قۇتيار فونت قاچىلىغۇچىسىنىڭ يېڭى نەشرىگە ئۇچۇر تەمىنلەڭ
ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلارقۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىمىز قۇتيار شوپۇرلۇق سىستېمىسىنى تۈزۈپ تارقاتقاندىن كېيىن Andorid يانفون ئىشلەتكۈچىلەرگە قولايلىق ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن يانفونىدا root ھوقۇقى بولسىلا بىر كۇنۇپكا بىلەن خەت نۇسخىىسنى چىرايلىق قىلىپ ئىشلىتىدىغان «قۇتيار فونت قاچىلىغۇچ 1.0» نى ئالدىنقى يىلىق 4-ئايدا ئېلان قىلغان ئىدۇق. بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان ئىشلەتكۈچىلەرگە قولايلىق ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ ئەمما ئاز بىر قىسىم ئىشلەتكۈچىلەر يەنىلا نورمال تونۇتالماي ياكى يانفونى قوزغالمايدىغان ئەھۋاللارغا يولۇقتى. بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى [ئۇيغۇرچە ئەپ] 4.1 دىن يۇقىرى نەشردىكى Android قا فونت قاچىلىغۇچ دېگەن تېمىدىن كۆرسەڭلار بولىدۇ.
بۇ ئەپنى ئىشلىتىپ يانفونسىغا ئۇيغۇرچىنى بىمالال تونۇتقانلار كۆپ تەشەككۈرلەرنى ئېيتتى، تونۇتالمىغانلار چىققان ئۇچۇرلارنى بىزگە قالدۇرۇپ ئامال قىلىشنى ئېيتقانمۇ بولدى، ئەمما بىزنىڭ ۋاقتىمىز يېتىشمگەچكە دەماللىقا بۇ ئەپنى ئوڭشاپ كەمچىلىكنى تۈزىتىپ بولالمىغان ئىدۇق. مانا نەچچە ئايدىن بېرى سەل قولىمىز بوشاپ ئەمدى بۇ ئەپنى قايتىدىن بىر مۇكەممەل قىلىپ ھەم بىر قانچە ئالاھىدە ئىقتىدارلارنى قوشۇپ چىقىرىشنى لايىق كۆردۇق. شۇنداقلا بىر قىسىم سىناقلارنى ئىچكى قىسىمدا ئېلىپ باردۇق. ھازىر 4.0،4.1.1 سىستېمىلاردا نورمال ئەمەلگە ئاشتى. ئەمما بىزدە ھەرخىل يانفونلارنىڭ ھەممىسى بولمىغاچقا تورداشلار ئىشلىتىۋاتقان يانفونلارنىڭ تىپى، سىستېما نەشرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى بىلىشكە موھتاج بولۇپ قالدۇق. شۇڭا تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى بىزگە ئىنكاس شەكلىدە ياكى ئېلخەت ۋە QQ ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بېرىشىڭلارنى سورايمىز.
1 - يانفوننىڭ ماركىسى ۋە تىپى؛
2 - شۇ يانفوندا ئىشلىتىۋاتقان rom نىڭ نەشرى؛
3 - شۇ يانفوندىكى rom ئىچىدىكى ئالماشتۇرۇشقا تېگىشلىك خەت نۇسخىسى (ياكى شۇ خەت نۇسخسىنىڭ نامى بولسىمۇ بولىدۇ). ئادەتتە cm نىڭ rom لىرىدىن ئۆزگەرتىلگەن سىستېمىلار بولسا DroidNaskh-Regular.ttf ۋە DroidNaskhUI-Regular.ttf ناملىق ئىككى خەت نۇسخىسى بولىدۇ. مۇشۇ ئىككى خەت نۇسخىسى بار بولسا شۇنىڭ نامىنى يېزىپ ئىنكاس قالدۇرساڭلارمۇ بولىدۇ. ئەمدى Samsung ياكى باشقا بىر قىسىم ئەسلى ئورگاندىكىلەر ئۆزى ياساپ چىققان rom لاردا GS45_Arab_AndroidOS.ttf ۋە Roboto-Regular.ttf ناملىق ئىككى خەت نۇسخىسى ئۇيغۇرچىغا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. شۇڭا بۇنداق خەت نۇسخىسى بولسا شۇنى بىزگە قالدۇرساڭلارمۇ بولىدۇ.
(دىققەت: ناۋادا سىز قايسى خەت نۇسخىسىنى ئالماشتۇرۇشنى بىلمىگەن بولسىڭىز بىزگە شۇ rom ئىچىدىكى system/fonts نىڭ ئىچىدىكى بارلىق خەت نۇسخىسىنىڭ ھالىتىنى رەسىمگە تۇتۇپ يوللاپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ)
تۆۋەندە ئەپنىڭ كۆرۈنمە يۈزلىردىن بىر قانچە پارچە كەسمىنى يوللىدۇق. كۆرۈپ باققايسىلەر ۋە قوشىدىغان ئىقتىدارلار بولسا قالدۇرساڭلار قولىمىزدىن كېلىشىچە قوشۇپ ھەرقايسى تورداشلارغا قولايلىق ئەكېلىشكە تىرىشساق .
مەزكۇر ئەپنى ھەرقايسى تورداشلار بىزگە قالدۇرغان يانفون ئۇچۇرى ۋە سىستېما ئۇچۇرىغا ئاساسەن مۇكەممەللەشتۈرۈپ بىر قانچە كۈندىن كېيىن سىناشقا ئايرىم تېما يېزىپ قالدۇرىمىز. شۇڭا تورداشلارنىڭ ئاكتىپ ھالدا بىزگە ماسلىشىپ بېرىشنى سورايمىز.
مەزكۇر تېمىنى باشقا بېكەتلەرگىمۇ يوللاپ قويساڭلار بولىدۇ. قانچە جىق ئۇچۇر كەلسە بۇ دېتالنىڭ مۇكەممەللىكىگە پايدىسى بار. يەنە بىرسى بۇ ئەپ ھەقسىز تارقىتىلىدۇ.
ئۇچۇر ئەۋەتىش ئۇسۇللىرى:
QQ: 406878478
QQ:18099083775
بۇ ئەپ ۋە Android ھەققىدە بىلىمگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى QQ توپىغا كىرىڭ:
321283874
ھۆرمەت بىلەن: قۇتيار تور بېكىتى
قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىسى
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى {:112:} OPPO Faind5يەنى X909Tدىن بىرسى بار. سېستىما نەشىرى: 4.2.2 روتلانمىغان. مەن 1.0 لىك نەشرىدە سامسۇنڭ گالاكسى ئەس5 4.4.2 گە سىنسام ئۇيغۇرچە نورمال ئەمەس،ھەم ئۇيغۇرچە خەتلەر ئۇستەل يۇزدە كۇرۇنمەي ئايكۇنلا كۇرنۇپ تۇرۋېلىپ قايتا سېتىما يېزىپ ئوڭشىۋالدىم.... مەن مېيزۇ mx4 proدا كونا نەشىرىنى سىنىسام ئاساسەن نورمال،بەزى بىر بەلگىلەر چىقمىغاننى ھىساپقا ئالمىغاندا،ھۈسۇنخەت نۇسخىسىغا ئالماشتۇرسام،توركۆرگۇچتە ئۆزگەرمەي يانفۇندا شۇ ھۈسۇنخەت بويىچە چىقىۋىلىۋاتىدۇ،قايسى فونتقا مۇناسىۋەتلىكلىكىنى بىلەلمىدىم خۇاۋىي 8813چ يەنە موتۇرۇلاغىمۇ بولمىغان ، ئەمما تىپىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن
بولسا نەچچە خىل خەت نۇسخىسىنى تەڭ تەمىنلىسەڭلار ياكى ڧونىت چۈشىرىش ئادىرىسىنى مېنىڭ سامسۇڭ 3502uنەشرى 4.2ئىدى .ئەپسۇس فونتىنى قاچىليالمىدى .ياسىغۇچى ئورۇن بىلەن ئالاقىلىشىڭ دەپ چىقۋالدى مېيزۇ 4 تە ھەرقانداق خەت نۇسخسىىنى سىناپ باقتىم نورمال ئەمەس ،سىستىما نەشى نەشىرى 4.2.2 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا EzQi0908 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-17 10:37
bahadirhaqan يوللىغان ۋاقتى 2015-1-17 09:07 static/image/common/back.gif
مېيزۇ 4 تە ھەرقانداق خەت نۇسخسىىنى سىناپ باقتىم نورمال ...
مەن مېيزۇدا ماندا قىلدىم قاراڭ،ئاۋال روت ھوقۇقىنى ئىچىپ ،ئاندىن قۇتيار فونت قاچىلىغۇچنىڭ كونا نەشىرىدە فونىت قاچىلاپ،كەينىدىن 爱字体ئارقىلىق ئۆزەم ئامراق فونتنى قاچىلىدىم،شۇنىڭ بىلەن تېلفۇندا مەن ئامراق فونت بويىچە،توركۆرگۇچلەردە قۇتياردىن قاچىلىغان فونت بويىنچە كۆرىنىدىغان بولدى خەتلىرىم رەخمەت،تىلىفۇنۇم بەك پەيزى بولۇپ كەتتى ilter يوللىغان ۋاقتى 2015-1-16 22:15 static/image/common/back.gif
خۇاۋىي 8813چ يەنە موتۇرۇلاغىمۇ بولمىغان ، ئەمما تىپىنى ئ ...
ھازىر ئۆۆزىمىزنىڭ ئەتراپىدىكى يانفونلارغىلا سىنىدۇق. ئەمما تېخى مۇكەممەل ئەمەس. بۇ تېمىنى يېزىشتىكى مەقسەد بىزدە يوق يانفونى بارلارنىڭ ئۇچۇرىنى بىلىش. شۇنى بىلسەك مۇكەممەل قىلىشقا تىرىشىمىز ئەلۋەتتە. شۇڭا سىزدىكى يانفوننىڭ ئۇچۇرىنى تەمىنلەڭ. ئاندىن بىز پات ئارىدا چۈشۈرۈشكە تەمىنلەيمىز. شۇ چاغدا سىنىساق بولىدۇ. oghlan132 يوللىغان ۋاقتى 2015-1-17 08:55 static/image/common/back.gif
مېنىڭ سامسۇڭ 3502uنەشرى 4.2ئىدى .ئەپسۇس فونتىنى قاچىليالم ...
ئۇچۇرىنى قالدۇرۇڭ. بىز شۇنى ھەل قىلايلى. bahadirhaqan يوللىغان ۋاقتى 2015-1-17 09:07 static/image/common/back.gif
مېيزۇ 4 تە ھەرقانداق خەت نۇسخسىىنى سىناپ باقتىم نورمال ...
خەت نۇسخسا ئامبىرىنى رەسىمگە تارتىپ يوللاپ بېرىڭ. EzQi0908 يوللىغان ۋاقتى 2015-1-17 10:31 static/image/common/back.gif
مەن مېيزۇدا ماندا قىلدىم قاراڭ،ئاۋال روت ھوقۇقىنى ئى ...
خېلى ياخشى بوپتۇ لىكىن تاتىلغان رەسىمدىن بىلدىمكى بۇنىڭغا ئەگىشىپ تىلفۇنىڭىزنىڭ خەنزۇچە خەت نۇسخسى ئۆزگىرەپ كىتىپتۇ ،ئوڭ بۇرجەكتىكى ۋاقىت سەل ئۈستىگە چىكىتىپتۇ ،مىنىڭچە فونىتنى ماسلاشتۇرۇش كىرەك ،راس ئاندىن خاپا بولماي كۈلكە ئەپەندىمگە يوللاپ بىرەرلەرسىزمۇ ،مەن يوللايدىسەم يولدا بوپ قالدىم . bahadirhaqan يوللىغان ۋاقتى 2015-1-17 13:00 static/image/common/back.gif
خېلى ياخشى بوپتۇ لىكىن تاتىلغان رەسىمدىن بىلدىمكى ب ...
خەنچە خەتنىڭ ئۇستى قىرقىۋەتكەندەك چىقىدۇ،ماڭا نىسبەتەن ئۇ بەك مۇھىم مەسىلە ئەمەس، ئۇيغۇرچە چىرايلىق چىقسىللا بولدى…ئىشلەتكەن تېلفۇنلىرىمنىڭ ھەممىسىدە مۇشۇ خىل ئەھۋال بار،ئىشلىتىۋىرىمەن
ھازىرقى ئاندىرويىت تېلفۇنلار زاۋۇتتىن چىقىشىدىلا ئۇيغۇرچىنى تۇلۇق تۇنۇيدىغان تۇرسا يەنە نىمىشقا فونت قاچىلايدىغانسىلەر EzQi0908 يوللىغان ۋاقتى 2015-1-17 14:46 static/image/common/back.gif
خەنچە خەتنىڭ ئۇستى قىرقىۋەتكەندەك چىقىدۇ،ماڭا نىسب ...
ئۇنىمۇ ئوڭشىغىلى بولىدۇ. Bayawan يوللىغان ۋاقتى 2015-1-17 15:34 static/image/common/back.gif
ھازىرقى ئاندىرويىت تېلفۇنلار زاۋۇتتىن چىقىشىدىلا ئۇي ...
cm نىڭ rom لىرىنى ئىشلەتكەن يانفونلاردا ئەلۋەتتە شۇنداق. گەرچە بەك سىلىق بولمىسىمۇ ئەمما نورمال ئوقۇپ كۆرگىلى بولىدۇ. ئەمما samsung ۋە باشقا چوڭراق ماركلىق يانفونلاردا خەتلەر باغلاشماي چىقىۋالىدۇ. شۇنداق يانفون ئىشلەتكەنلەرگە قولايلىق بولسۇن دەپ قىلىپ قويدۇققۇ. زىينى يوقمىكىن دەيمەن ياساپ قويغاننىڭ. Kulke يوللىغان ۋاقتى 2015-1-18 10:45 static/image/common/back.gif
ئۇنىمۇ ئوڭشىغىلى بولىدۇ.
فونىتلارنى رەسىمگە تارتىپ يوللاپ قوياي سىزگە،قاراپ باقاسىز ھازىر خېلى كۆپ يانفونلاردا سىنالدى. پەقەت LG يانفونىدا ئە ۋە ئى ھەرپى ئۇلاشمىدى. باشقا يانفونلاردا نورمال بولدى. خەت نۇسخىسىنى تاللاپ قاچىلاش ئىقتىدارىمۇ سىناقتىن ئۆتتى.
بەت:
[1]