ErqalMedia يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 16:50:41

رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى قانداق بولىدۇ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ErqalMedia تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-16 16:56  

رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى قانداق بولىدۇ؟

ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى


دۇنيا بانكىسى ئېلان قىلغان دۇنيا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا دائىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلى، رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىش نىسبىتى %2.9 بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن، ئەمما 2014-يىلى 12-ئايدا، رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىش نىسبىتى %0.7 بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن ئىدى. دوكلاتتا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا بانكىسى رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ 2016 ۋە 2017-يىللىق ئىقتىسادى ئۆسۈش نىسبىتىنىڭ ئايرىم ھالدا %0.1 ۋە %1.1 بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن.

دۇنيا بانكىسى يەنە 2016-2015-يىللىق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى مۆلچەرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ياۋرو رايونى، ياپونىيە ۋە بىر قىسىم يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئىقتىسادى يۈزلىنىشى ياخشى بولماسلىق سەۋەبلىك، نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشىنىڭ بۇ رايونلارغا ئېلىپ كەلگەن پايدىلىق تەسىرى تۆۋەنلەيدىكەن.

خەلقئارالىق مەدەنىيەت تارقىتىش ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيە ئىقتىساد مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئالېكسىي ئۇلۇكايىۋ (Alexei Ulukayev) نىڭ ئېيتىشىچە، غەربنىڭ ئىقتىسادىي جازاسى، نېفىت باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن تۆۋەنلىشى ۋە رۇبلى قىممىتىنىڭ چۈشۈش يۈزلىنىشىنى توختاتقىلى بولمايدىغان بولۇپ، بۇ رۇسىيە ئىقتىسادىي كىرىزىسىنى ناھايىتى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن.
مەنبە : سىنا تورى


مېدۋېدېۋ: رۇسىيە كىرىزىس ئېغىزىدا تۇرۇۋاتىدۇ

ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى



رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋنىڭ 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئېچىلغان ئالتىنچى نۆۋەتلىك گەيدېر مۇنبىرىدە ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە رۇسىيە بىر قانچە چوڭ كىرىزىسنىڭ ئېغىزىدا تۇرۇۋېتىپتۇ.

خەۋەر قىلىنىشىچە، رۇسىيەنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى نېفىت باھاسى تېخى چۈشمىگەن ۋاقىتتىلا تۆۋەنلەشكە باشلىغان بولۇپ، رۇسىيە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىشكە موھتاج ئىكەن، يەنە بىر تەرەپتىن، ماكرو ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىقى رۇسىيەگە نىسبەتەن يېتەرلىك ئەمەس ئىكەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيە ھەرگىزمۇ ئۆزىنى دۇنيانىڭ سىرتىدا قالدۇرمايدىكەن، رۇبلى يەنىلا ئەركىن ئالماشتۇرۇلىدىكەن. رۇسىيە مەركىزى بانكىسى توغرا سىياسەت تۈزۈشكە تىرىشىۋاتقان بولۇپ، رۇسىيە يېتەرلىك بايلىق زاپىسى ئارقىلىق قەرز قايتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلالايدىكەن.
مەنبە : يەر شارى تورى

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 21:16:49

  بۇ ئامىركا روسيەگە تەڭ كىلەلمەي قالدۇق يەي، روسيە يامانەي دەپ يۈرۈپ بەك باپلاپ كەتتىدە! ئەمدى كىلەر يىلى ھىچ زىيانغا ئۇچرىمايدىغان بىر دوكلاتنى يوللاپ پوتىن بىلەن شاگىرتى مىدمىدىپنى كولدۇرلاتماقچى...

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 21:34:01

نىمىشقا رۇسيەدە نىمىش بۇلسا ئامرىكىدىن كۇر دىغاندۇ، ئەجبا ئۇلارنىڭ سىياسىتىدە خاتالىق يۇقمىدۇ.

Truth يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 21:48:50

ياۋروپا تۈگىشەپ كېتىۋاتىدۇ. بەكلا چاتاق ئىشلار بولىۋاتىدۇ ئىشقىلىپ...

ftp يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 21:50:48

ئاخىرى قەيەردىن چىقاركىن بۇ ئىشلارنىڭ...

Truth يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 21:55:42

ftp يوللىغان ۋاقتى  2015-1-16 21:50 static/image/common/back.gif
ئاخىرى قەيەردىن چىقاركىن بۇ ئىشلارنىڭ...

فىرانسىيەدە چوڭراق ئويناپ قويدىغان ئوخشايدۇ ئويۇننى...

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 22:02:53

Truth يوللىغان ۋاقتى  2015-1-16 21:55 static/image/common/back.gif
فىرانسىيەدە چوڭراق ئويناپ قويدىغان ئوخشايدۇ ئويۇننى. ...

فىرانسىيەنىڭ  قۇلدا قانداق قەرىت باردۇ.

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 02:13:11

سەندەي يى بامىكى

Truth يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 06:20:45

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Truth تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-17 06:23  

uzakyul يوللىغان ۋاقتى  2015-1-16 22:02 static/image/common/back.gif
فىرانسىيەنىڭ  قۇلدا قانداق قەرىت باردۇ.

فىرانسىيەدە زا باركەن. ئامېركىدا دودەن باركەن. روسىيەدە نىمە بارلىقى ئىننىق ئەمەس. فىرانسىيە زانى چۈشتى. ئەمدى ئامېركا دودەن بىلەن ئېلىۋەتسە كەينىدە روسىيە نىمە چۈشىدۇ شۇنىڭغا قارايمىز. ئارلىقتا باشقا دۆلەتلەرمۇ قولىدىكى قارتلىرىنى ئوڭشىغاچ تۇرىدۇ. بەزى دۆلەتلەر ئۆز يىقىنلىرىغا قەرتلىرىنى بېرىپ تۇرۇشىمۇ مۇمكىن.

hohayla يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 07:06:44

ئامىركا  بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقماقچى، ئۇ بولسىمۇ جۇڭگو بىلەن  روسيە ، بەزى خەۋەرلەدە  ئېيتىلىشچە جۇڭگو بۇرۇن نىفىت باھاسى 100نەچچە دوللار ۋاقىتتا بىرقانچە دۆلەت بىلەن ئۇزاق مەزگىللىك سودا توختامى ئىمزالاپتىكەنتۇق، ھەم ئالدىن زەكالەت پۇلىمۇ بىرىپتىكەنتۇق، نىفىت باھاسى 20 دوللارغا كەپ قالسىمۇ، جۇڭگو شۇ توختام تۈگەن دۆلەتلەدىن ئامال يوق ئاشۇ توىتامدا دىيىلگەن 100نەچچە دوللار بىلەن ئېلىۋىردىكەن ،ئەگەر توختامغا خىلاپلىق قىلسا، ئالدىن بەرگەن نەچچە مىليارد دوللاردىن زاكالەت پۇلدىن كەچسە بۇلىدىكەن  ئامىركا دەل ۋاقىتتا پۇرسەتىىن پايدىلنىپ جۇڭگو بىلەن روسيەنى بابلىغىلى تۇردى  ، ئاسساسى بىز بۇ دۆلەتتە بىنزىن باھاسى چۈشۈشتىن ئۈمۈدنى ئۈزسەك بولغۇدەك

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 07:38:30

Truth يوللىغان ۋاقتى  2015-1-17 06:20 static/image/common/back.gif
فىرانسىيەدە زا باركەن. ئامېركىدا دودەن باركەن. روسىيە ...

  يەتتە دۆلەت گۇروھىدىكى چوڭ زىيان تارتىدىغان كەسىپلەردە ئالدىن تەييارلىق قىلىۋىلىپلا ئوينايدۇ بۇنداق ئۇيۇننى، ئاندىن قالسا شىمالى ئاتلانتىكتىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرگە  ئاستىرتتىن تەييارلىق پۇرسىتى بېرىشى مومكىنتى، ئەمما گىرمانىيەمۇ بۇ قىتىمقى زىيانغا ئازراق ئۇچرايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان تۇرغان...
  

Truth يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 07:57:31

ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2015-1-17 07:38 static/image/common/back.gif
يەتتە دۆلەت گۇروھىدىكى چوڭ زىيان تارتىدىغان كەسىپلە ...

ئالدىرمايلى، بۇ ئويۇننى كۆرىۋاتقان بىزلەرمۇ مۇشۇ ئويۇننىڭ ئىچىدىكى بىر قەرت.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 08:03:18

Truth يوللىغان ۋاقتى  2015-1-17 07:57 static/image/common/back.gif
ئالدىرمايلى، بۇ ئويۇننى كۆرىۋاتقان بىزلەرمۇ مۇشۇ ئوي ...

  دۆلەت ئىچى مۇقىم بولسىلا باشقا دۆلەتلەردە كەسىپلەر ۋەيران بولسا دۆلىتىمىز ئىشلەپچىقىرىش ئەمىلى كۈچى بىلەن شۇ دۆلەتلەرگە مال چىقىرىپ كىرىمنى داۋاملىق ئاشۇرالايدۇ. بۇ يىللاردا باي بۇپ كەتمىسەكمۇ باللېرىمىزنى ياخشى تەربىيلەشتە قىينىلىپ قالمىساقلا كىيىن بۇ ئىشلارمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ. ئۇ چاغدا يەنە گۈزەل پىچان قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ ماڭىۋېرىمىز...

sohrat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 14:03:45

بەزى خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا تەمىنات يەتكۈزۈشتە روسىيەنىڭ توشۇغۇچى راكېتاسىنى(ئالەم كېمىسىمۇ ياكى) ئىشلىتىدىكەن، ناسانىڭمۇ بۇنىڭغا ئامالى ھازىرچە يوقمىش، پوتىن مۇشۇ كوزېرى ئارقىلىق بارات قارىۋاينى يالۋۇرتۇپ، جېنىم ئاكا دېگۈزىدۇ، دەپ مۇلاھىزىلەرنى قىلىشىۋاتىدۇ.

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 14:52:48

sohrat يوللىغان ۋاقتى  2015-1-17 14:03 static/image/common/back.gif
بەزى خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى پ ...

ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدا باشقا دۇلەتلەردىنمۇ ئادەم باردە، خاس ئامېركىلىقلا بولغان بولسا بۇ كۇزۇر ئىشقا ئېشىشى مۇمكىندى.

Truth يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 17:47:56

بەزى ئاخپىرات ۋاستلىرىنىڭ گېپىگە قارىغاندا ئامېرىكا مەخپى بىر ئويۇننى پىلانلاپتۇ. بۇ ئويۇننىڭ فىرانسىيەدە ئوينىلىشى پەرەز قىلىنىۋاتىدۇ. ئويۇن ئوينۇلۇپ بولغاندىن كېيىن باش سەۋەبكارىنى باشقىلارغا ئارتىپ قويۇپ ئارقىدىن شۇنى باھانە قىلىپ چوڭراق ئويۇن ئوينىماقچىكەن.

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 18:03:14

Truth يوللىغان ۋاقتى  2015-1-17 17:47 static/image/common/back.gif
بەزى ئاخپىرات ۋاستلىرىنىڭ گېپىگە قارىغاندا ئامېرىكا م ...

شۇنداقمۇ؟ خەۋەر بەرگەچ تۇرۇڭ .:handshake

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 18:05:11

Truth يوللىغان ۋاقتى  2015-1-17 17:47 static/image/common/back.gif
بەزى ئاخپىرات ۋاستلىرىنىڭ گېپىگە قارىغاندا ئامېرىكا م ...

ئۇنداقتا ئامېركا ياۋرۇ رايۇنىنىمۇ رۇسىيەگە قارشى ،مەيدانى مۇستەھكەم ھالدا   قەتئىي ئاتلاندۇرماقچىكەندە؟ ھازىر ياۋرۇپا ىتتىپاقىدىكى بەزى ئەزالار ئىككىلىنىپ قېلىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ؟

Truth يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 18:47:22

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Truth تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-17 18:49  

تەكرار ئىنكاس

Truth يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 18:47:42

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Truth تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-17 18:58  

فىرانسىيە پەلەستىننى قوللىدى. ئارقىدىنلا ئىسپانىيە بىلەن پورتىگالىيەمۇ قوللىدى.
فىرانسىيە NATO غا ئەزا دۆلەت تۇرۇپ يەنە روسىيەگە ياردەم بەردى. ئىسپانىيەمۇ ياردىمىنى ئۈزمىدى.
فىرانسىيە روسىيەنىڭ دۇنيا پۇل مۇئامىلە سېستىمىسىغا بولغان كۆز قاراشلىرىنى قوللىدى ھەم بىر مەيداندا تۇرۇپ سۆزلىدى.
بۇندىن بۇرۇن فىرانسىيە ئەڭ ئاۋۋال ئامېركىدىن كۆپلەپ ئالتۇنلىرىنى قايتۇرۋالغان، ئۇندىن كېيىن تاكى ھازىرغىچە ياۋروپادا ئامېركىدىن ئالتۇنلىرىنى قايتۇرۋېلىش دولقۇنى ئۈزۈلمىدى.

فىرانسىيەنىڭ مۇشۇ قىلغانلىرى ئۈچۈن ئامېركا جاۋاب قايتۇردىغان يەرگىمۇ كېلىپ قالدى. ئەگەر فىرانسىيەگە بىرەر ئىش بولسا بۇنى كىمنىڭ قىلغانلىقىنى بىلىۋېلىش ئۇنچە قىيىن ئەمەس. ئەمما سەۋەبنى باشقىلارغا ئارتىپ قويۇپ ئارقىدىن ئامېركىنىڭ قەھرىمان بولىۋېلىشىمۇ ئادەمنىڭ كۈلكسىنى قىستىشى مۇمكىن.
بەت: [1] 2 3
: رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى قانداق بولىدۇ؟