tahlil يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 10:52:25

ئالتۇن سودا تەھلىلى 1\15


ئالتۇننى تېخنىكىلىق ئانالىزغا ئاساسەن 1240-1250 رايۇنىدا بېسىمغا ئۇچۇرغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش تەس ئەمەس. نۆۋەتتە ئالتۇن 1240بىلەن 1220 ئەتىراپىدا تەۋرىنىشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز. قىسقا سودا جەريانىدا ئالتۇنغا نىسپەتەن 1220 دىكى تىرەككە دىققەت قىلىش زۈرۈر. ئەگەر بۇ تىرەك بۇزۇلسا 1200 1180 رايۇنىغىچە تەڭشىلىشنى داۋام ئىتىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا ئالتۇن كىيىنكى بازارلاردا يەنە يىڭى نوقتا يارىتىپ ئۆسۈشى ئۈچۈن قايسى شەرت شارائىتلارنى ھازىرلىشى كىرەك؟ بۇنىسى ئاددى، يەنى 1250-1255 رايۇنىدىكى بېسىمنى ئۈنۈملۈك بۇزۇۋېتەلىسىلا يەنە ئۆسۈپ 1265-1270 رايۇنىغا چىقالىشى مۇمكىن.
ئۇنداقتا نۆۋەتتە ئالتۇنغا نىسپەتەن قانداق سودا مەشخۇلاتى ئېلىپ بېرىش مۇۋاپىق:
1)ئالتۇننى 1220 رايۇنىدا ئازراق ئۆسۈشكە سىناپ، زىياننى 5-6 نوقتا ئاستىدا كونتىرول قىلىپ، نىشاننى 1230-1235 لەرگە قارىتىش مۇۋاپىق. ئەگەر بۇ رايۇندىكى تىرەك ئۈنۈملۈك بۇزۇلسا داۋاملىق بازار كۆزۈتۈشكە ئۆتۈپ، 1200-1180 دىكى تىرەككە يېقىنلاشقاندا ئۆسۈشكە ئېلىشنى ئويلىشىپ باقساق مۇۋاپىق.
2)ئەگەر ئالتۇن ئۆسۈپ 1245-1255 بېسىم رايۇنىغا كىرەلىسە داۋاملىق چۈشۈشكە كىرىشنى ئويلىشىپ، زىياننى 5-6 نوقتا ئۈستىدە كونتىرول قىلىپ تاشلاپ قويساق مۇۋاپىق.
3)ئەگەر ئالتۇننىڭ ئۆسۈش كۈچى بەك كۈچلۈك بولۇپ، بۇ رايۇندىكى بېسىمنى ئۈنۈملۈك بۇزۇۋېتەلىسە، بازار سەل چۈشكەندە ئۆسۈشكە سىناپ بېقىش مۇۋاپىق.
ئۆسۈش-چۈشۈشكە ئېلىش ئۇرۇنلىرىنى ئۆز ۋاختىدا تېخىمۇ ئىنىق بىلمەكچى 506527935 نۇمۇرلۇق QQ ئارقىلىق مەن بىلەن بىۋاستە ئالاقىلاشساق بولىدۇ.
سەمىمى ئەسكەرتىش: مەزكۇر تېمىنىڭ ھېچقانداق شىركەت ياكى گوروھ بىلەن قىلچە مۇناسىۋېتى يوق. پەقەت شەخىسنىڭ خۇسۇسى كۆز قارشىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇلۇپ، مۇۋاپىق دەپ پايدىلانماقچى بولسىڭىز مەبلىغىڭىز بىخەتەرلىكى ئۈچۈن مال ئالغاندا مال سانىنى كونتىرول قىلىش ۋە زىياننى كونتىرول قىلىش ئاساسىدا پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.

بەت: [1]
: ئالتۇن سودا تەھلىلى 1\15