uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 17:36:42

ئالتۇن سودا تەھلىلى ۋە پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرلىرى 16-01

ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 92.34   دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى1264 دوللار بولدى .
ئاساسى ئانالىز:

تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى 1267 دوللارغا چىقىپ يېڭى يۇقىرى باھانى كۆرسەتتى ،  يەنە كېلىپ بىر كۈنلۈك ئۆسۈش ھالىتىنى ساقلاپ قالدى ،ياۋرو / شۋېتسارىيە فرانكى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ تۆۋەن چېكى 1.2000  خەلقئارادا 70يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىنى شەكىللەندۈرۈپ پۇل مۇئامىلە بازىرىدا چوڭ بىر ئۆزگىرىش پەيدا قىلغانلىقى، ھەم ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ناچار بولىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ئالتۇن باھاسى 2.58% ئۆسكەن . بۈگۈن ئاسىيا ۋاقتىدا مۇھىم بولغان سانلىق مەلۇماتلار يوق ، ياۋرۇپا ۋاقتىدا ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى گېرمانىيە ۋە ياۋرو رايونىنىڭ CPI ئاخىرقى قىممەت سانلىق مەلۇماتى ، ئەگەر GDP سانلىق مەلۇماتى تۆۋەن بولسا ياۋرو ئاجىزلىشىشى مۇمكىن ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئالتۇن باھاسىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك ھالىتىگە بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن . شۋېيتسارىيە 11 - ئايلىق پارچە سېتىش مەلۇماتى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدۇ ، ئەگەر بۇ مەلۇمات ئاجىز چىقسا شۋېتسارىيە فرانكى بېسىمغا ئۇچراپ ئالتۇن باھاسىغا پايدىلىق بولىشى مۇمكىن . ئامېرىكا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئامېرىكا ئېلان قىلىدىغان بىر قاتار مۇھىم بولغان ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتلار .


مەشغۇلات باسقۇچى :

1.ئەتىگەن ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى 1262 دوللار بىلەن ئىچىلىپ 1264 دوللارغا چىقتى ، 1260 دوللارنىڭ يۇقىرىدا بىسىم بار بۇلۇپ شۇ ئەتراپىدىن قىسقا چۈشۈشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللار دا توختىتىپ دەسلەپكى پايدىسىنى 1255-1250 ئارىلىقىدا چىقىرىشقا بولىدۇ  . ئەگەر ئاسىيا بازىرىدا 1250 دوللاردا چۈشۈپ كەتسە چۈشۈشكە ئالغان مالنىڭ پايدىسىنى 1245-1248 دوللاردا چىقىرىشقا بولىدۇ .

2.  بىر كۈن ئىچىدە ئالتۇن باھاسى 1245-1240 دوللار ئەتىراپىغا چۈشسە ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولىدۇ .

چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار  1265 1260
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار  1245 1240
بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى  1240-1268

بۈگۈنكى تىرەش   نۇقتىسى 1240
بۈگۈنكى بۆسۈش   نۇقتىسى 1270

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .






ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش

   بۈگۈنكى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچ 92.15 ئەتراپىدا ئايلاندى ،  خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1262.05 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى . تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى 1267 دوللارغا چىقىپ يېڭى يۇقىرى باھانى كۆرسەتتى ،  يەنە كېلىپ بىر كۈنلۈك ئۆسۈش ھالىتىنى ساقلاپ قالدى ،ياۋرو / شۋېتسارىيە فرانكى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ تۆۋەن چېكى 1.2000  خەلقئارادا 70يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىنى شەكىللەندۈرۈپ پۇل مۇئامىلە بازىرىدا چوڭ بىر ئۆزگىرىش پەيدا قىلغانلىقى، ھەم ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ناچار بولىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ئالتۇن باھاسى 2.58% ئۆسكەن .بۈگۈن ئاسىيا ۋاقتىدا مۇھىم بولغان سانلىق مەلۇماتلار يوق ، ياۋرۇپا ۋاقتىدا ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى گېرمانىيە ۋە ياۋرو رايونىنىڭ CPI ئاخىرقى قىممەت ساھنلىق مەلۇماتى ، ئەگەر GDP سانلىق مەلۇماتى تۆۋەن بولسا ياۋرو ئاجىزلىشىشى مۇمكىن ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئالتۇن باھاسىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك ھالىتىگە بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن . شۋېيتسارىيە 11 - ئايلىق پارچە سېتىش مەلۇماتى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدۇ ، ئەگەر بۇ مەلۇمات ئاجىز چىقسا شۋېتسارىيە فرانكى بېسىمغا ئۇچراپ ئالتۇن باھاسىغا پايدىلىق بولىشى مۇمكىن . ئامېرىكا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئامېرىكا ئېلان قىلىدىغان بىر قاتار مۇھىم بولغان ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتلار .






شۋېتسارىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ ئالتۇن بازىرىغا ئېلىپ كەلگەن تەسىرى

        شۋېتسارىيە مەركىزى بانكا كۈتمىگەن يەردىن  تۈپ ئۆسۈم نىسبىتىنى -0.75% كە چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى ، شۇنىڭ تەسىرىدە 1-ئاينىڭ15 - كۈنى ئالتۇن باھاسى 3% ئۆسۈپ 1260 دوللاردىكى سەۋىيىگە چىقىپ 4 ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتتى . بۈگۈن ئاسىيا بازار ئېچىلغاندىن كېيىن ئالتۇن باھاسى 1262 دوللار ئەتراپىدا تەۋرەندى .
       LOGIC Advisors نىڭ قۇرغۇچىسى Bill O"Neill كۆرسەتمە بېرىپ : ئالتۇن باھاسى 1250 دوللاردىكى سەۋىيىدە تېز سۈرئەتتە ئۆسكەن ، شۇندىن كېيىن 200 كۈنلۈك يۆتكىلىش سىزىقى 1253 دوللاردىكى نۇقتىدىن بۆسۈپ ئۆتتى ، يېقىنقى مەزگىلدىكى كېيىنقى نىشانى 1280 دوللار بولىشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتتى .
      شېڭباۋ بانكىسى (Saxo Bank) نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىرېكتورى Ole Hansen سۆزىدە : ئالتۇن باھاسى خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجىنىڭ تۈرتكىسىگە ئۇچرىدى ، چۈنكى ھېچكىم شۋېتسارىيە مەركىزى بانكىسى تۈپ ئۆسۈم نىسبىتىنى چۈشۈردىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان ، شۇ سەۋەبتىن خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجى جانلانغان دەپ كۆرسەتتى .
      ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى ئۇدا بەش كۈنلۈك سودا كۈنىدە چۈشۈشنى كۆرسەتتى .




شۋېيتسارىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ 180 گىرادۇس ئايلىنىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ

         تۈنۈگۈن ياۋروپا بازىرىدا ، شۋېيتسارىيە مەركىزى بانكىسى (SNB) تۇيۇقسىز ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ -0.75% تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئىلان قىلدى ، ھەم ياۋرو / شۋېتسارىيە فرانكى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ تۆۋەن چېكى 1.2000  خەلقئارادا 70يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىنى شەكىللەندۈرۈپ پۇل مۇئامىلە بازىرى ، تاشقى پېرېۋوت بازىرى ، پاي چېكى بازىرى ۋە تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار بازىرىدا چوڭ بىر تەۋرىنىش پەيدا قىلدى ، ئارقىدىنلا ياۋرو / شۋېتسارىيە فرانكى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەش ئاساسى 30% كە يېقىنلاشتى ؛ شۋېيتسارىيە مەركىزى بانكىسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى شۋېتسارىيە فرانكى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ ، لېكىن شۋېيتسارىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ 180 گىرادۇس ئايلىنىشىدىكى سەۋەپ ئاساسلىقى ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ QE پىلانى سەۋەبىدىن بولغان .
        ياۋرو / شۋېتسارىيە فرانكى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ تۆۋەن چېكى 1.2000  نى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ، شۋېيتسارىيە مەركىزى بانكىسى ياۋرونى بىۋاستە قەرز چېكى باھاسىدا سېتىۋالدى ، بۇ ئەھۋاللارمۇ تاشقى پېرېۋوت زاپىسىغا ناھايىتى چوڭ بېسىم ئېلىپ كەلدى ؛ بۇنىڭغا ئەگىشىپ ياۋروپا مەركىزى بانكىسى كىلەر ھەپتىدىكى QE پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن ؛  






شۋېيتسارىيە مەركىزى بانكىسى دۇنيا پۇل مۇئامىلە بازىرىدا چوڭ بىر تەۋرىنىش پەيدا قىلدى

        ئاخشام پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، شۋېيتسارىيە مەركىزى بانكىسى (SNB) تۇيۇقسىز ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ -0.75% تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئىلان قىلدى ، ھەم ياۋرو / شۋېتسارىيە فرانكى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ تۆۋەن چېكى 1.2000  خەلقئارادا 70يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىنى شەكىللەندۈرۈپ پۇل مۇئامىلە بازىرى ، تاشقى پېرېۋوت بازىرى ، پاي چېكى بازىرى ۋە تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار بازىرىدا چوڭ بىر تەۋرىنىش پەيدا قىلدى ؛ قىممەت مېتاللار باھاسى چوڭ ئاساستا ئۆرلىدى ، خەلقئارا خام نېفىت باھاسى چوڭ ئاساستا تۆۋەنلىدى ، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى ئومۇميۈزلۈك بېسىمغا ئۇچرىدى ؛ بۇ سودا كۈندە ياۋرو ئامېرىكا پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتى بازاردىكىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولدى .
      تۈنۈگۈنكى ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە ،  شۋېيتسارىيە مەركىزى بانكىسى (SNB) نىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆسۈم نىسبىتىدىن ۋاز كەچكەنلىكى ، ھەم ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى سانلىق مەلۇمات نەتىجىسىنىڭ ياخشى چىقمىغانلىقى سەۋەبىدىن نەخ ئالتۇن باھاسى چوڭ ئاساستا بىر قېتىمدىلا 10 دوللار يۇقىرى ئۆرلىگەن ، Comex قەرەللىك ئالتۇن باھاسىمۇ 30.30 دوللار يۇقىرى ئۆرلىگەن ؛
      ئاخشام خەلقئارا خام نېفىت باھاسىنىڭ چوڭ ئاساستا تۆۋەنلىشى سەۋەبىدىن ئامېرىكا خام نېفىت باھاسىمۇ چوڭ ئاساستا تۆۋەنلىگەن .




1 - ئاينىڭ 16- كۈنىدىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى

      2015 - يىلى 1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى جۇڭگو خەلق بانكىسى جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىگە ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئىلان قىلغاندىن بانكىلار ئوتتۇرسىدىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ئوتتۇرچە  باھاسى :
     1دوللار 6.1188 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 ياۋرو 7.1244 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 100 يېن 5.2775 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 شىياڭگاڭ دوللىرى 0.78934 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 فوندستېرلىڭ  9.3044 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 ئاۋسترالىيە دوللىرى 5.0394 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 يېڭى زېللاندىيە دوللىرى 4.7933 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛  سىنگاپور دوللىرى 4.6299 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى  ؛ 1 كانادا دوللىرى 5.1071 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.57987 رېنگىت ) مالايسىيا پۇل بىرلىكى( قا تەڭ بولدى  ؛  1 يۈەن خەلق پۇلى 10.3911 روسىيە رۇبلىغا تەڭ بولدى  ؛ 1 تۈركىيە لىراسى 2.6663 يۈەن خەلق پۇلغا ، 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.3750 تۈركىيە لىراسىغا تەڭ بولدى .

مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى




بەت: [1]
: ئالتۇن سودا تەھلىلى ۋە پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرلىرى 16-01