750210 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 14:15:50

دادىنىڭ ئۇغلىغا بىر پارچە خېتى

ئوغلۇم :
.مۇبادا سەن مەندىن بىز ياشاۋاتقان بۇدەۋىرنىڭ ئالاھىدىلكلىرىدىن ئەڭ مۇھىمنى سۇرىغان بۇلساڭ،مەن ساڭا ئىككىلەنمەستىن ‹ئۇ-ئىشلەش دەۋرى› ئىكەنلىگىنى دىگەن بولاتتىم.مۇبادا سەن مەندىن سىنىڭ تۇغۇلغىنىڭغا گۇۋاھ بولغانبۇ ئەسىرنىڭئەڭ مۇھىم كەشپىياتلىرنى سورىغان بولساڭ،مەن ساڭا ‹ئۇ-ئەمگەكنىڭ قىممىتى:ئۇنىڭ شەخسى تۇرمۇش قۇرلۇشىدىكى قىممىتى، ئۇنىڭ جەمىيەت قۇرلۇشىدىكى قىممتى›ئىكەنلىگىنى دىگەن بولاتتىم.
ئېھتىمال سەن شۇنىڭغا دىققەت قىلغانسەنكى، بىز قىممەت ۋارىسلىق قىلشقا قايتمايدىغان بىر زاماندىمىز مەن ۋارىسلىق قىلىش دىگەندە،مال مۇلۇككە ۋارىسلىق قىلىش، ئابرۇيغا ۋارسىلق قىلىش ،ۋە باشقا ئىجتمائى ۋارسلىق شەكىللرنى كۇزدە تۇتىمەن.بۇ دەۋىرىمىزدە ئىنساننىڭ قىممتى ئۇ قىلغان ياخشى ئىشلارغا يۇشۇرۇنىدۇ.
ئەمگەك ھەقىقەتەن ئىنساننىڭ يۇكسىلىشى ئۇچۇن:مىجەزىنى تاۋلىشى،تالانتىنى نامايان قىلىش بىردىن بىر يول.
ئوغلۇم،بۇ جەمىيەتتە نېمە بولۇشنى ياخشى كۇردىغانلىغىڭنىى ئويلا.سەن شۇغۇللىنىشنى ياخشى كۈردىغان كەسىپكە باردىغان يۇلۇڭغا قاراپ باق.سىنىڭ خىزمىتىڭنى تاللىشىڭ ئىقتىدارىڭ ،مايىللىقىڭ،بۇ خىزمەتنىڭ جەمىيتىڭگە كەلتۇردىغان قىممىتى ئاساسىدا بولسۇن ،ئەنە شۇ ساڭا بەخىت يارىتىدۇ.
لىكىن بەخىت ھۇرۇنلارنىڭ ئىشىگىنى چېكىدۇ ،ياكى ئاسان ئىشلار بىلەن كىلىدۇ، ياكى ئۇزگەرمەس بىرلا ئۇسۇلدا ماڭغان ئىشلاردىن كىلىپ چىقىدۇ ،-دەپ ئويلاپ قالما .ئەگەر سەن ھەقىقې بەختتىن بەھىرمەن بۇلماقچى بۇلساڭ ، قىزغىن- ئاكتىپلىق بىلەن تۇغرا ھالدا ئىشلىشىڭ لازىم .پەقەت ئاشۇنداق قىلىش ئارقىلىق بىر سەنئەتكار بۇلسەن .ياراملىق بىر پۇقرا ، ئىجادكار بىر ئىنسان بولسەن .
ئوغلۇم بۇ يەردە مەن سەن بىلەن ئېتقاد تۇغىرسىدا سۇزلىششنى خالايمەن .چۈنكى ئۇ ئەخلاقنىڭ جەۋھىرى ،خىزمەتنىڭ ھەركەتلەندۇرگۇچ كۇچى،مۇۋاپپىقىيەتنىڭ ئۇلچىمى . ئىشەنمەيدىغان كىشى ئىشلىمەيدۇ .ئېتقاد قىلمايدىغان كىشى مۇۋاپپىقىيەت قازانمايدۇ.ئىشلىمەيدىغان كىشى تۇغرا ئىش قىلمايدۇ.
ئوغلۇم، يۇكسەك غايىگە ئىشەن ،ۋەتەنگە ئىشەن !

،

750210 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 15:04:35

سەن ئىلىم -پەن بىلەن قۇراللىنىشڭ لازىم ،تۇغرا ئىلىم -پەنبىلىم بۇلۇشتىن ئىلگىرى بىر پۇزىتسىيە ئىكەنلىگىنى ئۇنۇتما ،مەن ھەر قانداق مەسىلە ۋە ئىشقا بىر ئىلمى پۇزىتسىيىنى :يەنى كەمتەر ئۇگەنگۇچىنڭپۇزىتسىيىسىنى ،ھەقىقەتنى ياخشى كۇردىغان ،ئۇنىڭدا ئىزدىندىغان ،ئۇنىڭ بىلەن قانائەت ھاسىل قىلدىغان ،ئۇنى تارقىتىشقا كۇچ چىقردىغانلارنىڭ پۇزىتسىيىسنى قۇللىنىشڭنى ئارزۇ قىلىمەن .
ئاللاھ سىنى بەختلىك قىلسۇن سىنى جەمىيتىڭ ئۇچۇن پايدىلىق بىر ئەزا قىلسۇن
داداڭ

750210 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 15:06:17

ئەرەپ تىلىنى تىز ئۇگۇنۇش ئۇسۇلى دىگەن كىتاپتىنئېلىندى

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 09:12:56

ئىتىقاتسىزلىق ئەڭ قۇرقۇنۇچلۇقتۇر.
بەت: [1]
: دادىنىڭ ئۇغلىغا بىر پارچە خېتى