قاتلىغىلى بولىدىغان باتارېيە بارلىققا كەلدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ErqalMedia تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-18 16:33قاتلىغىلى بولىدىغان باتارېيە بارلىققا كەلدى
ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى
ياندا بىر دانە كۆچمە توك مەنبەسى بولسا كىشى خاتىرجەم بولۇپ قالىدۇ، لېكىن خانىم-قىزلارغا نىسبەتەن ھەم چوڭ، ھەم ئېغىر كۆچمە توك مەنبەسى ئانچە ماس كەلمىسە كېرەك. كورېيە Jenax شىركىتى يېقىندا قاتلىغىلى بولىدىغان باتارېيەنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان بولۇپ، يانچۇققا سېلىۋالغىلى، قانداق شەكىلدە قاتلىغۇسى كەلسە شۇنداق قاتلىۋالغىلى بولىدىكەن. بۇ خىل يېڭى ماتېرىيالدا ياسالغان لىتىي باتارېيەنى 10 مىڭدىن ئارتۇق قېتىم قاتلىغىلى بولىدىغان بولۇپ، خالىسىڭىز تۇرنا شەكلىدە قاتلىۋالسىڭىزمۇ بولىدىكەن. 3.5 سانتىمېتىردىن 20 سانتىمېتىرغىچە بولغان دائىرىدە قانداق سوزسىڭىزمۇ، قاتلاپ ئوينىسىڭىزمۇ باتارېيەگە ھېچقانداق زىيان يەتمەيدىكەن.
ئەڭ ھەيران قالارلىقى، بۇ خىل باتارېيەنىڭ سىغىمى mAh2500 بولۇپ، نۆۋەتتە بۇنىڭغا ئوخشىغان ئەگكىلى بولىدىغان باتارېيەلەرنىڭ سىغىمى ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ mAh500 ئىكەن.
مەنبە : ۋېيفېڭ تورى ناۋادا مۇشۇنىڭدىن چاپان كىيىۋالساق يانفوندا توك تۈگەپ قىلىشىدىن ئەنسىرىمىسەكمۇ بولغۇدەك... :lol:lolمۇشۇنداقلا تەرەققى قىلسا ئەتە ئوگۇن تىلفۇنلارنىمۇ پەلەي ئورنىدا كىيۋالساق كۆمپىيوتۇرنى چاپان قىلىپ لازىم بولغاندە يەرگە سەپلا ئويناپ :lol قاتلاپ ئايرۇپلان قېلۋالسا بولغۇدەك :lol
تولۇقلىما مەزمۇن (2015-1-20 12:58):
كىچىك بالىلار ئويناش ئۈچۈن ئايرۇپىلان ياسىۋالسا دىمەكچى. تاختا كومپىيۇتىرلارنىڭ خۇرۇم چاپىنىنىڭ ئىچى ئەستىرىگە ۋە خانىم-قىزلارنىڭ ئاپىي سومكىلىرىنىڭ ئىچى ئەستىرىگە بۇ خىل باتارىيە ئىشلىتىلسە بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوققىلى بولغىدەكتە! قارىغاندا @ablimitt ئەپەندى بۇ باتارىيىنىڭ يېڭىچە قوللىنىشلىرىغا پاتېنت ئېلىۋېلىشنى ئويلىشىپ باقسا بولغىدەك. sahabe يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 13:06 static/image/common/back.gif
تاختا كومپىيۇتىرلارنىڭ خۇرۇم چاپىنىنىڭ ئىچى ئەستىر ...
خەقنىڭ مەھسۇلاتىغا مەن پاتىنىت ئىلتىماس قىلسام بەك يۈچۈن بولمامدۇ...:lol ئېكراننى ئەگكىلى بولدى ، ئەمدى قاتلاشنىڭ چارسنى قىلساق ... نۆۋەت باتاريگە كەپتۇ ... دىمەك ... قاتلايدىغان تىلفۇن رىۋايەت ئەمەس ....
بۇرۇن تىلفۇنىڭىز سىيرتمىلىق مۇ ياكى قاتلىندىغىندىىنمۇ دەپ سورايتۇق ... بىر مەزگىل جىمىپ قالغان ...
بۇدا يەنە سورايمىز ... تىلفۇنىڭىز قاتلىنامدۇ ؟ ... ھە ئە ... نەچچە قاتلىندۇ ؟ .....
بەت:
[1]