ئاخىرقى يولۇچى(ئۇمۇن)
كەت(ئۇمۇن)
بىر رومكا ۋوتكىغا ئاۋازىمنى سولاپ قويدۇم...
ئەڭ ئاخىرقى كۈچۈم بىلەن كىتىش ئۈچۈن تەمشىلىۋاتىمەن....
ئاتقاندا تاڭ ،
چۈشلىرىمنى ئازاد قىلدىم...
يىراقلاردىكى ئارچى يوپۇرمىقىدا جۇلالانغان ئۆلۈممىكىن تاڭ!!!
پەقەتلەرگە رايىم يوق،
كىتىۋاتىمەن...
پۇتلىرىمغا قويۇپ بەردىم ئۆزۈمنى.
كەت دىگەن بۇيرۇقلىرىمنى پاشنىلىرىغا تىكىپ قويدۇم.
كۈزدە..
قىزىل يوپۇرماقلار پايخان بولغان كوچىلاردا تەمتىلىسۇن ئاپتۇر.
ئۆلتۈرىۋەت،ئىككىنجى قايتالمايدىغان يەردە مىنى ساقلىسۇن...
يوللارغا يىيىلىپ كەتسۇن خىياللىرى...
غۇۋا چىراققا قاراپ قاتقان قارچۇقلارنى يانجىپ تاشلىغۇم بار...
ماڭا تەۋە نۇرلارنى زوراۋانلىق بىلەن قولۇمدىن ئالغىنىڭلاردا پەرياتلىرىم بىلەن چۈشلىرىڭلارنى يۆگەپ قويغانمەن...
كەت
كەلمەيدىغان يەرگە كەت.
ئۆلۈمنى ئۆلتۈر ،
ئۆلۈمنىڭ ئۈستىدىن غالىپلارچە قەدىمىڭنى تاشلا ۋە يىراقلارغا قايتىپ كەت.....
قەدەم ئىزىڭ يوللاردا قالسۇن،يۈرەكلەردە قالمسۇن ھەرگىز ...
كەينىگە قاراش دەيدىغان سۆزنى كاللاڭدىن چىقىرىپ تاشلا ۋە غۇرۇرۇڭغا يەم قىل..
مىنى سۆيۈپ قويغان كوچىدىن ماڭما،چۈشلىرىمنى دەسسەپ سالساڭ ئۆمۈدلىرىم قەلبىمنى ئوغۇرلىۋالىدۇ...
ئاخىرقى يولۇچى
(ئۇمۇن)
مۈگۈدىگەش شېئىر يېزىۋاتىمەن...
شېئىرلىرىم ئۇخلاپ ياتقان ئەقلىمگە تۇيدۇرماي ھىسلىرىمنى ئېلىپ قىچىۋاتىدۇ.....
ئىنچىكە تالدەك يۇمران،
ئۇخلىپ ياتقان قىپيالاڭاچ تەندەك ئۇلۇغ چۈشلەر يىرىم يۇمۇلغان كۆزۈمدىن خىياللىرىمغا قاراۋاتىدۇ....
ئۇخلىشىمغا سۈكۈت قىلغان تىترەشلەر ئەڭ قاراڭغۇ،ئەڭ مىسكىن تۇيغۇللىرىمنى يۈرەك سوقۇشۇمغا قوشۇپ بىرىۋاتىدۇ....
مىڭىۋاتىمەن...
ئۇيقۇ چۆلىدە ياشاشلارنى ئىزدەۋاتىمەن....
رىئاللار چۈشلۈرۈمگە كومىدىيەلەرنى ياكى تىراگىدىيەلەرنى سىزىۋاتىدۇ....
قاراڭغۇلۇق بىلەن يورۇلۇقنىڭ كىسىشكەن جايىدا گۈلدۈرمامىدەك چىقىراشلارغا ھەمراھمەن...
قاتقان قارچۇققا مەنىسىز ياشاشلار ئىلىنىپ قالدى...
دېرىزىگە سۆيۈپ،تاش يوللارنى قۇچاقلىغان يامغۇر تامچىللىرى قىزىل چىراقتىن چاچرىغان زەررىلەرگە قىتىلىپ كەتتى....
ئەڭ ئاخىرقى يولۇچى مۈگۈدىگەن ئورۇندۇقتا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ چۈشلىرى ۋە چۈشكۈنلۈكلىرى ئۇخلاپ ياتىدۇ.... :lol ئىمزا قۇيۇپ بىىرڭلا ئۇمۇناخو {:92:} ئۇمۇن ! ئۇمۇن! ئەشۇ بىلىملىرىڭىز بىلەن سىزنى ھۆرمەتلەپ سىزنى ئۇمۇن ئاكا دەيمۇ ، بەرىبىر سىز مەندىن چوڭغۇ. ئۇمۇن!ئۇمۇن!ئۇمۇن ئاكا نىمە ئۇچۇن يازمىلىرىڭىزدا بۇنچىۋالا ئېغىر چۇشكىنلىشىش بار ،نىمە ئۈچۇن بۇنچىۋالا ئۇزىنى تاشلىۋىتىش بار. بىز يەنىلا رىئال دۇنيادا روھلۇق جەسۇر ياشىشىمىز كىرەك ئىدىغۇ؟بىزنى روھلۇق ياشا جەسۇر بول دىگەنلەرنىڭ سەپسەتىلىرىگە ئۆزىڭىزنىڭ ئاكادىمىك تەنقىدلىرىڭىز بىلەن ئېنىقلىما بەردىڭىز-دە، يەنە ئۇشبۇ يازمىلىرىڭىز بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ چۇشكۇن ئىدىيڭىزنى نامايان قىلۋاتىسىز. نىمە ئۈچۇن ئەشۇ بىلىملىرىڭىز بىلەن بىزنى تېخىمۇ ئۈمۇتۋارلىققا يىتەكلىمەيسىز؟چۇشەنچە بىرشىڭىزنى ئۇمىد قىلىمەن. ئۇمۇن ئەپەندىنىڭ «ۋەسىيەت» قىلغاندىن بېرىقى شىئىرلىرىدىن ئۈمۈتسىزلىك تۆكۈلۈپلا تۇرىدىغاندەك تۇيۇلىدۇ ماڭا. كونىلار «ئۈمۈتسىز-شەيتان» دەپ بىر ماقال-تەمسىلنى قالدۇرۇپتىكەن، ئۈمۈتسىزلىككە دورا يوقمۇ؟ بىزدە مۇنداق بىر قارتا كورت ئويۇنى بار ئىدى كېتىپ بېرىپ باش بولىدىغانچوڭ قارتاتۈرۈنى تاللاپ ئۇينايدىغان كېتىپ بارىپ ئويۇن تۇتۇش دەپ سىزمۇ ئەقىللىقبولسىڭىز كېتىپبارىپ ئويۇن تۇتۇپباقارسىز يا . بەك ئەقىللىقكەنسىز شۇنچە كىشىلەرنى ئالدىيالايدىكەنسىز .لىكىن تەنھالىقنىڭ ھوزورى ياغاچ جۈپ جۇمۇ.{:136:}
قەلىمىڭىز ،تەسەۋۋۇرىڭىزگە ،باغلىشىڭىزغا قاراپ بىلىمىڭىز ،ئىلھامىڭىز بەلەنكەن دەپمۇ قالايمىكىن .
تەنھالىقنىڭ كېمىسىنى سېلىپ قويۇپ داسلارغا ،
يايرىم يوق دەپ ،
شاماللار شوخ دەپ ....
تىكىلىمەن ساقال ئالغاچ داستىكى شولامغا .
دەپ بىر مىسرالار بولىدىغان .
بۇنچىۋالا چۈشكۈنلۈكتە ياشىغۇچە تايىنلىق.... :@
مەن يەنىلا بۇنداق كىشىلەرنى چۈشكۈنلۈككە باشلايدىغان چۈشۈنۈكسىز نەرسلەرنى ئوقۇشتىن توختاپ ئەلى مۇئەللىمنىڭ كىشىلەرنى چۈشكۈنلۈكتىن ئويغۇتىدىغان چۈشۈنۈشلۈك لىكسىيەسىنى ئاڭلاي 12345 يوللىغان ۋاقتى 2015-1-18 21:24 static/image/common/back.gif
ئۇمۇن ! ئۇمۇن! ئەشۇ بىلىملىرىڭىز بىلەن سىزنى ھۆرمەتلەپ ...
ئاللاھنى ئىنكار قىلىش ئىنساننى چۈشكۈلۈككە باشلايدۇ . مەن بۇنىڭ تەمىنى يەتكۈچە تېتىپ باققان . بېغىرنىڭ ئىنكاسىغا يېتىۋاپتىمەن كۈلۈپ ئوغۇل بالا يالغۇز قالسا ئالغا باسىدۇ ۋە ئالغا باسقانسىرى يالغۇز قالىدۇ، كېرەك يوق.
ئۇمۇن مۇ ئاستا-ئاستا سۈكۈتتە تۇرۇشنى ، كىملەرگە گەپ قىلىپ كىملەرگە گەپ قىلماسلىقنى ئۆگىنىدۇ.
سەھنىدە تۇرۇپ تاماشىبىنلارغا قارىغان ئادەم گەپتىن ئېزىپ كېتىدۇ. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇمۇن ئەپەندى ، سىزنىڭ بۇ شېئىرلىرىڭىز 2011-يىللاردىكى مىنى ئەسلىتىپ قويدى . ئۈمۈتسىزلىك ئىچىدە ھەقىقەتنى ئىزدەپ يۈرگەن چاغلىرىم ئىدى ، بىر قىسىم شېئىرلارنى يازغىنىم ئىسىمدە . سىزنىڭ ئارزۇ قىلغىنىڭغا ئىرىشىشىڭىزگە تىلەكداشمەن . خەقنى شېئىر يازغىلىمۇ قويمايدىكەنسىلە :lol:lol:lol تەكرار بوپ كىتىپتۇ ئەلى قۇربان توغۇرلۇق تىمىلار ، زىيارەت سىنلىرى ئۆچۈرۋېتىلدىما ؟ ھېچ كۆرۈنمەيدا
بەت:
[1]