intilguchi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 12:46:06

ئىنتىلگۈچى:-پىلانىتلار ئەركىسى:پەرىشتە گالاكسىسىدە تاپشۇرۇلغان ....

پىلانىتلار ئەركىسى
2-قىسىم پەرىشتە  گالاكسىسىدە تاپشۇرۇلغان تۇنجى ۋەزىپە
(فانتازىيەلىك ھىكايە، ئىنتىلگۈچى)


10352-يىلى، ئوغۇزنىڭ پەرىشتە گالاكسىسى يۇپۇق پىلانىتىغا كەلگىنىگە بىر يىلچە بۇلۇپ قالغانىدى. ئۇ بۇ پىلانىتنىڭ مەركىزى شەھرىدە مالىك بىلەن بىرگە تۇراتتى. ئەمدى ئوغۇز بۇ يەرنىڭ تەربىيلەش يېشىغا توشقان بۇلۇپ، مالىك ئۇنى بۇ يەردىكى ئەڭ ياخشى تەربىيلەش مەركىزىگە تىزىمغا ئالدۇرغان ئىدى. بۇ پىلانىتتا مۇھىم دەپ قارالغان ئىشلار پىلانىت خاقانى ۋە ھۆكۇم گۇرۇپپا ئەزالىرى كىڭەش يېغىنى ئىچىپ قارار چىقىرىلىدىغان بۇلۇپ، بۇلار ئوغۇزنىڭ ئانىسىنىڭ مەردانە ئىش-ئىزلىرىدىن خەۋەردار ئىدى، شۇڭا مىننەتدارلىق يۈزىسىدىن ئوغۇزنىڭ بۇ يەردىكى كىشلەرنىڭ ھەممە ئالاھىدە ئىقتىدارلىرىگە ئىگە قىلىدىغان پىرگۇراممىنى(گىن ياخشىلاش پىرگۇراممىسى) ماقۇللىدى. ئەگەر ئوغۇز بۇ ئىقتىدارلارغا ئىگە بولسا مۇشۇ پىلانىت كىشلىرى بىلەن تەڭ ئومۇر كۆرەلەيتتى.

ئوغۇزنىڭ قان سېستىمىسى بۇ پىلانىتتىكىلەر بىلەن بىرخىل بولغانلىقى ئۈچۈن، ئوغۇز دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن مۇۋاپپىقىيەتلىك ئۇتۇپ گىن ياخشىلاش پىرگۇراممىسىنىڭ بىرىنجى قەدىمى باشلاندى. ئەتە ئوقۇش باشلىنىدۇ دىگەن كۈنى كەچتە ئوغۇز مالىك بىلەن ئۆي ئۆگزىسىدە ئولتۇرۇپ گۈزەل كېچە ۋە يۇلتۇزلارنى تاماشا قىلۋاتاتتى، ئوغۇز ئوڭ بىلىكىدە يىنىك بىر ئېچىشقان ئاغرىقنى سەزدى ۋە نەزىرى ئوڭ بىلىكىدىكى غىڭشىققا (بۇ بۇ پىلانىتتىكى بىر ھاشارات) چۈشتى. ئارقىدىن يەڭگىل بىر پۈۋلەپ غىڭشىقنى ئۇچىرىۋەتتى. بۇنى كۆرگەن مالىك ئوغۇزغا:'ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋەتسەڭمۇ بۇلاتتىغۇ، نىمىشقا پۈۋلەپ ئۇچۇرۋىتىسەن؟'
ئوغۇز تاتلىققىنە ئاۋازى بىلەن:'ئانام ماڭا ھەرقانداق مەۋجۇداتقا سەمىمىي بۇلۇش، ئامال بار ئازار بەرمەسلىك، ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە ھاياتىغا ئەڭ چۇڭقۇر مېھىر بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك دىگەن، شۇڭا مەن ئۇنىڭ ھاياتىنى ئۆز ھاياتىمنى سۆيگەندەك پوزىتسىيىدە بۇلىشىم لازىم، شۇڭا ئۇنى پۈۋلەپ ئۇچۇرۋەتتىم. مېنىڭ كەلگۈسىدە بارلىق مەۋجۇداتنى يامانلىقتىن ئاسىراپ ياخشىغا باشلايدىغان بىر كىشى بولغۇم بار.' دەپ جاۋاب بىرىدۇ. مالىك كىچىك ئوغۇزنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۈنسىز رەۋىشتە ئۇنىڭغا قاراپ ئۇنىڭدىكى ئەقىل، جاسارەت، ئىچ-ئىچىدىكى ياخشىلىقتىن سۆيۈنگىنىچە ئوغۇزغا بىرھازا تىكىلىپ قاراپ ئولتۇرىدۇ.
ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى يېتىپ كەلدى، بۇ ئاددىي، ئۆزگىچە بىر مۇراسىم ئىدى، پەقەت مۇدىرنىڭ بىرنەچچە جۈملە گىپى بىلەن ئاخىرلىشاتتى. ئوغۇز يېڭى ساۋاقداشلىرى بىلەن رەتلىك قاتار تۇرۇپ مۇدىر سۆزلىرىنى ئاڭلىماقتا، مۇدىر يۇپۇق پىلانىتنىڭ ھەممە جەھەتتىن گۈزەللىكىنى،  ئوقۇغۇچىلارنى ئاۋال بىرلىكتە ئىناق بۇلۇش، ئۆز-ئارا مىھر-مۇھەببەت ۋە ياخشىلىق يەتكۈزىدىغان بۇلۇشقا، ئاندىن ئەقىل-ئىدراك، مۇستەقىل تەپەككۇر قىلالايدىغان تەسەۋۋۇرغا باي، يېڭىلىق يارىتىش رەھى ۋە ئالىيجانابلىق رەھى بولغان كەڭ قوساق كىشىلەردىن قىلىپ تەربىيلەيدىغانلىقىنى دەپلا مۇراسىمنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. بۇ يەردىكى ئاساسى بىلىم تەربىيلەش پەقەت 3 يىلدىلا تاماملىنىدۇ، ھەربىر ئوقۇغۇچى بىر پىرگۇرامما دەرىس شارائىتىغا ئىگە بۇلۇپ كۈندە پەقەت ئىككى سائەت دەرىس قۇبۇل قىلىپ باشقا ۋاقتلاردا ئۆز قىزىقىشى بويىچە ئىش كۆرسە بۇلىدىغان بۇلۇپ، 3 يىل تۈگىگەندىن كىيىن ئىپادىسى ۋە قىزىقىش-ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن ھەرخىل كەسىپ-خىزمەت بۆلەكلىرىگە بۆلۈپ يۇقىرى دەرىجىلىك تەربىيلىنىش ۋە ۋەزىپىدە بۇلىدۇ، ئاندىن بۇ تەربىيلىنىش ۋەزىپىلەردە لاياقەتلىك بولغاندىن كىيىن رەسمىي ھالدا خىزمىتىنى باشلايتتى.

كۈنلەر ئايلارغا، ئايلار يىللارغا ئۇلىشىپ ئوغۇز بۇ 3 يىللىق ئوقۇشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىغا كىلىپ قالغان ئىدى. تاماملايدىغان ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى ئەڭ ئاخىرقى بىر پائالىيەت يەنى 'تەبىئەتتىن ھوزۇرلىنىش' پائالىيتىگە ئۇيۇشتۇرۇلدى. ئوغۇز دوستلىرى شاكىر ۋە مالامەت بىلەن بىر تاغ چوقىسىغا چىقىپ يىراقلارغا نەزەر تاشلاپ چۇڭقۇر نەپەسلەرنى ئىلىپ ئۈچەيلەن تەڭلا:'ۋاھ نېمىدىگەن گۈزەل-ھە!' دېيىشپ بىر-بىرگە قاراشتى. شاكىر ئۆزى خۇش-چاقچاق، ئاقكۆڭۈل ئوغۇل، مالامەت بولسا ئۇماق ھەم زېرەك بىر قىز، بۇ ئىككسى ئوغۇز 3 يىللىق ئوقۇش جەريانىدا ئەڭ يېقىن ئۆتكەن ساۋاقداشلىرى ئىدى. بۇلار بۇتاغ چوقىسىدا مەڭگۈ مەيلى نىمىش بولسۇن بىر-بىرنى قوللاپ ئۆز-ئارا ھەمدەمدە بولىدىغان قىيامەتلىك دوستلاردىن بولۇشقا ۋەدىلەشتى.
پائالىيەت ئاخىرلىشىپ بالىلار ھەرخىل يۇقىرى دەرىجىلىك بۆلۈملەرگە تەقسىملەندى، شاكىر بىلەن مالامەت پەرۋىش بۆلىمىگە تەقسىملەندى، ئوغۇز تەتقىقات بۆلىمىگە تەقىسىم قىلىندى. بىراق ئوغۇز نەق مەيداندا تەقسىماتقا ئېتىراز بىلدۇردى ۋە قوغداش بۆلىمىدىكىلەر تەرپىدىن تۇتۇپ ئەكىتىلدى. مالىك ھۆكۈم گۇرۇپىسىدىكىلەر بىلەن ئۇزۇن كېڭىشىش ئارقىلىق ئەزەلدىن بۇلۇپ باقمىغان بىر ئۆزگەرتىش قىلىپ ئوغۇزنى قايتىدىن مالىك بىلەن بىر بۆلۈمگە يەنى ئالەم-ئاۋىياتسىيە بۆلىمىگە تەقسىم قىلدى.

تەقسىماتتىن كىيىن ئوغۇز بىر مەزگىل مالىك بىلەن ئالەم كېمىسىدە نەزىرىيە بىلىمى ۋە ئەمىلىي مەشىق (پىراكتىكا) قىلدى. مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندىن كىيىن مالىك ئەزالىرى ۋە ئوغۇزنى ئىلىپ ئالەم بوشلۇقىغا كۆتۈرلدى. ئوغۇز زور ھاياجان بىلەن يۇپۇق  پىلانىتنىڭ تارتىش كۈچىدىن خالى بۇلۇپ يەنە بىر قىتىم ئالەم بوشلۇقىنى سەييارە قىلدى. يۇپۇق پىلانىت ئەتراپنى چارلىغاچ كونا ئەزالار ھەرخىل ساۋات، بىلىملەرنى ۋە ئۆزنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلارنى سۆزلەپ ماڭدى. مالىك ھەممەيلەنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىپ مۇھىم بىر سۆز قىلدى:'ئالەم-ئاۋىياتسىيە بۆلۈمىنىڭ بىر ئەزاسى بۇلۇش بىزدىن يۈكسەك مەسئولىيەت، ساداقەت، ئۇنۋىرسال بىلىم ۋە يۇقىرى ساپا تەلەپ قىلىدۇ. بىز بىر كوللېكتىپ، شۇڭا ھەربىر ئەزادا كوللېكتىپ روھى ۋە ئۆزنى بېغىشلاش روھى بۇلىشى كېرەك.'. بۇ گەپلەر ھەممەيلەننى ھاياجانغا سالدى، بۇلۇپمۇ ياش ئوغۇزنىڭ قەلبىدە چۇڭقۇر ئۇرۇن ئالدى.
كېمە چارلىغۇچ سىستېمىسىدىن تۇيۇقسىز چىققان:'گالاكسى كوردىناتى مەنپى 45 گىرادۇس يۆلىنىشتە بىر ئۇچار جىسىم بايقالدى.'دېگەن ئاۋاز ھەممىنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈردى. مالىك:'ئۆز ئورنىڭلارغا بىرىڭلار، كېمە جىددى ھالەتكە كىرسۇن.' دېگەن بۇيرۇقنى بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە نامەلۇم جىسىم تەرەپكە قاراپ ئۇچتى. بارغانسېرى يىقىنلاپ ئۇ جىسىمنى ئېنىق كۆرىشكە باشلىدى. مالىك دەرھاللا:'مۇشۇك كۆز گالاكسىسى بىرلەشمە ئارمىينىڭ چارلىغۇچى ئالەم كېمىسى، تېز ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتىڭلار.'دەپ كېمىنىڭ تەڭشەش ھالىتىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن يېڭى ئەزالارنى تەكشۈردى. تۇيۇقسىز ئوغۇز:'قارشى تەرەپ بىزگە ئوق ئۈزدى.'دەپ ۋارقىردى.مالىك:'كېمىنى ئوڭغا 50 گىرادۇس قىيسايت.'دەپ بۇيرۇق قىلدى. بىراق 'گۈم' قىلغان ئاۋاز بىلەن كېمە قاتتىق سىلكىندى، ئوغۇز تېز ئىنكاسى بىلەن كېمىنى يەنە ئوڭغا 15 گىرادۇس بۇراپ ئارقىدىن كەلگەن ھۇجۇدىن كېمىنى ساقلاپ قالدى. مالىك يانچە يىقىلىپ بېشىنى ئىشكاپقا ئۇرۋالدى لىكىن يىنىكلا يارلاندى خالاس. دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ باش ئۇرۇنغا كىلىپ قارشى تەرەپكە ھۇجۇم باشلىدى. ئۆزنىڭ تەڭ كېلەممەسلىكىنى بايقىغان دۇشمەن كېمىسى ئەڭ تېز سۈرەتتە قېچىپ كۆزدىن غايىپ بولغان ئىدى. مالىك بولسا يىنىك بىر ئۇھ تارتىپ كېمىنى يۇپۇق پىلانىتىغا قايتۇرۇشقا بۇيرىدى.

ھەش-پەش دېگۈچە ئوغۇزمۇ 21 ياشقا كىرگەن يىگىت بۇلۇپ كەتتى. ئۇ ھازىر ئالەم-ئاۋىياتسىيە بۆلۈمىدىكى بىلىم ۋە كۈچ قاتارلىق ھەرجەھەتتىن يېتىلگەن، ئۆزگىچە تەپەككۇرگە ئىگە چىرايى ئانىسى زۆھرەنى تارتقان كىلىشكەن بىر 'سەركەردىگە' ئايلانغان ئىدى. ئوغۇز تەربىيلەشنى تۇلۇق تاماملىغاندىن كىيىن ئۆزنىڭ ئەخلاق ۋە ئىش-ھەرىكەتىدە تۇۋەندىكى پەلسەپىلىك قائىدىنى ئۆزىگە پىرىنسىپ قىلغان ئىدى-يەنى:' 1. سىز باشقىلاردىن ئۆزىڭىزگە قانداق ئىشلارنى قىلىپ بېرىشىنى ئارزۇ قىلسىڭىز، سىزمۇ باشقىلارغا شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ بېرىڭ.
  2. سىز باشقىلاردىن ئۆزىڭىز توغرىسىدا قانداق سۆزلەرنى ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلسىڭىز، سىزمۇ باشقىلارغا ئاشۇنداق سۆزلەرنى قىلىڭ.
  3. سىز باشقىلاردىن ئۆزىڭىز توغرىسىدا قانداق ئويلاشنى ئارزۇ قىلسىڭىز، سىزمۇ باشقىلار توغرىسىدا ئاشۇنداق ئويلاڭ.'
ئۇ بۇقائىدىلەرنى توغرا چۈشىنىپ ئۆز ھەركىتىدە قىلالىغاچقا ھازىر ئۇنى كوپچىلىك كىشى ياقتۇراتتى. مالىك ۋە ھۆكۇم گۇرۇپىسىنىڭ قوللىشى بىلەن ئوغۇز يېڭى بىر ئالەم  كېمىسىنىڭ كاپىتاننى بولدى. دەل مۇشۇ پەيتلەردە ئۆكۈز پىلانىتىڭ مەخپىي ئالاھىدە خادىمى يۇپۇق پىلانىتى كىشىلىرى قىياپىتىدە كىلىپ يۇپۇق پىلانىتىدە جانلىقلىرىغا ئازاپ ھاسىل قىلىدىغان بىرخىل ۋىروسنى پەيدا قىلىپ بايقىلىپ قىلىپ ئۆلىۋالغان ئىدى. يۇپۇق پىلانىتىدىكى ئالىملار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇ كىسەل ۋىروسىغا پەقەت سامان يولى گالاكسىسىدىكى يەرشارىدىلا ئۆسىدىغان 'شۇمبۇيا' دەيدىغان ئۆسۈملۈكتىن ئايرىلىپ چىقىدىغان مادىنىڭ شىپا قىلىدىغانلىقىنى تىپىپ چىقتى. خاقان ۋە ھۆكۈم گۇرۇپپىسى 'شۇمبۇيا' ۋەزىپىسىنى ئوغۇزغا تاپشۇرۇشنى قارار قىلدى. ئوغۇز يەرشارىغا(شۇمبۇيا دەل ئۇنىڭ كىندىك قىنى تۆكۈلگەن يەردە ئىدى) بېرىپ شۇمبۇيا ئۇرۇقىنى ياكى يېلتىزنى ئىلىپ كەلسىلا، يۇپۇق پىلانىتىدا تەتقىق قىلىپ ئۆستۇرۇپ كۆپەيتكىلى بۇلاتتى.
ئوغۇز 22 يېشىدا تۇنجى ۋەزىپىسىنى قولغا ئىلىپ بۈركۈت سىياقىدىكى ئالەم كېمىسىنى ھەيدەپ تۇلۇق ئىشەنچ ۋە ۋۇجۇدى ھاياجانغا تولغان ھالدا ئەزىز ئانا ماكانىغا قاراپ يولغا چىقتى.

2-قىسىم تۈگىدى.
3-قىسىمدا ئۇغۇزنىڭ ۋەزىپە ۋاقتىدىكى ۋە كىيىنكى سەرگۈزەشتىلىرىنى ئاڭلايسىز...
2015-1-18
نەنجىڭ.   

Mohtirem4 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 17:45:19

«غىڭشىق »  نىمدا ئوماق ئىسىم ماۋۇ ... :lol بىزنىڭ «پاشا» دېگىنىمىز شۇكەن ھە !    داۋامىنى كۈتۈپ ....

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 17:49:14

يېزىشنىغۇ ئوبدان يېزىۋاتىسىز ، لېكىن بەك ئۇزۇندا يېزىۋاتىسىز ،  سەل تىزراق يازمامسىز دەيمەن ،  ئاخىرىنى ئوقۇغۇچە بېشىنى ئۇنتۇپ قالغىلى تۇردۇق ...

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 15:19:21

     «ناچار» نى باسقان كىمدۇ ئەمدى. خۇددى بىزدە ئىلمىي فانتازىيىلىك ئەسەرلەر تۆكمە بولۇپ كەتكەندەك...يىلىغا ئارانلا بىر - ئىككىنى تاپالايمىز بۇنداق ئەسەرلەردىن.
     ئىنتىلگۈچى ئەپەندىم مۈمكىن بولسا داۋامىنى پۈتكۈزىۋەتكەي.  
بەت: [1]
: ئىنتىلگۈچى:-پىلانىتلار ئەركىسى:پەرىشتە گالاكسىسىدە تاپشۇرۇلغان ....