NAWRUZJAN يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 15:54:49

ئىلىم تەھسىل قىلىش ھەققىدە(بېكون)

ئىلىم تەھسىل قىلىش ھەققىدە
بېكون


كىتاپ ئوقۇشتا بەزىلەر ئىش پۇشقىنى چىقىرىشنى، بەزىلەر بىلىملىك قىياپەتكە كىرىۋىلىشنى،يەنە بەزىلەر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.كىتاپ ئوقۇشنىڭ ئىش پۇشقىنى چىقىرىش تەرىپى ئاساسەن يالغۇز قالغان ۋە ئىشتىن چىكىنگەن چاققا باب كىلىدۇ؛بىلىملىك قىياپەتكە كىرىۋىلىش تەرىپى ئاساسەن گەپدانلىق قىلىشقا باب كىلىدۇ؛ ئىقتىدار ئۆستۈرۈش تەرىپى ئاساسەن ئىشلارغا ھۆكۈم قىلىش ۋە ئىشلارنى بىرتەرەپ قىلىشقا باب كىلىدۇ. ئەمىلى تەجىربىسى بار كىشى بەلگىلىك خىزمەتنى ئورۇندىيالىغىنى، شۇنداقلا ئايرىم ئىشلار ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرالىغىنى بىلەن،چوڭ-چوڭ تەكلىپلەرنى بېرىش ھەم قىلىشقا تىگىشلىك چوڭ ئىشلارنى پىلانلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئوخشاش ئىشلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى بىلىملىكلەر بەجا كەلتۈرىدۇ.

  بىرنەرسە ئۈگىنىشكە ۋاختىنى بەك كۆپ سەرىپ قىلىۋىتىش ھورۇنلۇق ھېساپلىنىدۇ؛ ئۆزىنى بىلىملىك كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇش ساختاپەزلىك بولىدۇ؛ بىرەر ئىش ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىشتا تامامەن بىلىم قائىدە-قانۇنىيەتلىرىنى ئاساس قىلىش كىتاببازلىق بولىدۇ. بىلىم ئىنساننىڭ تەبىئىتىنى تېخىمۇ تاكاممۇللاشتۇرىدۇ. تەجىرىبە بىلىمنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۇرىدۇ. تەبىئى تالانت ياۋا گىياھقا ئوخشاش بۇلۇپ، ئۇنى بىلىم بىلەن چاتاپ-قىرىپ تۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ؛ بىلىم تەجىربىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان بولسا، ئۇنىڭ يىتەكچىلىكى بەك يۈزە بولۇپ قالىدۇ.ھېلىگەرلەر بىلىمنى كۆزگە ئىلماس كىلىدۇ، دۆتلەر بىلىم گە ھەۋەس قىلىدۇ، چىچەنلەر بىلىمدىن پايدىلىنىدۇ؛ بىلىم كىشىلەرگە ئۆزىنى قانداق تەدبىقلاشنى ئېيتىپ بەرمەيدۇ. تەدبىقلاش ئۇسۇلى كىتابنىڭ سىرتىدا بولىدۇ، ئۇ بىلىمدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىرخىل پاراسەتكە ياتىدۇ، ئۇنىڭغا كۈزىتىش ئارقىلىقلا ئېرىشكىلى بولىدۇ. كىتابنى قۇرۇق گەپ سېتىش ۋە ۋەز ئېيتىش ئۈچۈن ئەمەس،دەڭسەش ۋە پىكىر قىلىش ئۈچۈن ئۇقۇش كېرەك. ياخشى گەپتىن پۇتاق چىقىرىش ياكى كىشىگە رەددىيە بېرىش ئۈچۈنلا كىتاب ئوقۇشقا بولمايدۇ،شۇنداقلا كىتابقا بەك ئىشىنىپ كىتىشكىمۇ بولمايدۇ. بىلىم ئىگەللەشتىن مەقسەت مەنمەنچىلىك قىلىش ياكى كۆز-كۆزقىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتنى تېپىش،ئەقىل-پاراسەتنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بولىشى كىرەك.

   يۈزە تەتقىق قىلىپ قويۇشقا لايىق بىلىملەرمۇ، ئاز-تۇلا بىلىپ قويۇشقا تىگىشلىك بىلىملەرمۇ بار. پەقەت ئازساندىكى كەسپى بىلىملەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا ۋە يىپىدىن -يىڭنىسىگىچە بىلىشكە توغراكىلىدۇ.شۇڭا،بەزى كىتابلارنىڭ بىر قىسمىنى، بەزى كىتابلارنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى ئۇقۇشلا كۇپايە،ئازساندىكى ياخشى كىتابلارنى قېتىرقىنىپ تەكرار ئوقۇش كېرەك.

  بەزى كىتابلارنى باشقىلار ئوقۇپ چىقسا، ئۇنىڭ خاتىرسىنى ئۇقۇپ چىقسىڭىزلا بولىدۇ لىكىن بۇنداق قىلىش مۇلاھىزىسى ئانچە مۇھىم بولمىغان كىتابلار بىلەنلا چەكلىنىشى كېرەك.

  كىتاب ئوقۇش كىشىنى تاكامۇللاشتۇرىدۇ؛ سۆھبەت كىشىنى چىچەنلەشتۇرىدۇ؛ خاتېرە يېزىش كىشىنى زىللاشتۇرىدۇ، بىلىمنى مۇستەھكەملەيدۇ. خاتېرە قالدۇرۇشنى خالىمايدىغان كىشىنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى چۇقۇم كۈشلۈك بولىشى كېرەك، باشقىلار بېلەن كۆپ ئەسرا بولمايدىغان كىشى ئۆتكۈر بولىشى كىرەك، كىتاب ئوقۇمايلا بىلىملىك دىگەن نامنى ئېلىۋىلىشنى مەخسەت قىلغانلار چۇقۇم ناھايىتى ھېلىگەر بولىشى كېرەك.شۇنداق بولغاندىلا، ئاندىن ئۇلار ئۆزىنىڭ بىلىمسىزلىكىنى يۇشۇرالايدۇ، تارخ ئۇگىنىش كىشىنى زېرەكلەشتۇرىدۇ: شېئىر ئوقۇش كىشىنىڭ زېھنىنى ئاچىدۇ؛ ماتېماتېكا ئۈگۈنۈش كىشىنى پۇختا قىلىدۇ. پەلسەپە ئۈگۈنۈش كىشىنى يۇزە قاراشتىن خالى قىلىدۇ. ئېتىكا كىشىنى سالماقلاشتۇرىدۇ؛ لوگىكا بېلەن ئىستىلىستىكا ئۇگىنىش كىشىنى مۇنازىرىگە ماھىر قىلىدۇ. ئۇمۇمەن، بىلىم كىشىدە خاراكتېر يىتىلدۇرىدۇ. شۇنىڭ بېلەن بىللە، بەدەندىكى ئاجىزلىقلارنى ھەركەت ئارقىلىق تولۇقلىغىلى بولغاندەك ،روھىي جەھەتتىكى يىتەرسىزلىكلەرنى بىلىم ئارقىلىق تولۇقلىغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، دومىلىما توپ ئويناش بۆرەكنى، ئوقيا ئېتىش ئۆپكىنى، سەيلەقىلىش ئاشقازاننى ياخشىلايدۇ، بەيگە ئويناش مېڭىنى سەگەكلەشتۇرىدۇ،ۋەھاكازا.....شۇڭا،پىكىرنى مەركەزلەشتۈرەلمەيدىغانلارنى ماتېماتېكا ئۈگىنىشكە سېلىش كېرەك.چۈنكى، ماتېماتېكىدا سەل-پەل دىققەت قىلىنمىسىلا، خاتالىق كىلىپ چىقىدۇ. ئانالىز قىلىش، پەرق ئىتىش قابىلىيىتى ئاجىز كىشىلەرنى پەلسەپە ئەسەرلىرىنى ئوقۇشقا سېلىش كېرەك، چۈنكى پەيلاسوپلار ماددا،تارماقلارغا بۆلۈپ ئىنچىكە ئالانىز قىلىشقا ماھىر كىلىدۇ. مەسىلىلەرنى تەشكۈرۈپ ئېنىقلىيالمايدىغان، بىر ئىش ئارقىلىق باشقابىر ئىشنى دەلىللىيەلمەيدىغان ۋە يېشىپ بىرەلمەيدىغان ئادەمنى ئادۋۇكات بىجىرگەن دېلولارنى تەتقېق قىلىشقا سېلىش كېرەك.دىمەك، ئەقلى جەھەتتىكى كەمتۈكلەرنى تۈگىتىشنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق يولى بولىدۇ.

               بېكوننىڭ «كىشىلىك ھايات ھەققىدە»  ناملىق كىتابىدىن ئېلىنغان
         

toxkan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 17:16:52

بېكوننىڭ «كىشىلىك ھايات ھەققىدە» دىگەن كىتابىنى نەدىن تاپقىلى بولىدۇ؟

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 19:16:33

ياخشى يېزىلغان ئ‍ەسەر ، تېما ئ‍ىگىسىگە رەخمەت:):)

tursunjan1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 19:34:53

«كىشىلىك ھايات ھەققىدە» دىگەن كىتاب، شىنخۇا كىتاپخانىلىرىدىن تىپىلارمۇ؟
پەلسەپەگە ئائىت كىتاپ تەۋىسيە قىلغان بولساڭلار

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 19:57:00

بۇ كىتابنى سېتۋالغىلى ئون نەچچە يىل بوپتۇ، شەخسى كىتاپخانىلاردىن تاپقىلى بولۇشى مۇمكىن.

Sewirchan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 21:44:25

مۈمكىن بولسا مۇشۇ كىتاب قولىدا بار  قېرىندىشىمىزدىن بىرەرى ئۇنى سىكەننىرلەپ pdf كىتاپقا ئايلاندۇرۇپ ئايرىم تېما يوللاپ  چۈشۈرۈش ئادرىسىنى تەمىنلىسە كىتاپ ئوقۇش يىلىمىزغا بىر ياخشى سوۋغات بوپ قالاتتى.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 22:35:37

Sewirchan يوللىغان ۋاقتى  2015-01-16 21:44:25 static/image/common/back.gif
مۈمكىن بولسا مۇشۇ كىتاب قولىدا بار  قېرىندىشىمىزدىن بى
بۇ كىتاب مەندە بار، بىراق ھازىرچە شارائىتىم يار بەرمەيدۇ… ئاللا خالىسا بىرەر ئايلاردىن كېيىن قولۇمغا ئالالايمەن…:handshake ئۇنىڭغىچە قولىدا بارلار قىلىۋەتسە تېخى ياخشى.
بەت: [1]
: ئىلىم تەھسىل قىلىش ھەققىدە(بېكون)