bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 08:06:42

بىلىمخۇمار: بالىڭىزغا توغرا كۆيۈڭ (2)

بالىڭىزغا توغرا كۆيۈڭ

(2-قىسىم)

بىلىمخۇمار
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى

1-قىسىم:



5. بالا ئاتا-ئانىسىنى دورايدۇ

بالا تەربىيەسىدە يالغۇز گەپكىلا تايانسىڭىز يېتەرلىك بولمايدۇ. گېپىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ ئىش-ھەرىكىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشىڭىز كېرەك. ھەممە ئاتا-ئانىلار شۇنى تولۇق تونۇپ يېتىشى كېرەككى، ئاتا-ئانىلار بالىلىرى ئۈچۈن بىر تەبىئىي ئۈلگە ھېسابلىنىدۇ. ھەر بىر ئائىلىدىكى بالا ھەممە ئىشلاردا ئاتا-ئانىسىدىن دورايدۇ. ئەگەر بىر بالا دادىسىغا يېقىنراق بولىدىكەن، ئۇ دادىسىنى بەكرەك دورايدۇ. ئەگەر بىر بالا ئانىسىغا يېقىنراق بولىدىكەن، ئۇ ئانىسىنى بەكرەك دورايدۇ. يەنى، بالا ئاتا-ئانىسىغا ئاسسىمىلياتسىيە بولىدۇ. بۇنداق ئاسسىمىلياتسىيە بولۇش جەريانى كۆپ قېتىم تەكرارلىنىپ، بالىنىڭ كۆڭلىدە ئاتا-ئانىسىنى ئۈلگە قىلغان ئاساستا يېڭى ئادەتلەر شەكىللىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بالا كۆپ جەھەتلەردە ئاتا-ئانىسىغا ئوخشاپ قالىدۇ. مۇشۇنداق بولغاچقا، ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ ئالدىدا سۆز ۋە ئىش قىلغاندا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. يەنى، سىزنىڭ بالىڭىز خۇددى بىر كامېراغا ئوخشاش بولۇپ، سىز قىلغان ھەر بىر سۆز ۋە ھەر بىر ئىشنى ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىن ئىبارەت لېنتىغا ئېلىۋالىدۇ. شۇڭا بالىڭىزنىڭ ئالدىدا ھەرگىزمۇ يامان خىياللاردا بولماڭ، ھەمدە يامان سۆز ۋە يامان ئىشلارنى قىلماڭ. ئۇلار پەقەت سىزنىڭ ياخشى ئىشلىرىڭىزنىلا كۆرسۇن، ۋە ياخشى سۆزلىرىڭىزنىلا ئاڭلىسۇن.

ئاشۇنداق بىر نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھەر بىر ئائىلىدىكى ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر مۇنتىزىم تۈزۈم ئورنىتىشى، ۋە ئۇنىڭغا ھەر دائىم قاتتىق ئەمەل قىلىشى كېرەك. ئۇ بولسىمۇ ھەرگىزمۇ ئۆز خاھىشى بويىچە ئىش قىلماسلىق. ئەگەر بىر ئائىلىدىكى لىدېرلىق (ياكى باشلامچىلىق) ئورنىدا تۇرىدىغان كىشى ياخشى ياشايدىكەن، بالا ئۇنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىدۇ. شۇ نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سىز قىلغان ھەر بىر ئىش بالىڭىز ئۈچۈن بىر ئۈلگە بولۇپ، ئۇ بالىڭىزنىڭ روھىي دۇنياسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.


6. ئەتراپتىكىلەرنىڭ تەسىرى

بالىنىڭ ئەتراپىدىكى باشقا كىشىلەرنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىمۇ بالىدا قانداق بىر روھىي ھالەتنىڭ شەكىللىنىشىگە بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا ئاتا-ئانىلار بالا ياشاۋاتقان مۇھىت ئىچىدىكى ئورۇنلارغا، كىشىلەرگە، ۋە ئىشلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى، بالىسىنىڭ يامان ئورۇن، يامان ئادەم ۋە يامان ئىشلارغا ئارىلىشىپ قېلىشىغا يول قويماسلىقى كېرەك.

ئىلاۋە: ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن ئاق تەنلىكلەر بالىسى ئاخشىمى بىرەر ساۋاقدىشىنىڭ ئۆيىگە بارماقچى بولغاندا، بالىسىدىن ئۇنىڭ ساۋاقدىشىنىڭ ئۆيىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى ئېلىپ، ساۋاقدىشىنىڭ ئۆيىگە تېلېفون قىلىپ، ساۋاقدىشىنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئۆز ئۆيىدە ھەقىقەتەنمۇ بىرەر يىغىلىشنىڭ بار-يوقلۇقى، ئۇ يىغىلىشقا ئۆيدىكى چوڭلارنىڭ نازارەتچىلىك قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئاندىن بالىسىغا بېرىش-بارماسلىق توغرىسىدا قارار چىقىرىپ بېرىدۇ. بېرىشقا رۇخسەت قىلغان تەقدىردىمۇ، «چوقۇم سائەت مانچىدىن بۇرۇن قايتىپ كېلىسەن»، دەپ بەلگىلەپ بېرىدۇ.

بالىڭىزنىڭ يامان ئىشلارغا ئارىلىشىپ قېلىشىغا ھەرگىز يول قويماڭ. بالىڭىز يامان ئىشلارغا يېقىن يۈرىدىكەن، ئۇ ئاشۇ يامان ئىشلارنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئەگەر بالىڭىز بىرەر يامان ئىشلارغا يولۇقىدىكەن، ئۇ بىر بالا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئىشنىڭ قانچىلىك يامان ئىكەنلىكىنى ئۆزى ئاڭقىرىيالمايدۇ. شۇڭلاشقا بالىڭىزغا قانداق ئىشلارنىڭ يامان ئىشلار ئىكەنلىكى ۋە قانداق ئادەملەرنىڭ يامان ئادەملەر ئىكەنلىكىنى تولۇق ۋە توغرا چۈشەندۈرۈپ قويۇش سىزگە ئوخشاش ئاتا-ئانا بولغان كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى. ئۆزىڭىز تولۇق چۈشەنمەيدىغان بىر نەرسىنى بالىڭىزنىڭ بايقىۋېلىشىغا ياكى قوبۇل قىلىۋېلىشىغا ھەرگىزمۇ يول قويماڭ. ياخشى نەرسىلەرنىمۇ بالىڭىزغا تەلتۆكۈس چۈشەندۈرۈپ مېڭىڭ. ئاتا-ئانىلار يالغۇز بالا باققۇچىلا ئەمەس. ئۇلار ھەم بالىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى. شۇڭا سىز مۇشۇنداق بۇرچىڭىزنى ھەر ۋاقىت ئادا قىلىپ تۇرۇڭ.


7. بالىنىڭ تەلەپلىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش

بالىڭىز داۋاملىق سىزدىن ئۇنى-بۇنى تەلەپ قىلىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، بالىڭىز بازاردا بىر شارنى كۆرسە، ئۇ سىزدىن ئۆزىگە ئاشۇ شارنى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. سىز قانداق قىلىشىڭىز كېرەك؟ ئۇنداق شارنىڭ ھېچ قانداق قىممىتى يوق، شۇڭا سىز ئۇ شارنى ئېلىپ بەرمەسلىكىڭىز كېرەك. سىز بالىڭىزغا ئۇ شارنىڭ ھېچ بىر قىممىتى يوقلۇقىنى، شۇڭا ئۇنى سېتىۋېلىش پۇل ئىسراپچىلىقى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشىڭىز كېرەك. ھەرگىزمۇ قىممىتى يوق نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش ئىشىدا بالىڭىزنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولماڭ. كوچىلاردا سېتىلىۋاتقان يەيدىغان نەرسىلەرنىڭ ئىچىدە پاكىز ئەمەس نەرسىلەرمۇ كۆپ بولۇپ، ئۇلاردا باكتېرىيەلەر بار. شۇڭلاشقا مۇشۇ ئەھۋالنى بالىڭىزغا چۈشەندۈرۈڭ. بالىڭىزغا ئۇ نەرسىلەرنى يېسە قورسىقى ئاغرىپ قالىدىغانلىقىنى، ۋە چىشىنى قۇرت يەيدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئوكۇل ئۇرمىسا بولمايدىغانلىقىنى، ئوكۇل ئۇرسا ئاغرىيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈڭ. بۇ گەپلەرنى بالىڭىزغا بىر ئاماللارنى قىلىپ چۈشەندۈرۈپ، بالىڭىزنى ھېلىقىدەك نەرسىلەرنى يېيىش زىيانلىق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدىغان قىلىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز بالىڭىز ئۇنداق نەرسىلەرنى ئىككىنچى تەلەپ قىلمايدىغان بولىدۇ. بۇ ئۇسۇلنى باشقا ئىشلاردا قوللانسىڭىزمۇ بولىدۇ. مەلۇم بىر ئىشتا بالىڭىز بىلەن بىر ئورتاق چۈشەنچە ھاسىل قىلسىڭىز، بالىڭىز ئۇ ئىشتا سىزنى ئىككىنچى ئاۋارە قىلمايدۇ. مانا بۇ بالىغا توغرا مۇئامىلە قىلىشنىڭ بىر ئۇسۇلى.


8. چوڭ-ئاپا ۋە چوڭ-دادىلارنىڭ بالىغا توغرا كۆيۈشى

ئەگەر ئائىلىدىكى چوڭلار بالىغا قانداق قىلغاندا توغرا كۆيگەنلىك بولىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدىكەن، ئۇلار ئاتا-ئانىلارغا قارىغاندا بالىنى بەكرەك بۇزۇۋېتىدۇ. چوڭ-ئاپا ۋە چوڭ-دادىلار نەۋرىسىگە بەك كۆيىدۇ. بەزىلىرى نەۋرىلىرىگە ئۆز بالىسىدىنمۇ بەكرەك كۆيىدۇ. نەۋرىلەر تېخى كىچىك بولغاچقا، چوڭلار ئۇلارنى بەكرەك ئەركىلىتىدۇ. ئەمما چېكىدىن ئاشقان كۆيۈنۈش بەزىدە چوڭلارنىڭ ئۆز ئەقىللىرىنى توغرا ئىشلىتەلمەسلىككە ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلار توغرا-خاتانى پەرق ئەتمەيدۇ، ھەمدە بالىنىڭ رايىغا بەكرەك باقىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن نەۋرىسى قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى سۆيۈملۈك، ئوماق ۋە توغرا تۇيۇلىدۇ. ئۇلار بىرەر سەۋەب تېپىپ نەۋرىسى قىلغان ھەممە ئىشلارغا يول قويىدۇ. بالا بولسا چوڭلارنىڭ ئۆزىنى ناھايىتىمۇ بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ. بالا ھېچكىمدىن قورقمايدۇ. بالا ھەر قېتىم ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن ئەيىبلەنگەندە، دەرھال چوڭلارنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇلاردىن پاناھلىق تىلەيدۇ. چوڭلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ۋە ئىللىق مۇئامىلىسىگە ئېرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بالا ھېچكىم چېقىلالمايدىغان بىرسىگە ئايلىنىدۇ. بالا بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ، ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن ئەيىبلەنسە، چوڭلار ئارىلىشىپ، بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا «بالا تېخى كىچىك، ئۇ تېخى ھېچنېمىنى بىلمەيدۇ، ئۆتكۈزگەن خاتالىقى چوڭ ئىش ئەمەس، چوڭ بولغاندا ئوڭشىلىپ كېتىدۇ»، دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن چوڭلار بالىنى بۇزىدۇ.


1-رەسىم: چوڭ-دادا ۋە بىر نەۋرە

چوڭلار بالىغا قانچىلىك كۆيسە بولۇۋېرىدۇ. بۇنى ھېچكىم توسمايدۇ. ئەمما چوڭلارمۇ بالىغا توغرا كۆيۈشى كېرەك. بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ياردەملىشىپ، بالىنىڭ بىر ياخشى ئادەم بولۇشىغا كۈچ چىقىرىشى كېرەك. نەۋرىسىنىڭ بىر يامان ئادەم بولۇپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. ئۇنداق قىلمايدىكەن، بالا چوڭ بولغاندا، ئۆزىنىڭ بىر يامان ئادەم بولۇپ قېلىشىغا چوڭ-دادا ۋە چوڭ-ئاپىلىرىنىڭ سەۋەبچى بولغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ. چوڭلارنىڭ نەۋرىسىنى بىر يامان ئادەم قىلىپ تەربىيەلىشى بىر خىل گۇناھتۇر. نۇرغۇن چوڭلار بۇ خىل گۇناھنى ئۆزلىرى بىلمەي تۇرۇپ ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ نەۋرىلەرگە كەلتۈرىدىغان زىيىنى ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ.

بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيادا ياخشى ئادەملەر بار، يامان ئادەملەرمۇ بار. بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىغا كۆپىنچە ئەھۋالدا ئاتا-ئانىلار سەۋەبچى بولغان. ئاتا-ئانىلار بالىنى بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقۇزىدۇ، ئۇنى بېقىپ چوڭ قىلىدۇ، ھەمدە ئۇنى ياكى ياخشى ئادەم قىلىدۇ، ياكى يامان ئادەم قىلىدۇ. ئەگەر بىز بىر يامان ئادەمنى ئۇچرىتىپ، ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈپ كۆرىدىغان بولساق، ئۇنىڭ ھەر خىل يامان تەسىرلەرنىڭ ئىچىدە چوڭ بولغانلىقىنى بايقايمىز. ئەگەر بىز بىر ياخشى ئادەمنى ئۇچراتساق، ئۇ ئادەمنىڭ بىر ياخشى ئاتا-ئانا تەرىپىدىن ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى شۇ ۋاقىتتىلا بىلەلەيمىز. ھەر بىر يېمىش دەرەختىن يەرگە چۈشكەندە، ئۇ شۇ يېمىشنى ئۆستۈرگەن دەرەختىن ئانچە يىراق يەرگە بارالمايدۇ. بۇ بىر ياخشى ئوخشىتىش بولۇپ، ئۇ ئىنسان بالىسى ئۈچۈنمۇ ئوخشاش. بىر ھاراقكەشنىڭ بالىسى چوڭ بولغاندا ھاراق ئىچىدىغان ئادەملەر بىلەن كۆپرەك ئارىلىشىدىغان بولىدۇ. بىر قىمارۋازنىڭ بالىسى چوڭ بولغاندا بىر قىمارخانىغا يېقىن يەردىن ئۆي تۇتىدۇ. زىناغا ئامراق بىر ئەرنىڭ ئوغلى چوڭ بولغاندا خۇددى دادىسىغا ئوخشاش زىناغا ئامراق بولىدۇ. بىز ھەممىمىز ئۆز ھوسۇلىمىزنى ئۆز ئائىلىمىزدىن يىغىمىز، ۋە ئۆزىمىزنىڭ مىراسىنى ئۆز ئائىلىمىزدىن قوبۇل قىلىمىز. شۇڭلاشقا بالىنى بىر ياخشى ئادەم قىلىپ تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتى پەقەت ئاتا-ئانىلارغىلا يۈكلەنگەن بولىدۇ.


9. بىر داڭلىق زاتنىڭ بالا تەربىيەسى ھەققىدە ئېيتقانلىرى

بالا تەربىيەسى ھەققىدە يەنە بىر داڭلىق زات ئېيتقان مۇھىم گەپلەر بار بولۇپ، ئۇ گەپلەر يۇقىرىدىكى مەزمۇنلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مەن ئەسلىدە ئۇنى بىر ئايرىم تېما قىلىپ يوللاشنى پىلانلاپ كەلگەن ئىدىم. لېكىن، مەن تەييارلىغان مەزكۇر يازمامنىڭ 1-قىسمى تورلارغا يوللىنىپ بىر كۈن بولمايلا، بىر قانچە تور بەتلەردىن ئۆچۈرۈلۈپ كەتتى. گەرچە مەن ھازىر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋاللارنى ئازراق چۈشىنىپ، يازىدىغان مەزمۇن ھەققىدە كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئېھتىياتچان بولۇۋاتقان بولساممۇ، يەنە ئاشۇنداق ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىققىنىدىكى سەۋەبنى تولۇق بىلىپ يېتەلمىدىم. ئۇنىڭغا سوراپ جاۋابمۇ ئالالمىدىم. ئەمما ئۇنىڭ چوقۇم بىر ھەقلىق سەۋەبى بارلىقىغا ئىشىنىمەن. ھازىرقى مۇشۇنداق ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، مەن بۇ داڭلىق ئەربابنىڭ گەپلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قىسمىنىلا ماقالىنىڭ مۇشۇ يېرىگە قىستۇرۇپ ئۆتۈپ كېتىمەن. مەن ئوقۇرمەنلەردىن ھازىرچە بۇ داڭلىق ئەربابنىڭ كىملىكىنى سورىماي تۇرۇشىنى، ھەمدە مېنى «ئۇ كىشىگە ھۆرمەت قىلماپتۇ، گەپلىرىنى تولۇق ئالماپتۇ»، دېمەي تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مېنىڭ ئۇنداق قىلغۇم يوق ئىدى. ئەمما ياخشى مەزمۇنلارنى ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن، مۇشۇنداق قىلىشقا مەجبۇرى بولۇپ قالدىم.

پەرزەنتلەر ھاياتنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ سوۋغىسى. ھاياتنى ئەڭ گۈزەل ۋە ئەڭ تاتلىق قىلىدىغان نەرسىدىن ئىككىسى بار. ئۇ بولسىمۇ پۇل بىلەن پەرزەنتلەر بولۇپ، ياراتقۇچىمىز ھەممە ئىنسانلارنى مۇشۇ ئىككى نەرسە بىلەن مۇكاپاتلىغان. شۇڭلاشقا پەرزەنتلىك بولۇش ھەر بىر ئىنساننىڭ تەبىئىي ئىستىكى بولۇپ، ئىنسانلار يارىتىلغاندىلا ئاشۇنداق ئىستەك ئۇلارنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويۇلغان.

بالىنى ياخشى تەربىيەلەشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا بىر ياخشى ئۈلگە بولۇپ بېرىشىدىن ئىبارەت. ئەگەر سىز بىر ئاتا ياكى بىر ئانا بولۇپ، ئۆزىڭىز ياخشى كىشىلىك خاراكتېرلەرگە ئىگە بولمايدىكەنسىز، بالىڭىزنىڭ ياخشى كىشىلىك خاراكتېرلەرگە ئىگە بولالىشى مۇمكىن ئەمەس. مانا بۇ ھازىرقى ھەقىقىي رېئاللىقتۇر. كىشىلەر ھە دېسىلا بالىسىنىڭ ياخشى كىشىلىك خاراكتېرلەر بىلەن چوڭ بولمايۋاتقانلىقىنى ھەر خىل تاراتقۇلار تارقىتىۋاتقان يامان ئۇچۇرلاردىن كۆرىدۇ. تېلېۋىزوردىن كۆرىدۇ. ئىنتېرنېتتىن كۆرىدۇ. جەمئىيەتتىن كۆرىدۇ. ئەمما، بۇزۇلغان ئائىلە، قالايمىقانلاشقان ئائىلىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىكى 1-چوڭ سەۋەب ئاتا-ئانىلاردىن ئىبارەت. سىز گۇناھنى باشقىلارغا ئارتىپ قويۇشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز ئەينەككە بىر قېتىم ئوبدان قاراپ بېقىڭ. ھەر بىر بۇزۇلغان ئائىلە، ھەر بىر بۇزۇلغان ئائىلە مۇناسىۋىتىدىكى گۇناھكار كىشى ئەينەككە قاراۋاتقان ئاشۇ كىشى ئۆزىدۇر. يەنى، سىز ئۆزىڭىزدۇر. ئەگەر سىز قىزىڭىز ياكى ئوغلىڭىز ئۈچۈن بىر ياخشى ئۈلگە بولۇپ بېرەلمىگەن بولسىڭىز، ئەگەر سىز بالىڭىزدىن كۈتكەن غايە، ئۈمىدلەرنى ئۆزىڭىز ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان بولسىڭىز، سىز قانداق قىلىپ ئۇ غايە، ئۇ ئۈمىد، ئۇ ئىدىيەلەر ھەققىدىكى مەسئۇلىيەتلەرنى بالىڭىزغا ئارتىپ قويالايسىز؟

بالىغا ئۈلگە بولۇش «ئالتۇن قائىدە» بويىچە ئىش قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ: باشقىلاردىن تەلەپ قىلغان ئىشلارنى ئالدى بىلەن سىز ئۆزىڭىز قىلىڭ (ئەسكەرتىش: «ئالتۇن قائىدە» ھەققىدە مەن ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى ئىككى ماقالىسىدە توختالغان. ئوقۇرمەنلەرگە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن ئۇ مەزمۇننى مەن مۇشۇ ماقالىنىڭ ئاخىرىغا يەنە قىستۇرۇپ قويدۇم). بالىغا ئۈلگە بولۇشنىڭ ئىككى ئېلېمېنتى بار. ئۇنىڭ بىرسى «دۇنيالىق» ئېلېمېنتى. يەنە بىرى بولسا «روھىي» ياكى دىنىي ئېلېمېنتى. بۇ جەھەتتە نۇرغۇن تەكشۈرۈشلەر ۋە تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان:

--دادىسى ياكى ئاپىسى تاماكا چېكىدىغان ئائىلىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بالىنىڭ تاماكا چېكىدىغان بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى باشقىلارغا قارىغاندا كۆپ ئۈستۈن بولىدۇ.
--دادىسى ئاپىسىنى ئۇرىدىغان ئۆيدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئوغۇل بالا چوڭ بولغاندا ئۇمۇ خوتۇنىنى ئۇرۇپ تۇرىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

بۇ ئەھۋاللارنى چۈشىنىۋېلىش بىر يۇقىرى سەۋىيەلىك بىلىم ياكى «راكېتا ئىلمى» نى تەلەپ قىلمايدۇ. سىز ھازىر ئاتا-ئانا بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئۆيدە نېمە ئىشلارنى قىلسىڭىز، بالىڭىز چوڭ بولغاندا ئاشۇ ئىشلارنى قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ رېئاللىق. بۇ پىسخولوگىيە ئىلمىدىكى بىر پاكىت.

ئەگەر سىز بىر دادا بولۇپ، ھازىر ئايالىڭىزنى خارلاپ ياكى ئۇرۇپ تۇرسىڭىز، ئوغلىڭىز چوڭ بولغاندا ئۇمۇ ئايالىنى خارلاپ ۋە ئۇرۇپ تۇرىدىغان بولۇپ قالسا، سىز گۇناھنى ئوغلىڭىزدىن كۆرەمسىز؟ سىزنىڭ قىزىڭىز ئۆزىڭىزگە ئوخشاش ئايالىنى خارلاپ ياكى ئۇرۇپ تۇرىدىغان بىر ئەرگە تېگىشىنى خالامسىز؟ ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ: سىزنىڭ قىزىڭىز چوڭ بولغاندا سىز ئايالىڭىزغا تۇتقان مۇئامىلە بىلەن ئوخشاش مۇئامىلىگە يولۇقۇشىنى خالامسىز؟ مۇناسىۋەت ئائىلىدە باشلىنىدۇ. بالىڭىزنى ياخشى ئادەم قىلىپ تەربىيەلەپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن سىز ئۆزىڭىز بىر ياخشى ئەر ياكى ياخشى ئايال بولۇشىڭىز كېرەك. بالىڭىزنى ئەدەپلىك ۋە باشقىلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان قىلىپ بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن سىز ئۆزىڭىز ئەدەپلىك بولۇشىڭىز، ۋە باشقىلارغا ھۆرمەت قىلىشىڭىز كېرەك.

بىز ھازىر ياشاۋاتقان دەۋر، مەدەنىيەت ۋە جەمئىيەت ئاتا-بوۋىلىرىمىز ياشىغان دەۋر، مەدەنىيەت ۋە جەمئىيەت بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز سىزنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئۇسۇللار ئەمدى سىزنىڭ ئۆز بالىلىرىڭىزغا يۈزدەيۈز ماس كېلىپ كەتمەيدۇ. سىزنىڭ بالىلىرىڭىز ئۈچۈن ئۈنۈم بەرمەيدۇ. ھازىرقى رېئاللىق بۇرۇنقىغا زادىلا ئوخشىمايدۇ. ئۆزگەرگىنى يالغۇز ۋاقىتلا ئەمەس. ئاتا-ئانىڭىز سىزنى بېقىپ چوڭ قىلغان ۋاقىتتىكى ئۇسۇللارنى سىز ئەمدى تەكرار قوللىنالمايسىز. شۇڭلاشقا سىزنىڭ بالىڭىز ئەمەس، سىز ئۆزىڭىز يېڭىلىقلارنى ئۆگىنىشىڭىز كېرەك. بالىڭىزنىڭ ھازىرقى دەۋردە ۋە مۇشۇ جەمئىيەتكە تۇغۇلۇپ قېلىشىدا ئۇنىڭ ھېچ بىر گۇناھى يوق، بۇنىڭغا سەۋەبچى بولغان سىز. بالىڭىزنىڭ مۇشۇ دەۋردە ۋە مۇشۇ جەمئىيەت ئىچىگە تۆرىلىشىنى سىز ئۆزىڭىز كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئەمدى بالىڭىز مۇشۇ جەمئىيەت ئىچىدىكى ئۇ ۋە بۇ نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىۋالسا، سىز گۇناھنى يەنە بالىڭىزغا قويامسىز؟ ھازىر بالىڭىزنى قورشاپ تۇرغان مەدەنىيەت سىزنىڭ مەدەنىيىتىڭىز ئەمەس، بالىڭىزنىڭ مەدەنىيىتى. شۇڭلاشقا بالىڭىز ئەمەس، سىز ئۆزىڭىز كۆپرەك ئۆگىنىشىڭىز كېرەك. سىز بالا تەربىيەلەشتىكى بىر ئۈنۈملۈك ئاتا ياكى ئۈنۈملۈك ئانا بولۇش ئۈچۈن، سىز ئۆز بىلىمىڭىزنى كېڭەيتىشىڭىز كېرەك. بالىڭىز بىلەن بىر يېڭى تىپتىكى مۇناسىۋەتنى ئورنىتىشىڭىز كېرەك.

مېدىيالار، تېلېۋىزورلار ۋە ئىنتېرنېتلارنىڭ بالىلارغا بىر قىسىم يامان تەسىرلەرنى يۇقتۇرىدىغانلىقىدا گەپ يوق. ئۇ بىر رېئاللىق بولۇپ، ئۇنى سىز ئۆزگەرتەلمەيسىز. مەنمۇ ئۆزگەرتەلمەيمەن. بۇ يەردىكى گەپ ئۇلار توغرىسىدا ئەمەس. بىزنىڭ ئۆزگەرتەلەيدىغىنىمىز، بىزنىڭ ئۆي ئىچىدە قانداق قىلىدىغانلىقىمىزدۇر. مېدىيالار، تېلېۋىزورلار ۋە ئىنتېرنېتلار نېمىلەرنى تارقىتىدۇ، بىز ئۇنى كونترول قىلالمايمىز. ئەمما بىز ئۆيگە قانداق ئۇچۇرلارنى كىرگۈزىمىز، بالىمىزنى قانداق ئۇچۇرلار بىلەن ئۇچراشتۇرىمىز، دېگەننى كونترول قىلالايمىز. شۇڭلاشقا باشقىلارنى ئەيىبلەش، گۇناھنى باشقىلارغا قويۇشنىڭ ئورنىغا، ئۆزىڭىزدىن «ھازىرقى ئەھۋالنى ياخشىلاش ئۈچۈن مەن ئۆزۈم قايسى ئىشلارنى قىلالايمەن؟» دەپ سوراپ بېقىڭ. ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنلارنىڭ ئىچىدە ناچار نەرسىلەر ھەقىقەتەنمۇ بار، ئىنتېرنېتتا ناچار نەرسىلەر ھەقىقەتەنمۇ كۆپ. ئەمما ئۇ ئىشلاردىن ئاغرىنىشنىڭ ئورنىغا، سىز ئۆزىڭىزدىن «مەن ئۆزۈم ئوغلۇم ياكى قىزىمنى ياخشىراق قوغداش ئۈچۈن قايسى ئىشلارنى قىلالايمەن؟» دەپ سوراپ بېقىڭ. پاسسىپ ھالدا باشقىلاردىن ياكى باشقا نەرسىلەردىن ئاغرىنىپ ئولتۇرماي، سىز ئۆزىڭىز ئاكتىپ ھالدا مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ياخشى ئامالىنى تېپىڭ.

بىزنىڭ بىر قىسىم بالىلىرىمىز ھازىر يېڭى تېخنولوگىيەگە ئائىت ئىشلاردا بىزگە قارىغاندا بەكرەك بىلىملىك كېلىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ بىر 10 ياشلىق ئوغلىڭىز بار بولۇپ، ئۇ كومپيۇتېرنى سىزدىن ياخشىراق بىلسە، بازاردىكى يېڭى تېخنولوگىيە ماللىرىنىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقىنى سىزدىن ياخشىراق بىلسە، ئۇ 10 ياشلىق ئوغلىڭىزنىڭ «ھايات، مەدەنىيەت، ئادەملەر، تېخنولوگىيە ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىشلىرىنى مەن دادامدىن ياخشىراق بىلىمەن» دەپ ئويلىشى بىر تەبىئىي ئەھۋال ئەمەسمۇ؟ سىز ئۆزىڭىزنى ئاشۇ 10 ياشلىق ئوغلىڭىزنىڭ ئورنىغا قويۇپ تۇرۇپ ئويلاپ بېقىڭ. ھازىر تېلېۋىزورلاردىمۇ ئاتا-ئانىلارنى بالىلىرىدىن كېيىن قالغاندەك كۆرسىتىدىغان ئەھۋاللار ھەقىقەتەن بار. شۇنداقتىمۇ سىز باشقىلاردىنلا ئاغرىنىپ يۈرمەي، گۇناھنى بالىڭىزغىلا قويۇپ يۈرمەي، بالىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن ئازراق كۈچ چىقىرىپ بېقىڭ. بالىڭىزنىڭ يۇقىرىقىدەك ئويلىشى، بەزى ئىشلاردا ئۆزىنى سىزدىن ئۈستۈن قويۇشى، ھەرگىزمۇ بالىڭىزنىڭ گۇناھى ئەمەس. ئۇنىڭ ئەكسىچە، بالىڭىزنى توغرا تەربىيەلەش، بالىڭىزنى توغرا يېتەكلەش سىزنىڭ مەسئۇلىيىتىڭىز. بالىڭىز ھەقىقەتەنمۇ ھەممە ئىشنى بىلمەيدۇ. گەرچە بالىڭىز كومپيۇتېر ۋە يانفوننىڭ ئىشلىرىنى سىزدىن ياخشىراق بىلسىمۇ، ئۇ تېخى ئىنسانلار جەمئىيىتىنى ياخشى چۈشەنمەيدۇ. ئۇ تېخى كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرنى ياخشى بىلمەيدۇ. ئىنسان تەبىئىتىنى ئۇ تېخى سىزدەك سىناپ باققان ئەمەس. ئۇ تېخى باشقا كىشىلەر بىلەن سىز ياشىغاندەك ياشاپ باققان ئەمەس. شۇڭلاشقا بىر يۇمشاق ئۇسۇلدا بالىڭىزغا تەربىيە قىلىش سىزنىڭ ۋەزىپىڭىز.

غەربتە «سىز بالىڭىزنىڭ ئەڭ ياخشى دوستى بولۇڭ» دەيدىغان بىر گەپ بار. ئۇنداق قىلىش بىر قىسىم كىشىلەر ئۈچۈن ئانچە ئاسانغا توختىماسلىقى مۇمكىن. ئەمما سىز ھېچ بولمىغاندا ئۆزىڭىزنىڭ بالىسى بىلەن ئۇنى ئەيىبلەش، ئۇنىڭغا بۇيرۇق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا قوماندانلىق قىلىشتىن باشقا نورمال سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى ئۆگىنەلىشىڭىز مۇمكىن. سىز داۋاملىق بالىڭىزنى ئەيىبلەپلا يۈرمەي، چوقۇم ئۇنىڭ بىلەن بىر نورمال يوسۇندا سۆزلىشەلەيدىغان بولۇشىڭىز كېرەك.

ھازىر ئۆزىڭىزنىڭ بالىڭىز ھەققىدە تۇتقان يولىنىمۇ بىر ئاز تەكشۈرۈپ بېقىڭ: سىز داۋاملىق بالىڭىزغا «مانى قىل، ئانى قىل، بۇنى نېمىشقا قىلدىڭ؟» دەپلا يۈرۈۋاتامسىز؟ ئەگەر سىزنىڭ ئوغلىڭىز ياكى قىزىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىز ھازىر مانا مۇشۇنداق بولۇۋاتقان بولسا، سىز ئۆزىڭىزنى بىر مەغلۇبىيەتكە تەييارلاپ قويغان بولىسىز. سىزنىڭ ئۆز بالىڭىز بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بىر نورمال ھالدا پاراڭلىشىپ باققان ۋاقتىڭىز قاچان؟ ئاخىرقى قېتىم بالىڭىز بىلەن ئۇنى ئەيىبلىمەي، ئۇنىڭغا بۇيرۇق قىلماي ۋە ئۇنىڭغا تەنە قىلماي تۇرۇپ سۆزلىشىپ باققان ۋاقتىڭىز قاچان؟

ھەقىقەتەنمۇ بەزىدە بالىڭىزغا ئازراق قاتتىق تەگمىسىڭىز بولمايدۇ. ئەمما، ئەگەر سىزنىڭ بالىڭىز بىلەن قىلىدىغان ئىشىڭىزنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا قاتتىق تېگىش بولسا، ئۇنىڭ سىزگە تۇتىدىغان پوزىتسىيەسى قانداق بولماقچى؟ بولۇپمۇ بالىڭىز ئون نەچچە ياشقا كىرىپ، ئازراق ئۆز ئەركىنلىكىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ سىزگە بولغان مۇئامىلىسى قانداق بولماقچى؟ بەلكىم سىزنىڭ مەدەنىيىتىڭىزدە سىزنىڭ بالىڭىز بىلەن «دوست» بولۇشىڭىز مۇمكىن ئەمەستۇ، ئەمما، ھېچ بولمىغاندا سىز بالىڭىزغا «دوستلۇق» نامايان قىلىڭ. سىزنىڭ بالىڭىز بىلەن ئەيىبلەش ۋە ئاچچىقلىنىشتىن باشقا بىر قىسىم ئىجابىي مۇناسىۋىتىڭىزمۇ بار بولسۇن. بالىڭىزغا «ئىشلىرىڭ قانداقراق كېتىۋاتىدۇ؟ مەكتەپتە نېمىلەرنى ئۆگىنىۋاتىسەن؟» دەپ، ئۇنىڭ بىلەن ئانچە-مۇنچە پاراڭلىشىپ تۇرۇڭ. بالىڭىز بىلەن بىر قىسىم ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى بىللە قىلىپ تۇرۇڭ.

ئالدىنقى ئەۋلادنىڭ بۈگۈنكى ئەۋلادلار بىلەن بولغان بىر چوڭ پەرقى، بىزنىڭ بوۋىلىرىمىز بىزنىڭ دادىمىز بىلەن بىللە ۋاسكېتبول ياكى پۇتبول ئويناپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئۇلارغا قارىتىلغان تەنقىد ئەمەس. بۇ خىل ئەھۋاللار ئۇ چاغلاردا بىر خىل نورمال ئىش ئىدى. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە، بۈگۈنكى جەمئىيەتتە سىزنىڭ ئۆز ئوغلىڭىز ياكى ئۆز قىزىڭىز بىلەن مەلۇم بىر دوستانە مۇناسىۋىتىڭىز بار بولۇشى كېرەك.

ئەگەر ئوغلىڭىز ياكى قىزىڭىز ئۆزى يولۇققان بىر مەسىلە ئۈستىدە ياكى ئۆزى ئۆتكۈزگەن بىرەر خاتالىق ئۈستىدە ئالدىڭىزغا كېلىپ، سىز بىلەن پاراڭلىشىشقا نىسبەتەن بىر خىل راھەتسىزلىك ھېس قىلىدىكەن، بۇ بىر چوڭ مەسىلە بولىدۇ. ھەممە ئادەم خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ. سىزمۇ ياش ۋاقتىڭىزدا ھەر خىل خاتالىقلارنى ئۆتكۈزۈپ باققان. شۇڭلاشقا سىزنىڭ بالىڭىزمۇ چوقۇم خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ بالىڭىز بىر قېتىم بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ قويۇپ، ئاشۇ خاتالىقنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن سىزنى ئىزدەپ كەلمەيدىكەن، ئۇنداقتا سىز قانداقمۇ بىر ياخشى ئاتا-ئانا بولالايسىز؟ سىز ئۆزىڭىز بىلەن بالىڭىز ئوتتۇرىسىدىكى «خەۋەرلىشىش يولى» نىڭ ئىشىكىنى ھەر ۋاقىت ئوچۇق ساقلىشىڭىز كېرەك. بالىڭىز ئون نەچچە ياشقا كىرىپ، يات جىنستىكىلەرگە قىزىقىدىغان بولۇپ قېلىپ، ھەمدە ئەتراپىدىكى چېكىملىك ۋە زىنا ئىشلىرىنى كۆرۈپ، بۇنداق ئىشلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ئۈستىدە مەسلىھەت سوراپ سىزنى ئىزدىمەيدىكەن، ئۇ چوقۇم باشقا ئون نەچچە ياشلىق بالىلارنى ئىزدەيدۇ. ئىنتېرنېتنى ئىزدەيدۇ. باشقا يەرلەرنى ئىزدەيدۇ. بىزنىڭ ئاتا-ئانىمىز بىز بىلەن بۇنداق مەسىلىلەر ئۈستىدە بىرەر قېتىممۇ پاراڭلىشىپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۈگۈنكى دەۋردە ياشاۋاتقان بىز ئۇ ئىشلاردىن ئۆزىمىزنى قاچۇرساق بولمايدۇ. ئۇ ئىشلار ھەققىدە بالىمىز بىلەن بىۋاسىتە ۋە ئوچۇق-ئاشكارا پاراڭلاشمىساق بولمايدۇ. سىز بالىڭىزغا بۇنداق گەپلەرنى دېيىشتىن بۇرۇن بالىڭىز ئۇ ئىشلارنى ئاللىقاچان بىلىپ بولغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ سىز ھېچ بولمىغاندا بالىڭىز بىلەن مۇشۇنداق پاراڭلارنى قىلىشالايدىغان ئىشىكنى ئېچىپ قويۇڭ. ئەگەر ئۇنداق قىلمىسىڭىز، بالىڭىز بىرەر مەسىلىگە يولۇققاندا سىزنى ئىزدىمەيدىغان، سىزدىن ياردەم سورىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

ئەگەر سىز بىر ئانا بولسىڭىز، قىزىڭىز بىلەن ھازىرقى دۇنيا ھەققىدە پاراڭلىشىپ تۇرۇڭ. قىزىڭىزغا «ئەگەر بىرەر ئىشتا ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولساڭ، ياردەم قىلىشقا مەن ھەر ۋاقىت تەييار»، «بىرەر ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالساڭ، ئالدى بىلەن مېنى ئىزدە، مەن چوقۇم ساڭا ياردەم قىلىمەن»، دەپ تۇرۇڭ. مۇشۇنداق ئومۇميۈزلۈك بايانلارنى قىلىپ تۇرۇڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ۋاقتى كەلگەندە قىزىڭىز سىزنى ئىزدەيدىغان، سىزنىڭ ئالدىڭىزغا كېلىدىغان بولىدۇ.

بالا تەربىيەسىدىكى يەنە بىر مۇھىم سەنئەت شۇكى، بالىڭىز ئون نەچچە ياشقا كىرگەندە، ئۇنىڭغا بىر كىچىك بالىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشنى توختىتىڭ. بەزى دىنلاردا 13، 14 ياكى ئەڭ يۇقىرى بولغاندىمۇ 15 ياشقا كىرگەن بالىلار بويىغا يەتكەن چوڭلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلاردا ساقلىنىۋاتقان بىر مەسىلە شۇكى، گەرچە ئۇلارنىڭ بالىسىنىڭ يېشى 13 ياشتىن ئېشىپ، ئەقىل ۋە بىيولوگىيە جەھەتتىن ئۇلار بىر چوڭ ئادەمگە ئايلىنىپ بولغان بولسىمۇ، بۇ ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا يەنىلا بىر كىچىك بالىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىدۇ. سىز 13 ياشقا كىرگەن بالىڭىزغا چوقۇم بىر چوڭ كىشىگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىڭ. چۈنكى، بالىڭىز بۇ يېشىدا ھەقىقەتەنمۇ بىر چوڭ ئادەم. بالىڭىز ئاشۇنداق ياشقا كىرگەندە، ئۇنىڭغا چوقۇم بىر قىسىم مەسئۇلىيەتلەرنى بېرىڭ. بالىڭىزنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تەدرىجىي ھالدا ئۆستۈرۈپ، ئۇنى ئازراقتىن-ئازراقتىن سىناڭ. بالىڭىزغا ئازراق پۇل بېرىپ، بازاردىن ئۇنى-بۇنى ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇڭ، ھەمدە ئۇنىڭ توغرا نەرسىلەرنى سېتىپ ئالالىغان-ئالالمىغانلىقىغا دىققەت قىلىڭ. خاتا قىلغان ئىشلىرى بولسا تۈزىتىپ تۇرۇڭ. مۇشۇ ئاساستا بالىڭىزنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تەدرىجىي ھالدا ئۆستۈرۈڭ. مانا بۇ بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنىڭ بىر قىسمى. بالىڭىزنى 18 ياشقا كىرگۈچە بىر كىچىك بالىنى ئەركىلەتكەنگە ئوخشاش ئەركىلىتىپ باقسىڭىز بولمايدۇ. ئۇنداق قىلسىڭىز ھەرگىزمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلمەيسىز. بالىمىزنىڭ رېئال دۇنياغا يۈزلىنىشىدىن ساقلىنالمايمىز، شۇڭا بىز ئۇلارنى رېئال دۇنياغا تەييار قىلىشىمىز كېرەك. بالىمىزنى چوقۇم ئۆزىنى ئۆزى باقالايدىغان قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشىمىز كېرەك، چۈنكى بىز ئاتا-ئانا بولغانلار بالىمىز بۇ دۇنيادىن ئايرىلغۇچە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن يۈرۈپ، ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىپ يۈرەلمەيمىز. بالىڭىز بىر ئاز ئىش قىلالايدىغان بولغاندىن باشلاپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ قاچىسىنى ئۆزى يۇيۇش، ئۆزى قىلغان قالايمىقانچىلىقلارنى ئۆزى رەتلەش، ئۆزىنىڭ كىيىمىنى ئۆزى قاتلاش قاتارلىق ئىشلارغا سېلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر سىز ئۇنداق قىلماي، بالىڭىزنى داۋاملىق بىر كىچىك بالىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ تۇرۇپ بېقىپ چوڭ قىلىدىكەنسىز، بالىڭىز 18 ياشقا كىرگەندىمۇ بىر كىچىك بالىغا خاس مىجەز-خاراكتېرنى ساقلايدۇ. شۇڭا ئۇ چاغدا سىز بالىڭىزدىن ئاغرىنماڭ.

بالىنىڭ ياخشى چوڭ بولۇشىدا ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئائىلە مۇھىتىدىن ئىبارەت. ئەگەر ئائىلە ئىچىدىكى ئىشلار ياخشى بولىدىكەن، بالىنىڭ ياخشى چوڭ بولۇشىدىكى 1-شەرت ھازىرلانغان بولىدۇ. قالغان ئامىللار 2-ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاشۇ 2-ئورۇندا تۇرىدىغان ئامىللار ئىچىدە ئائىلىنىڭ ئەتراپىدىكى سىرتقى مۇھىتمۇ بار. يەنى، سىز بالىڭىزنىڭ سىرتتىمۇ چوقۇم بىر ياخشى مۇھىت ئىچىدىلا چوڭ بولۇشىغا، پەقەت ياخشى نەرسىلەر بىلەنلا ئۇچرىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ. خۇددى يۇقىرىدا دېگەندەك، بىرىنچى مۇھىم ئامىل يەنىلا ئائىلە. سىز ھەرگىزمۇ بالىڭىزنى بىر يەكشەنبە كۈنلۈك مەكتەپكە بېرىپ قويۇپ، ياكى بىرەر تەنتەربىيەگە قاتناشتۇرۇپ قويۇپ، ئىشنى بولدى قىلماڭ. ئەڭ مۇھىم ئامىل يەنىلا ئائىلە. ئەڭ مۇھىم ئامىل يەنىلا دادا بىلەن ئاپا.

ئەڭ ئاخىرقى نۇقتا، بالىنى ياخشى چوڭ قىلىشتا بىرەر سېھرىي كۈچكە ئىگە، ھەممە ئادەم ئۈچۈن ئوخشاش ئۈنۈم بېرىدىغان چارە مەۋجۇت ئەمەس. ياراتقۇچىمىز ئوخشىمىغان كىشىلەرنى ئوخشىمىغان نەرسىلەر بىلەن سىنايدۇ. بالىنى ياخشى چوڭ قىلىشتا بىز يۇقىرىقىدەك ياخشى تەۋسىيەلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىجرا قىلىپ بېقىشىمىز كېرەك. ئەمما بىز ئۇ تەۋسىيەلەر ھەممە ئادەملەرگە ئوخشاش ئۈنۈم بېرىدۇ، دەپ ئويلىساق بولمايدۇ. بىز ئۆزىمىز قىلالايدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ۋە مۇكەممەل قىلىشقا بارلىقىمىزنى ئاتاپ تىرىشىشىمىز، قالغان جەھەتتە ياراتقۇچىغا ئىشىنىپ، قالغىنىنى ياراتقۇچىمىزغا تەۋەككۈل قىلىشىمىز كېرەك.

بىر داڭلىق زاتنىڭ سۆزلىرىدىكى مەن مەزكۇر ماقالىدا ئىشلەتمەكچى بولغان مەزمۇن مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.


10. «ئالتۇن قائىدە»

بۇ ئىنسانلار نەچچە مىڭ يىل جەريانىدىكى ئەمەلىيەتكە ئاساسەن يەكۈنلەپ چىققان بىر قائىدە بولۇپ، ئۇنى يۇقىرىدىكى داڭلىق زاتمۇ ئاشۇ لېكسىيەسى جەريانىدا بىر قانچە قېتىم تىلغا ئالدى. ئۇ بىر ناھايىتى مۇھىم قائىدە بولغاچقا، مەن ئۇنى ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى ئىككى پارچە ماقالىسىدە قىسقىچە بايان قىلغان ئىدىم. ئەمما، ئۇ يازمىلىرىم بەزى تور بەتلىرىدىن يوقاپ كەتتى. تېخى ئوقۇپ باقمىغان قېرىنداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، مەن ئۇنى بۇ يەرگە قايتىدىن قىستۇرۇپ قويدۇم. يۇقىرىدا ئېيتىلغىنىدەك، بالا تەربىيەسىدە ئاتا-ئانىنىڭ ئۈلگىلىك رولى ئىنتايىن مۇھىم، ياكى ھەممىدىن مۇھىم. ئۇنداقتا بۇ ئۈلگىلىك رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇش كېرەك؟ ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئۇنى مۇشۇ «ئالتۇن قائىدە» دە دېيىلگەندەك جارى قىلدۇرۇش كېرەك: سىز بالىڭىزدىن كۈتىدىغان ياكى تەلەپ قىلىدىغان ئىشلارنى ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز قىلىڭ. تۆۋەندىكىسى «ئالتۇن قائىدە» نىڭ بىر ئاز تەپسىلىيرەك بايان قىلىنىشى.

تۆت مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، كىشىلەر بىر «ئالتۇن قائىدە» نى باشقىلارغا مۇئامىلە قىلىشتىكى ئەڭ مۇۋاپىق قائىدە، دەپ تەلىم بېرىپ كەلدى. ئەمما، گەرچە كىشىلەر بۇ پەلسەپىنى ئەخلاقلىق ئىش-ھەرىكەتنىڭ بىر توغرا قائىدىسى، دەپ قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ روھىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ياكى ئۇنىڭ قانداق بىر قانۇنىيەتكە ئاساسلانغانلىقىنى چۈشەنمەي كەلدى. بۇ ئالتۇن قائىدىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىدىن ئىبارەت:

l        سىز باشقىلاردىن ئۆزىڭىزگە قانداق ئىشلارنى قىلىپ بېرىشىنى ئارزۇ قىلسىڭىز، سىزمۇ باشقىلارغا شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ بېرىڭ.
l        سىز باشقىلاردىن ئۆزىڭىز توغرىسىدا قانداق سۆزلەرنى ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلسىڭىز، سىزمۇ باشقىلارغا ئاشۇنداق سۆزلەرنى قىلىڭ.
l        سىز باشقىلاردىن ئۆزىڭىز توغرىسىدا قانداق ئويلاشنى ئارزۇ قىلسىڭىز، سىزمۇ باشقىلار توغرىسىدا ئاشۇنداق ئويلاڭ.

ئەگەر سىز مەزكۇر ماقالىنىڭ (يەنى، «غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى» دېگەن ماقالىنىڭ) ئالدىنقى بۆلۈملىرىدە بايان قىلىنغان مەزمۇنلارنى، يەنى، بىر ئادەمنىڭ ئوي-خىيالى ئاشۇ ئوي-خىيالنىڭ ماھىيىتى بويىچە رېئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەنگەن بولسىڭىز، يۇقىرىقى ئالتۇن قائىدىگە ئاساس بولىدىغان قانۇنىيەتنى ئاسانلا ئاڭقىرالايسىز. يەنى، سىز باشقىلار ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بېرىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئاشۇ ئىش توغرىسىدا ئويلىنىشىڭىز ياكى تەپەككۇر يۈرگۈزۈشىڭىز كېرەك. شۇڭلاشقا سىزنىڭ باشقىلارغا بىرەر ئىشنى قىلىپ بېرىپ، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ سىزگىمۇ ئوخشاش بىر ئىشنى قىلىپ بېرىشىنى قولغا كەلتۈرۈشىڭىز ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ بىر ئىنتايىن ياخشى مىسالىدۇر. يەنى ئالتۇن قائىدە بىلەن ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى ئەمەلىيەتتە ئوخشاش بىر نەرسىدىن ئىبارەت.

سىز يۇقىرىقى ئالتۇن قائىدىنى ئۆزگەرتەلمەيسىز، ئەمما ئۇنىڭدىن بىر رەت قىلغىلى بولمايدىغان كۈچ سۈپىتىدە پايدىلىنىپ، ئۇنىڭسىز ئېرىشكىلى بولمايدىغان يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشەلەيسىز.

باشقىلارغا ئادالەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش سىزنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقلىرىڭىزنىڭ بىرى. ئەمما سىز مەزكۇر قائىدىنى چۈشەنسىڭىز، ئاخىرىدا باشقىلارمۇ سىزگە ئادالەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلىسىز. بۇ قانۇنىيەت سىزنىڭ باشقىلارغا قىلغان ئادالەتسىزلىكلەر بىلەن رەزىللىكلەرنىڭ ئۆزىڭىزگە قايتىپ كېلىشى بىلەنلا توختاپ قالماي، سىزگە ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر، ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. يەنى ئۇ سىز بۇرۇن قىلغان ئوي-خىياللارنىڭ ھەممىسىنىڭ نەتىجىسىنى سىزگە ئېلىپ كېلىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، سىز باشقىلارغا ئۇلارنىڭ ئۆزىڭىزگە قىلىشىنى ئارزۇ قىلغان ئىشلارنىلا قىلىپ قالماي، سىز باشقىلارنىڭ ئۆزىڭىزنى قانداق ئويلىشىنى ئارزۇ قىلسىڭىز، سىزمۇ باشقىلارنى ئاشۇنداق ئويلىشىڭىز كېرەك.

سىز باشقىلارغا قارىتا بىرەر ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ئاشۇ ئىشنىڭ ماھىيىتىنى ئۆز تەپەككۇرىڭىزدا ھاسىل قىلىسىز. ھەمدە ئاشۇ ئىشنىڭ يىغىندىسى، ئاساسى ۋە ماھىيىتىنى ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئاشۇ ئىش توغرىسىدىكى تەپەككۇرىڭىزنى سىرتقا تارقىتىسىز. سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا كىرگەن ئۇ نەرسىلەر سىزنىڭ ئۆز خاراكتېرىڭىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ، سىزنىڭ ئىش-ھەرىكىتىڭىز ياكى تەپەككۇرىڭىزنىڭ ماھىيىتىگە ئۇيغۇن كەلگەن ھالدا ئۆزگىرىدۇ.

مۇشۇ ئاددىي پىرىنسىپنى بىلىۋالغاندىن كېيىن، سىز نېمە ئۈچۈن باشقا بىر ئادەمنى ئۆچ كۆرسىڭىز ياكى ئۇنىڭغا ھەسەتخورلۇق قىلسىڭىز بولمايدىغانلىقىنى، سىز نېمە ئۈچۈن ئۆزىڭىزگە ئادالەتسىزلىك قىلغان كىشىلەردىن ئۆچ ئالسىڭىز بولمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا نېمە ئۈچۈن «يامانلىققا ياخشىلىق قىلىش» كېرەكلىكىنىمۇ چۈشىنەلەيسىز.

ئەگەر سىز ئالتۇن قائىدىگە ئاساس بولىدىغان قانۇنىيەتنى تولۇق چۈشەنسىڭىز، پۈتۈن ئىنسانىيەتنى بىرلا دوستلۇق رىشتىسى بىلەن ئەبەدىي باغلاپ تۇرىدىغان قانۇنىيەتنىمۇ چۈشىنىپ، مەيلى تەپەككۇر جەھەتتە بولسۇن ياكى ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەت جەھەتتە بولسۇن، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى زەخىملەندۈرمەي تۇرۇپ باشقا بىر ئادەمنى زەخىملەندۈرۈشىڭىز قەتئىي مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى تولۇق چۈشىنىپ يېتىسىز. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، سىز پۈتۈن ئىشتىياقىڭىز بىلەن قىلغان ھەر بىر تەپەككۇر ۋە ھەر بىر ئىش-ھەرىكەت سىزنىڭ ئۆز خاراكتېرىڭىزگە پايدىلىق يوسۇندا قوشۇلىدۇ.

بۇ قانۇنىيەتنى چۈشەنسىڭىز سىز قىلچىلىكمۇ گۇمانلانماي تۇرۇپ شۇنىمۇ بىلىسىزكى، باشقىلارغا قىلغان ھەر بىر يامانلىقىڭىز ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىزنىمۇ جازالايسىز، شۇنداقلا باشقىلارغا قىلغان ھەر بىر ياخشىلىقىڭىز ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىزگىمۇ پايدا يەتكۈزىسىز.

بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.

(داۋامى بار)

Gulam615 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 15:06:59

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكومئەركىن ئەپەندى. خۇش كەپسىز. بۈگۈن يەنە نادىر ئەسىرىڭىزنىڭ داۋامىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولغىنىمدىن خۇرسەنمەن. ماقالىڭىزنى ناھايىتىمى ئەتراپلىق يىزىپسىز. دىمىسىمۇ ھازىر خىزمەت بىسىمى ،ياشلارنىڭ بالا بىقىش تەجرىبىسنىڭ كامچىلىقىدىنمۇ ئەيتاۋۇر ئاتا ئانىلار باللىرىنىڭ بالىسىنى بىقىپ بىرىدىغان ئىش كۆپ. زىددىيەتمۇ مانا مۇشۇنىڭدىن كۆپ چىقىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ بالىلار مەكتەپ يىشىغا كەلگەندىن كىيىن ،مەلۇم نەرسىلەردە قىينالسا ‹‹مومىسى باققان››دىگەن قالپاقنى كىيگۈزىدۇدە مەيلى مالىمنىڭ ئالدىدا بولسۇن،مەيلى بالىنىڭ ئالدىدا بولسۇن ،پوق سۈدىكىنى ئايرىپ ،شۇنچىلىك قىلىپ بەرگەن ئاتا ئانىسىدىن رازى بولمايدىغان ئىش بەك كۆپ .
   مىنىڭچە ياشلارغا بۇ بىر ياخشى دەرسلىك بوپتۇ. شۇنداقلا ئاتا ئانىنىڭ باللاغا بىرىدىغان تەسىرى ھەرقانداق جەمىيەت ئەزالىرىدىن چوڭ بولىدۇ. ‹‹ئالا قۇيرۇقنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق››دىگەن تەمسىلىمىز بار. ئاتا ئانا بولغۇچى چوقۇم ھەرقانداق ئىشنى ئۆزىدىن باشلىشى، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇشى كىرەك دەپ قارايمەن . ئاندىن پەرزەنتىگە گەپ ئۆتكۈزەلەيدۇ.
   ‹‹ بۇ قانۇنىيەتنى چۈشەنسىڭىز سىز قىلچىلىكمۇ گۇمانلانماي تۇرۇپ شۇنىمۇ بىلىسىزكى، باشقىلارغا قىلغان ھەر بىر يامانلىقىڭىز ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىزنىمۇ جازالايسىز، شۇنداقلا باشقىلارغا قىلغان ھەر بىر ياخشىلىقىڭىز ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىزگىمۇ پايدا يەتكۈزىسىز››مۇشۇ قۇرلار بەك توغرا چۈشۈپتۇ. خەققە ئىتىۋالدىم ،قىلىۋالدىم ،دىۋالدىم دىگەن بىلەن ‹‹تاغ ئايلىنىپ ،باغ ئايلىنىپ››ئۆزىمىزگە ئەمەس بالىمىزغا يىنىپ قالىدۇ. شۇڭا گەپ سۆزگە ، ئىش ھەركەتتە كىبىرلىكتىن ساقلىنىپ ، بارىغا شۇكرى قىلىپ ، كىچىككىنە ئىشتىنمۇ بەختنى ھىس قىلىپ ،مىننەتدار بولۇپ ياشىساق ، بۇدۇنيا شۇنچىلىك گۈزەل .

kitabbay يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 16:15:00

ھارمىغايسىز،مەنمۇ بىر ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنىڭىز،بۇ تۇنجى ئىنكاسىم.

bariber يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 16:17:45

مۇشۇ ماقالىڭىزنى ئوقۇپ سىزگە بولغان قايىللىغىم ھەسسىلەپ ئاشتى ئەركىنكا.

muztag يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 21:24:54

بالا تەربىيەسى ،ساقلاپ قوياي . . .

Last يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 17:28:26

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Last تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-17 17:51

    بىلىمخۇمار ئەپەندىىنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت! ئۆز كەسپىڭىزدىنلا ئەمەس، ۋاختىڭىز يەتسىلا بىزگە ھەر تەرەپتىن بىلىم بېرىپ تۇرىۋاتىسىز، كۆپ تەشەككۈر!
    بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ ماقالىنىڭ ئاخىرىدىكى ئەسكەرتمىسى بۇيىچە،   مەن بۇ ماقالىنىڭ ئېلكىتاب نۇسخىسىنى ياساپ قويدۇم، ساقلىۋالغۇسى بارلار چۈشۈرىۋالساڭلار بولىدۇ.
1-قىسىم:
https://onedrive.live.com/redir?resid=54FDD77C51F434B2!10978&authkey=!AH9uVIkdXnW7cfY&ithint=file%2cpdf
2-قىسىم:
https://onedrive.live.com/redir?resid=54FDD77C51F434B2!10979&authkey=!AJfwQJOWgG1PRP0&ithint=file%2cpdf

ئەگەر يۇقىرىدىكى ئۇلانمىغا ئۇلانمىسا، تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن چۈشۈرۈڭ.
1-قىسىم: http://url.cn/TxJpQU
2-قىسىم: http://url.cn/YdlhRC

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 00:54:34

Last يوللىغان ۋاقتى2015-1-17 17:28 static/image/common/back.gif
بىلىمخۇمار ئەپەندىىنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت! ئۆز كەسپ ...

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قېرىندىشىم!

قىلغان ياردىمىڭىز ئۈچۈن سىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت!

Pasan0903 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 21:04:35

Last يوللىغان ۋاقتى2015-1-17 17:28 static/image/common/back.gif
بىلىمخۇمار ئەپەندىىنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت! ئۆز كەسپ ...

ھەر ئىككى ئۇلانما ئىچىلمىدى .ئوڭشاپ قويغان بولسىڭىز.
بەت: [1]
: بىلىمخۇمار: بالىڭىزغا توغرا كۆيۈڭ (2)