شىياۋمى يېڭى مەھسۇلاتىنى ئېلان قىلدى
شىياۋمى شېركىتى بۈگۈن يېڭى مەھسۇلاتى بولغان شىياۋمى نوتې نى ئېلان قىلدى.
شىياۋمى نوتى نىڭ 16گېگابايىتلىق ۋە 64گېگا بايىتلىق ئىككى خىل نۇسخىسى بار. باھاسى 2299يۈئەن ۋە 2799 يۈئەن بولىدىكەن. سەپلىمە جەھەتتىن 5.7 سۇڭ ئېكران ۋە قوش كارتا قوللاش ئەۋزەللىكىگە ئىگە . سەپلىمىسى 801لىق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ،3گېگالىق ئىجرا سىغىمى ۋە 16گېگاباتىت ۋە 64گېگابايىتلىق ئىچكى سىغىم بولىدىكەن.
نېپىزلىكى ۋە ئېغىرلىقى جەھەتتىن ئالما 6 پىلوس يانفۇنىدىن نېپىز ۋە يېنىككەن.
مەن ياقتۇردۇم. لېكىن تېلگىراف نۇسخىسى ھازىر ئېلان قىلىنمايدىكەن.
باشقا مەھسۇلاتلىرىدىن شىياۋمى نوتىنىڭ كۈچەيتىلگەن نۇسخسىسى بولۇپ 2Kئېكران سەپلىنىدىكەن. مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچى 810لىق 64بىتلىق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ.4گېگالىق ئىجرا سىغىمى بولۇپ قالغان سەپلىمىلىرى ئوخشىشىدىكەن.
يەنە كىچىك تېلىۋىزۇر قۇتىسى بىلەن تىڭشىغۇچنى ئېلان قىلدى.
مەنبە:http://static.xiaomi.cn/115
شىياۋمىنىڭ تاختا كومپىيۇتۇرنى ئىشلىتىپ باققانلار بامۇ؟مەن بىرنى ئالاي دەپ ئويلاشقان ئىدىم،قانداقراق چىقا دەپ ئككىلنىپ قېلۋاتمەن...... بۇ شاۋمى بولىدىغان تىلفۇنكەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا torqicom تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-16 11:15
مەندە شاۋمى نىڭ4c بار خىلى ياخشى چىقتى سۈرئىتىمۇ تىز ھەم يېرىم سائەت ئىچىدە ئاساسەن توكنى تۇلۇق قاچلاپ بۇلىدۇ ، ئەمما مەن خەنچىنى بىلمىگەچ ئىقتىدارلىرىدىن تۇلۇق پايدىلناممىدىم . ئەگەر ئۇيغۇرچە قىلىپ بىرىدىغانلار بولسا بىرە يۈزكوي سۈيۈنچە بەرسەممۇ بۇلاتتى . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا seraph تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-16 11:11
asabi007 يوللىغان ۋاقتى 2015-1-16 10:27 static/image/common/back.gif
شىياۋمىنىڭ تاختا كومپىيۇتۇرنى ئىشلىتىپ باققانلار بام ...
شىياۋمىنىڭ 1299 يۈەنلىك بىر تاختا كومپىيۇتېرى بار شۇنى كۆرۈپ بېقىڭ . تاۋباۋ تورىدا سېتىلىشى ياخشى ئىكەن . بەك كۆپ سېتىلىپتۇ . ئالغان كىشىلەرنىڭ باھاسى ئاساسى جەھەتتىن ياخشى ئىكەن . تۆۋەندە بەيدۇ دىن كۆرگەن ئۇلىنىش ئادرىسلىرىنى قالدۇرۇپ قويدۇم .
64 گىگابايتىس سىغىمدىكىسى 1699 يۈەن ئىكەن .
http://www.haosou.com/s?ie=utf-8&src=lm&ls=n7447670390&shb=1&q=小米平板
تۆۋەندىكى تور بەتتە ئاساسى سەپلىمىلىرى تەپسىلى چۈشەندۈرۈلۈپتۇ .
http://baike.haosou.com/doc/6991874.html asabi007 يوللىغان ۋاقتى 2015-1-16 10:27 static/image/common/back.gif
شىياۋمىنىڭ تاختا كومپىيۇتۇرنى ئىشلىتىپ باققانلار بام ...
مەن ئىشلەتكەن، 1500گە ئالغان....تەۋسىيە يەنىللا چىداپ ئايپەد ياكى ۋىندوۋوس سىستىمىلىقنى ئىلىڭ asabi007 يوللىغان ۋاقتى 2015-1-16 10:27 static/image/common/back.gif
شىياۋمىنىڭ تاختا كومپىيۇتۇرنى ئىشلىتىپ باققانلار بام ...
ئالاھىدىلىكىنى مەن دەپ بىرەي شېياۋمى تاختاپەدنىڭ، سەپلىمىسى خىلىللا ياخشى،لىكىن سىستىما مۇقۇملىقى ياخشى ئەمەس،يانفۇنلىرىنىڭ سىستىمىسىدەك مۇقۇم ئىشلىمەيدىكەن،سىرىتتىن SDكارتا قوشقىلى بولىدۇ(سىغىمىنى كىڭەيتكىلى بولىدۇ) كارتا سالغىلى بولمايدۇ،gpsئىقتىدارى يوق،ماشىنىدا يول باشلىغۇچ قىلىپ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ،كىتاب ئوقۇش كىنو كۆرۇش ئويۇن ئويناشقا بولىدۇ مەن شاۋمىنىڭ تىلفۇنىنى ئىشلىتىۋاتىمەن ئىشقىلىپ رازى ئەمەس ،بۇ ماركىنىڭ تىلفۇنىنى ئالغاندىن نەچچە يۇز قوشۇپ ئالمىلا ئالغان ياخشى باھاسى بەك پەرىقلىنىپ كەتمەيدۇ. asabi007 يوللىغان ۋاقتى 2015-1-16 10:27 static/image/common/back.gif
شىياۋمىنىڭ تاختا كومپىيۇتۇرنى ئىشلىتىپ باققانلار بام ...
مەن ئالىپ تورىغا يوللىغان تېماhttp://alip.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=34494 ئالارمىز باي بولغاندا . مەن ئالما تىلىفۇن ئالاي دىسەم، گۇمىدا يوق، خوتەنگە كىرسەم جىڭى يوق. گۈرۈچ تېلىفۇنىنىڭ لېدىرى 5 يىل ئىچىدە ئالمىدىن ئېشىپ دۇنيانى ئىگەللەيمىز دەپ پو ئېتىۋاتاتتى . نەتىجىسىگە بازار ئۆزى جاۋاب بېرىدۇ . گۈرۈچفوننى ئىشلەتكەنلەردىن سورىسام ھەممىسى دىگۈدەك ماختايدىغۇ ؟!
قارىغاندا خېلى يامان ئەمەستەك قىلىدىغۇ ئالمىدىن ئاشامدىكەن ئالدى بىلەن خۇۋاۋېيدىن ئاشسۇن خوتەندە 4s بەك ئەرزانلىشىپ كەتتى دىسە ساتاي دەپ ئەكىرسىڭىز 600دىن ئاشمايۋاتقان ، يىڭىلىرى ‹‹فەنشىن››800 يۈەندىن كىلىپتۇمىش ئالما بەشلەرمۇ شاپاق نەرقى:lol kakkur يوللىغان ۋاقتى 2015-1-16 14:04 static/image/common/back.gif
خوتەندە 4s بەك ئەرزانلىشىپ كەتتى دىسە ساتاي دەپ ئەكىرسى ...
ئاشۇ شاپاق نەقى ئالما بەشئېس نىڭ جىڭلىرىدىن بوسا بىرەرنى ئالسام بولاتتى uyhur007 يوللىغان ۋاقتى 2015-1-16 10:47 static/image/common/back.gif
بۇ شاۋمى بولىدىغان تىلفۇنكەن
نېمىسى ياخشى، خوڭمىيدىن بىرنى ئالغان ئىدىم، توك قاچىلىسام ،ئىتتىرىپ تۇرسام توك ئۆتىدۇ ، بولمىسا ئۆتمەيدۇ بەك ناچاركەن بۇ شاۋمىي دېگەن سۆك شىئاۋمى بولامدۇ خۇاۋېى بولامدۇ ئىشقىلىپ دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تىلىفونلارنى ئالما،سامسۇڭ قاتارلىق تىلىفونلاربىلەن سېلىشتۇرۇش ۋە بىرقاتارغا تىزىش،ئىنسانلار ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئىلىم-پەن مۇۋەپپىقىيەتلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە مەسخىرە قىلغانلىق ھەم ھاقارەت قىلغانلىق بولىدۇ!. :lol بۇ شىياۋمى تېلىفونلىرى ھەر قانچە كاتتا ئىقتىدارلىق بولسۇن ، ھەتتا ئالما 4 كىمۇ يەتمەيدۇ . گەرچە ھازىر ئالما 4 نىمكەش بازاردا 600 يۈەن بولسىمۇ . چۈنكى ئاددىيلا بىر مىسال ئېلىپ بېرەي ، ئالما 4 ھەر قانچە مودىدىن قالدى دىسىڭىزمۇ ئۇنىڭدا 1 G لىق ياكى 2 G لىق ئويۇنلارنى بەھوزۇر ئوينىيالايسىز . مەسىلەن : infinity blade دىگەندەك . مەشغۇلات قىلىش ئىنتايىن قولايلىق . 32، 64 گېگابايتىس لىرىغا نەچچە ئون مىڭ پارچە رەسىم تارتىپ قاچىلىيالايسىز . EzQi0908 يوللىغان ۋاقتى 2015-1-16 11:21 static/image/common/back.gif
ئالاھىدىلىكىنى مەن دەپ بىرەي شېياۋمى تاختاپەدنىڭ، س ...
قىممەتلىك پىكىر بەرگىنڭىزگە كۆپ رەھمەت....