waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 22:32:03

2015-يىللىق CBAچۇلپانلار مۇسابىقىسىدە جەنۇپ كوماندىسى غەلبە قىلدى

ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى 18-يانۋار خەۋىرى؛  2015-يىللىق CBA چولپانلار ھەپتىلىگى چولپانلار مۇسابىقىسى 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچ ئۈرۈمچى ۋاختى 30؛5 دە،  بىيجىڭ دۆلەتلىك تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۇلدى. جەنۇبى رايون  چولپانلار كوماندىسى 142-123 نەتىجە بىلەن  شىمالى رايون چولپانلار كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.
شاڭخەي كوماندىسىدىن كەلگەن جەنۇبى رايون چولپانلار كوماندا ئەزاسى مىكخائىل بىئاسلىي 59 نۇمۇر، 11 قېتىم  گاردىن قايتقان توپ  ئېلىپ، بۇ قېتىملىق چولپانلار ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ MVP يەنى ئەڭ قىممەتلىك ماھىر بولۇپ باھالاندى.
  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىمال رايۇن چولپانلار كوماندىسىدىن سەككىز ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى؛  ئاندىرى بىراچ  25 نۇمۇر، 7 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 4 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛  لى گېن 14 نۇمۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ خاندېرسېن 14 نومۇر،  3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ سۈن يۈ 13 نومۇر،  4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ خېتىيەن جۇ 12 نۇمۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  لى شىياۋشۇ 11 نۇمۇر، 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  خەن دېجى 10 نۇمۇر، 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
   جەنۇبىي رايون چولپانلار كوماندىسىدىن بەش ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى؛  مىكخائىل بىئاسلىي پۈتۇن مەيدان بۇيىچە ئەڭ يۇقۇرى بولغان  59 نۇمۇر، 11 قېتىم  گاردىن قايتقان توپ  ئالدى ھەمدە   5 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ مەيككوم 22 نومۇر، 6 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ يىجەنلىيەن  18 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  ۋاڭ جىلىن 10 نومۇر، 13 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛   گوچۇەن  10 نۇمۇر، 7 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى.  
  چولپانلار ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى ئالدىنقى يىرىم مەيدان ئاخىرلاشقاندىن كىيىن يەككە تۈردىكى مۇسابىقە ئىلىپ بىرىلدى.
   ئۇچ نۇمۇرلۇق تۇپ سىلىش مۇسابىقىسدە جىلىن كوماندىسىنىڭ چەتئەللىك ئەزاسى مادەنلى ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزۈش تۈرىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى.
    ئ‍اساسىي ماھارەت  رىقابەت تۈرىدە  بىيجىڭ كوماندىسىدىن فاڭ شۇ چىمپىيۇن بۇلدى.  
  گارغا توپنى كۆمتۈرۈپ بېسىپ كىرگۈزۈش تۈرىدە   1 -ئاۋغۇسىت كوماندىسىدىن لوكەي ۋىن چىمپىيۇن بۇلدى.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/forum.php

ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 18:42:37

لىيۇۋېي ھېچنىمە قىلالمىدىمۇ؟ قىرانبېكنىڭمۇ گېپى چىقىۋاتاتتى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا، ئۇنىڭغا مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى بېرىلدىمۇ؟
بەت: [1]
: 2015-يىللىق CBAچۇلپانلار مۇسابىقىسىدە جەنۇپ كوماندىسى غەلبە قىلدى