Marshal يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 14:36:36

دوكتۇر بىلگەجان بېيجىڭدىكى ئىستۇدىنتلار بىلەن سۆھبەتتە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Marshal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-17 14:42  

دوكتۇر بىلگەجان بېيجىڭدىكى ئىستۇدىنتلار

بىلەن سۆھبەتتە


ئادىتىم بويىچە ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەرنى ئارىلاۋېتىپ تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە ئاكىنىڭ بەكتۇر تورىدا قالدۇرغان ئۇچۇرىنى ئۇچراتتىم ۋە بەكلا خۇش بولدۇم. خېلى ئۇزۇندىن بېرى بۇ ئاكىمىزنىڭ يازمىلىرىنى تورلاردا كۆرۈپ ،قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىدىن سۆيۈنۈپ ھەم كۆپ ئىلھام - رىغبەتكە ئېرىشكەن بولسام ،بەكتۇر تورىدىكى بۇ ئۇچۇر ئەمدى يۈز-تۇرانە ئۇچرىشىش مۇمكىنلىكدىن دېرەك بەرمەكتە ئىدى. لېكىن ئاكىمىزنىڭ بېيجىڭدىكى ۋاقتى بەك قىس، لېكسىيە،زىيارەت ۋە ئۇچرىشىشلار بەك كۆپ .شۇنداق بولسىمۇ يازغان ئىلختىمگە جاۋاپ قايتۇرۇپ ،رەت قىلماي كەلگەنلىكى مېنى ۋە باشقا بېيجىڭدا ئۇقۇۋاتقان قېرىنداشلارنى كۆپ خۇشال قىلدى.

ئەسلى بۇ دىدار-غەنىمەت دەملەرنى چىڭ تۇتۇپ،30-40تەك سۇئال تەييارلاپ ،بۇ ئاكىمىز توغرىسىدا ئىمكانقەدەر كۆپ تەپسىلىي ئۇچۇرغا ئېرىشىشنى،كۆپ نەرسىلەرنى سورىۋېلىشنى ھەم پۈتكۈل جەرياننى سىنغا ئېلىپ خاتىرە قالدۇرۇشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن.لېكىن مەۋسۇم بېشىدا مەكتەپ ئەمدىلەتىن ئوقۇش باشلىغان ،ئاكىمىزنىڭ ۋاقتى جىددىي ھەم قىس ،مەكتەپنىڭ ياخشىراق يىغىن زالىنى ئېلىش ئۈچۈن بىرەر ھەپتە بۇرۇن ئىلتىماس قىلىشقا توغرا كەلگەچكە ،ئاخىرى ئاددى بىر دەرسخانىغىلا ئورۇنلاشتۇردۇق.ئىلخەت ئارقىلىق ئالاقىلاشقان ۋاقىت پەيشەنبە(9-ئاينىڭ 11-كۈنى)،9-ئاينىڭ 12-كۈنى(جۈمە) چۈشتىن كېيىن ئاكىمىز بېيجىڭغا چۈشتى .ئاندىن كېيىن تېلىڧۇندا ۋاقىت ۋە ئورۇننى كېلىشتۇق . ئاكىمىز دەم ئېلىپ
شەنبەكۈنى مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش -ئۇچرىشىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولدى.ئەتىسى ،يەنى يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن مەكتىپىمىزگە كەلدى. بىر كۈن ئىچىدە بىزمۇ بەك كۆڭۈلدىكىدەك تەييارلىق قىلىپ بولالمىدۇق.مەكتەپ بىلەن ئالاقىلىشىش،ئاپپارات(تېلكامرا) تېپىش،تونۇش -بىلىش بالىلار ئۆز-ئارا خەۋەر قىلىشىش دىگەندەك ئىشلار بىلەن ئاران ئۈلگۈردۇق.ئوبيكتىپ شارائىت-ئىمكانىيەت،ۋاقىتقا كۆرە خەۋىرىنى ئالالىغان قوشنا مەكتەپلەردىكى قېرىنداشلار بولۇپ 60-80ئەتراپىدىكى ئوقۇغۇچىلار تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە ئاكا بىلەن يۈز-تۇرانە كۆرۈشۈپ لېكسىيەسىنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولدۇق.بۇ جەرياندا ئاكىمىزنىڭ ئوچۇق-يورۇق خۇشخۇي مىجەزى، ئاپتاپپەرەستەك تەبەسسۇم جىلۋە قىلىپ تۇرىدىغان چىرايى،جانغا ئەسقاتىدىغان مۇھىم ئۇچۇر بىلىملەرنى ئۆز ئەمەلىيىتى ۋە كەچۈرمىشىگە باغلاپ ،ئاددىي يۇمۇرىستىك تىلدا قىزىقارلىق قىلىپ يەتكۈزۈشى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.
خەلقئارا ئىلىم مۇنبەرلىرىگە چىققان،تايلور تۆھپە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بۇ ئاكىمىزنىڭ مەكتىپىمىزنىڭ ئادەتتىكى بىر دەرسخانىسىدا ،ناھايىتى ئاددىي بىر مۇنبەر ئالدىدا ئۆز قېرىنداشلىرى بىلەن شۇ قەدەر يېقىن ،كىبىرسىز ھالەتتە مۇلاقەتتە بولىشى ؛سورىغان سوئاللارغا ئەتراپلىق ،قايىل قىلارلىق جاۋاپ بېرىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر مەنبەسىنى قىستۇرما قىلىشى سورۇن ئەھلىگە بەكمۇ ياقتى.ئەپسۇس،ۋاقىت قىس،تەييارلىق پۇختا بولماسلىق، تەجرىبىسىزلىك تۈپەيلى تولۇق جەريان سۈرەتكە ئېلىنالماي قالدى. سۈرەتكە ئېلىنغان قىسمىمۇ سۈزۈك،ئۇچۇق چىقالمىدى،ئەپۇ قىلغايسىلەر. تۇرسۇنجان بىلگە ئاكىمىزغا كۆپتىن -كۆپ رەھمەت.ئىلىمنىڭ زاكىتىنى بېرىش، زىيالىيلىق بۇرچى قاتارلىقلارنى ئۆز ئەمەلىي ھەركىتىدە ناھايىتى ياخشى ئەكس ئەتتۈرەلىگەن بۇ ئاكىمىزنىڭ ئىشلىرىغا تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلارنى تىلەيمىز.يازمىلىرىنى سېغىنىپ تۇرۇپ ئوقۇيمىز،لېكسىيەلىرىنى يەنە كۆپلەپ ئاڭلاشقا تەقەززامىز! يەنە بىر قېتىم كۆپ رەھمەت

تەييارلىغۇچى:ئىسمائىل مۇھەممەت









1-قىسىم

http://static.video.qq.com/TPout.swf?vid=d01455nvg3e&auto=0

2-قىسىم


http://static.video.qq.com/TPout.swf?vid=f01455hgl1n&auto=0


3-قىسىم


http://static.video.qq.com/TPout.swf?vid=p0145wsdm0n&auto=0





  ھاياتلىق ئىلمى پەنلىرى دوكتۇرى تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىغا كەلگەن ۋاقىتتا،شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسى<<مەدەنىيەت بوستانى>>پىرۇگراممىسىدا زىيارەت قىلىنغان فىلىم:
http://player.youku.com/player.php/sid/XODE1MjAyMzAw/v.swf

dillani يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 16:15:09

ئالىم ئۇغلانلىرىمىز ،ئالىم كىشىلىرىمىز ياشىسۇن .ئۇلاربار،كەلگۈسى بار،بىز بار .

ezimet163 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 18:12:59

بۇ ڧىلىمنى كۆرۈپ ئالىمغا بولغان ھۆرمۈتۈم تېخىمۇ ئاشتى.ئالىمنىڭ  ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن.

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 18:26:55

ئاڭلاشنى باشلىدىم .ئاڭلاپ بولۇپ بىر نەرسە دەي .:)

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

kilimat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 10:37:30

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kilimat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-18 10:38  

ئالىمىمىز تۇرسۇنجان ئاللاھ تەپەككۈر بۇلاقلىرىڭىز ئارقىلىق تەتقىقات لىرىڭىزنىڭ مىۋىسىنى ئىنسانىيەتنىڭ بەختىگە سەۋەپچى قىلغاي سىزگە بەخىت تىلەيمەن!

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

NEZERI يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 16:53:52

بېيجىڭ پىداگوگىكا ئونېۋىرىسىتىكەن ھە

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 17:56:53

@Truth  

makansiz يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 18:38:18

Truth يوللىغان ۋاقتى  2015-1-18 17:23 static/image/common/back.gif
يۈزىنىڭ تۈكى بار ئالىملاردىن ياخشى ئىشقىلىپ.

يۈزۈڭنىڭ قېلىنلىقىغا قارىغاندا ھېلىقى ھەققانىيوۋىچتەك قىلىسەن، يەنە ئسىم ئۆزگەرتىپسەندە

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 19:51:53

makansiz يوللىغان ۋاقتى  2015-01-18 18:38:18 static/image/common/back.gif


يۈزۈڭنىڭ قېلىنلىقىغا قارىغاندا ھېلىقى ھەققانىيوۋىچت
بېيوتېخنىكنىڭ ئىچىدىن قان كېتىپتىدە، كەسىپدىشىنى كۆرەلمەي.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 00:52:20

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-19 01:35  

ئۆتكەن يىلدىكى يۇرت سەپىرىمدە نۇرغۇن ھاياجانلىق ئىشلارنى بېشىمدىن كەچۈردۈم، بۇنىڭ ئىچىدە مېنى ئەڭ خۇشال قىلغىنى دەل مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى بولغان ياشلار، ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولالىغىنىم بولدى، دەپ ئويلايمەن.
مەزكۇر يازمىنى تەييارلىغان ئىنىمىز ئىسمائىل مۇھەممەدنىڭ قەتئىيلىكى ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ پائالىيەتنى تەشكىللەش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى چىقىرىشى بولمىغان بولسا بۇ ئەھمىيەتلىك سۆھبەت ۋۇجۇدقا چىقمىغان بولاتتى. بېيجىڭدىكى ھەر قايسى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئىنىمىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىسىدا پايتەخىت پىداگوكىكا ئۇنىۋېرستېتىدا ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم ۋە ئۇلار بىلەن ئىنتايىن كۆڭۈللۈك بىر نەچچە سائەت ۋاقىتنى بىللە ئۆتكۈزۈپ قەلبىمدە ئۇنتۇلماس خاتىرىلەر قالدى. پائالىيەتكە كەلگەن ئېنى-سېڭىللارمۇ ئوخشاش ھېسسىياتتا بولدى دەپ ئويلايمەن. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن پايتەخىت پىداگوكىكا ئۇنېۋېرستېتى ئوقۇغۇچىسى ئىسمائىل مۇھەممەت ئىنىمغا چوڭقۇر تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن. رەھمەت ئېنىم!
يەنە بۇ سۆھبىتىمىزدىن ئۈزەندىلەرنى رەتلەپ تورغا يوللىغان ۋە تورداشلارغا سۇنغان مارشال ئېنىمنىڭ ئەجرىگىمۇ كۆپتىن-كۆپ رەھمەت. ئاخىرىدا مەن ئۈچۈن ياخشى تىلەكلەردە بولغان بارلىق قېرىنداشلارغا تەشەككۈر.

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 17:38:31

بىزنى غورۇرلاندۇرۇپ تۇرىدىغان ئالىملىرىمىزنىڭ ئىچىدە تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەد بىلگە ئېسىل پەزىلەتلىرى بىلەن نۇرانەدۇر.

kumaltah يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 23:40:54

Neshter يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 17:38 static/image/common/back.gif
بىزنى غورۇرلاندۇرۇپ تۇرىدىغان ئالىملىرىمىزنىڭ ئىچىدە ...

تەكلىپ :بۇندىن كىيىن يازما يازغاندا ئىستۇدېنت دىگەننىڭ ئورنىغا ئاناتىلىمىزدىكى ئوقۇغۇچى دىگەن چۈشۈنىشلىك ئاتالغۇنى ئىشلەتسىڭىز.مىنىڭ پەرىزىم  ستۇدېنت دىگەن سۆزنى نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەر بىلسىمۇ ،‹ئوقۇغۇچى ›دىگەن سۆزنى 99.99% ئۇيغۇر بىلىدۇ دەپ ئويلايمەن.

Mexmutjan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 09:55:45

      بىلگەجان ئاكىمىزغا ئوخشاش  زىيالى ئالىملىرمىزنىڭ لىكسىيەلىرىگە قاننىشىشنى  بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم،ئەپسۇس  ،بىيجىڭدا ئوقۇيالمىغىنىمدىن   كۆپ پۇشايمان قىلىمەن، :'(

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 12:13:15

kumaltah يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 23:40 static/image/common/back.gif
تەكلىپ :بۇندىن كىيىن يازما يازغاندا ئىستۇدېنت دىگەنن ...

مەن قايسى ئىنكاسىمدا سىتۇدىنت دىگەن سۆزنى ئىشلەتكىنىمنى بىلمىگەن بولساممۇ، تەكلىپىڭىزگە قارىتا كۆز قارىشىمنى دەپ باقاي : ھىس قىلىشىمچە، سىتۇدېنت دىگەن بۇ سۆز ئېنگلىز تىلىدىن كىرگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇ سۆز مىنىڭچە ئالى ئوقۇللاردىكى ئوقۇغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ. ھەرگىزمۇ باشلانغۇچ ۋە ئورتا ئوقۇللاردىكىنى ئەمەس. ناۋادا، ئوقۇش دىگەن بۇ تۈپ سۆزنى ئۆز جايىدا ئىپادىلەشنى تەلەپ قىلساق، ئۇ ھالدا، ئوقۇرمەن، ئوقۇغۇچى دىگەن سۈپەتنىڭ ئېنىقلىغۇچى ئورنىنىمۇ ئىزاھلاشقا توغرا كىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەدەنىيەتلەرنىڭ تەسىر كۆرسىتىشىش نۇقتىسىدىن ۋە سىتۇدىنت دىگەن بۇ سۆزنىڭ تىلىمىزغا كىرگەن تارىخىنىڭ خېلى ئۇزۇنلىقىدىن قارىغاندىمۇ، بۇ سۆزنى ئىشلىتىش شەخسەن ماڭا «شۈېشېڭ» دىگەندىن يەڭگىلرەك ۋە يېقىملىقراق تۇيۇلىدۇ.
بەت: [1] 2
: دوكتۇر بىلگەجان بېيجىڭدىكى ئىستۇدىنتلار بىلەن سۆھبەتتە