NAWRUZJAN يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 15:52:28

قىممەت ئۆلچىمى

قىممەت ئۆلچىمى



«قىلۇر ياخشىلىق ئۇ پۈتۈن ئىلىگە،يەنە مىننەت ئۇرماس كىشى يۈزىگە»(857-بىيىت)

نىمىنى كىشى قىممىتىگە باھا بىرىشنىڭ ئۆلچىمى قىلىش كىرەك؟خەلىقنىڭ مەنپەتىنى،ئەلنىڭ مەنپەتىنى كۆزلەشنى،ئۆزىنىڭ مەنپەتىنى كۆزلىمەسلىكنى،يەتكۈزگەن مەنپەتى ئۈچۈن بەدەل كۆزلىمەسلىكنى ئۆلچەم قىلىش كىرەك.يۇقۇرقىلارنى «ياخشىلىقنىڭ تەبىئىتى»دەپ ھىساپلاش لازىم. مانا بۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قىممەت ئۆلچىمى توغۇرسىدىكى بايانى.ئۇنىڭ كىشىلىك قىممەت قارىشى توغۇرسىدىكى ئاساسىي قارىشى تۆۋەندىكى نوختىلار ئاساسىدا ئىزاھلانغان.

بىرىنچى، ئەل مەنپەتىنى كۆزلەش.
«ئەل مەنپەتىنى كۆزلىگەن ئادەمنى چىن ئادەم،كۆيۈمچان ئادەم دىگىلى بولىدۇ،ئۆز مەنپەتىنى كۆزلىگەن كىشىلەرنى ئادەم ھىساپلىغىلى بولمايدۇ».(3931-،3933-بىيىت).«كىشىلەرگە نەپ بەرمىگەن ئادەم،تىرىك ئۆلگەن ئادەمگە ئوخشايدۇ»(3930-بىيىت).

ئىككىنچى، يىڭىلىقنى قوللاش،كونىغا قارشى تۇرۇش.
«پۈتۈن تەم،لەززەت  يىڭىدا»(689-بىيىت)«كونا نەرسە يىقىمسىز»(687-بىيىت)،«يىڭى بولسا كونىنىڭ نىمە كىرىكى»(688-بىيىت)،«تۇراقسىز بولۇشۇم ماڭا ئەيىپ ئەمەس»(687-بىيىت).

ئۈچىنچى، خەلىقنى باي قىلىش ئەلنى گۈللەندۈرۈش.
«خەلىقنى باي ئەلنى گۈللۈندۈرۈش»(1039-بىيىت)،«خەزىنىنى تولدۇرۇش،»«ئەلنىڭ قارنى توق،كىيىمى پۈتۈن بولۇش»(3113-،5355-بىيىتلار).

تۆتىنچى، ئەلدىن زۇلۇمنى تۈگىتىش.
«خەلىقنىڭ بەزىللىرى زۇلۇم سەۋەبىدىن بەختى قارا،(5242-بىيىت)،بەزىللىرى يوقلۇق غىمىدە بىنەۋا،بەزىللىرى ئاچ،بەزىسى غەم قايغۇ چەكمەكتە»(5243-بىيىت)،«بەزىسى تاۋار مال تىلەيدۇ،بەزىسى مال شەرەپ ئىزدەيدۇ»(5518-بىيىت)،«كىشىلەرنىڭ بىرى يەنە بىرىنى ئىزىدىغان ئەھۋالنى كۆتۈرىۋىتىش»(5876-بىيىت) لازىم.

بەشىنچى، خەلىقنى بىيىتىش.
«بۇ يۇرىتتا پىقىر كۆپمۇ ياكى باي؟»(3098-بىيىت)،«ئاۋام خەلق-باي،ئوتتۇرا،يوقسۇلدىن ئىبارەت ئۈچ گورۇھتىن تەشكىل تاپقا»(5560-،5561-،5562-،5563—بىيىتلار)«ھەرگىز باي يۈكىنى ئوتتۇرىغا،ئوتتۇرىلارنىڭ يۈكىنى پىقىرغا يەتكۈزمە»(5565-بىيىت)،«پىقىر ئوتتۇرا ھالغا يەتسۇن،ئوتتۇرا بولسا باي بولسۇن»(5513-،5566- بىيىت)،«مۇشۇنداق بولغاندا ئەل بىيىيدۇ»(5569-بىيىت).

ئالتىنچى، توغرا قانۇن بولۇش.
«توغرا قانۇن تۈزۈپ ئەلنى ئىدارە قىلىش،بەگلىك ئۈلى ئادالەتتە»(5576-بىيىت)«ھۆكۈمدە بەگ،قۇل دەپ ئايرىماسلىق»(809-بىيىت)،«ئادەم قورساق ۋە كىيىمنىڭ قۇلى بولماسلىق»(4775-بىيىت)،«زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش»(848-بىيىت)كىرەك.

يەتتىنچى، جەمئىيەتنى گۈللەندۈرۈش.
«ئالىم بىلىم بەرسۇن!»(5538-بىيىت)،«ھۈنەرۋەن شاگىرت تەربىيلىسۇن»(5642-بىيىت)،«دىھقانلار تىرىلغۇ قىلسۇن»(5645-بىيىت)،«چارۋىچى چارۋىنى كۆپەيىتسۇن»(5591-بىيىت)،«خۇدانى تائەت بىلەن تاپالمايدۇ قۇلى»(3986-بىيىت)،«تائەت خۇداغا ھاجەت ئەمەس»(3251-بىىيىت)،«خەلىق شەھەرنى تاشلىسا جاھان بۇزىلىدۇ،ئادەم يوقىلىدۇ»(3652-بىيىت)،«تائەتكە ئىشىنىپ يۈرسە قۇل،خۇدانىڭ سۆيۈنچىسىگە ئىرىشەلمەيدۇ»(3249-بىيىت).

سەككىزىنچى، بىلىملىك بولۇش.
«ئەل بىشى بىلىملىك بولسۇن (5329-بىيىت)،قازى خەلپەت ۋە ۋەزىر ياخشى بولسۇن(5331-بىىيىت)».

توققۇزىنچى، سىنىپى پەرىقنى تۈگىتىش.
«بۆرە بىلەن قوي بىللە يۈرىيدىغان بولسۇن»(1040-بىيىت)،«بىر يەردىن سۇ ئىچىدىغان بولسۇن»(461-بىيىت).

يۇقىرىقى نۇقتىلار يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىتىكىلىق قىممەت ئۆلچىمىنىڭ ئاساسى مەزمۇنلىرىدىن ئىبارەت.ئۇنىڭ ئىتىكىلىق قىممەت ئۆلچىمى ئەنئەنىۋى ئىتىكا قىممەت قارىشىنىڭ ئەھمىيىتى بار ئامىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئىلىپلا قالماستىن،مور ۋە كامپانىللانىڭ خىيالى سوتسىيالىزىمىغا ئوخشاپ  كىتىدىغان مەزمۇنلارنى،شۇنىڭدەك ئۇنىڭ جەمىئيەتنى ئۆزگەرتىش ۋە ئىسلاھ قىلىش ئارزۇسىنى گەۋدىلەندۇرگەن.ئۇ ئەل مەنپەتىنى كۆزلەپ،خەلىققە كۆيۈمچان بولۇپ،گال ۋە كىيىمنىڭ قۇلى بولماسلىقنى يىڭىلىقنى قوللاپ كونىلىققا قارشى تۇرۇشنى،ئىلم-پەننى راۋاجلاندۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشنى روناق تاپقۇزۇشنى پۇقرانىڭ قارنى توق كىيىمىنى پۈتۈن قىلىپ خەلىقنى بىيىتىپ يوقسۇزلۇقنى تۈگۈتۈشنى،زاھىتلىققا قارشى تۇرۇپ خەلىقنى بىيىتىپ ئەللنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشىغا قاراپ ھەق بىرىشنى (ئەمگىكىگە قاراپ ھەق بىرىشكە ئاساسەن ئوخشاش)،كىرىمگە قاراپ چىقىم قىلىشنى،كىشىنى كىشى ئىزىدىغان ئەھۋالنى تۈگىتىپ،قوزى بىلەن بۆرىنى بىر يەردىن سۇ ئىچىدىغان قىلىشنى،ئەلنى ئادىل قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىدىغان قىلمىشلارنى تۈگىتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.ئۇنىڭ بۇ خىل قارىشى ئىلىم-پەننىڭ رولىغا سەل قارايدىغان،نامرات ۋە تەڭ تەخسىماتچىلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان ھەم قانۇن تۈزۈمنى ئىنكار قىلىدىغان كۆز قاراشلاردىن ناھايىتى روشەن يوسۇندا پەرىقلىنىدۇ.يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ۋۇجۇدىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان مول ماتىرىيالىزىم ۋە دىيالىكتىك ئىددىيىسى ئۇنىڭ يۇقۇرقىدەك قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا تۈرىتكىلىك رول ئوينىغان.«كىشىنىڭ قىممىتى ئۆز قىممىتىدىن ئىبارەت»دەيدىغان سارترېنىڭ قارىشىغا تۈپتىن قارمۇ قارشى بولغان«ئەل ۋە خەلىقنىڭ مەنپەتىنى كۆزلەش »لازىم دىگەن قاراش يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئېتىكىلىق قىممەت قارىشىدا يادرولۇق ئورۇن ئىگەللىگەن.لىكىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تارىخىي ۋە سىنىپىي چەكلىمىلىكى ئۇنىڭ قىممەت ئۆلچىمى توغۇرسىدىكى قاراشلىرىدا ئۆز ئىزلىرىنى قالدۇرغان.





مەنبەسى: سەمەت خېۋىرنىڭ «يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دۇنيا قارىشى»دىگەن كىتاۋىدىن ئىلىندى.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 18:10:50

نەچچە يىللار ئاۋۋال مۇشۇنداق سوغۇق قىش مەزگىلى، بالا كۆتۈرۈپ ماشىنا توسالماي تۇرساق بىر خېلى ئېسىل ماشىنا كېلىپ توختىدى ، مەھەللىگە كىرگەندىن كىيىن نەچچە پۇل دەپ سورىسام  شوپۇر ' مەن كىرا قىلمايمەن، قارىسام بالا كۆتۈرۋاپسىلەر، بالىنى توڭلاپ كەتمىسۇن دىدىم، چۈشىۋېرىڭلار' دىدى، يەنە تىركىشىپ پۇل تەڭلىسەم ھاقارەت قىلغان بولۇپ قالغۇدەكمەن. مۇشۇنداق ئەھۋال مەن يوق چاغدىمۇ بىرنەچچە قېتىم يۈز بېرىپتۇ. ھازىر ماشىنا ھەيدەپ ماڭسام ئوڭ تەرەپكە قاراپراق ماڭىمەن، يەنە ئاشۇنداق بالا كۆتۈرۋالغانلار ماشىنا توساۋاتامدىغاندۇ-دەپ. بولسا ئاشۇ شوپۇر دىگەن گەپنى مەنمۇ بىرەرسىگە دەۋالسام ...  

alip824 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 19:32:30

' مەن كىرا قىلمايمەن، قارىسام بالا كۆتۈرۋاپسىلەر، بالىنى توڭلاپ كەتمىسۇن دىدىم،
خۇدا سالامەت قىلغاي مۇشۇنداق ئاق كۆڭۇللەرنى!

Abdurehman يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 19:45:08

ياخشىلىق قىل قولۇڭدىن كەلسە

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 20:51:34

yollugh يوللىغان ۋاقتى  2015-1-16 18:10 static/image/common/back.gif
نەچچە يىللار ئاۋۋال مۇشۇنداق سوغۇق قىش مەزگىلى، بالا ك ...

پاھ! ئەڭ ئېسىل رىئاللىق مۇشۇنداق بولدۇ- دە. . . .  بەلكىم شوپۇرنىڭ دېگىنى، قىلغىنى سىزنى بۇنچىلىك تەربىيىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئەمەس. مىڭ ئەپسۇس: ئاشۇنداق «شوپۇر»لىرىمىز ئانچە كۆپ ئەمەس.
ئەمەلىيەتتە، ئىشلار شۇنچىلىك ئاددىي ھەم رىئال بولسىمۇ، بىزلەر كۆپىنچە ھاللاردا ھەددىدىن زىيادە ئويلاپ كېتىمىز. شۇنىڭ بىلەن قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان ئىش، دىيىشكە تېگىشلىك بولمىغان گەپلەرنى دەپ قويۇپ، ئىنسان بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ نازۇك تۇيغۇلارنى بىتچىت قىلىۋېتىمىز. . . .

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 21:55:41

ئىنسانلار ئوتتۇرسىدىكى مىھىر-مۇھەببەت ئەخلاق بىلەن مۇكەممەللىشىدۇ. جەمىيىتىمىزدە شەخسىيەتچىلىك،سەمىمىيەتسىزلىك،ھىلىگەرلىك ۋە مەنپەئەتپەرەسلىك ئەقىللىق دىگەن نامغا ئىرىشىپ قاپتۇ.قانچىكى شەخسىيەتچى بولساڭ شۇنچىلىك پۇت تىرەپ تۇرالايسەن دىگەندەك بىنورمال،ياۋايى ئىدىيەگە ئىگە كىشىلەر ئۇيغۇر جەمىيىتى چەتكە قىقىۋاتقان پاھىشۋازلار،ئاتىسىتلار،باشقا دىندىكىلەر، ھەمجىنىسلار ۋە ھاراق-تاماكا قوللانغۇچىلار ئالدىدىدا ئەخلاقسىز سانىلىشى كىرەك.
بۈگۈنكى ئەخلاق سىستىمىمىز يەرشارىلاشقان ئەخلاق تىئورمىسىغا ئۇيغۇنلىشىشى كىرەك.
شەخىسنىڭ ئىدولوگىيىلىك قارشى،جىنسى خاھىشى ۋە قىممەت ئۆلچىمىدىكى پەرىق ئەخلاقنىڭ ئۆلچىمى بولماسلىقى كىرەك.
شەخسىيەتچىلىك،رەزىللىك،مەنپەئەتپەرەسلىك،باشقىلارنىڭ تاللىشىغا دىكتاتورا يۈرگۈزۈش بۈگۈنكى دۇنياۋىي ئەخلەق سىستىمىسىنىڭ كۈرەش نىشانى.
بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمىيىتى ئىلغارلىشىش ۋە ساپالىشىش جەريانىدا چوقۇم ئەخلاق سىستىمىسىنى ئىسلاھ قىلىشى كىرەك.
ئىنساننىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئىلگىرلىشىشىگە توسالغۇ بولىدىغان  ئەخلاق تىرمىنلىرىنىڭ ئورنىغا ئىنساننى مەركەز قىلغان ھۇمانىستىك ئەخلاق قاراشلىرىنى تۇرغۇزۇش كىرەك.
يات مىللەتلەرنىڭ پارىخورلۇق چىرىكلىك ۋە مەنپەئەتپەرەسلىككە  ئوخشاش ناچار ئادەتلىرىگە ئەنئەنىۋىي خەلىقچىلىق ۋە ياخشىلىقنى سۆيىدىغان مىللىي ئادەتلىرىمىز بىلەن قارشى تۇرشىمىز كىرەك دەپ قارايمەن.
بەت: [1]
: قىممەت ئۆلچىمى