ئارىسلان ئادىلجان CBA يىڭى چولپانلار مۇسابىقىسىدە ماھارەت كۆرسەتتى
http://you.video.sina.com.cn/api/sinawebApi/outplayrefer.php/vid=137025007_6/s.swfئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى 17-يانۋار خەۋىرى؛ 2015-يىللىق CBA چولپانلار ھەپتىلىگى يىڭى چولپانلار مۇسابىقىسى 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى كەچ ئۈرۈمچى ۋاختى 30؛5 دە، بىيجىڭ دۆلەتلىك تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۇلدى. خوشۇپىڭ يېتەكچىلىكىدىكى جەنۇبى رايون يىڭى چولپانلار كوماندىسى 104-98 نەتىجە بىلەن ۋاڭ جىجى يىتەكچىلىگىدىكى شىمالى رايون يىڭى چولپانلار كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. 1 -ئاۋغۇسىت كوماندىسىدىن تاللانغان جەنۇبى رايون ياش چولپانلار كوماندا ئەزاسى زۇيۈچېن 23 نومۇر، 14 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، بۇ قېتىملىق يىڭى چولپانلار ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ MVP يەنى ئەڭ قىممەتلىك ماھىر بولۇپ باھالاندى. 1 -ئاۋغۇسىت كوماندىسىدىن پەخىرلىك ئوغلانىمىز ئارسلان ئادىلجان ئاساسلىق ئەزا بۇلۇپ مەيدانغا چىقىپ 5 نومۇر ئالدى، 4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى .
2015-يىللىق CBA چولپانلار ھەپتىلىگى مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش رەت تەرتىپى بويىچە 2015-يىلى1-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاختى 30؛5 دە، بىيجىڭ دۆلەتلىك تەنتەربىيە سارىيىدا چولپانلار مۇسابىقىسى ۋە ئاساسىي ماھارەت مۇسابىقىسى، گارغا توپ بېسىش مۇسابىقىسى، ئۈچ نومۇرلۇق توپ ئېتىش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىدۇ.
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/forum.php
ئوغلانىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمەن دادىسىنىڭ ئىزباسارى بولۇشقا مۇناسىپ ئىكەن. غەيرەت قىلىڭ.
بەت:
[1]