paliwan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 16:51:02

ئۆي زىننەتلەش توغرىسدا پاراڭلاشمايلىمۇ؟

مۇنداق گەپ ئىدى،يېقىندا ئىدارىمىزدىن مەبلەغ توپلاپ سالغان ئۆينىڭ ئاچقۇچنى قۇلۇمغا ئالدىم.ئۆي ھازىر ئولتۇرۋاتقان ئۆينىڭ شارائىتدىن ياخشى بولغاچ،كۆچۈپ چىقاي دەپ تەييارلىق قىلۋاتقان.شۇڭا مۇشۇ ئۆي زىننەتلەش تۇغرىسدا ھەرقايسىڭلاردىن مەسلھەت پاراڭ ئاڭلاي دەپ بۇتىمنى يېزىپ قالدىم.قېنى ئەمسە ئەزىزلەرئىككى ئېغىزتەجرىبە-ساۋاق،مەسلىھەتڭلارنى ئايمىساڭلار.-رەخمەت.

begir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 07:13:50

kokboraa يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 07:35:37

مەن بىزەكچىلىك بىلەن  شۇغۇللىنىمەن .  قانداق ئىشلاردىن  مەسلىھەت  سورىماقچى  بولسىڭىز  بىلىشىمچە   جاۋاپ  بىرىمەن .

rock يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 08:15:45

ھەقىچان شۇ پۇل تىجەشنىڭ گېپىنى قىلىۋاتىسلە ھە، سۇ - توك ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزەڭلا قىلىڭلا، ئادەتتە كۇلۇچ-ئامبۇر تۇتۇپ باققان ئادەملە يەنە ئازراق ماتېرىيال كۆرۈپ قويسا، ئالدىرىماي قىلىپ كېتەلىگۈدەك. مۇشۇ ئەركىشىگە بولۇپمۇ، DIY نىڭ لەززىتى يامان ئېسىل بىلىنىدىكەن. ئوغۇل بالىلىرى بولسا بازادىن تەييا ئويۇنچۇق ئەپ بەرگەندىن مۇشۇنداق ئىش پۇشلارغا ياردەمگە سالسىمۇ جىق ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. ئەگەر ياغاچچىلىقنىمۇ ئۆزەم قىلايمىكى دەيدىغان ئويىڭىز بولسا تېخىمۇ قوللايمەن. بارلىق ماتېرىياللارنى ئوبدان ھىسابلاپ توردىن ئەكەلدۈرسىڭىز ئەرزان توختايدىكەن. يەرلىكتىكى ياغاچ ماتېرىياللارنىڭ سۈپىتى بەكلا ناچاركەن. ھازىر ھۈنەر-قوراللار ئىلغارلىشىپ كەتتى، ئىشكاپلارغا ئويىدىغان نەقىشلەرنى قولدا ئىشلەپ يۈرمەيسىزكەن، كېسىپ تەييا قىلىپ قويغان تاختاينى ئاپارسىڭىز ئازغىنە پۇلغا نۇر بەكرىنى ئويۇپ بەر دېسىمۇ چاتاق يوق دەيدىكەن جۇما.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 10:43:58

مىللىيچە دەپلا يامان جىق پۇل خەجلىۋېتىدىكەن، مىللىچە دېگەننىڭ نېمە رولى بار، دېمەكچى بىر مۇنچە ئېمىر-چىمىر گۈللۈك قىلىشنىڭ {:92:}

paliwan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 10:59:42

kokboraa يوللىغان ۋاقتى  2015-1-16 07:35 static/image/common/back.gif
مەن بىزەكچىلىك بىلەن  شۇغۇللىنىمەن .  قانداق ئىشلاردىن  ...

قوشنا- قۇلۇملارنىڭمۇ ئۆينى زىننەتلەپ كۆچۈپ چىققانلار بار.خېلى چىرايلىق كۆركەم چىقىپتۇ.مىنىڭچە ئۆينىڭ كۆپ قىسىم ئۇرۇنلىرنى ياغاچ تاختايغا (پەنەركە)نەقىش ئويۇپ قاپلىۋەتسە بىر خىل ئازادە تەسىر بەرمەمدۇ-قانداق؟ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنۋى بىزەكچىلىك ئۇسلۇبى بىلەن زامانىۋى ئۇسلۇبلارنى ئەپچىللىك بىلەن بىرىكتۇردىغان قانداق ياخشى ئاماللار بار؟مىھمانخانە ئۆي بىلەن ياتاق ئۆينى بىزەشكە قانداق رەڭلەر مۇۋاپىق؟پەنەركىگە ئۇرۇلدىغان سىرنىڭ رەڭگى بىلەن تامغا چاپلايدىغان قەغەزنىڭ رەڭگىنى ماسلاشتۇرۇشتا قانداق تەجرىبە-ساۋاقلرىڭىز بار؟ھازىرچە مۇشۇنچىلىك سۇراپ تۇراي.ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم.-رەھمەت.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 11:25:38

ئ‍ىشىك ئ‍ەتراپىنى تومپايتىپ بىشىغا ھەرخىل تاج چىقىرىپ بىزەشكىمۇ جىق ئ‍ىش كېتىدىكەن، ئ‍اددىيراق قىلىشقا ئ‍ۇستام ئ‍ۇنىماي تۇرۇۋالىدىكەن.
تورۇستىكى بۇلۇڭلارغا گەج ناۋالارنى چاپلاپ دېگەندەك گەجدە بېزەپ سىرلاتسا چىقىم ئ‍از كېتىدۇ، بىراق بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ئ‍ۇلاقلىرىدىكى چاك كۆرۈنۈپ قالىدىكەن دەيدىغۇ بېشىدىن ئ‍ۆتكەنلەر…
ئ‍ەڭ دىققەت قىلىدىغان يەر ئ‍اشخانا ئ‍ۆيگە چىقىرىدىغان ئ‍ىشكاپلارمىكى دەيمەن، تولا ئىشلىتىدىغان مۇشۇ يەرنىڭ پۇختا بولۇشى ئ‍ۈچۈن، تومراق رەيكىلەرنى، (قارىغاي ياغىچى بولسا تېخى ياخشى)سۈپىتى ياخشى چىڭدالغان ياغاچ تاختايلارنى ئىشلىتىش كىرەككەن. كىيىنكى يىللاردا ئادەمنى ئەڭ بىزار قىلىدىغىنى مۇشۇ ئىشكاپ ئىشىكى گىرەچىلىرىنىڭ تولا ئاجراپ كېتىشىكەن. ھازىر بۇرۇنقى گىرەچىنىڭ نۇسخىسىدا ئىشلەنگەن سۈپەتلىك گىرەچىلەر چىقىپتۇ، ئۇزۇن چىدايدىكەن.
1. بىزەشكە 富人板 دىن باشقا يەنە قانداق ماتىرىياللار بار؟
2. ئۆي بىزەشتە قايسى نۇقتىلارغا ئەڭ دىققەت قىلىش كېرەك؟
كۆك بۆرە قاتارلىق كەسىپ ئەھلىلىرى بىر نەرسە دەپ باقسا…:handshake

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 11:34:57

يەنە بىرى كىچىك بالىلىرى بارلار ئۆيگە پەدىۋال چىقارمىسا بالىلار تاملارغا رەسىم سىزىپ، جىجىپ ۋەيران قىلىۋىتىدىكەن، ئۇنداق بولمىغاندىمۇ يۆلىنىپ ئولتۇرغان جايلار قارىداپ باشقا يەرلەردىن پەرقلىنىپ قىلىپ، قايتا قايتا قىلىشقا مەجبۇر بولىدىغان ئىش چىقىدىكەن.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 11:40:31

ئۆيىڭىز گۇما ناھىيسىدە بولسا، مەن سىزگە ئەڭ ياخشى بىزەكچى ۋە ئەڭ ئۇستا سىرچى ئۇستامنى تونۇشتۇرۇپ قويىمەن.

kilimat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 11:46:26

ۋاختىڭىزبولسا بۇ ئادرىسقىمۇ كىرىپ كۆرۈپ، مەسلەھەت سورىسىڭىزمۇ بولىدۇ! www.bizakqi.com

yiltizim يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 12:59:08

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yiltizim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-16 13:05  

يەڭگىل، سۈزۈك،ئوچۇق رەڭلەر كۆزگە پايدىلىق. مىچچىدە ئوردا پۇرايدىغان قىلىۋالماڭ ئىشقىلىپ.بەزى ئۆيلەرگە كىرىپ بولار-بولماي دەششەت چارچاپ كېتىمەن.تەختسىمان ئورۇندۇقلار،دول بودى زامانىسىدىكى بېغىررەڭ تام قەغەزلىرى...
كىشىلەر پۇلنى ھەرخىل جاپادا تاپىدۇ-يۇ، ئۆيىگە كىرسە ئوپمۇ-ئوخشاش، پۇلنىمۇ تاپقاچ، مۇنداق بىر ئۆزگىچە ئىستېتك قاراشمۇ تاپقاچ تۇرماقلىقكەن.

aslayman يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 13:20:08

{:87:}{:87:}ئۇستام تاللىغاندا  لەۋزىدە تۇردىغاننى تاللاڭلا بىكا ئوينى زىننەتلەپ بولاماي كۇن ئوتگۇزدۇ

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 13:32:00


ئۇستاملارغا قىلدۇرۇشنى خالىمايمەن،
بازاردىن پۇراقسىز سىر بىلەن  墙纸ئىلىپ ئۆيدىكىلەر بىلەن بىللە قىلغان ياخشى ئۆزى ياسىغاننىڭ ھوزۇرى باشقىچە ،كىيىم ئىشكابى قاتارلىق نۇرغۇن ئۆي جاھازىلىرى بازاردا سەرخىل تۇرۇپتۇ،
ئۆزى ياختۇرغان نەرسىلەردە بىزەپ ئۆي ياسىسا گۇل بولۇپ كىتىدۇ.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 13:37:14

yiltizim يوللىغان ۋاقتى  2015-1-16 14:59 static/image/common/back.gif
يەڭگىل، سۈزۈك،ئوچۇق رەڭلەر كۆزگە پايدىلىق. مىچچىدە ئو ...

ئۆزگىچە بىزەكچىلىكنى ياغاچچى بىزەكچىلەر قىلالمايدۇ.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 13:42:33

attir يوللىغان ۋاقتى  2015-1-16 15:32 static/image/common/back.gif
ئۇستاملارغا قىلدۇرۇشنى خالىمايمەن،
بازاردىن پۇراقسى ...

بەزى بىنا ئۆيلەرگە بازاردىكى تەييار ئىشكاپلار ھەقىقەتەن ماس كەلمەيدۇ.

كۆچمەيدىغان ئۆي بولسا ئامال بار مۇقىم زىننەتلىۋەتكەن ياخشى.

007sabri يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 13:46:42

بۇرۇن مەن ئۆي بىزىگەندە تۆۋەندىكى توختامغا ئاساسەن توختام تۈزۈپ پايدىلانغان ئىدىم. سىزمۇ پايدىلنىپ باقارسىز:
ئۆي بېزەش توختىمى

بېزەتكۈچى (ئا تەرەپ):
بېزىگۈچى (ب تەرەپ):
ئا ب تەرەپلەر مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق، ئا تەرەپ ئۆيىنى ب تەرەپكە بېزىتىشنى قارار قىلدى. بېزەشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىلىرى ئاساسىدا بۇ توختام تۈزۈلدى.
1- ماددا: بېزەش ئەھۋالى
1، بېزىلىدىغان ئۆينىڭ ئادرىسى:
2، ئۆينىڭ كۆلىمى ㎡ 116، بېزىلىدىغان كۆلەم ㎡94 .
3، بېزەش مەزمۇنى: ئا تەرەپ مېھمانخانا، ياتاق ئۆيلەر، ئاشخانا، ھاجەتخانا قاتارلىقلارنىڭ بېزەش لاھىيەسىنى ب تەرەپكە تەمىنلەيدۇ. (1- قوشۇمچە يازمىچە بېزەش لاھىيەسى ۋە رەسىم)
4، ھۆددىگەرلىك شەكلى: ئا تەرەپ ب تەرەپكە ئىش ۋە ماتىرىيالنى ھۆددىگە بېرىپ (包工包料) ئاچقۇچنى تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.
5، بېزەش مۇددىتى: ب تەرەپ بېزەشنى 2013- يىلى 5- ئاينىڭ 25- كۈنى باشلاپ، 2013- يىلى 6- ئاينىڭ 8- كۈنى ياغاچچىلىق ئىشىنى تۈگىتىدۇ؛ 2013- يىلى 6- ئاينىڭ 9- كۈنى سىرچىلىق ئىشىنى باشلاپ 2013- يىلى 7- ئاينىڭ 9- كۈنى تاماملاپ ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ئا تەرەپكە تاپشۇرىدۇ.
2- ماددا: ھۆددىگە بېرىش پۇلى
ئۆينى بېزەشنى ھۆددىگە بېرىش جەمئىي پۇلى 60000 (ئاتمىش مىڭ) سوم بولۇپ، خارەتنىڭ ئىش ھەققى، ياغاچ ماتىرىيالى سېتىۋېلىش ھەققى، ياغاچنى ئويغۇزۇش ھەققى، سىر سېتىۋېلىش ھەققى، سىرچى ئۇستىنىڭ ئىش ھەققى، مىخ، شىلىم ۋە باشقا كېرەكلىك ماتىرىياللارنىڭ پۇلىنى تەپسىلىي تىزىملىك تۇرغۇزۇلىدۇ. (2- قوشۇمچە)
3- ماددا: سۈپەت تەلىپى
1، بېزەشكە ئىشلىتىلىدىغان ئاساسلىق ماتىرىياللارنى ماركىسى، ئۆلچىمى، باھاسىغا ۋە ئا تەرەپنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئىككى تەرەپ بىرلىكتە تاللاپ سېتىۋالىدۇ.
2،  بېزەش جەريانىدا ب تەرەپ ئۆز خاھىشى بويىچە ئا تەرەپ تەمىنلىگەن بېزەش لايىھەسىنى ئۆزگەرتسە، ئۆزگەرتىشكە كەتكەن ماتىرىيال ۋە ئىش ھەققىنى ب تەرەپ ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ. ناۋادا بېزىش لايىھەسىنى ئىككى تەرەپ كېلىشىپ ئۆزگەرتسە، ئۆزگەرتىشكە كېتىدىغان ئارتۇق ماتىرىيال ۋە ئىش ھەققىنى ئىككى تەرەپ كېلىشىپ بېكىتىپ، تولۇقلىما توختام تۈزۈلىدۇ.
3، ب تەرەپ ئىشلەتكەن ماتىرىيالنىڭ سۈپىتىدە مەسىلە كۆرۈلۈپ، بېزەش سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزسە، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتنى ب تەرەپ ئۈستىگە ئالىدۇ. ئا تەرەپمۇ ئۆزى سېتىۋالغان ماتىرىيالنىڭ سۈپىتىدىن كېلىپ چىققان سۈپەت مەسىلىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
4- ماددا: ماتىرىيال بىلەن تەمىنلەش
1، ئا تەرەپ ب تەرەپ بىلەن بىللە سېتىۋېلىشقا كېلىشكەن ماتىرىياللاردىن سىرت، ب تەرەپ سېتىۋالىدىغان ماتىرىياللارنى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك باھا ۋە سۈپەت ئۆلچىمى بويىچە سېتىۋېلىشى، سېتىۋالغان ھەر بىر تۈرلۈك ماتىرىيالنىڭ سېتىۋالغان دۇكان ئادرىسى، ماتىرىيال نامى، ماركىسى، باھاسى قاتارلىقلارنى تىزىملاپ ئا تەرەپكە كۆرسىتىشى كېرەك (3- قوشۇمچە). ب تەرەپ ھەرقانداق شارائىتتا ئا تەرەپنىڭ ماتىرىياللىرىنى ئا تەرەپنىڭ رۇخسىتىسىز باشقا كىشىلەرگە ئارىيەت بېرىشكە، بېرىۋېتىشكە، سېتىشقا بولمايدۇ. ئەگەر شۇنداق قىلمىش سادىر بولۇپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىگە ياكى قۇرۇلۇش قەرەلىگە تەسىر يەتسە، ب تەرەپ ئا تەرەپكە ئىككى ھەسسە بويىچە تۆلەم تۆلەيدۇ.
2، ئا تەرەپ ئەگەر ب تەرەپ سېتىۋالغان ماتىرىيالنىڭ سۈپىتىدە مەسىلە بارلىقىنى بايقىسا، دەرھال بېزەشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ ۋە سۈپەتسىز ماتىرىيال ئىشلتىلگەن قىسمىنى ئېلىۋېتىپ سۈپەتلىك ماتىرىيال بىلەن قايتا بېزەيدۇ، بۇنىڭغا كەتكەن بارلىق چىقىمنى ب تەرەپ ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇنىڭغا كەتكەن ۋاقىتمۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئەخىرقى قەرەلىگە قوشۇپ بېرىلمەيدۇ.  
3، بېزەش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مۇددىتى   يىل بولۇپ، بېزىگۈچى مۇشۇ مۇددەت ئىچىدە كېلىپ چىققان سۈپەت مەسىلىگە مەسئۇل بولۇپ، رېمۇنت قىلىش، ئالماشتۇرۇش ئىشىغا مەسئۇل بولىدۇ.
5- ماددا: پۇل تۆلەش شەكلى
بېزەش باشلىنىشى بىلەنلا، ئا تەرەپ ب تەرەپكە ب تەرەپ سېتىۋېلىشقا تېگىشلىك ماتىرىيال پۇلى ۋە ئىش ھەققى ئۈچۈن ئالدىن 20000 (يىگىرمە مىڭ) سوم بېرىدۇ. سىرچىلىق ئىشلىرى باشلانغاندا (2013- يىلى 6- ئاينىڭ 9- كۈنى) ئا تەرەپ ب تەرەپكە يەنە 20000 (يىگىرمە مىڭ) سوم بېرىدۇ. قۇرۇلۇش تاماملىنىپ ئا تەرەپ ئۆينى ئۆتكۈزۈۋالغان كۈنى (2013- يىلى 7- ئاينىڭ 9- كۈنى) ئا تەرەپ ب تەرەپكە قالغان 20000 (يىگىرمە مىڭ) سومنى بېرىدۇ. ئەگەر ئا تەرەپ بېزەش ئىشىنىڭ مەلۇم قىسمىغا قارىتا رازى بولمىسا، ئۆينى ئۆتكۈزۈۋالىدىغان كۈنى ئا تەرەپ 5000 (بەشمىڭ) سوم تۇتۇپ قېلىپ، ب تەرەپ ئىشنى ئوڭشاپ بەرگەندىن كېيىن بېرىدۇ.
6- ماددا: بېزەش قەرەلى
1، ئەگەر ب تەرەپ ئا تەرەپ بىلەن كېلىشمىگەن ھەرقانداق سەۋەپ بىلەن بېزەش ئىشىنى مۇشۇ توختامنىڭ 1- ماددىسىدا بەلگىلەنگەن قەرەلدىن كېچىكتۈرسە، كېچىكتۈرگەن ھەر بىر كۈن ئۈچۈن، كېلىشكەن پۇل (60000 ئاتمىش مىڭ سوم) نىڭ %1 بويىچە توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى ئۈچۈن ئا تەرەپ تۇتۇپ قالىدۇ ۋە كېلىشكەن پۇل تۈگىگىچە داۋاملىشىدۇ.
2، بېزەش داۋامىدا ئا ۋە ب ئىككى تەرەپ ماتىرىيال مەسىلىسىدە كېلىشەلمەسلىك سەۋەبىدىن ئىش قەرەلىگە تەسىر يەتسە، ئىككى تەرەپ سوغۇققانلىق بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىشى كېرەك، زادى بولمىسا، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ، كېلىشتۈرۈپ قويۇشقا تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق، بېزەشنىڭ ۋاقتىدا تاماملىنىشىغا ئىككىلا تەرەپ كۈچ چىقىرىشى كېرەك.
7- ماددا: باشقا ئىشلار
1، ئا تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتى:
1) ئا تەرەپ ب تەرەپكە ئۆينى بېزەش باشلىنىشتىن بۇرۇن بېزەش لاھىيەسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. ئا تەرەپ يەنە ئۆينىڭ سۇ، توك، پار، يېپىق يوللۇق تېلۋىزىيە، نۇركابىل سېخىمىسى ۋە ئۆزگەرتىش لاھىيەسىنى ب تەرەپكە تەمىنلىشى كېرەك.
2) بېزەش ئىشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن، ئا تەرەپ ب تەرەپكە يۇقىرىقى قەرەل بويىچە كېلىشكەن پۇلنى بېرىشى كېرەك.
2، ب تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتى:
1) ب تەرەپ ئا تەرەپ تەمىنلىگەن لايھە بويىچە بېزەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىشى، ئۆي بېزەشكە چوقۇم سۈپەتلىك ماتىرىياللارنى ئىشلىتىشى، بېزەكچىلىكنى چوقۇم سۈپەتلىك قىلىشى، سۈپەتلىك سىرلىشى كېرەك.
2) ب تەرەپ ئا تەرەپ تەمىنلىگەن سۇ، توك، پار، يېپىق يوللۇق تېلۋىزىيە، نۇركابىل سېخىمىسىغا ئاساسەن، بېزەشتىن كېيىن بۇ ئەسلىھەلەردىن پايدىلىنىشقا قولايلىق بولۇشىغا، ناۋادا بۇزۇلۇپ قالسا رىمۇنت قىلىشقا قولايلىق بولۇشىغا ھەم بېزەكلەرنىڭمۇ بۇزۇلماسلىقىغا ماس كېلىدىغان ھالدا بېزەشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
3) بېزەش جەريانىدا بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشى، ئوت ئاپىتى، يېقىلىپ چۈشۈش، يارىلىنىش ياكى باشقىلارنى يارىلاندۇرۇش ھادىسىلىرىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشى كېرەك، بېزەش جەريانىدىكى بارلىق بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا ب تەرەپ ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئا تەرەپ ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
8- ماددا: توختامنى بىكار قىلىش مەسئۇلىيىتى
توختام ئىمزالىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئەگەر قايسى تەرەپ توختامنى ئۆز مەيلىچە بىكار قىلسا، قارشى تەرەپكە مەزكۇر توختامدا كېلىشكەن ئومۇمى پۇل (60000 ئاتمىشمىڭ) سومنىڭ %5 ى بويىچە توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى تۆلەيدۇ، ھەمدە قارشى تەرەپكە كەلتۈرگەن زىيىنىنى ئىككى ھەسسە بويىچە تۆلەيدۇ.
9- ماددا: توختامنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى
1، بۇ توختام ئىككى تەرەپ ئىمزا قويۇپ قول باسقان ھامان كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
2، بۇ توختام ئىككى نۇسخا بولۇپ، ئا ۋە ب تەرەپ بىر نۇسخىدىن ساقلايدۇ.

ئا تەرەپ (ئىمزا):

ب تەرەپ (ئىمزا):

ئىمزالانغان كۈن: 2013- يىلى   -ئاينىڭ    -كۈنى





1- قوشۇمچە يازمىچە بېزەش لاھىيەسى ۋە رەسىم



2- قوشۇمچە ئۆينى بېزەشنى ھۆددىگە بېرىش پۇلىنىڭ تەپسىلىي تىزىملىكى



3- قوشۇمچە ب تەرەپ سېتىۋالغان ماتىرىيال جەدۋىلى
ماتىرىيال ئىسمى        ماركىسى        باھاسى        دۇكان ئادرىسى        دۇكاندارنىڭ ئىمزاسى
                               
                               
                               
                               
                               
                               
                               


باشقۇرغۇچى ilim بۇ تېمىنى تەستىقلىغان ۋاقتى 2 سائەت ئالدىدا


bariber يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 16:23:05

kokboraa يوللىغان ۋاقتى  2015-1-16 07:35 static/image/common/back.gif
مەن بىزەكچىلىك بىلەن  شۇغۇللىنىمەن .  قانداق ئىشلاردىن  ...

قانداق ئالاقىلىشىمىز ئۇستام؟:handshake

paliwan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 16:53:11

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   paliwan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-16 16:56  

ئوينىڭ خەرىتىسى (تۇنجى قېتىم رەسىم يوللاپ مەشىق قىلىپ باقتىم:lol )

kokboraa يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 21:24:47

paliwan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-16 10:59 static/image/common/back.gif
قوشنا- قۇلۇملارنىڭمۇ ئۆينى زىننەتلەپ كۆچۈپ چىققانلار ...

، ئۆي  بىزەشتە     گۈللەرنى  بەك كۆپ  ئۇرۇۋەتسە  ئۆينىڭ  ئازادىلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ  دىيىش  بۇ  مىنىڭچە  بىر تەرەپلىمىلىك  قاراش ،  بەزەن  ئادەملەر  گۈللۈك  ئىشلەنگەن  بىزەكتىن  ھۇزۇر ئالسا  يەنە  بەزەن  ئادەملەر سىدامراق  ئىشلەنگەن  بىزەكتىن ھوزۇر ئالىدۇ  .  مەن بىزەكچىلىك  بىلەن  شۇغۇنلانغىلى  15 يىلغا  يىقىن  بولۇپ قالدى ،  كۆپۈنچە  كىشىللىرىمىز  ئۆينى بىزىتىشتىن  ئاۋال سىزگە ئوخشاش تۇيغۇ  بولىدىكەن (باشقا  مىللەتلەرنىڭ  بىزەكچىلىكىنى  كۆرۈپ ئادەمدە  ئاشۇنداق  خيال پەيدا بولىدىكەن )    مەن  ئاشۇنداق  تەلەپ  قىلغان  ئادەملەرنىڭ  تەلىۋى  بويىنچە بىزەپمۇ  بەرگەن  بولدۇم ،ئەمما  بۇنداق  بىزەتكەن (  كورىيەچە  ،  خەنزۇچە ..) ئادەملەرنىڭ  كۆپۈنچىسىدە  كۆڭلۈدە  بىر يىرى كەم  قالغاندەك  سىزىم  بولىدىكەن  ،   مەن بۇ كەمتۈكلۈكنىڭ  نىمىلىكىنى  2يىل  بولدى  بىلگىلى   ،    باشقا  مىللەتنىڭ  بىزىكى  ھەرقانچە  ئىسىل  ،ھەرقانچە  چىرايلىق   بولسىمۇ  ئەمما  بىزنىڭ  تومۇرىمىزدا  ئىقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ  قىنى  ،ۋۇجۇدىمىزدىكىسى  ئۇيغۇرنىڭ  گىنى   بولغىنى   ئۈچۈن   ئەڭ  ئاخىرىدا   يەنىلا  قەلبىمىز مىللى  بىزىكىنى  قوبۇل  قىلىدىكەن .  (بۇ  مىنىڭ  شەخسى  كۆزقارىشىم ) .

ئەمدى ، مىللىىچە  بىلەن  ياۋرۇپانى  بىرلەشتۈرۈپ  ....    بۇنى  سىز  دىمىسىڭىزمۇ  ھازىرقى   ‹مىللى  بىزەك›  دىگىنىمىز  شۇ  يەرگە  بىرىپ  بولدى   (خاس  مىللىچە  قىلىدىغان  ئۇستىلار  بەكمۇ  ئاز  قالدى  ھەم  باھاسىمۇ  بەك  قىممەت )  ،  بۇنىڭ   ئۈچۈن  سىز  بىزەكچى  ئۇستامغا  ‹  مىللىچە  بولسۇن  ،  ناھايىتى  ئاددى-ساددا بولسۇن   ،ھەشەمەت  بولۇپ  كەتمىسۇن ›  دىسىڭىز  ئويلىغان  مەقسىتىڭىزگە  يىتەلەيسىز (قىممەترەك   بولسىمۇ  ياغاچچىنىڭ كونىراق  ،پىشقان  ،ئۇستىراقىنى  تاللاڭ )

رەڭ  قارىشىدا  ،  مەن  كۆپۈنچە  ئادەملەرگە  (پەنەركە  سىرچىلىق رەڭنى )  ئاق  رەڭنى  تەۋسىيە  قىلىمەن . تامنىڭ  رىڭى  ،  بۇ  سىزنىڭ  قانداق  رەڭنى  ياقتۇرىشىڭىزغا  باغلىق  ،  بۇنۇڭغا  ھىچكىم  ئانداق   ياكى  مۇنداق   دەپ    بىر  نەرسە  دىيەلمەيدۇ .
بەت: [1] 2
: ئۆي زىننەتلەش توغرىسدا پاراڭلاشمايلىمۇ؟