ErqalMedia يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 16:23:36

خەلقئارا كىيىم-كېچەك ۋە زىبۇ- زىننەت كۆرگەزمىسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ErqalMedia تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-18 16:34  

23-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا كىيىم-كېچەك ۋە زىبۇ- زىننەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ
ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى



شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئورگان تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتىن مەلۇم بولۇشىچە، 23-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە شاڭخەي خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

ئۇقتۇرۇش مەزمۇنىغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت ۋە كىيىم-كېچەك كارخانىلىرىنى كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىدە كۆرگەزمە ئورنى ھەقسىز بولۇپ، بىر تۇتاش بېزىلىدىكەن.  كۆرگەزمە ئورنىنى بېزەشكە كېتىدىغان چىقىمنى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت ۋە قاتناشقۇچى كارخانا ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، كۆرگەزمە ئاخىرلاشقاندا بېزەشكە كەتكەن چىقىمنىڭ %50 ى ئاپتونوم رايون مالىيىسىدىن تولۇقلاپ بېرىلىدىكەن.

بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا تەشكىللەش خىزمىتىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى شىنجاڭ كىيىم-كېچەك جەمئىيىتىگە ھاۋالە قىلغان بولۇپ، كۆرگەزمىگە قاتناشماقچى بولغان ئورۇنلار 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن بۇرۇن ئۆزى تۇرۇشلۇق ۋىلايەت، ئوبلاست ياكى شەھەرلىك ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتلىرىغا ئىلتىماس سۇنۇشى كېرەك ئىكەن.
مەنبە : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئورگان تورى

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 16:00:40

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rita1028 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-19 16:03  

پۇرسەتكەنتۇق
10.ئاينىڭ 26.27،28 كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن خالىقارالىق كىيىم كېچەك كۆرگەزمىسىدە بىر مۇنچە نەرسىلەرنى ئويلاپ كەتكەنتىم ئانچە خاسلىقى بولمىغان كىچىك كارخانىلارنىڭمۇ قاتناشقىنىنى كۆرۈپ. مىللى كارخانىلارنىڭ خاسلىقى بار ،مىللى خاسلىقنى خەلىقارالىق مودىغا كۆتۈرۈش خەلىقارالىق مودىنىڭ تەلىپىگىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ.
دۇنيانىڭ ھەممە يېردىن كەلگەن داڭلىق لايىھىلىگۈچىلەر ،مودېللار ،كارخانىچىلار توپلىنىدىغان يەردە  پۇرسەت تولۇپ تېشىپ تۇرغان بولىدۇ.
بەت: [1]
: خەلقئارا كىيىم-كېچەك ۋە زىبۇ- زىننەت كۆرگەزمىسى