abduzaher يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 21:07:11

(ياردەم)كىتاب تەۋسىيە قىلساڭلار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئىزدىنىش ئەھلى،ھازىرقى ۋاقتىڭلار خەيىرلىك بولسۇن،سىلەردىن ئازراق ياردەم سوراي دىگەن،ھەممەيلەنگە ئايان 2015-يىلى كىتاب ئوقۇش يىلى بولماقچى،مەنمۇ بۇنىڭغا يىقىندىن ئاۋاز قوشماقچى بولۇپ ھازىرغىچە ئاتامان دىگەن كىتابنى ئوقۇپ بولاپتىمەن، ئەمدى پۇل ئۇرۇشى دىگەن كىتابنى ئوقۇماقچى بولۇۋاتىمەن،ئىزدىنىشدىكىلەرنىڭ دەھشەت كىتاب خۇمار ئىكەنلىكىنى بىريىلدىن بىرى ئىزدىنىش مۇنبىرىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا ھىس قىلدىم.
ئەمدى سىلەردىن سورىماقچى بولغۇنۇم،مەن يىقىندىن بىرى بىزنىڭ قىرىندىشىمىز بولغان تاتارلارنىڭ تارىخىغا قىزىقىپ قالدىم،يالقۇن روزىنىڭ بىر قاتار ماقالىلىرى ئارقىلىق ئىسمائىل غاسپىرالى قاتارلىق بىر تۈركۈم يىڭى مائارىپ باشلامچىلىرىنىڭ مىللىتىمىزنىڭ يىڭىچە مائارىپ ئىشلىرىغا تۆھپە قوشقانلىقىنى بىلۋالدىم ،نوشرىۋان يائوشېفنىڭ مىللىتىمىزنىڭ يىقىنقى زاماندىكى ئەھۋاللىرىغا يىقىندىن كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى بىلىۋالدىم،شۇڭا تاتارلارنىڭ تارىخىنى بىر بىلىپ باققىم كەلدىم،سىلەرنىڭ تاتارلارنىڭ تارىخى ،مەدىنىيتى،ئۇچرىغان قىسمەتلىرى توغۇرلۇق يىزىلغان ئەسەرلەر بولسا تەۋسىيە قىلىشىڭلارنى سورايمەن،ئۇيغۇرچە بولسا تىخى ياخشى،خەنزۇچىسى بولسا توردىن ئەكەلدۈرۈپ ئوقۇسام بولىدۇ.
يەنە بىرسى مىللىتىمىزنىڭ 30-يىللاردىكى تارىخى سۆزلەنگەن كىتابلار بولسىمۇ تەۋسىيە قىلساڭلار.
تىما تىلفۇندا يىزىلغاچقا سەل چۇۋالچاق يىزىلىپ قالغاندەك تۇرىدۇ،كۆپچىلىكنىڭ تۈزۈتۈپ ئوقۇشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 10:20:16

قىرىمنى روسلار قوشۇۋالغاندىن كىيىن تاتارلار ھەققىدە ئىزدىنىش مۇنبىرىدە خىلى جىق ماقالىلەر يوللانغان ئىدى. شۇلارنى ئىزدەپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولامدىكى

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 10:48:53

PDFشەكىلدىكى كىتابلار بولسا يوللاپ بىرىڭلا ماڭىمۇ،ئاپيەدتە كىتاپ ئوقاي دىسەم ئېلكىتاب تاپالماي قالدىم.تاپقانلىرىمنى چۇشۇرەلمەي{:99:}

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 11:19:04

مەندە بۇرۇن 1000 پارچىدىن ئارتۇق كىتاپلار بار ئىدى، كومپيۇتېرىمنى  تازلاشتا ھەممىسى يوق بولدى  :shutup:

ھازىر توردا كىتاپ تاپماق ھەقىقەتەن تەسكەن

turkzad يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 11:49:08

www.kitaphumar.comغا كىرسىڭىز ئىسمائىل گاسپىرىنىسكىي دەپ بىر كىتاب باركەن، 100نەچچە بەتلىك، شۇنى كۆرۈپ بېقىڭ.

uyghur810 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 15:12:18

turkzad يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 11:49 static/image/common/back.gif
www.kitaphumar.comغا كىرسىڭىز ئىسمائىل گاسپىرىنىسكىي دەپ بىر ك ...

http://book.menzil.biz/

Truth يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 04:04:12

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Truth تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-20 05:14  

time of history بۇ كىتابنى ئوقۇپ بېقىڭ

ozturk123 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 07:46:27

نەشر قىلىنغىنىغا خېلى بولغان « ئېدىل(ۋولگا) دەرياسى ئۆركەشلىمەكتە» دەپ بىر كىتاپ بولىدىغان( تارىخىي رومان غۇ دەيمەن ) بولغا كىتاپخانىلاردىن ئىزدەشتۈرۈپ بېقىڭ، بەلكىم كونا كىتاپلارنى كۆپرەك تاپقىلى بولىدىغان شەخسى كىتاپخانىلاردىن چىقىپ قېلىشى مۇمكىن .

abduzaher يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 08:34:06

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2015-01-19 10:20:16 static/image/common/back.gif
قىرىمنى روسلار قوشۇۋالغاندىن كىيىن تاتارلار ھەققىدە ئ
رەھمەت ،بىرزاتكا،ھەممىسىنى دىگۈدەك ئىزدەپ تىپىپ ئوقۇپ چىقتىم.

abduzaher يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 08:35:06

turkzad يوللىغان ۋاقتى  2015-01-19 11:49:08 static/image/common/back.gif
www.kitaphumar.comغا كىرسىڭىز ئىسمائىل گاسپىرىنىسكىي دە
چۈشۈرۈۋالدىم،رەھمەت ،بىر ئوقۇپ چىقاي.

abduzaher يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 08:37:09

ozturk123 يوللىغان ۋاقتى  2015-01-20 07:46:27 static/image/common/back.gif
نەشر قىلىنغىنىغا خېلى بولغان « ئېدىل(ۋولگا) دەرياسى ئۆ
ماقۇل ئىزدەپ باقاي،رەھمەت
بەت: [1]
: (ياردەم)كىتاب تەۋسىيە قىلساڭلار