتتى.
... ئۇنىڭدا ئاناتومىيە، پاتالوگىيە، بىئولوگىيە، پارماكولوگىيە، خىمىيە، بوتانىكا، دئاگنوستىكا، تىراپىيە بار ئىدى.
...نىمە تارتقانلىقىنى بىلمەيدىغان تۈگمەن ئېتىغا ئوخشاپلا قالاتتى.
...دومنو ئويۇنىنى ياخشى كۆرۈپ قالدى.
...تىرنىقى...ئۈرۈك مېغىزى ياڭزىسىدا :lolئېلىنغان بولۇپ...
...بىر چوڭ خارگې كارۋات بولۇپ...
...ماڭغاندا ياغاچ ئۇلتاڭ ئۇچقاندەك كۆتىرىلەتتى...
...قولىنى ماسىس كىتاۋىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ...
...فانىلا تىۋىتىدىن توقۇلغان پوپايكاڭنى زادىلا كىيمىدىڭغۇ؟
...ئۇنىڭدا بىر خىل نىشانسىز ئۈمىت:funk: پەيدا بولدى...
...گاردىروپنىڭ ئاستىغا تاشلىۋېتىلگەن...
...گەپ يوقكى، ئۇ تويلۇققا ئانچە پىتپاڭزىلىق:lol قىلمايتتى
...سايىۋىنى يوق كونىچە ئېكپاژ، تېرە سايىۋىنى بار يۈك توشۇيدىغان ھارۋا بار ئىدى.
...بەزىلىرى فراك، بەزىلىرى پەلتۇ....كېيىشكەنىدى.
...ئۆزلىرىنىڭ پارىڭىنى سېلىشاتتى، يا بولمىسا بۇقساپ كەتكەندەك بىر يېرىنى پۇتلاپ يۈرەتتى
...ياڭزىسى ھىپپوكراتنىڭ بېشىغا ئوخشايدىغان، بىر تەرىپىگە سوقىچاق زوزا كىيدۈرۈلگەن شامدان بار ئىدى
...ئالتە كاتەكلىك بىر قارىغاي ئېتاژىرىكنى...
...ھويلىنىڭ ئىچىدىكى سارىمسىننىڭ ئاستىدا خەتمە ئوقۇپ تۇرغان خاتىپنىڭ گەج ھەيكىلى بار ئىدى.
aypalta يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 10:18 static/image/common/back.gif
يۇقىرىدىكى كىتابلارنىڭ ئىچىدە مەن سېتىۋېلىش پىلانىمغ ...
سىزنىڭ تۈركچىڭىز مېنىڭكىدىن ياخشىراقتەك تۇرۇدۇ، مېنىڭچە بۇ تىزىملىكتىن تېخىمۇ كۆپ كىتاپ تاللاڭ، تېز ئوقۇيالايسىز، ھەتتا بەزىلىرىنى تەرجىمە قىلىپ قويۇڭ، ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن. ۋاي قانداقمۇ چىداپ ئوقۇغانسىز مۇنۇ شەرەپسىز تەرجىمە جۈملىلەردىن 150بەتنى… تەرجىمە مۇشۇنداقلا بولسا راس گەپ قىلسام 15 بەتنىمۇ تۈگىتىشكە تاقىتىم يەتمىگۈدەك. calisiyorum يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 11:32 static/image/common/back.gif
ماۋۇ تىما ماڭا ئامدانلا ئىلھام بولدى. ئىنگىلىزچە كىتا ...
بۇنىڭ پايدىسى بولغىنى مېنى سۆيۈندۈردى. توغرا دەيسىز، تىل سەۋىيەسىنى كىتاپ ئوقۇش ئارقىلىق مۇستەھكەملىگىلى بولۇدۇ. مېنىڭمۇ تەجرىبەم شۇ. خام سۆز يادلاشتىن ئەمەس، كىتاپ ئوقۇشتىن باشلاش ئادىتىم بار. مەن تۈركچىنى نىھال ئاتسىز (تۈرك مىللەتچىلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ بىلىدىغان يازغۇچىلىرىدىن بىرى، بەلكىم بىرىنچىسى بولۇشىمۇ مۈمكىن، ينە بىرى ئۆمەر سەيپىددىن)نىڭ «كۆك بۆرىلەرنىڭ ئۆلۈمى» ناملىق تىرىلوگىيىسىدىن باشلىغان ئىدىم. بۇ بىر تارىخىي رومان بولۇپ، بىر مىللەتچى تۈركتىن ئەڭ قىزىقارلىق، ۋەقەلىكى جىددىي بىر كىتاپ تەۋسىيە قىلىشنى سورىغان ئىدىم، چۈنكى سۇس كىتاپلار، ئانچە چۈشەنمەيدىغان تىلدا ئوقۇپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان تۈردىن. جىددىي ۋەقەلىك بولسا ئۈگۈنۈش باسقۇچىدا ياخشى دەپ ئويلايتىم. بۇ تارىخي رومان بىزلەرنىڭ ئورخۇن-يېنىسەي ۋادىلىرىدا كۈچلەنگەن دەۋرى ھەققىدە ئىدى.
ئىككىنچى تومى «كۆك بۆرىلەر تىرىلمەكتە»، ئۈچىنچىسى «تەلۋە مۇرات» (بۇنىسى ھازىرقى ئانادولۇ (ئاناتولىيە) تۇپراقلىرىغا كېلىپ بولغان دەۋرلەرنى ھىكايە قىلىدۇ.
تۈركچىگە باشلىغىنىمغا بىر ئاي بولغان بولۇشىغا قارىماي، بۇ تىرىلوگىيەنى تېزلا تۈگەتتىم ۋە چۈشۈنۈپ ئوقۇغان ئىدىم.
كىتاپلارنى www.idefix.com تور بېتىدىن سېتىۋالىسىز. كرېدىت كارتى، پەي پال ھىسابى ئارقىلىق پۇل تۆلىسىڭىز، پوچتىدىن ئەۋەتىدۇ. مەنمۇ ھەر ئايدا يۈز دوللارلىق كىتاپ ئېلىپ تۇرۇمەن. ماڭا 9 كۈندىن 13 كۈنگىچە ئارىلىقتا يېتىپ كېلىدۇ. بۇ توربەتتىن قانداق مىللەتنىڭ قانداق كىتابىنى ئىزدەيمەن دېسىڭىز تېپىلىدۇ. ھەتتا مويەننىڭ ئىككى رومانىنىمۇ بۇ يەردە كۆردۈم.
بەت:
[1]
2