bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 11:48:40

(bilgejan) بارماق ئۇزۇنلۇقى ۋە ھەمجىنىسلىق

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-16 11:55  

بارماق ئۇزۇنلۇقى ساغلاملىق ۋە قىلمىشنى مۆلچەرلەيدۇ

ماقالە مەنبەسى: بايقاش ژورنىلى
ئاپتورى: Jessica Cassity، جېسسىكا كاسسىتى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2013-يىلى 9-ئاپرىل
تەرجىمە قىلغۇچى: بىلگەجان

ئىلاۋە: بۈگۈن تۇيۇقسىز «بايقاش، Discovery» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان بارماق ئۇزۇنلۇقىغا قاراپ سالامەتلىك ئەھۋالىنى مۆلچەرلەشنىڭ ئۇسۇلى تونۇشتۇرۇلغان بىر پارچە ماقالىنى كۆرۈپ قىلىپ ئۇزۇندىن بىرى كاللامدا بار بىر قىزىقارلىق ئىلمىي پاراڭنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى. تەكىتلەيدىغىنىم، بۇ مەزمۇنلار پەقەت مەلۇم نىسبەتتە ئىلمىي ئاساسقا ئىگە بولۇپ، مەن ئىلگىرى يازغان پۈتۈنلەي ئىلمىي بىلىملەردىن كەلگەن نوپۇزلۇق كۆز قاراشلاردىن پەرقلىنىدۇ. ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەنقىدى ھالد پايدىلىق قىسىملىرىنى قوبۇل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

تەتقىقاتچىلار قولنىڭ شەكلىنى تەكشۈرگەن بىر تەتقىقاتتا قولغا قاراپ، تېخىمۇ ئېنىق ئېيتقاندا بىگىز بارماق (2-بارماق، ئانا بارماقنىڭ يېنىدا) ۋە نامسىز بارماق (4-بارماق ياكى ئۈزۈك بارمىقى) نىڭ ئۇزۇنلىقىغا قاراپ بىر كىشىنىڭ خاركتېرى ۋە كېسەلگە گېىرىپتار بولۇش خەتىرىنى بىلگىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. بۇ دېگەنلىك بارمىقىمىز بۇ ئىشلارنى كونتىرول قىلىدۇ دېگەنلىك بولماستىن، بەلكى شۇنداق بىر باغلىنىش بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

ئوغۇللاردا، " ھامىلە يېتىلىش جەريانىدا تېستوستېرون تۇيۇقسىز ئۆرلەيدۇ، بۇ ھامىلدارلىقنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنىڭ ئوتتۇرلىرىغا توغرا كىلىدۇ». دەل مۇشۇ تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كەتكەن تېستوستېرون (ئەرلىك جىنسىي ھورمۇن) ئوغۇللارنىڭ كەلگۈسىدىكى سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە قىلمىشلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەيدۇ - كانادا ئالبىرتا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ نىرۋا بىئولوگىيىسى ئالىمى پىت خۇرد.

ئالىملار تېخى بارماق ئۇزۇنلىقىغا قاراپ دىئاگنوز قويغۇدەك باسقۇچقا كەلمىدى، بىراق ئۇلار بۇ ھورموننىڭ ھامىلە يېتىلىش جەريانىدا قالايمىقانلىشىپ كېتىشىنىڭ شۇ كىشىنىڭ ئۆمۈرلۈك ھاياتىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئائىت پاكىتلارنى توپلىدى. بۇ خىل بىنورماللىق سىزنىڭ مەلۇم كېسەلگە گېرىپتار بولۇش نىسبىتىڭىزنى ئاشۇرۋىتىشى ياكى تۆۋەنلىتىۋىتىشى مۇمكىن، شۇنىڭغا قاراپ سىزنىڭ قانچىلىك تىز ئاچچىقىڭىز كىلىشى ياكى قايمۇقۇپ قىلىشىڭىزنى مۆلچەرلەش مۇمكىن.

تەتقىقاتچىلار تېخىمۇ ئىچكىرلەپ ھامىلدارلىق جەريانىدا بۇ ھومۇن مىقدارىدىكى ئۆزگىرىش ۋە مۇھىتتىكى خېمىيىلىك ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىش، بېسىم ئەھۋالى ۋە ئوزۇقلۇق قاتارلىقلارنىڭ قانداق قىلىپ بىر ئۆمۈرلۈك ساغلاملىققا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلماقتا. (مېنىڭ ھازىرقى تەتقىقاتلىرىم دەل ھامىلدارلىقتىكى روھىي بېسىم ۋە ئوزۇقلۇققا مەركەزلەشكەن).

ئۇنداق بولسا سىز ھازىر بارمىقىڭىزغا قاراپ بېقىڭ، نامسىز بارمىقىڭىز ئۇزۇنمىكەن ياكى بىگىز بارمىقىڭىزمۇ؟ دوستلىرىڭىزغا سېلىشتۇرغاندا پەرقى قانچىلىك ئىكەن؟ بولسا سىز ئۆزىڭىزنىڭ بارماق ئىندىكسىنى ھېسابلاپ چىقىڭ.

بارماق ئىندىكىسىنى مۇنداق ھېسابلايمىز: بىگىز بارمىقىڭىز ۋە نامسىز بارمىقىڭىزنى ئاستىدىن ئۇچىغىچە ئۆلچەڭ (كۆپىنچە تەتقىقاتلاردا ئوڭ قول ئىشلىتىلىدۇ). بىگىز بارمىقىڭىزنىڭ ئۇزۇنلىقىنى نامسىز بامىقىڭىزنىڭ ئۇزۇنلىقىغا بۆلۈڭ. چىققان قىممەت بارماق ئىندىكىسىڭىز بولغان بولىدۇ. نامسىز بارماق ئۇزۇنراق بولسا بارماق ئىندىكسىڭىز «1 دىن كىچىك» بولىدۇ ۋە تېخىمۇ «ئەركەك» قول  شەكلى بولغان بولىدۇ.

ئەمدى سىز ئېرىشكەن سانغا ئاساسەن تۆۋەندىكىلەرگە دېققىتىڭىزنى بەرگەيسىز.

ئەگەر بارماق ئىندىكسىڭىز 1 دىن تۆۋەن چىقسا (يەنى نامسىز بارمىقىڭىز بىگىز بارمىقىڭىزدىن قانچە ئۇزۇن بولسا) خاراكتىر ۋە ساغلاملىقىڭىزدا مۇنۇلار بولۇشى مۇمكىن:

1) گېپى قوپال بولۇش
بىگىز بارمىقىڭىز قانچە قىسقا بولسا، ئېغىزىڭىز شۇنچە ئىتتىك بولىدۇ. ئەر ۋە ئاياللاردا، بارماق ئىندىكىسى قانچە تۆۋەن بولسا، ئۇلار شۇنچە جىدەللىشىشكە (ئېغىزدا) ئامراق كىلىدىكەن.

2) تەنھەرىكەت ئىقتىدارى ئېشىش
ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى تېستوستېروننىڭ تۇيۇقسىز ئۆرلەش مىقدارىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، بىراۋنىڭ تەنتەربىيەدە يۇقىرى نەتىجىگە ئېرىشىشى ۋە تەنھەركەتچىنىڭ روھىي جەھەتتە شۇنچە چىدامچان بولۇشىنىڭ بەلگىسى ئىكەن.

3) يۆنىلىش تۇيغۇسى ئېشىش
ئاياللار، قانچىكى ئەركەك بارماق ئىندىكسىگە ئىگە بولسا (نامسىز بارمىقى بىگىز بارمىقىدىن قانچە ئۇزۇن بولسا) ئۇلارنىڭ يۆنىلىش تۇيغۇسى شۇنچە كۈچلۈ بولىدىكەن. بۇ ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا قارىغاندا بوشلۇقتىكى پەرق ئېتىشىنىڭ ئاياللاردىن يۇقىرى بولىدىغانلىقىدەك تەتقىقات نەتىجىسىنى قوللايدۇ.

4) جىسمانى جەھەتتىن قوپالراق بولۇش
بىگىز بارمىقى قىسقىراق ئەرلەر تېخىمۇ ئۇرۇشقاق كىلىدۇ؛ ئاياللار بولسا چىشىغا تەگسىڭىز تېخىمۇ قوپاللىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرىدۇ.

5) خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىش روھى يۇقىرى بولۇش
تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن كۆپرەك تېستوستېرون بىلەن ئۇچراشقان ۋە شۇ ئارقىلىق نامسىز بارمىقى ئۇزۇنراق ئەرلەر تېخىمۇ تەۋەككۇلچى كىلىدۇ. ئەڭ مۇۋاپىققىيەت قازانغان ئىقتىساد سودىگەرلىرىنىڭ 4-بارمىقى (نامسىز بارماق) ئەڭ ئۇزۇن ئىكەن. بۇ ئەندىزە پەقەت ئەرلەرگىلا ماس كىلىدىكەن.

ئەگەر بارماق ئىندىكسىڭىز 1 دىن يۇقىرى چىقسا (بىگىز بارمىقىڭىز نامسىز بارمىقىڭىزدىن ئۇزۇن بولسا) خاراكتىر ۋە ساغلاملىقىڭىزدا مۇنۇلار بولۇشى مۇمكىن:

1) تىز ساغلاملىقى ياخشى بولۇش
بىگىز بارمىقىڭىز نامسىز بارمىقىڭىزدىن قىسقىراق بولسا بۇ بەلكىم تىز رىماتىزى بولۇپ قىلىشىڭىزنىڭ بەلگىسى بولۇشى مۇمكىن، بولۇپمۇ ئاياللاردا بىگىز بارمىقى نامسىز بارمىقى بىلەن تەڭ ياكى بىگىز بارمىقى ئۇزۇنراق كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا شۇنداق بولىدىكەن.

2) ئېغىز بوشلۇقى راكى خەۋىپى يۇقىرى بولۇش
ئېغىز بوشلۇقى راكىغا گىرىپتار بولغان ئەرلەر ئىچىدە بارماق ئىندىكىسى يۇقىرى، يەنى بىگىز بارمىقى نامسىز بارمىقىدىن كۆپ پەرقلەنمەيدىغان ياكى نامسىز بارمىقىدىن ئۇزۇن ئەرلەر كۆپ بولۇپ، ئېغىز بوشلۇقىدا راكتىن باشقا يارا ياكى يارىسى يوق ئەرلەر ئىچىدە   بارماق ئىندىكىسى يۇقىرى ئەرلەر ئازراق ئىكەن.

3) مەزى بېزى راكى خەۋىپى تۆۋەن بولۇش
بىگىز بارمىقى ئۇزۇن، نامسىز بارمىقى قسقىراق ئەرلەردە مەزى بېزى راكى كۆرۈلۈش نېسبىتى 33% ئاز ئىكەن. ئەگەر سىز 60 ياشتىن تۆۋەن ياشتىكى ئەر بولسىڭىز، ئۇ ھالدا سىزنىڭ بۇ خىل راكقا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىڭىز باشقا ئەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا 87% تۆۋەن بولىدىكەن.


ئومۇمەن نامسىز بارماقنىڭ ئۇزۇن بولۇشى تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن ھامىلە دەۋرىدە ئۇچراشقان تېستوستېرون بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئېتراپ قىلىنغان بولۇپ، زامانىۋى كۈلتۈردە بىر قىسىم كىشىلەر نامسىز بارمىقى ئۇزۇن بولۇش ئەركەكلىك خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك بولۇشنىڭ بەلگىسى دەپ قارايدۇ. يۇقىرىقى ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن باشقا يەنە كىشىلەرنىڭ ئەر ياكى ئاياللىق خۇسۇسىىيىتى ۋە جىنسىي خاھىشىغا ئائىت بىر قانچە قىزىقارلىق بايقاشلار بولۇپ، بۇلارمۇ ئوخشاشلا تېخىچە تالاش-تارتىش قىلىنۋاتقان، ئەمما مەلۇم ئىلمىي ئاساسقا ئىگە قاراشلاردۇر.

1) نامسىز بارمىقى قىسقا ئەرلەرنىڭ ئىسپىرما سانى ئاز بولىدىكەن ھەم تۇغۇلغاندا كىچىكرەك تۇغۇلىدىكەن.

2) نامسىز بارمىقى قىسقا كىشىلەرنىڭ كىشىلىك خاراكتىرى، مىجەز خۇلقى ئاياللىققا مايىلراق بولۇپ، نامسىز بارمىقى ئۇزۇن ئايال ۋە ئەرلەرنىڭ مىجەزى قوپالراق ۋە ئىملاسى بەكرەك ئەرلەرگە خاس بولىدىكەن.

3) ئايال ھەمجىنىسلارنىڭ نامسىز بارمىقى ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن يات جىنىسقا قىزىقىدىغان ئاياللارنىڭكىدىن ئۇزۇن بولىدىكەن.

4) ئەر ھەمجىنىسلارنىڭ نامسىز بارمىقى قىسقىراق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال جۇغراپىيىلىك ئورۇننىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئوخشاش چىقمىغانلىقى ئۈچۈن تالاش-تارتىش قىلىنىۋىتىپتۇ.

پايدىلىنىغان ماتىرىياللار (ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ توردىكى كۆرۈش ئادېرىسى):
http://www.nature.com/nature/journal/v404/n6777/full/404455a0.html
http://www.pnas.org/content/108/39/16289.full
http://www.sciencedirect.com/science/article/pii/S0018506X08001529
http://humrep.oxfordjournals.org/content/13/11/3000
http://informahealthcare.com/doi/abs/10.3109/03014460.2014.902993
http://www.sciencedirect.com/science/article/pii/S0018506X02918337
http://psycnet.apa.org/?&fa=main.doiLanding&doi=10.1037/a0018764
http://rd.springer.com/article/10.1007%2Fs10508-006-9166-8
http://rd.springer.com/article/10.1007%2Fs10508-006-9166-8
http://rd.springer.com/article/10.1007%2Fs10508-005-3122-x

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىدىكى مەزمۇنلار يازما ئىگىسىنىڭ شەخسىي كۆز قاراشلىرى ئەمەس ھەمدە ھېلىھەم ئىلىم-پەن ساھەسىدە تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان مەسلىلەر. بۇ ماقالە مەلۇم شەخىسكە ھۇجۇم قىلىش ياكى بىراۋنى كەمسىتىش ئۈچۈن پايدىلىنماسلىقى كېرەك، ئەگەر شۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە كىلىپ چىققان ئاقىۋەتكە يازما تەييارلىغۇچى مەسئۇل بولمايدۇ.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 12:00:31

كىچىگىمىزدە يانچۇقچىلارنىڭ بېگىز بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقى تەڭ ھەم ئۇزۇنراق بولىدۇ دەپ ئاڭلىغان .
قارىغاندا بۇنىڭمۇ بىرەر ئاساسى باردەك تۇرامدۇ نېمە؟!!!:lol

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 12:42:51

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   attir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-16 12:46  

مەنمۇ شۇنداق كۆرگەن بىر يەردە گېيلارنىڭ نامسىز بارمىقى بىلەن بىگىز بارمىقى تەڭ بولىدۇ دەپ.

106 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 13:21:22

كىچىك ۋاقتىمىزدا چوڭ ئاياللار پۇت بارمىقىمىزغا قاراپ ئىككىنچى بارماقتىن ئۈچىنچى بارماق ئۇزۇن بولغانلار ئېرىدىن قورقمايدىغان بولىدۇ دەيتى. شۇنىڭغا ئوخشاشلا گەپلەركەنغۇ؟

Alisher يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 13:57:05

823 .0=fq

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 14:35:38

باشقا ئىشىڭلار يوقمۇ زىيالىي ئاغىينىلەر؟

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 14:43:36

«بۇ ماقالىنى ئوقۇپ گېتلىرنىڭ «ھۆكۈمدار ئىرق(master race) پىلانىنى ئەسلەپ قالدىم،.
ئارىيانىسىم دەپ پەلسەپىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ  كىمنىڭ ساپ ئىرىقتىن ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئۆلچۈگۈچلەرنى ياساپ كىشىلەرنىڭ يۈزىنى ئۆلچەپ يۈرۈپتىكەنتۇق .

sarwan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 14:56:45

قولغا قاراپ پال سالىدىغانلارغا بوپ بىرىدىغان بولدىدە ئەمدى. :lol

rock يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 15:32:07

تىرناقنىڭ ئۇزۇنلىقى ھەم تېرىنىڭ سەل قاسماقلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، رەسىمدىكى قول مېنىڭ قولۇم بىلەن ئوپمۇ ئوخشاشكەن.
1. گېپىم بەزىدە قوپالراق، بۇ راست، لېكىن دائىم قوپال ئەمەس، ئانچىمۇنچە رومانتىك ئىشلارنىمۇ قىلىپ باققان.
2.تەنتەربىيە جەھەتتە ئىقتىدارىم راست بار ئىدى، لېكىن ھورۇنلۇقۇم بىلەن يېيىشىپ كەتكەن.
3.بىر بارغان يەرنى تاپالمايدىغان ئىش مەندە كۆپ كۆرۈلگەن. كۈندە ماڭىدىغان يولدىمۇ ئىزىپ قالىمەن، شۇڭا ماشىنامغا ماي جىق كەتتى دەپ قاقشاپ قويىمەن.
4.بۇ ماڭا قەتئىيلا چۈشمەيدىكەن. ئۆمرۈمدە تاياق يەپ باقسام يىدىمكى، بىرەسىنى ئۇرۇۋالغان بەندە ئەمەسمەن.
5.ئۈچىنچى يىللىقتىكى ۋاقتىممىكى، يەتتە مىتىر ئېگىز يەردىن سەكرەپ باققان. لېكىن بىر سەكرەپ قايتا سەكرىمىگەن. ئىقتىساد جەھەتتە ما ئايلىق مائاش، كېلەر ئايغا ئاران يېتىدۇ.
6.ئومۇمەن بىلگەجان تېما يوللىسا بىرنەرسىلە جۆلەيدىغان بولۇپ قاپتىمەن.

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 15:58:16

مېنىڭغۇ نامسىز بارمىقىم خېلىلا ئۇزۇن تۇرىدۇ ... ئۆزۈمنىڭ مىجەزى ئۆزۈمگە ئايان ... خېلى توغرا ئوخشايدۇ دەپ تۇرسام، يېنىمدىكى قوپاللىقنى چېكىدىن ئاشۇرۋېتىدىغان ، ئۇرۇپ-چېقىپ،چاناپ ۋەيرانلا بولىۋالىدىغان ئىككى جاھان سارىڭى بۇرادەرنىڭ قولىغا قارىسام نامسىز بارمىقى بىلەن بىگىز بارمىقى تەڭ تۇرىدۇ...شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسىنىڭ مىجەزىدىن گۇمانلىنىپ قالدىم...مۇنداق بولىدىكەن دەيدۇ دەپ بەرسەم، سەندەك گۇيلار مۇشۇنداق ئاقماس نەرسىلەرگە ئىشىنىپ جاھاننى مالىماتاڭ قىلىۋېتىشىسەن دەيدۇ...{:87:}

106 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 18:24:29

rock يوللىغان ۋاقتى  2015-1-16 15:32 static/image/common/back.gif
تىرناقنىڭ ئۇزۇنلىقى ھەم تېرىنىڭ سەل قاسماقلىقىنى ھېسا ...

يامان قىززىقكەن. بىر يەرلىرى ھىلىقى ئەبەينىڭ تاقۇ -تۇقۇسىدىكى« مەن مۇشۇ كەمگىچە دادادمنى يا ئاپامنى بىر كاچات ئۇرۇپ باققان ئادەم ئەمەس» دىگەندەك چىقىپتۇ.

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 19:50:25

ماۋۇ تىمىنى كورۇپ پۇتۇن تونۇش -بىلىشلەرنىڭ بارماقلىرىغا قاراپ چىقىدىغان بولۇپ قالىدىغان بولدۇمدە ، تىمىدا دىيەلگەندەك نامسىز بارمىقى ئۇزۇنلارنىڭ ئەر -ئاياللارنىڭ ئىغىز ئۇرۇشى قىلىشىدىغانلىقى ، ئەرلەرنىڭ قوپال بولىدىغانلىقىغا قاراپ توغرىدەك ھىس قىلدىم دىمىسىمۇ بۇ ئىشلار مەندە ۋە ئائىلەمدە بوپ تۇرىدۇ ، ئۇنىڭ ئۇستىگە بىرەر ئاينىڭ ئالدىدا بىر تىۋىپقا ئايالىمنىڭ تومۇرىنى تۇتقۇزۇپ باقسام ، ئەرلىك ھورمۇنى ئىشىپ كىتىپتۇ دىۋىدى ناھايىتى ھەيران قالدىم ، ئايالىممۇ بۇ نىمىدىگەن گەپتۇ دىدى ، بۇنىڭ سەۋەبىنى سوراپ بولغۇچە ئۇ تىۋىپنىڭ خىرىدارلىرىنىڭ كوپلۇكىدە سوراشقا ئىمكان بولماي يىنىپ چىقىپ كەتكەن ئىدۇق ، سىرىتقا چىقىپ ، بىر -بىرسىمىزگە قاراپ تاسلا قالدۇق قاقاقلاپ كۇلۇپ سالغىلى ، بۇ تىمىنى ئوقۇغاندىن كىيىن ئۇ تىۋىپنىڭ نىمە ئۇچۇن ئۇنداق دىئاگۇنۇز قويغىنىنى بىلدىم ، چۇنكى ئۇ تىۋىپ تومۇرنى تۇتۇپ بولغاندىن كىيىن ئايالىمنىڭ قول بارماقلىرىنىڭ ھەممىسىگە بىر -بىرلەپ قاراپ چىققان ئىدى ، بۇنىڭ جاۋابىنى ئەمدى بىلدىم ، رەھمەت بىلگىجان .

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 21:14:14

Comeon يوللىغان ۋاقتى  2015-1-16 15:58 static/image/common/back.gif
مېنىڭغۇ نامسىز بارمىقىم خېلىلا ئۇزۇن تۇرىدۇ ... ئۆزۈمنى ...

بۇ مىسالىڭىز بىلگەجاننىڭ بۇ يازمىسىنىڭ توغرىلىقىنى تېخىمۇ ياخشى ئىپادىلەيدۇ.
نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنىڭ سىرتقىي كۆرۈنىشى ئۇنىڭ بىز بىلمەيدىغان ئىچكىي تەرەپلىرى بىلەن قارمۇ قارشى بولىدۇ. يەنى ئىنسانلاردا پىسخىكىسىدىكى كامتۇكلۇقنى سىرتقىي قىياپىتىدىكى ئاشۇرىۋېتىش ئارقىلىق تولۇقلاپ، ئۆزىنى قانائەتلەندۈرىدىغان بىر مىخانىزم بار. بۇ بولۇپمۇ ئەرلىكتە بەك ئىپادىلىنىدۇ.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 21:51:22

مىنىڭ تەپمۇ-تەڭ ئىكەن:lol

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 22:15:34

بىر تۈزىتىش بىرەي: نامسىز بارمىقى بىلەن بىگىز بارمىقى تەڭ بولسا بۇ نامسىز بارمىقى قىسقا بولغانلار بىلەن بىر گۇرۇپپىدا ئىدى. شۇنداق بولغاندا بارماق ئىندىكسى 1 گە تەڭ ياكى 1 دىن چوڭ بولغىنىنى بىر گۇرۇپپىدا دەپ چۈشىنىڭلار. ئەسلى ماقالىدە شۇنداق ئىكەن.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 22:52:02

سۆز قويماڭ سۆزگە يىتە، ئەتە قوپاپ سىزگە يىتە،،دىگەندەك گەپلەرمۇ بۇ ھىم.

Berdem يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 23:38:04

بۇنداق ئىلمىي ئاساسىي يوق ماقالىلاردىن ، يەنىلا سىزنىڭ پاكىتلىق ئىلمىي ئاساسىي بار ماقالىلىرىڭىزنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن.

Truth يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 23:54:06

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Truth تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-16 23:55  

ئوبامانىڭ ھەمجىنىسلىقىمۇ راست بولدىمۇ ئەمىسە؟:handshake

بەت: [1] 2 3 4
: (bilgejan) بارماق ئۇزۇنلۇقى ۋە ھەمجىنىسلىق