uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 16:23:59

ئالتۇن سودا تەھلىلى ۋە ئىقتىسادى ئۇچۇرلار 15-01

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyaltun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-15 16:26  

ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 92.21   دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى 1232  دوللار بولدى .

ئاساسى ئانالىز:  
   
تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى كۈندۈزدە تەۋرەنمە تەۋرىنىش ئىلىپ بېرىپ كەچلىك بازاردا ئۆرلىدى ، ئەمما دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ قايتا ئۆرلىشى سەۋەبى ۋە ياۋرۇنىڭ يىڭى تۆۋەن نۇقتا كۆرسىتىشى ، نېفىت ۋە باشىقا دۆلەتنىڭ پىروۋۇت باھاسنىڭ چۈشىشى ئالتۇن -كۈمۈش ئۆرلىشىگە بەلگىلىك بىسىم ئىلىپ كەلدى .

مەشغۇلات باسقۇچى :

1.ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى 1234-1227 دوللار ئارىلىقىدا تەۋرەندى ، بۈگۈنكى ئاسىيا بازىرىنىڭ سودا شەكلى تۈنۈگۈنكى  ئاسىيا  بازىرى بىلەن ئاساسى جەھەتتىن ئوخشايدۇ    يەنى  ئاسىيا بازىرىدا 1225 دوللاردىن كەتمىسە  ئۆرلەشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللار دا توختىتىپ پايدىسىنى  1230-1235 ئارىلىقىدا چىقىرىشقا بولىدۇ  . ئەگەر 1225 دوللاردىن چۈشۈپ كەتسە 1220 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىگەن ئەھۋالدا ئۆرلەشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللار دا توختىتىپ پايدىسىنى  1235-1230 دوللاردا چىقىرىشقا بولىدۇ .

2.  ياۋرۇپا بازىرىدا 1237 دوللاردىن ئىشىپ كىتەلمىسە چۈشۈشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللار دا توختىتىپ پايدىسىنى  1228-1220 دوللار ئەتىراپىدا  چىقىرىشقا بولىدۇ .

3. ئالتۇن باھاسى بىر كۈن ئىچىدە 1220 دوللار 1215  دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىسە ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولىدۇ . بىر كۈن ئىچىدە ئالتۇن باھاسى 1237 دوللاردىن ئىشىپ كەتسە 1244-1247 دوللارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ . بۇ ئىككى كۈن ئىچىدە سودا بازىرىنىڭ تەۋرىنىشى بىر ئاز رەتسىز بولىدۇ ، ئەگەر سىز نىڭ سودا قىلشقا ئىشەنچىكىز بولمىسا ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بازارنى كۈزىتىنىڭ بۇمۇ بىرخىل پۇل تىپىشنىڭ ئۇسۇلى .

چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار  1245 1238
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار   1225 1220
بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى  1222-1247

بۈگۈنكى تىرەش   نۇقتىسى 1220
بۈگۈنكى بۆسۈش   نۇقتىسى 1250

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .






ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش

   بۈگۈنكى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچ 92.10  ئەتراپىدا ئايلاندى ،  خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1230 دوللار ، خەلقئارا كۈمۈش باھاسى 16.78 دوللار ئەتراپىدائايلانغان بولۇپ ، نۆۋەتتە ئالتۇننىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 244.16 يۈەن ، كۈمۈشنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى 3.33 يۈەن ئەتىراپىدا بولۋاتىدۇ  . تۈنۈگۈن نيۇ يورك ۋاقتىدا ئېلان قىلغان ئامېرىكا 12 - ئايلىق پارچە سېتىش مەلۇماتى بىر يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ چۈشۈش ئاساسىنى كۆرسەتكەنلىكى سەۋەبىدىن دوللار كۆرسەتكۈچ شىددەت بىلەن تۆۋەنلىگەن ، شۇنىڭ بىلەن ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلەپ 1243.90 دوللار بولۇپ 3 ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتكەن . بىراق كەينىدىن ئالتۇن باھاسى بېسىمغا ئۇچراپ 1230 دوللار ئەتراپىغا چۈشۈپ قالدى .  بۈگۈن ئاسىيا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيە سانلىق مەلۇماتى ، ئەگەر ئاۋسترالىيە ئىشسىزلىق نىسبىتى يۇقىرى چىقسا ، ئۇھالدا مىس قاتارلىق تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن . ياۋرۇپا ۋاقتىدا ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى گېرمانىيە ۋە ياۋرو رايونىنىڭ سانلىق مەلۇماتى ، پۈتكۈل دۇنيادىكى بازار كېلەر ھەپتىدىكى ياۋروپا مەركىزى بانكا قارارىنىڭ QE پىلانىنى كۈتمەكتە . ئەگەر گېرمانىيە ۋە ياۋرو رايونىنىڭ سانلىق مەلۇماتى ئاجىز چىقسا ياۋرو بېسىمغا ئۇچراپ ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا پايدىسىز بولىشى مۇمكىن .ئامېرىكا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئامېرىكىنىڭ بىر قاتار مۇھىم بولغان سانلىق مەلۇماتلىرى ، بۇ سانلىق مەلۇماتلار كەچلىك بازارنىڭ يۆلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن . ئەگەر سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ناچار چىقسا دوللار كۆرسەتكۈچ بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن .


ئەسكەرتىش :
ئالتۇننىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 244.16 يۈەن ؛
كۈمۈشنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 3.33 يۈەن ؛
1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ ؛




تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاىسى يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتتى

    پاي چېكى بازىرى ۋە باشقا تاۋار باھاسىنىڭ چۈشۈشى سەۋەبىدىن خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياج تەسىرىنى ئېلىپ كەلدى ، شۇنىڭ بىلەن چارشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاىسى يۇقىرى ئۆرلەپ 12 ھەپتىدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتتى ،  ئەمما دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ قايتا ئۆرلىشى  ۋە ياۋرۇنىڭ يىڭى تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسىتىشى سەۋەبىدىن ئالتۇن باھاسى تۆۋەنلەپ 1230 دوللار ئەتراپىغا چۈشۈپ قالغان . بۈگۈن ئاسىيا بازىرى ئېچىلغاندىن كېيىن ئالتۇن باھاسى 1228 دوللار ئەتراپىدا تەۋرەنگەن .
    خۈيفېڭ بانكىسى (HSBC) نىڭ مېتال تەھلىل مەسئۇلى James Steel كۆرسەتمە بېرىپ : ئالتۇن باھاسى بارغانسېرى باشقا تاۋارلارنىڭ ئىپادىسىگە يېقىنلىشىپ  پاي چېكى بازىرىنىڭ ئاجىز بولۇشى ئالتۇن باھاسىغا تىرەكلىك رول ئېلىپ كېلىشى تەس دەپ مۆلچەرلىگەن .
   ماددىي بۇيۇم بازىرى جەھەتتە ، ئالتۇن باھاسى يۇقىرى نۇقتىنى ساقلاپ قېلىش تەسكە توختاپ ئالتۇن باھاسى چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن ، ئاسىيا رايونىدىكى سېتىۋالغۇچىلار ئېھتىياتچانلىق ھالىتىدە تۇرغان .
     SPDR ئالتۇن ETF چارشەنبە كۈنى 0.23 توننا كېمىيىپ ، ئومۇمىي زاپىسى 707.59 توننا بولغان .




خام نېفىت باھاسىنىڭ قايتا ئۆرلىشىدىكى سەۋەپ ؟

       1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، ئامېرىكىنىڭ پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتى تاساددىپىي تۆۋەنلەپ ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ئەھۋالى بېسىمغا ئۇچرىدى ،  ئامېرىكا دۆلەت قەرزى مەنپەئەتلىنىش نىسبىتى يېڭى تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسىتىپ دوللار / ياپونىيە يېنى قايتىدىن تۆۋەنلىدى ؛ قىممەت مېتاللار باھاسى ئاساسەن تەكشى ھالەتتە بولدى ، خەلقئارا خام نېفىت باھاسى چوڭ ئاساستا ئۆرلىدى ، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى ئومۇميۈزلۈك بېسىمغا ئۇچرىدى ؛ بۇ سودا كۈندە ئامېرىكىنىڭ PPI ۋە دەسلەپكى ئىشسىزلىق سوممىسىنى ئىلتىماس قىلىش سانلىق مەلۇماتى بازاردىكىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولدى .
      تۈنۈگۈنكى ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ياخشىلىنىپ نەخ ئالتۇن باھاسى ۋە Comex قەرەللىك ئالتۇن باھاسى تەكشى ھالەتتە بولغان ؛ شۇنداقلا ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى تەسىرىدە ئامېرىكا خام نېفىت باھاسى چوڭ ئاساستا ئۆرلىگەن .





دوللار كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلەپ دوللاردىن باشقا پۇللار ئومۇميۈزلۈك ئۆرلىدى

          1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى كەچتە ئىلان قىلىنغان ئامېرىكىنىڭ پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتى تاساددىپىي چوڭ ئاساستا تۆۋەنلەپ ئامېرىكا دۆلەت قەرزى مەنپەئەتلىنىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىگە تۈرتكە بولدى ، ھەم ئامېرىكىنىڭ پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتى تۆۋەنلىشى تەسىرىدە دوللار كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلەپ دوللاردىن باشقا پۇللار ئومۇميۈزلۈك ئۆرلىدى ؛ شۇنىڭ بىلەن تەڭ نېفىت باھاسىمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ 2 يىلدىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىدىن ئېشىپ كەتتى ؛ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ياپونىيە رايونى تەرەپتە ، ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا ،  ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ قەرز سېتىۋېلىش پىلانى قانۇنلۇق بولۇپ ، ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ كىلەر ھەپتە ئىلان قىلىدىغان مىقدارلاشتۇرۇش كەڭ سىياسىتى (QE) نى يولغا قويۇش ئالدىدا ، ياۋرو / دوللار تۆۋەنلىگەن ، ئۇرۇلۇش نۇقتىسى 1.1729 ئەتىراپىدا بولۇپ ، 9 يىلدىكى تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسەتتى .




خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ئوتتۇرچە باھاسى

      2015 - يىلى 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى جۇڭگو خەلق بانكىسى جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىگە ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئىلان قىلغاندىن بانكىلار ئوتتۇرسىدىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى ئوتتۇرچە باھاسى :
    1دوللار 6.1193 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 ياۋرو 7.2225 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 100 يېن 5.2234 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 شىياڭگاڭ دوللىرى 0.78918 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 فوندستېرلىڭ  9.3459 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 ئاۋسترالىيە دوللىرى 5.0157 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 يېڭى زېللاندىيە دوللىرى 4.7348 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛  سىنگاپور دوللىرى 4.5987 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى  ؛ 1 كانادا دوللىرى 5.1199 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.58039 رېنگىت ) مالايسىيا پۇل بىرلىكى( قا تەڭ بولدى  ؛  1 يۈەن خەلق پۇلى 10.4395 روسىسيە  رۇبلىغا تەڭ بولدى  ؛ 1 تۈركىيە لىراسى 2.7220 يۈەن خەلق پۇلغا ، 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.3674 تۈركىيە لىراسىغا تەڭ بولدى .





دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ نۆۋەتتىكى ھالىتى

    1- ئاينىڭ 15 - كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى باھاسى 92.3103 ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 92.054 ، ئوتتۇرچە باھاسى 92.19 بولۇپ ، ئۆرلەش تۆۋەنلەش ئاساسى 0.19% بولدى ؛ بۈگۈن بازار ئېچىلىش باھاسى 92.081 بولۇپ ، ئاسىيا بازىرىدا  92.10 ئەتىراپىدا ئايلاندى ؛ سېتىۋېلىش باھاسى 92.2184 ، سېتىلىش باھاسى 92.2284 بولدى ؛ تۈنۈگۈن بازار يېپىلىش باھاسى  92.0806 بولدى .

ئەسلى مەنبە ؛ ئۇيغۇر ئالتۇن تورى




بەت: [1]
: ئالتۇن سودا تەھلىلى ۋە ئىقتىسادى ئۇچۇرلار 15-01