2015-يىللىق خوتەن كارخانىچىلار يىغىلىشى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ErqalMedia تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-15 20:332015-يىللىق خوتەن كارخانىچىلار يىغىلىشى
2015-يىلى ئۇيغۇر كارخانىچىلىرى يېڭىچە خىرىس ۋە رىقابەتلەرگە دۇچ كەلدى. كارخانىچىلىرىمىز يولۇقىۋاتقان مەسىلىلەرنى بىرلىكتە ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئەرقال كارخانىچىلار كۇلۇبى خوتەن تارمىقى بۇ يىل 1-ئايدا دەرس باشلايدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن دەرس باشلانغان تۇنجى كۈنى خوتەندە بىر مەيدان لېكىسىيە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
http://player.youku.com/player.php/sid/XNzE5NDQxNzYw/v.swf
لېكسىيە تېمىسى:
1-لېكسىيە ( 8:30-10:00 ): ماكرولۇق ئىقتىسادنىڭ كەلگۈسى ئۈچ يىللىق يۈزلىنىشى ۋە كارخانىلارنىڭ تەدبىرلىرى
2-لېكسىيە ( 10:00-12:00 ): داڭلىق ماركا ئىستىراتېگىيەسى
لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەر:
قۇدرەت ياقۇپ
ئەرقال كاپىتالىنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى ۋە لىدېرى، يابۇلى جۇڭگو كارخانىچىلار مۇنبىرىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى، ۋال كوچىسىدىكى مەبلەغ سېلىش ئورگىنىدا خىزمەت قىلغان، قوشۇن تەشكىللەپ كىرىمنىي جىلغىسىدا ئىگىلىك تىكلىگەن، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن.
تۇرسۇن ئەلى
ئەرقال كاپىتالىنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى ۋە مۇئاۋىن لىدېرى، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى كارخانا ئىستراتېگىيە كافېدىراسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ ئارمان گۇرۇھى، جېجياڭ تيەنرۈن گۇرۇھى قاتارلىق كارخانىلارنىڭ ئىستراتېگىيە مەسلىھەتچىسى بولغان، ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، گېرمانىيە مىيۇنخېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇرغان.
لېكسىيە ۋاقتى:
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى شەنبە چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى سەھەر سائەت 8:30 دا باشلىنىدۇ.
بېلەت باھاسى: 300 يۈەن
قاتناشقۇچىلار: 300 نەپەر بىلەنلا چەكلىنىدۇ
لېكسىيە ئورنى:
خوتەن شەھەرلىك كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ (3-كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ ئوڭغا بۇرۇلسىڭىز يېتىپ بېرىسىز)
بېلەت سېتىش ئورنى:
1. خوتەن شەھىرى 315-دۆلەت يولى 115-نومۇر ئانا تۇپراق تەبئىي قاشتېشى مەركىزى (2-نومۇرلۇق گاز قاچىلاش پونكىتى ئۇدۇلىدا)
2. ئۈرۈمچى شەھىرى تاشقى سودا ئالىي مېھمانسارىيى 4-قەۋەت ئەرقال كۈتۈۋېلىش ئورنى
تېلېفون نومۇرى: 0991-2887000 15099083154 13201228697
بۇ بەك ياخشى ئىشكەن ئەلى مۇئەللىمنڭ لىكسىيەسىدەك سۈرەتكە ئېلىپ تارقىتامۇ 300 يۈئەن بەك قىممەت بولۇپ قاپتۇ
30 يۈئەننىمۇ تاپالماي قېلىۋاتقان ئادەملەر نۇرغۇن ھازىر
بەت:
[1]