15-يانۋاردىكى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى
15-يانۋار خەلقارا ئالتۇن ھەر ئونسىيەسى 1230 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىۋاتىدۇ، خەلقارا كۈمۈش ھەر ئونسىيەسى 16.78 دوللار ئەتراپىدا. تۈنۆگۈن ئېلان قىلىنىغان ئامرىكىنىڭ 12-ئايلىق پارچە سېتىش كۆرسەتكۈچى بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ تۈۋەن نوقتىنى ياراتتى، دوللار چوڭ چۈشتى، بۇنىڭ بىلەن ئالتۇن ئۆسۈشكە ئېرىشىپ يېقىنقى 3 ئاي ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى نوقتا 1243 دوللارنى ياراتتى.بۈگۈن ئېلان قىلىنىدىغان ئىقتىسادى ئۇچۇرلاردىن گىرمانىيەنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومومى قىممىتى، ئامرىكىنىڭ 12-ئايلىق پ پ ئاي قاتارلىق ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىڭ. بازارنىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا بۈگۈن ئېلان قىلىنىدىغان ئامرىكىنىڭ 12-ئايلىق پ پ ئاي كۆرسەتكۈچى تۈۋەنلىشى مومكىن. مۆلچەرگە قارىغاندا گىرمانىيەنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومومى قىممىتى ياخشى چىقىشى مومكىن.
ئىقتىساد ئۈندىدار سالونىمىز قايتىدىن ئېچىلدى، سىزنى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى، ھەرخىل ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئىقتىساد ئۈندىدار سالونى ئىزدەش نۇمۇرى iktisad
تۈنۆگۈنكى تەھلىلدە بىز دىگەن نوقتىغا كەلمىدى.
بۈگۈنكى تەھلىل
1223 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ،زىيان 1218،نىشان 1228~1233
1245 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ، زىيان 1250،نىشان 1240~1235
1212 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ،زىيان 1207،نىشان 1217~1222
1260 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ، زنيان 1265،نىشان 1255~1250
بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى 244 يۈەن
بۈگۈنكى كۈمۈش باھاسى گىرامى 3.23 يۈەن
ئۆلچەم بىرلىكى بىر ئونسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ .
سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ، چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .بۇ يەردىكى ئالتۇن باھاسى زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى ئەمەس ،بەلكى توردىكى خام ئالتۇننىڭ باھاسى . زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى خام ئالتۇننىڭ باھاسىدىن 20-30 يۈەن ئەتراپىدا قىممەت بۇلىدۇ .
بەت:
[1]