ugwolf يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 20:43:21

ئادەم ئۆمرىدە ئوقۇمىسا بولمايدىغان ھېكايىلەر

ئادەم ئۆمرىدە ئوقۇمىسا بولمايدىغان ھېكايىلەر

1.        ئىنتايىن جىمجىتلىقنى خالايدىغان بىر ئادەم باركەن،بىراق كۈندە بىرقانچە كىچىك بالىلار ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىدا ئويناپ ئۇنىڭ ئارامىنى بۇزىدىكەن.بىر كۈنى بۇ ئادەم بىر ئامال ئويلاپ تېپىپتۇ،ئۇ كىچىك بالىلارنى يىغىپ ھەربىرىگە ئۈچ تالدىن كەمپۈت بېرىپتۇ ھەمدە ئۇلارغا:مەن كىچىك بالىلارنىڭ ئوينىغىنىنى كۆرگىلى بەك ئامراقمكۈندە مۇشۇ يەرگە كىلىپ ئويباڭلار دەپتۇ. بالىلار ناھايىتى خۇشال بولۇپ كۈندە كېلىپ ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىپ ئويناپ يۈرۈپتۇ. بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن بۇ ئادەم بالىلاارغا بېرىدىغان كەمپۈتنى ئىككى تالغا كېمەيتىپتۇ،كىيىن بىر تال بېرىدىغان بوپتۇ،كىيىنچە بىراقلا بەرمەيدىغان بوپتۇ.شۇنىڭ بىلەن كىچىك بالىلارنىڭ ئاچچىقى كىلىپ:ھىم كەمپۈت بەرمىسەڭ سېنىڭ ئۆيۈڭنىڭ ئالدىدا ئويناپ بەرمەيمىز دەپ كىتىپ قېلىشىپتۇ،شۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەممۇ ئاارام تېپىپ قاپتۇ

2.        بىر ئادەم ئىككى ئات بىلەن مال توشۇپ تىرىكچىلىك قىلىدىكەن،بىر كۈنى بىر ئات بەك ئاستا مېڭىپتۇ،خوجايىن ئاستا ماڭغان ئاتنىڭ يۈكىنى تېز ماڭغان ئاتقا يۈكلەپ قويۇپتۇ.ئاستا ماڭغان ئات ئىچىدەخۇشال بولۇپ: مانا قارا قانچە كۈچىسەڭ شۇنچە كۆپ ئىشلەيسەن زىياننى تارتىدىغىنى يەنىلا ئۆزۈڭ  دەپتۇ.بىراق كىم بىلسۇن خۇجايىن بىر ئات قىلالىغان ئىشنى نىمىشقا ئىككى ئاتقا قىلغۇزىمەن دەپ قاراپ ئاستا ماڭغان ئاتنى ئۆلتۈرۈپ يەۋىتىپتۇ. مانا بۇ ئىقتىسادشۇناسلىقتىكى ھورۇن ئات ئېففىكتىدۇر.

3.        كەچلىك بازاردا ئىككى سۇيۇقئاش ساتىدىغان يايما بار ئىكەن بىرى ئاتۇشلۇق،بىرى تۇرپانلىق ئىكەن.بىر يىلدىن كىيىن ئاتۇشلۇق پۇل تېپىپ ئۆي سېتىۋاپتۇ،ھېلىقى تۇرپانلىق بولسا يەنىلا ئۆي ئالغۇدەك پۇل يىغالماپتۇ.ئىككىلىسى ئوخشاش سۇيۇقئاش ساتىدىكەن پايدىسىمۇ ئاساسەن ئوخشاش ئىكەن ئاتۇشلۇقنىڭ يايمىسىغا كىلىدىغان ئادەم بىلەن تۇرپانلىقنىڭكىگە كىلىدىغان ئادەممۇ ئاساسەن ئوخشاش .ئەسلىدە تۇرپانلىق مېھمانلاردىن :ئاشقا تۇخۇم قوشامدىم –يوقمۇ؟(تۇخۇمغا ئايرىم ھەق ھېسابلىنىدىكەن) دەپ سورىسا ئاتۇشلۇق مېھمانلاردىن: تۇخۇمدىن بىرنى قوشامدىم ئىككىنىمۇ دەپ سورايدىكەن.

4.        بىر بازىرى يوق كەنتكە بىرەيلەن كىلىپ ماي قاچىلاش پونكىتىدىن بىرنى قۇرۇپتۇ،يەنە بىرەيلەن كىلىپ تاللا بازىرى ئېچىپتۇ،يەنە بىر بۇرادەر بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ كېلىپ ئاشخانا ئېچىپتۇ،شۇنىڭ بىلەن بۇ كەنت گۈللىنىپ ئاۋات بازارغا ئايلىنىپتۇ. شۇ كەنتكە يىراق بولمىغان جايدا ئوخشاش بىر كەنت باركەن،بۇنىڭ بىلەن بىرەيلەن كېلىپ بۇ يەرنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ياخشىكەن دەپ قاراپ ماي قاچىلاش پونكىتى ئېچىپتۇ،ئۇنىڭ كەينىڭدىن يەنە بىرەيلەن كىلىپ ئۇمۇ ماي قاچىلاش پونكىتى ئېچىپتۇ،يەنە بىرەيلەنمۇ بۇ يەردىن ئۆتۈپ كىتىۋېتىپپ ئۇ يەرنىڭ ئورنى ياخشىكەن دەپ قاراپ ئۇمۇ ماي قاچىلاش پونكىتىدىن بىرنى ئېچىپتۇ،نەتىجىدە بۇ يەرنىڭ بازىرى كاساتلىشىپ ئۈچەيلانلا ئېغىر زىيان تارتىپتۇ.

5.        بىر ئۆيدە ئاتا-ئانا دائىم جېدەللىشىپ ئاتا بالىلارنىڭ ئالدىدا ئانىسى ئېغىر خورلايدىكەن
شۇنىڭ بىلەن بالىلارنىڭ چوڭى:ئانام بەكمۇ جاپا تارتتى،مەن چوڭ بولسام چوقۇم ئايالىمنى قاتتىق ئاسرايمەن دەپ ئويلاپتۇ. ئۆينىڭ ئىكىنچىسى:توي قىلسا مۇشۇنداق بولسا پەقەتلا مەنىسى يوق ئىكەن ،مەن ھەرگىز توي قىلمايمەن دەپ ئويلاپتۇ. ئۆينىڭ كەنجىسى بولسا: ھە ئەسلىدە ئەر كىشى خوتۇنىنى مۇشۇنداق ئۇرسا بولىدىكەن –دە دەپ ئويلاپتۇ،

6.        كىچىك راھىپچاق بۇتخانا ھويلىسىنى سۈپۈرۈشكە مەسئۇل ئىكەن.كۈز كەلگەندە دەرەخلەر يۇپۇرماق تاشلاپ ئۇنىڭ خىزمىتى بەكمۇ تەسلىشىپ كىتىپتۇ.شۇ كۈنلەردە بىرەيلەن ئۇنىڭغا: سەن ئەتە ھويلا سۈپۈرۈشتىن بۇرۇن بارلىق دەرەخلەرنى كۈچەپ ئىرغىتقىن،ئۇلارنىڭ ئۇچىدىكى بوشاپ كەتكەن يۇپۇرماقلار چۈشۈپ كەتسە كىيىن سۈپۈرۈپ ئاۋارە بولمايسەن،دەپ مەسلىھەت بېرىپتۇ.كىچىك  راھىب بۇنى ناھايىتى ئورۇنلۇق ھېس قىلىپ بۇ كىشىنىڭ دىگىنىدەك قىلىپتۇ. بىراق ئەتىسى ھويلىغا چىقىپ قارىسا دەرەخلەر يەنىلا ئاۋۋالقىدەك نۇرغۇن يۇپۇرماق تاشلاپتۇ.
7.        ئادەم ۋەلىسپىت مىنسە ئىنتايىن كۈچىگەن ئەھۋالدا بىر سائەتتە ئون كلومىتېر يول يۈرەلەيدۇ.ئەگەر ماشىنا ھەيدىسە ماي تەپكىسىنى يەڭگىل بېسىپ قويسا 100 كلومېتىر يول يۈرەلەيدۇ.ئەگەر يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزدا بولسا كۆزىنى يۇمۇپ ياتسىمۇ بىر سائەتتە 300 كلومېتىر يول يۈرەلەيدۇ. ئەگەر ئايروپىلانغا چىقسا ناخشا مۇزىكىدىن ھورۇزلانغاچ نازۇ-نېمەتلەرگە ئېغىز تىگىپ بىر سائەتتە 1000كلومېتىر يول يۈرەلەيدۇ. ئادەم يەنىلا شۇ ئادەم،تىرىشچانلىقمۇ ئوخشاش،بىراق سەھنە ئوخشىمغاچقا نەتىجىمۇ ئوخشىمايدۇ.

تاۋارىم تورى يازمىسى:http://tawarim.com/

zahar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 10:19:40

قارىغاندا بۇ ھىكايىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ۋارىيانتلىرىمۇ كۆپ ئوخشايدۇ.

perwazqil يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 14:49:52

ساقلىۋالدىم، تېما ئىگىسىگە رەھمەت..

kitabbay يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 15:08:25

ئۈندىدار  يايمىلىرىدا ئاشۇ ۋېۋىسكا(ماۋزۇ) بىلەن تۆكمە بولغان ھېكايىلەرغۇ بۇ

Sewirchan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 22:23:28

تۆكمە بولسىمۇ ئاڭلىمىغانلىرىم جىقكەن. ساقلاپ قويدۇم.

function يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 10:38:29

ئوقۇمىسا بولمايدىغان دەپ زورلاپ تاڭىدىغان گەپ بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھېكايىلەرنى ئوقۇمىدىم.

ugwolf يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 17:46:30

function يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 10:38 static/image/common/back.gif
ئوقۇمىسا بولمايدىغان دەپ زورلاپ تاڭىدىغان گەپ بولغانل ...

باتنىغان ئابدالنىڭ خۇرجۇنىغا زىيان ( ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىللىرى)

function يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 21:54:39

ugwolf يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 17:46 static/image/common/back.gif
باتنىغان ئابدالنىڭ خۇرجۇنىغا زىيان ( ئۇيغۇر خەلق ماقا ...

«ئابدال يامانلىسا خورجۇنغا زەرە» دەيدىغاندىمىز. لېكىن مەن يامانلىمىدىم، ھەم زورلىغاندەك تۈس بولغاچقا، ھەم ئۇزۇن بولغاچقا ئوقۇمۇدۇم.

xXx يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 05:00:15

ئالامەت ھىكايىكەن  .  :lol
بەت: [1]
: ئادەم ئۆمرىدە ئوقۇمىسا بولمايدىغان ھېكايىلەر