dunya يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 09:37:48

پۇلدار ئۆزۈڭ بول

پۇلدار ئۆزۈڭ بول
ليۇ يەنبىن

ئادەم بىر ئۆمۈر پۇلى بولۇشنى ئويلاپ مۇنۇ ئىككى يولدىلا ماڭىدۇ: ئىشقا بېرىش ۋە مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش. ئىشقا بېرىش پۇل ئۈچۈن خىزمەت قىلىش بولسا، مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش پۇلنى ئۆزىڭىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتۇر.
مالىيە باشقۇرۇش بولسا بىر ئادەم ياكى بىر ئائىلىنىڭ تۇرمۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئۈچۈن ئۆزىدىكى مالىيە مەنبەسىنى مۇۋاپىق باشقۇرىدىغان، شۇنداقلا بىر ئۆمۈر ئىزچىل بولۇشقا ئەرزىيدىغان جەريان. ئاممىباب قىلىپ ئېيتقاندا، مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش «پۇل باشقۇرۇش» نى مەركەز قىلىپ، «پۇل يىغىش، پۇلنى ئايلاندۇرۇش، پۇلنى تېجەش»تىن ئىبارەت بۇ ئۈچ ھالقىنى چىڭ تۇتۇشتۇر، ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى نەق پۇل ئايلىنىشنى باشقۇرۇپ، مال-مۈلكىڭىزنىڭ قىممىتىنى ساقلاش ئاساسىدا مۇۋاپىق ھالدا قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، ھەر قانداق ۋاقىتتا يانچۇقىڭىزدا پۇل بار قىلىدۇ. مالىيە باشقۇرۇشنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى مالىيە ئەركىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، تۇرمۇشىمىزنى بەختلىك قىلىشتۇر. ئوبرازلىق ئوخشىتىش ئارقىلىق مالىيە باشقۇرۇشنى چۈشەندۈرىمىز: كىرىم دەريا، مالىيە سۇ ئامبىرى، خەجلەنگەن پۇل ئاققان سۇ بولۇپ، مالىيە باشقۇرۇش دەل مۇشۇ سۇ ئامبىرىنى ئوبدان باشقۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ، چىقىمنى تېجەشتۇر.
ئاتالمىش بايلىق بولسا بىر ئادەمنىڭ ھازىردىن باشلاپ خىزمەت قىلماي تۇرۇپ يەنە ياشىيالىغان كۈن سانىنى كۆرسىتىدۇ. بايلىق ساقلانغان كىرىم بولسا، مالىيە باشقۇرۇش دەل ئەتە ياشاش ئۈچۈن بۈگۈنكى بايلىقنى ساقلاشتۇر.
مالىيە باشقۇرۇشنىڭ مەركىزى پۇل باشقۇرۇش بولۇپ، ئۈچ ھالقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: پۇل يىغىش، پۇلنى ئايلاندۇرۇش ۋە پۇلنى تېجەپ ئىشلىتىش. بۇ يەردە مەن ئالدىنقى ئىككى ھالقىنى ئاساسلىق قىلىپ سۆزلەيمەن: پۇل يىغىش ۋە پۇلنى ئايلاندۇرۇش.
بىرىنچى پۇل يىغىش. پۇل يىغىش مالىيە باشقۇرۇشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. پۇل يىغماقچى بولساق ئىستېمالنى مۇۋاپىق كونترول قىلىشىمىز كېرەك. پۇل يىغىش تۆۋەندىكى ئىككى پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ:
1. بىر ئۆمۈر كىرىمىگە قاراپ چىقىم قىلىشقا ئەمەل قىلىش. چىقىم بايلىقنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل، سىز ئىنتايىن كۆپ پۇل تاپسىڭىزمۇ، ناۋادا خالىغانچە خەجلىسىڭىز ئاخىرىدا يەنىلا ھېچنىمىڭىز قالمايدۇ.
2. بىر ئۆمۈر قەرز بولۇپ قېلىشقا يول قويماسلىق. ھەددىدىن زىيادە قەرز ئىستېمالى سىزنىڭ مالىيە ئەھۋالىڭىزنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرىۋېتىدۇ، ھەتتا سىزنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ.
ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا كۆپ پۇل يىغقىلى بولىدۇ؟
1. پۇلنى مەجبۇرىي ئامانەتكە قويۇش. مەسىلەن، ھەر ئايدا مائاش ئالغاندا %20~%10 نى بانكىغا قويىۋېتىڭ.
2. ھېساباتقا يېزىش. ھېساباتقا يازىدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈپ، دائىم تەكشۈرۈپ تۇرۇڭ، پۇلىڭىزنىڭ قەيەرگە خەجلەنگەنلىكىگە، مۇۋاپىق خەجلەنگەن خەجلەنمىگەنلىكىگە قاراپ بېقىڭ.
3. نەق پۇل تۆلەش. نەق پۇل تۆلەش بىلەن كارتا سۈرتكەندىكى تۇيغۇ ئوخشاش بولمايدۇ، نەق پۇل تۆلەش تۇيغۇلۇق ئىستېمال  بولىدۇ، بىراق كارتا سۈرتۈش تۇيغۇسىز ئىستېمال بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ پۇلنى خەجلەتكۈزۈۋېتىدۇ.
4. ئەگەر سىز ئىناۋەتلىك كارتا ئىشلەتسىڭىز چوقۇم ئىناۋەتلىك كارتا بىلەن ئامانەت كارتىنى باغلىۋېتىڭ. بۇنداق قىلغاندا پۇلنى قايتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالمايسىز ھەمدە بانكىنىڭ يۇقىرى سوممىلىق جەرىمانە ئۆسۈمىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
5. قەرزگە ماشىنا ئېلىشقا بولمايدۇ. قەرزگە ماشىنا ئېلىش مالىيە ئەھۋالىنىڭ ناچارلاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئەگەردە سىز چوقۇم ماشىنا ئالماقچى، بىراق يېنىڭىزدا كۆپ پۇل بولمىسا ئۇنداقتا، ئەرزانراق ماشىنا ئالسىڭىزمۇ ياكى نىمكەش ماشىنا ئالسىڭىزمۇ ئورۇنسىز بولمايدۇ، ماشىنا پەقەت قاتناش قورالى خالاس.
6. ئەگەر ئۆزىڭىز تۇرىدىغان ئۆي ئالماقچى بولسىڭىز، قەرزگە ئالسىڭىز بولىدۇ. ئەمما، ھەر ئايلىق قايتۇرۇش سوممىسى كىرىمىڭىزنىڭ %30 دىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، بۇنداق بولغاندا سىزدە پۇل قايتۇرۇش بېسىمى ئېغىر بولمايدۇ، مۇبادا بانكىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى يۇقىرىلاپ كەتسىمۇ ئايلاندۇرۇشقا ئىمكانىيىتى بولىدۇ.
ئىككىنچى پۇلنى ئايلاندۇرۇش . پۇلنى ئايلاندۇرۇش مالىيە باشقۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. ئەگەر يىغقان پۇلىڭىزنىڭ ھەممىسىنى بانكىغا قويىۋەتسىڭىز مۇنداق بىر مەسىلىگە دۇچ كېلىسىز: ئۇزۇن مەزگىلدىن قارىغاندا، بانكا ئامانەت قويۇش ئۆسۈم نىسبىتى پۇل پاخاللىشىشتىن قۇتۇلالمايدۇ، پۇلىڭىزنىڭ قىممىتى چۈشۈپ كېتىدۇ دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئەگەر يىغقان پۇلىڭىزنىڭ ھەممىسىنى خېيىم-خەتەرلىك مەبلەغ سېلىشقا ئىشلەتسىڭىز، نەتىجىدە بەلكىم پۇل پاخاللىشىشتىن قۇتۇلالايسىز، بىراق زىيان تارتىشىڭىز مۇمكىن. ئۇنداقتا، قولىمىزدىكى پۇلنى قانداق تەقسىملەپ ئىشلىتىشىمىز كېرەك؟
ئۆيىڭىزنىڭ «سۇ ئامبىرى»دىكى پۇلنى ئۈچكە بۆلۈپ ، ئايرىم-ئايرىم ئۈچ كۆلچەككە قويۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. بىرىنچى كۆلچەككە جىددىي ئېھتىياجلىق پۇلنى قويۇڭ، ئككىنچى كۆلچەككە جان بېقىش پۇلىنى قويۇڭ، ئۈچىنچى كۆلچەككە ئېشىنچا پۇلنى قويۇڭ.
جىددىي ئېھتىياجلىق پۇل ئىشتىن ئايرىلىپ قالغاندا، ئۆيدىكىلەر ئاغرىپ قالغاندا، كۈتۈلمىگەن چىقىملارغا ئىشلىتىلىدۇ، ئادەتتە ئائىلىنىڭ ساقلاپ قويۇشقا تېگىشلىك بىر يىللىق تۇرمۇش خىراجىتى جىددىي ئېھتىياجلىق پۇل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جىددىي ئېھتىياجلىق پۇلنى بانكىغا قىسقا مۇددەتلىك ئامانەت قويۇشقا، قىسقا مۇددەتلىك زايومغا، پۇل بازىرى فوندى قىلىشقا، قىسقا مۇددەتلىك دەسمايىنى ساقلاپ قېلىش تىپىدىكى بانكىنىڭ مالىيە باشقۇرۇش مەھسۇلاتى، قىسقا مۇددەتلىك دەسمايىنى  ساقلاپ قېلىش تىپىدىكى ئاكسىيە سودىسى مالىيە باشقۇرۇش مەھسۇلاتى قاتارلىقلارغا مەبلەغ سېلىشقا بولىدۇ. بۇ خىل مەبلەغ سېلىشنىڭ پايدىسى ئاز، ئەمما ھەرىكەتچانلىقى ياخشى، خالىغان ۋاقىتتا سېتىپ پۇل قىلغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە زىيان چىقمايدۇ.
جان بېقىش پۇلى بولسا ئۆزىڭىزنىڭ ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى، پەرزەنتىڭىزنىڭ مائارىپ خىراجىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ ئادەتتە بىر ئائىلىنىڭ ساقلاپ قويۇشقا تېگىشلىك ھېچ بولمىغاندا 5  ~ 3 يىللىق تۇرمۇش خىراجىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ جان بېقىش پۇلىمۇ يىغىپ ساقلىغانسېرى شۇنچە كۆپ بولىدۇ، پىنسىيگە چىققان ۋاقتىڭىزدا 20 يىللىق تۇرمۇش خىراجىتىڭىز بار بولىدۇ (پۇل پاخاللىقى ئامىلى كۆزدە تۇتىلىدۇ). جان بېقىش پۇلىنى ئاساسلىقى قەرەللىك ھالدا بانكىغا قويۇش، ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك زايوم، زايوم  فوندى، ئىجتىمائىي سوغۇرتا، ئامانەت قويۇش تىپىدىكى سودا ياشانغانلار كۈتۈنۈش سوغۇرتىسى، كارخانا زايومى، دەسمايىنى ساقلاپ قېلىش تىپىدىكى بانكا مالىيە باشقۇرۇش مەھسۇلاتى، دەسمايىنى ساقلاپ قېلىش تىپىدىكى ئاكسىيە سودىسى مالىيە باشقۇرۇش مەھسۇلاتى قاتارلىقلارغا مەبلەغ سېلىشقا بولىدۇ. بۇ خىل مەبلەغ سېلىشنىڭ مۇقىم پايدىسى بولىدۇ، پايدا نىسبىتى ئوتتۇراھال  بولۇپ، ئىنتايىن بىخەتەر.
ئېشىنچا پۇل بولسا ئائىلىنىڭ 5 يىلدىن ئۇزۇن ئىشلەتمەي قويۇپ قويغان كاپىتالىدۇر، ئەگەر پىنسىيگە چىققان ياشانغان كىشى بولسا، 20 يىلدىن ئارتۇق يىغىلغان ئېشىنچا كاپىتالى بولىدۇ. بۇ پۇللارنى خېيىم -خەتەرلىك مەبلەغ ئىشلىرىغا ئىشلىشكە بولىدۇ، ئەمما چوقۇم خېيىم-خەتەرلىك مەبلەغ سېلىش بولمىسىمۇ بولىدۇ. بۇ پۇللارنى ئىشلىتىپ پاي چېكىگە، پاي چىكى تىپىدىكى فوندىغا، ئۆي-زېمىنغا، ئالتۇن، تاشقى پېرېۋوت، مەبلەغ بىرلەشتۈرۈلگەن سوغۇرتا، دەسمايىنى ساقلاپ قېلىش بولمىغان تىپتىكى بانكا مالىيە باشقۇرۇش مەھسۇلاتى، دەسمايىنى ساقلاپ قېلىش بولمىغان تىپتىكى ئاكسىيە سودىسى مالىيە باشقۇرۇش مەھسۇلاتى، يوشۇرۇن سېتىش فوندى، يىغىپ ساقلىنىدىغان بويۇم قاتالىقلارغا مەبلەغ سېلىشقا بولىدۇ. بۇ خىل مەبلەغ سېلىش كۆپرەك پايدا ئېلىپ كېلىدۇ، بەلكىم زىيان سېلىشىمۇ مۇمكىن. ئېشىنچا پۇلنى مەبلەغ سالساق خۇددى «سۇ ئامبىرى»نىڭ يېنىدىن بىر قۇدۇق كولىغاندەك بولۇپ، مەقسەت ئۆيىمىزنىڭ «سۇ ئامبىرى»دىكى سۇ مەنبەسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماي تولۇقلىنىپ تۇرۇشى ئۈچۈندۇر.
مەنبە: «ياشلار تەرمىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 1-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 12:36:24

بىر دوستۇمنىڭ نەسىھەتى: ئۆزۈڭنىڭ پۇلى بولغان تەقدىردىمۇ، قولۇڭدا بولمىغان پۇلنى ھەرگىز خەجلىمە.
جىددى ئىشلاردىن سىرتقى ئادەتتىكى تۇرمۇش ئىستىمالىدا مۇشۇ نەسىھەتكە ئىزچىل ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىمەن. مائاش پالانى كۈنى قولۇمغا تېگىدۇ دەپ ئىنىق بىلگەن تەقدىردىمۇ، پۇل قولۇمغا تەگكەندىن كىيىن، ئاندىن قانداق خەجلەشنى قارار قىلىمەن.
قەرىزدىن ساقلىنىش بەك زۆرۈر. ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان چاغدا، بىر ئاغىنەم تولا دەيتى، سىنپتا بىر قەرىزدار بولسا، ھەممە ئادەمنى قەرىز قىلىۋېتىدۇ دەپ. كۆزىتىپ باقسام راسىت شۇنداق بولىدىكەن. مەن دوستۇمدىن قەرىز ئالسام، دوستۇم يەنە بىرسىدىن قەرىز ئالىدىكەن، شۇنداق قىلىپ زەنجىرسىمان ھالەتتە بىر سىنپتىكى ھەممە بالىلار قەرىزدار بولۇپ كېتىدىكەن. بىر بەدخەجنىڭ دەردىنى بىر سىنپتىكى 30 ئادەم تەڭ تارتىدىغان ئىش يۈز بېرىدىكەن.
ناھايىتى جىددى ئىش بولۇپ قالمىسا(تۇيۇقسىز كېسەل بولۇپ، دوختۇرخانىدا يېتىپ قېلىش دىگەنگە ئوخشاش) ئادەتتىكى ئىشلارغا قەرىز بەرمەيمەن، ھەم قەرىز ئالمايمەن.
بەت: [1]
: پۇلدار ئۆزۈڭ بول