NURI24 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 11:10:27

ئولتۇراق رايۇنلاردا ماشىنا توختىتىش ھەققى يىغىش قانۇنغا خىلاپ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   NURI24 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-15 11:20  

12-يانۋار ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسى كېڭەشنىڭ 12-نۆۋەتلىك 4-ئومومىي يىغىندا ئۈرۈمچى شەھەردىكى كۆپ قىسىم سىياسى كېڭەش ئەزالىرى ئولتۇراق رايۇندىكى خۇجىلىق شىركەتلىرىنىڭ ئۆي ئىگىسىدىن ماشىنا توختىتىش ھەققى يىغىش مەسلىسىنى ئىنكاس قىلدى. سىياسى كېڭەش ئەزالىرى ئۆي ئىگىسىنىڭ روخسىتىسىز مەجبورى ھالدا ماشىنا توختىتىش ھەققى يىغىش قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سىياسى كېڭەش ئەزاسى جاۋ ۋېيدۇڭ" جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى مال-مۈلۈك قانۇنى" نىڭ 73-ماددىسىغا ئاساسلانغاندا ئولتۇراق رايۇن ئىچىدىكى يول، يېشىللىق، جامائەت ئەسلىھەلىرى ۋە خوجىلىقتا ئىشلىتىدىغان ئۆيلەر ئۆي ئىگىلىرىگە تەۋە بۇلىدۇ دېدى.
" جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى مال-مۈلۈك قانۇنى" نىڭ 74-ماددىسىدا ئولتۇراق رايۇن ئىچىدىكى يول ۋە باشقا مەيدانلار ماشىنا توختىتىشقا ئىشلىتىلىدۇ ھەمدە ئۆي ئىگىلىرىگە تەۋە بۇلىدۇ دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن.

ئولتۇراق رايۇنغا تەۋە بولمىغان سىرتنىڭ ماشىنىلىرى ئولتۇراق رايۇنغا كىرىپ ماشىنا توختاتقاندىن كىينكى ماشىنا توختىتىش ھەققى بارلىق ئۆي ئىگىلىرىگە تەۋە بۇلىدۇ، ئەگەر ھەممە ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتسە بۇ پۇلنى ئولتۇراق رايۇندىكىلەر تارقىتىپ بېرىش ياكى جامائەت مۈلكىگە ئىشلەتسە بۇلىدۇ. دىمەكچى خوجىلىق باشقۇرۇش شىركىتىنىڭ ئولتۇراق رايۇندىكى ئەسلىھەلەرنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بولمايدۇ، شۇڭلاشقا ئۆي ئىگىلىرىدىن ھەق ئېلىش ئوقۇقىمۇ بولمايدۇ.
جاۋ ۋېيدۇڭ : بۇ توغرىسىدىكى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈش كۈچىنى زورايتىپ قالايمىقان ھەق يىغىدىغان قانۇنسىز قىلمىشلارنى توسۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش كېرەك.

   كېڭەش ئەزاسى جۇ جىيەنپو: "خۇجىلىق شىركىتى ئۆي ئىگىسى بىلەن ماشىنىنى ساقلاپ بېرىش توختىمى تۈزۈپ ھەق ئالسا خۇجىلىق شىركىتى قايسى مەسئولىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ بۇلارنىڭ ھەممىسى توختامغا ئېنىق يېزىلىشى كېرەك. ئەگەر ماشىنا ئولتۇراق رايۇن ئىچىدە جىجىلىپ كەتسە،سۈركۈلۈپ كەتسە پۇل يىغقۇچى تەرەپ بولغان خۇجىلىق شىركىتى قايسى مەسئولىيەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؟ قايسى تۆلەملەرنى تۆلەپ بېرىدۇ" دېدى.

مەنبە ئىقتىساد سالونى
ئىزدەش نۇمۇرى
iktisad

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 15:37:21

ما بىزنىڭ خوجۇلۇقئ400سوم يىغىدۇ قەشقەردە. مەھەلىمىزدە 500ماشىنا توختامدىكى .
ئەسلى ئۆي ئىگىسىنىڭ ھەقدارلىقىدىكى يەر بولغاندىكىن ھەق ئالماسلىقى كىرەك.لىكىن بىخەتەرلىك دەپ كامىرا ،ئامانلىق ساقلىغۇچى ئۇ بۇلار ھالىنىڭ چوڭلىقى ، ئۆي ئىگىسىگە خىزمەت قىلماي، ئۆي ئىگىسىنى باشقۇرۇپ كىتىشى تېخى ، خەلقنىڭ چاكىرى دەپ قويۇپ،خەلىقنى چاكار قىلىۋالغان تېخى ھۇ نىپىزلار .

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 15:57:36

خوجىلىق شىركىتىنى تۈزۈك بىر تۈزىسە بولاتتى.  توك، سۇ دىگەننىمۇ بىۋاستە ئىلىكتىر شىركىتى ۋە سۇ ئىدارىسىدىن بىۋاستە سىتىۋالىدىغان قىلسىمۇ بولاتتى.
ئىككى ئىدارىنىڭ ئادەملىرى باكا ئولتورىدۇ- يا!

choice يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 19:23:01

بۇ قانۇن ئەمىلىلەشسە بولاتتى، دىمىسىمۇ ئۆي باھاسى شۇنداق ئۆرە بولىۋاتىدۇ، سېتىۋالغان ئۆينىڭ ئالدىغا ماشىنا توختاتسىمۇ ھەق ئالىدۇ، خوجىلىق باشقۇرۇش ھەققى دەپ يەنە ئالىدۇ، مال مۈلۈك قانۇنىنى كۆتۈرۈپ بارساق ماشىنا توختىتىشقا مەسئۇل يولداشلار بىزگە ئۇنداق ئۇقتۇرۇش يوق، بىزدىن ھەق ئېلىڭلار دىگەن دەپ كۆزىنى پاقىىرىپ تۇرا ھەقسىز ماشىنا قويامتىڭ دەپ  ئاچچىقتا يېرىلىپ كېتەر :(

esir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 19:40:29

خوجىلىقنى باشقۇرىدىغان ئورگان تېخى قۇرۇلمىدى بىزنىڭ ناھىيىدە. ئىشقىلىپ... تولۇقلاپ قۇرۇشقا تېگىشلىك ئىدارىدىن بىر قانچى بار :lol

tureli يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 20:00:58

مۇشۇ ئىش  (ماشىنا توختىتىش ھەققى  يىغىش )ماۋۇ بىزنىڭ يۇرتتا ( چەرچەن) بۈگۈندىن باشلاپ  قاتتىق ئەمەلىيلىشىپ كەتتى . ھەر ئايلىقى 60.00 يۈەن (ئاتمىش يۈەن)دىن .

MSM يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 20:17:18

مۇشۇ تور يۈزىدە ئەمىلىيلىشەرمىكىن تاڭ نۇرغۇن قانۇن - تۈزۈملەر{:92:}

fatihdin يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 20:45:50

بىر ئولتۇراق رايۇننىڭ ماشىنا توختىش ئورنى 20 ماشىنا توختىيالىسا بۇ رايۇندا 100 گە يېقىن ئائىلە بۇلسا 50 ماشىنا بولسا قايسى بىرى ماشىنىسىىنى ئولتۇراق رايۇن ئىچىدە توختىتىدۇ؟

5819 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 21:28:18

بەك ياخشى تەكلىپ بوپتۇ. تىزراق ئەمەلىيلىشىشىنى كۈتىمىز.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 22:03:46

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-15 15:57 static/image/common/back.gif
خوجىلىق شىركىتىنى تۈزۈك بىر تۈزىسە بولاتتى.  توك، سۇ دى ...

بىزغۇ توك سۇنى خالىغانچە سىتىۋالىمىز، ئەمما قەشقەرنىڭ بەزى ئولتۇراق رايۇنلىرىدا توك ، سۇنى نۇرمىلىق بىرىدىكەن.
   قەشقەردىكى نۇرغۇن ئولتۇراق رايۇنلاردا ماشىنا تۈگۈل ئۈچ چاقلىق ھارۋىغىمۇ پۇل ئالىدۇ ، ئادەم ماڭىدىغان يەر تار ، ماشىنا ماڭىدىغان يولداتۆت بەش كاتاڭ بار ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ ھەق يىغىش پونكىتىمۇ بۇنداق توسمايدۇ

begir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 07:17:52

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 08:48:28

كورپۇسنىڭ ئېشىكى مەن ئۆينى سېتىۋالغاندا بۇزۇق ئىكەنتۇق. كورپۇس ئىشىكى بىلەن ئۆيگە ئۇلانغان سۆزلىشىش ئۈسكۈنىسىمۇ ئىشلىمەيدىكەنتۇق. مۇشۇمۇ خوجىلىق مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ قىلىپ بىرىدىغان ئىشى بولغىيتتى دەيمەن. بەك بولمىسا ئۆينى سېتىپ قايسى قورۇنىڭ مۇلازىمىتى ياخشى شۇ يەردىن ئۆي سېتىۋېلىپ ئولتۇرايمىكى دېسە، كۆنۈپ بولغاندا تېخى ... :@

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 11:33:35

خوجىلىق شىركەتلىرىنى تارقىتىۋىتىپ، ھەر قايسى ئولتوراق رايونلارنىڭ تازىلىقىنى، بىۋاستە شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسىدىن ئادەم ئورونلاشتۇرسا، ئولتوراق رايوننىڭ ئامانلىق قوغداش مەسىلىسىنى بىۋاستە جامائەت خەۋىپسىزلىكىدىن ئادەم ئورونلاشتۇرسا، توك، سۇ ھەققىنى ئىلىكتىر ئىنىرگىيە شىركىتى بىلەن سۇ ئىدارىسىدىن بىۋاستە سىتىۋالساق، مىنىڭچە بۇ ئىشلارمۇ ياخشى بوپ كىتەتتى.

koklam123 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 15:33:20

مەن دەيمەن مۇشۇ خۇجۇلۇق شىركىتى دىگەن گۇيلار پۇلنىلا تۇنۇيدۇ دەيمەن !ئەگەر ھوكىمەت تۇسۇپ تۇرمايدىغان بولسا يەنە قانداق پۇللارنى يىغىپ كىتە؟:(

sodigar10 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 16:29:10

بىزنىڭ يۇرتتا بۇرۇن پۇل ئالمايتتى ھەپتە بولدى دەرۋازىغا ماشىنا كەلگەندە ئاپتۇماتىك ئېچىلىپ ئىتىلىدىغان نەرسە بىكىتىپ بىر ماشىنا ئۈچۈن بىر يىللىق دەپ 365 كويدىن پۇل ئالدى(قاراقاش 47- تۈۋەندە)
بەت: [1]
: ئولتۇراق رايۇنلاردا ماشىنا توختىتىش ھەققى يىغىش قانۇنغا خىلاپ