HeyDoctor يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 10:01:42

تەلەپپۇزغا ياردەم بېرىدىغان بەش ئۇسۇل


كۆپلىگەن تىل ئۆگەنگۈچىلەر شۇنچە تىرىشسىمۇ ئۆزىنىڭ ئېغىز تىلىنىڭ يەنىلا چەتئەللىكلەردەك چىقمايۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ. بۇنىڭ نېگىزلىك سەۋەبى دەل تەلەپپۇزدا. تەلەپپۇز توغرا بولمىغاچقا قانچە كۈچىسەكمۇ يەنىلا پەرق چىقىدۇ. تۆۋەندە تەلەپپۇزىمىزغا ياردەم بولىدىغان بىرقانچە ئۇسۇل بار.

Listen to yourself
ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ تەلەپپۇزىنى ئۆزىڭىز ئاڭلاپ باقمىسىڭىز ئۇنى تۈزىتىش تەسكە توختايدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ ئاۋازىنى ئۈنگە ئېلىپ ئاڭلاپ بېقىڭ، ئاندىن ئۇنى ئانا تىلى ئىنگلىز تىلى بولغان چەتئەللىكنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ. بۇنىڭ IELTS ئېغىز تىلى ئىمتىھانىڭىزغا ياردىمى بولىدۇ.

Slow down
نۇرغۇن تىل ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ بەك تېز سۆزلەيدىغان يامان ئادىتى بار. سۈرئەت بەك تېز بولۇپ كەتكەچكە نۇرغۇن سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزىنى ئىنىق قىلغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن مەسىلىلەر يوشۇرۇن قېلىپ قالىدۇ. بىز سۆزلىگەندە چوقۇم توغرا، ئوچۇق، راۋان سۆزلەشكە ئادەتلىنىشىمىز لازىم. ھەربىر بوغۇمدىن باشلاپ ھەربىر سۆز، ھەربىر جۈملىگىچە ئىنىق تەلەپپۇز قىلىشنى مەشىق قىلىش كېرەك.

Picture it
كۆزىڭىزنى يۇمۇپ پۈتۈن دىققىتىڭىزنى تەلەپپۇزىڭىزغا مەركەزلەشتۈرۈڭ، ھەتتاكى ھەربىر سۆزنى تەلەپپۇز قىلغاندىكى ئېغىزنىڭ شەكلى، يۈز مۇسكۇللىرىغىچە دىققەت قىلىپ سىناپ بېقىڭ.

Get physical
بەزى تەلەپپۇزى تەس بولغان سۆزلەرنى قايتا-قايتا مەشىق قىلىڭ. چۈنكى بۇنداق سۆزلەرنى تەلەپپۇز قىلىشقا بەزى سىز ئاز ئىشلىتىدىغان مۇسكۇللارنىڭ ھەرىكىتىنى تەلەپ قىلىدۇ، شۇڭا بۇنى مەشىق قىلىش ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك مۇسكۇللارنى چېنىقتۇرغىلى، ئۇلارنى شۇ تەلەپپۇزنى توغرا چىقىرىشقا كۆندۈرگىلى بولىدۇ.

Watch yourself
ئەينەككە قاراپ سۆزلەپ بېقىڭ. ئېغىزنىڭ بەزى سۆزلەرنى تەلەپپۇز قىلىش ھالىتىنى كۆرگەندە سىزدە توغرا تەلەپپۇز ھالىتى تېخىمۇ ئېنىق بولۇپ ئەستە قالىدۇ.

مەنبە: 24 سائەت ئىنگلىز تىلى

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 17:15:01

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izchilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-18 17:44  

http://video.weibo.com/show?fid=1034:c169b01739f343a2eea18a01238583cb

يۇقىرىقى سىننى قىستۇرالمىدىم.
ئىغىزتىلى چىقىش ۋە تەلەپپۇز چىقىرىش ئايرىم جەريان. بەزى بالىلارنىڭ ئىغىزتىلى شۇنداق ياخشى ئىپادىلەپ بىرەلەيدۇ ئەمما تەلەپپۇزى ئۆلچەملىك ئەمەس، ئاساسلىقى R،TH،OU،OAنى چىقىرىشتا سەل قىيىپ كىتىش مەۋجۇت.ئاندىن سۆزلىگەندە ئىنگىلىزچە پۇراق چىقمايدۇ، بىرخىل جانسىز سۆزلەيدۇ.  ئىنگىلىزچە سۆزلەۋىتىپ ئۇيغۇرچىدىكى گەپ تاپالمىغاندا ئىشلىتىدىغان ھە..ھە ...دىگەن گەپنى دەپ سالىدۇ. ھەتتا بەزى بالىلارنىڭ بىر بەلەن ئىنگىلىزچە سۆزلەۋىتىپ گەپ تاپالمىسا 那个دەپ سالغىنىنى  كۆپ كۆرگەنىدىم. دەسلىپىدە سەت كۈلۈپ كىتەتتىم.
مەنچە ئىغىزتىلى ۋە تەلەپپۇزنى كۆڭۈلدىكىدەك چىقىرىش ئۈچۈن كۆپ ئاڭلاپ، كۆپ يادىلاپ ۋە ئىنگىلىزتىلى بۇلۇڭلاردا كۆپ سۆزلەپ بىرىش كىرەك.
يىللار ئىلگىرى ئالىي مەكتىۋىمگە ۋاكالىتەن ئىنگىلىزچە نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىگە بارغىنىمدا ، مۇسابىقىدىن يىنىپ بىر خەنسۇ رەھبەرنىڭ قايىللىقىدىن 这个民族同学怎么学的دىگىنىنى ئاڭلاپ بىرخىل خوش بولۇپ كەتكەنىدىم. {:101:}
ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ئۈگىنىشتە ھەقىقەتەن ئارتۇقچىلىقلىرى بار.

HeyDoctor يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 18:08:09

izchilar يوللىغان ۋاقتى  2015-1-18 17:15 static/image/common/back.gif
http://video.weibo.com/show?fid=1034:c169b01739f343a2eea18a01238583cb

يۇقىرىقى سىننى  ...

مەن بولساممۇ خوش بولاتتىم. بىزنىڭ تىل جەھەتتە راست ئارتۇقچىلىقىمىز بار ئىكەن.

سىز يوللىغان سىننى كۆردۈم، ئۇ بىر پروگراممىمۇ قانداق؟

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 18:57:00

ياق، ئالاھىدە پىروگىراممىمۇ ئەمەس، ئاۋۇ شەپكە كىيىۋالغان ئۇيغۇر بالا ياۋرۇپالىقلارغا ئامېرىكا مەدەنىيتىدىن دەرس بىرىدىكەن. بىيجىڭ خولد تىكى ئابدۇلخەبىرنىڭ يىڭى ئاچقان كۇرۇسىدا ئايىلتىسنىڭ ئىغىزتىلى قىسمىنى بىرىدىكەن.
ئاشۇ بالىنىڭ تەلەپپۇزى نوچىكەن،شۇڭا يوللاپ قويغانىدىم.

HeyDoctor يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 19:09:23

izchilar يوللىغان ۋاقتى  2015-1-18 18:57 static/image/common/back.gif
ياق، ئالاھىدە پىروگىراممىمۇ ئەمەس، ئاۋۇ شەپكە كىيىۋال ...

قارىسام بەك ياخشىكەن. رەھمەت

joshua يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 22:33:34

ئاۋۇ ۋەھشىيكەن! لېكىن مونىكا دېگەننىڭ تەلەپپۇزى نېمە دېگەن ناچار!

dillani يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 23:05:55

ماۋۇ ئۇيغنۇرچىنىڭ يوقما بىزنىڭ ئۇيغۇرچىنى ئۆگىنىدىغان بۇرادەرلار بارئىدى .پەقەت   قاسىمنى ،  قۇرباننى ،قەلەمخاننى دىيەلمەي نەچچەتاياق يىيىشكە دۇرۇس بولىۋاتىدۇ .
بەت: [1]
: تەلەپپۇزغا ياردەم بېرىدىغان بەش ئۇسۇل