dunya يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 09:36:36

2015-يىلى 3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىش ساھەسىدىكى 5 چوڭ يۈزلىنىش


تېڭشۈن تورىنىڭ 22-دېكابىر خەۋىرى: 3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىشقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، 2014-يىلى شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلغان بىر يىل ھېسابلىنىدۇ. بۇ ساھەدە بۇرۇنقىدىنمۇ كۆپ مەبلەغ، تېخىمۇ كۆپ شىركەت ۋە تېخىمۇ كۆپلىگەن ياخشى ئىجادىي تەپەككۇرلار بار. 3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىش ساھەسىدە بىز 50 تىن ئاز بولمىغان يېڭى كارخانىنىڭ مەبلەغ توپلاۋاتقانلىقىنى بايقىدۇق، بۇ ئاممىۋى مەبلەغ توپلاش سۇپىسى Kickstarter دىكى 40 تىن كۆپ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. شۇنى مۆلچەرلەشكە بولىدۇكى بۇ پائالىيەتلەر  3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىشنىڭ 2015-يىلى ھالقىما تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدۇ. بىز بۇنىڭدىكى 5 چوڭ يۈزلىنىشنى مۆلچەرلىدۇق:
1.         تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ئەرزان
گەرچە ئۇ بېسىپ چىقارغىلى، سىكانىرلىغىلى، ياراتقىلى ھەمدە  3D مەزمۇنىنى بەھىرلىگىلى بولىدىغان يېڭى تېخنىكا بولسىمۇ، كارخانىچىلار ھەر قايسى نۇقتىدىن  3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىشقا يۈرۈش قىلىۋاتىدۇ. ھازىرغىچە  3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىش ئاساسلىقى ئسىتېمال دەرىجىسىدىكى ماشىنا ياساشقا مەركەزلەشتى. بىراق ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بىلەن سېلىشتۇرغاندا،  3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىشنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى كەم، شەكىلگە كىرگۈزۈش قىيىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماتېرىيال تاللاش نىسبەتەن قىيىن. بىراق  3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىش تەننەرخى نۆۋەتتە تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەۋاتقان بولۇپ، رىقابەتچىلەر تېخنىكىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئىقتىدارىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، تېخىمۇ ئاسان ئىشلىتىدىغان قىلىۋاتىدۇ. 3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە ئەجەللىك ئەپلەر كەمچىل بولغانلىقتىن، دەسلەپتە قۇرۇلغان كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش سەپىرى ئىنتايىن قىيىن بولىدۇ. بىراق ئسىتېمالچىلار بۇنىڭدىن پايدىغا ئېرىشەلەيدۇ.
كەلگۈسى مۆلچەر: ئىقتىدار تىپىدىكى ماتېرىياللار بازارغا سېلىنىۋاتقان بولۇپ، تېخمۇ ئىلغار  3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىش بىلەن بىرىككەندىن كېيىن، 2015-يىلى بىز تېخىمۇ كۈچلۈك ئۈستەل ماشىنىسىنى كۆرۈشىمىز مۇمكىن. كۆپلىگەن دەسلەپتە قۇرۇلغان كارخانىلارمۇ قىممەت زەنجىرىگە يامىشىۋاتقان بولۇپ، سۈرئىتى تېخىمۇ تېز، تەننەرخى تېخىمۇ تۆۋەن بولغان سانائەت ماشىنىسى ياساۋاتىدۇ. سودا خېرىدارلىرىنىڭ مېتال بېسىپ چىقىرىش ماشىنىسىغا بولغان قىزىقىشى تېخىمۇ چوڭ بولۇپ، 2015-يىلى تېخىمۇ كۆپلىگەن ئەرزان باھالىق 3D بېسىپ چىقىرىش تېخنىكىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
2.         3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىش ساھەسىدىكى قوشۇۋېلىش ئاشماقتا
تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقان 3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىش ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، نۆۋەتتىكى 3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىش شىركىتى 3D Systems、Stratasys ئاددى تاكتىكا ئىشلىتىۋاتىدۇ: يېڭى قۇرۇلغان كارخانىلارنى قوشۇۋېلىش ياكى ئۇنى ساھە سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاش. بىز Stratasys نىڭ Objet بىلەن بىرلىشىپ MakerBot Industries نى سېتىۋالغانلىقىنى، 3D Systems نىڭ يېڭى قۇرۇلغان كارخانا Formlabs نى ئەرز قىلغانلىقىدەك ئەھۋاللارنى كۆردۇق. بۇ تاكتىكىلار ئەكس تەسىر كۆرسىتىپ، بىرلىشىپ سېتىۋېلىشنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. ئۆتكەن 3 يىلدا، 3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىش ساھەسىدە 50 كە يېقىن شىركەتنى باشقىلار سېتىۋالدى. ئۆتكەن پەسىلدە 3D Systems、Stratasys نىڭ پاي بازىرىدىكى ئىپادىسى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس بولۇپ، بۇ ئىككى شىركەتنى سېتىۋېلىش سالمىقىغا زور تەسىر كۆرسەتتى. پاتېنت مۇددىتى توشقانلىقتىن، HP پرىنتېر باشلامچىسى 3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىش ساھەسىگە كىرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنىڭغا يەنە سانسىزلىغان يېڭى قۇرۇلغان كارخانىلارنىڭ ئومۇمىي تىرىشچانلىقىنى قوشقاندا، 3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىش ساھەسىدە قوغدالغان شىركەتلەرنىڭ مۇداپىئەلىنىش كۈچى شىددەت بىلەن چۈشۈشكە باشلىدى.
كەلگۈسى مۆلچەر: نۆۋەتتىكى 3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىش شىركەتلىرى بۇرۇنقىدەك زور ھەيۋىسىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. تەرەققىيات سۈرئىتى ئاستا بولغانلىقتىن ئۇلار يېڭىلىق يارىتىش سۈرئىتىنى تېزلىتىشى ھەمدە ئىستېمالچىلارنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئەرزان ھەل قىلىش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق 3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىشنىڭ بازارلىشىشىنىڭ تېزلىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ياخشىلىغىلى بولىدىغان ھالقىلىق تەرەپ بېسىپ چىقىرىش سۈرئىتى ۋە ماتېرىيال باھاسىدا.
3.         3D ئەندىزىسىنىڭ باش كۆتۈرۈشى
كۆپلىگەن شىركەتلەر چەكلىك دائىرىدە بېسىپ چىقىرىش دۇكىنىدىكى 3D ئەندىزىسىنى قوللىنىشقا باشلىدى. يەنى سىزنىڭ يېرىم بەدەن ياكى پۈتۈن بەدەن سۈرئىتىڭىزنى ئارقا-ئارقىدىن تارتىپ، كېيىن ھەيكەل ياساشقا يول قويۇلىدۇ. مەسىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما 3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىشتىن پايدىلىنىپ باش سۈرئىتىنىڭ ھەيكىلىنى بېسىپ چىقارغان.
كەلگۈسى مۆلچەر: ئاددى 3D سكانىرلاش ئۈسكۈنىسى ۋە يۇمشاك دېتالىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ باھاسىمۇ ئەرزانلاشماقتا. ئاخىرىدا بەلكىم ياندا ئېلىپ يۈرىدىغان 3D ئۈسكۈنىسى پايدا بولۇشى مۇمكىن. 2015-يىلى تېخىمۇ كۆپ 3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىشتا مۇھىم تەرەققىياتنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى كۆرۈشتىن ئۈمىد بار. شۇڭا سىز توي مۇراسىمىڭىزدا ئۆزىڭىزنىڭ 3D مودېلىنى كۆرگەندە، ھەيران قېلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئەلۋەتتە ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھەيكىلىنى بېسىپ چىقىرىشنى خالىمىسىڭىز، ئەڭ ياخشى نۇقتىدىن تارتىلغان رەقەملىك 3D رەسىمنى نامايان قىلغىلىمۇ بولىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى مەزكۇر ئوخشاشلا سىكانىرلاش ۋە تۇتۇش قورالىنىڭ ھەممىسى چوڭ كۆلەمدە بەلگىلەشنىڭ ئاساسى بولۇپ، شىركەت ھەر بىر خېرىدارغا ئۆزگىچە مەھسۇلات بەلگىلەيدۇ.
4.         بېسىپ چىقىرىش قورالى
ھەر قانداق ئىشنىڭ تەرەققىي قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولىدۇ. ماشىنا ئادەم قورالى ئارقىلىق ھەقىقى قورال ياساش ئېنىقكى قورال-ياراغ ياساشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ئەمەس، بىراق دۇنيانى زىلزىلگە كەلتۈرەلەيدۇ. Netflix نىڭ ھۆججەتلىك فىلىمى Print the Legend دىكى باش قەھرىمان قورال ھوقۇقىنىڭ پائالىيەتچىسى Cody Wilson نىڭ كۆپلىگەن تەقلىد قىلغۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرغانلىقىنى قوللايدۇ.
كەلگۈسى مۆلچەر: تېخىمۇ كۆپلىگەن قورال-ياراغ، گراناتلار بېسىپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى 3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىشنىڭ ھۆكۈمەتسىزلەرنىڭ ئاخىرقى قورالىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.
5.         داۋالاشتىكى مۆجىزە
3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىشتىكى ئەڭ ئىستىقباللىق قوللىنىش داۋالاش ساھەسى بولۇپ، يەنى قانچە يۇقىرى باھا بولسىمۇ قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ، شەخسكە دائىر بېكىتىش ئىنتايىن مۇھىم. ھازىرقى مېدىتسىنا ساھەسىدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ 3D بېسىپ چىقىرىش تېخنىكىسى خېرىدارى Align Technologies نى ناھايىتى ئاز بىر قىسىم كىشىلەر بىلىدۇ. بۇ كارخانا Invisalign سىستېمىسىنىڭ ياسىغۇچىسى.
كەلگۈسى مۆلچەر: بىزباش سۆڭىكى، يۈز قىسىمىنى كۆچۈرۈش، تۆۋەن تەننەرختىكى كاناينى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق ئوپېراتسىيەلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى كۆردۇق. بىراق مېنىڭچە 2015-يىلى تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىق بارلىققا كېلىدۇ. گەرچە تولۇق ئىقتىدارلىق ئورگانىزىملارنى بېسىپ چىقىرىش تېخى يىراقتا بولسىمۇ، بىراق ئايرىم بىمارلار ئۈچۈن خاسلاشتۇرۇپ بېكىتىش لايىھەسى ياخشى ئىدىيە ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مەزكۇر كۈچلۈك 3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىش قورالىدىن پايدىلىنىپ كەسىپكارلار تېخىمۇ راھەت ھېس قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ تەجرىبىگە ئېرىشىدۇ.

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 10:37:43

3Dپىرىنتىرلاش تېخنىكىسى  زىيادا كۆپتۈرۋىتىلگەن دەپ ئويلايمەن .ئاددى بىر مومدىن ياسالغان ئادەم مۇدىلىنى پىرىنتىرلىغان بىلەن سەللا مۇرەككەپ جىسىملارنى يەنە كۆپ خىل ماتىريالدىن تۈزۈلگەن ،ئوخشىمىغان زىچلىققا ،قاتتىققا ئىگە ماتىرياللارنى شەكىلگە كىرگۈزۈش ،يەنىلا بىر ئىنتايىن مۇرەككەپ جەريان .مەسلەن قول تېلفۇنىڭىزنى مىسالغا ئالايلى !ئۇنىڭدا مىتالمۇ بار سولياۋمۇ بار ،ئەينەكمۇ بار ،،،،.ئەڭ چاتاق يېرى بۇ ماتىرياللار ئادەتتىكى ھاۋادا قاتتىق ھالەتتە تۇرىدۇ.ئىرىتىپ پىرىنتىرغا قاچىلاپ قۇيغان تەقدىردىمۇ .يەنىلا مەللۇم بىر ئىنىرگىيە بىلەن سۇيۇق ھالەتتە ساقلاشقا توغرا كىلىدۇ.پىرىنتىرلاپ بولغاندىن كىيىن يەنە ناھايىتى تىز سۈرئەتتە سوۋىتىپ ،قاتۇرىشقا توغرا كىلىدۇ.مىنىڭچە بۇ جەريانلارئۇنداق ئاسان ھەل قىلغىلى بۇلدىغان ئىشلار ئەمەس.بۇنىڭدا ئىنسانلار يەنىلا موم ئادەم ،سولياۋ گۈل،تاماق قاچىسى ،مىتال چوكا ،،،قاتارلىقلارنى پىرىنتىرلاپ ئۆز-ئۆزىنى خۇش قىلۋاتىدۇ،ئۇيۇنچۇقتەك.:lol:lol
بۇلار ئۈزەمنىڭ ئۇيلىغانلىرى،باشقىچە تېخىمۇ نوچى چۈشەندۈرۈشلەر بار بولسا ئاڭلاپ باقساق!

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 11:08:59

ھازىرقى سىتانوكلارنى كۆرۈپ باقمىغانلار بەك كۆپتىرىۋىتىدىكەن، ئەمەلىيەتتە ھازىر چىققان سىتانوك، سىتانوكتا ياسالغان زاپچاسلار.....     ئۈچ د بېسىش تېخنىكىسى دىگەن مۇشۇ شۇ

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 11:19:58

بۇ پىرىنتىر تېخى چەكلەنمىدىما؟:o
ھەممە نىمىنى ياسىغىلى بولىدۇ بۇ پىرىنتىردا:shutup:

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 11:46:58

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2015-1-15 11:19 static/image/common/back.gif
بۇ پىرىنتىر تېخى چەكلەنمىدىما؟
ھەممە نىمىنى ياسىغىلى ...

چەكلەش ئەمەس خالقئارالىق يىغىنلارنى ئېچىپ تۇرۇۋاتىدىغۇ .
http://cn.world3dassociation.com/20143d.html
ئابلەت رەئىس تەبرىكلەپ سۆز قىپتۇدەك .
--------------
مەن بۇ تېخنىكىنىڭ ئەڭ قول قۇيۇدىغان قىسمى: غول ھۈجەيرىدىن پايدىلىنىپ سۈنئى جىگەر بېسىپ( بەدەن توقۇلما، سۈنئىې ئەمەس )   چىققانلىقى .

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 11:55:25

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2015-1-15 11:46 static/image/common/back.gif
چەكلەش ئەمەس خالقئارالىق يىغىنلارنى ئېچىپ تۇرۇۋاتىد ...

بەلكىم پات ئارىدا ئائىلىلەردە ئىشلىتىشنى چەكلەپ قېلىشى مومكىن:L
توردىن ئىزدىسە پىچاق....... دىگەندەكلەرنىڭ سىخىمىسىنى قولغا چۈشۈرگىلى بولىدىكەن:lol  

calisiyorum يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 12:29:31

1898-يىلى تۇنجى پويىز قاتنىغاندا كىشىلەر ئات خىچىرلىرىنى مىنىشىپ پويىز پويىز بىلەن بەيگىگە چۈشۈپ <بۇ بىرنىمەڭ ئىشىگىمنىڭ كەينىدە قالدىغۇ> دەپ مەسخىرە قىلىشىپتىكەن.شۇ دەۋردىكى بۇ ئايىقى ئەمدىلا چىقىپ تەمتىم ماڭغان بالا__ پويىز ھازىر چوڭ بولۇپ يىتىلىپ ئايرۇپىلان تەڭ دىگۈدەك تىز سۈرئەتتە ماڭالايدىغان ماگىنىتلىق لەيلىمە پويىز. ئامىرىكىدا تەتقىق قىلىنىپ پات يىقىندا ئوموملاشتۇرۇش پىلانلىنىۋاتقان ئاۋاز تىزلىكىدىن تىز يۈرىدىغان (رىزونانىسلىق دىگەندەك قىلىۋاتامتى) پويىز دەۋرىگە كىردى. پويىزنى مەسخىرە قىلغانلار تارىخنىڭ مەسخىرىسىگە قالدى. مىنىڭچە ھازىر ئوتتۇرىغا چىققان 3dپىرىنتىرلاش تىخنىكىسىمۇ بۇ تىخنىكىنىڭ گۆدەكلىك دەۋرى بولىشى مۇمكىن. نەچچە يىللارنىڭ ئالدىدا تۇنجى قىتىم توردا بۇ ئۇقۇمنى كۆرۈپ چۈشۈنىپ بىقىش مەقسىتىدە مۇناسىۋەتلىك سىننى كۆرگەنتىم. بىردانە رازاتناي كۇلۇچنى بىر ئىككى مىنۇتتىلا سىكانىرلاپ چىقتى.ھەيران قالغىنىم ھىلىقى كۇلۇچنى چىقىرىپلا ئىشلەتتى.نورمال ئىشلىدى.......

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 13:44:28

TED لېكسىيىسىدىكى مۇنۇ سىننى كۆرۈپ باقمىغانلار بولۇشى مۈمكىن،
بۇ تېخنىكا كەلگۈسىدە چوقۇم ئىنقىلاپ خاراكتېرلىك يۈكسىلىش ئېلىپ كېلىدۇ.
http://player.ku6.com/refer/fPsUlD5W3SnafRNGm-7v8w../v.swf
http://player.ku6.com/refer/fPsUlD5W3SnafRNGm-7v8w../v.swf

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 16:07:36

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2015-1-15 11:55 static/image/common/back.gif
بەلكىم پات ئارىدا ئائىلىلەردە ئىشلىتىشنى چەكلەپ قېلى ...

پىچاقنى بىزنىڭ يېزىدىكى تۆمۈرچىلەرمۇ سوقىدۇ، ئۇنى چەكلىمەيدۇ :lol

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 16:26:26

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2015-1-15 11:55 static/image/common/back.gif
بەلكىم پات ئارىدا ئائىلىلەردە ئىشلىتىشنى چەكلەپ قېلى ...

ئۇ نەرسىدە مىتال بۇيۇملارنى ياسىيالمايدىغان قىلىپ ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان نەرسىلەرنى تەييارلاشتا ئىشلەتسە بولماسمۇ ئەپەندىم...

yasinjanaks يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 18:05:25

پەن-تېخنىكىنىڭ ئەڭ ئالدى بولۇپ قالدۇ كەلگۈسىدە.:P

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 20:15:28

    بۇ مۇنبەردىكىلەر ئىچىدە 3D لىق پىرىنتېرنى ئىشلەتكەننى ئەمەلىي مەيداندا  ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ باققانلار  بارمىدۇ؟ سودا ساھەسىگە قەدەم قويدىمۇ ياكى تەجرىبىخانىدىلا ئىشلىتىش بىلەنلا چەكلىنىۋاتامدىغاندۇ؟

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 04:59:41

abdrtt يوللىغان ۋاقتى  2015-1-15 16:07 static/image/common/back.gif
پىچاقنى بىزنىڭ يېزىدىكى تۆمۈرچىلەرمۇ سوقىدۇ، ئۇنى چە ...

كۆپ چىكىتنى ئوقۇشنى ئۆگەنمەپسىز:lol

sarwan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 09:18:14

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2015-1-16 04:59 static/image/common/back.gif
كۆپ چىكىتنى ئوقۇشنى ئۆگەنمەپسىز

ئۇچۇقلا دەۋەمەي. ياپۇندا بىر بالىنى قولغا ئالدىمۇ بىر ئىش بولغان. تاپپانچىنىڭ 3D پىرىنتىردا باسىدىغان مودىلىنى ياساپ توردا تارقاتقانمۇ ياكى ئۆيدە باسقانمۇ بىر ئىش بىلەن.
CSI نىڭ 14 ياكى 15- بۆلىمىدىكى بىر قىسمىدىمۇ شۇنداق بىر ۋەقەلىك بار. بارقانچە قاتىللىق دىلوسىدا قۇررالنى تاپالمايدۇ. جەسسەتنىڭ بەدىنىدىكى ئوغقتىنمۇ يىپ ئۇچى تاپالمايدۇ. چۈنكى ئوغقتا سىتوۋۇلنىڭ ئىزى يوق. ئاخىرىدا نەق مەيداندىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دەپ قارالغان كىشىنىڭ قول، يۈزلىرىگە چاچراپ كۆيدۈرۈپ قويغان PVC دىن گۇمانلىنىپ تەكشۈرۈپ ئاخىردا ئۇنىڭ بىر قېتىم ئىشلەتكىلى بولىدىغان(一次性) تاپپانچا ياساپ دىلو سادىر قىلغانلىقىنى ئىنىقلايدۇ.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 09:22:20

sahabe يوللىغان ۋاقتى  2015-1-15 20:15 static/image/common/back.gif
بۇ مۇنبەردىكىلەر ئىچىدە 3D لىق پىرىنتېرنى ئىشلەتكەنن ...

تاۋ باۋ دا سېتىۋاتمامدا ؟
http://item.taobao.com/item.htm?spm=a230r.1.14.63.qm3sU7&id=27303340400&ns=1&abbucket=5#detail

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 09:38:09

sarwan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-16 09:18 static/image/common/back.gif
ئۇچۇقلا دەۋەمەي. ياپۇندا بىر بالىنى قولغا ئالدىمۇ بىر ...

بۇ خەۋەرنى مەنمۇ كۆرگەندەك قىلغان ، ئىككى يىللىق كېسىلدىغۇ دەيمەن .

بۇنداق مىساللار بىر قېتىم يۈز بەرگەن ئەمەس، ئەنگىيلىدىمۇ بىرسى پويىزغا ئېلىپ چىقىپ رەسىمگە چۈشۈپ ئۈندىدارغا يوللاپ :lol  تۇتۇلۇپ قالغانلىق خەۋەرلىرىنى بەرگەن .
شۇڭا بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئوقنى كونتىرول قىلىش مۇھىم دەپ قارايمەن، ئەمىلىيەتتە تاپانچىنى ياساش ئوڭاي بولغان بىلەن ئوقى بولمىسا يەنىلا ئويۇنچۇق بولىدۇ .

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 10:36:56

ئويۇپ چىقىرىش بىلەن بىسىپ چىقىرىشنىڭ پەرققى باردۇ؟ھەرخىل ئۈشكە بىلەن ئۇيۇپ چىقارسىمۇ 3Dپىرىنتىرلاش بۇلامدۇ؟باچكىنىڭ بىر تېمىسى بار ئىدى ،شۇ تېمىدىكى سىنلاردا ،پۇلات دىگەننى قوغۇن-تاۋۇزنى ئويغاندەك ،ئۇيۇپ ،ھەرخىل شەكىلنى چىقىرىدۇ.لىكىن بىرپۇلاتنى پىرىنتىرغا قاچىلاپ ،ئىرىتىپ پۈركۈپ چىقىرىپ يەنە بىر شەكىلگە كەلتۈرۈش ،ئۇنداق ئاسان ئەمەستۇ؟

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 13:43:22

talmas1 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-16 10:36 static/image/common/back.gif
ئويۇپ چىقىرىش بىلەن بىسىپ چىقىرىشنىڭ پەرققى باردۇ؟ھەر ...

سىز بۇ تېخنىكىنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپىنى بىلمەيدىغان ئوخشايسىز ،
ئىشلىتىلىدىغان   ماتىرياللارنى بىر قەۋەت بىر قەۋەتتىن پۈركۈپ چىقىرىدۇ، يەنى بۇلارنى(ئادەتتە ئۇنسىمان بولىدۇ)  بىر قەۋەت پۈركۈپ بولۇپ ئۇنىڭغا چاپلاشقۇ يىلىم پۈركۈپ، ئاندىن يەنە ئۇنسىمان ماتىريال پۈركۈپ چاپلىتىپ، يەنە  يىلىپ پۈركۈپ ياسايدۇ، نەققاشچىلىقتەك قىرىپ ياسىمايدۇ .
http://www.233d.com/d/file/2013-06-16/a4127159fc8cfabf6ff3d46731c7fde3.jpg
تېتان- پولات بىرىكمىسىدىكى ماتىرياللارمۇ شۇنداق ، بىراق ئۇنىڭدا ئىش سەل مۇرەككەپتەك قىلىدۇ .
http://laser.ofweek.com/2013-10/ART-240015-11000-28734483_3.html
بىر نەچچە ئايلار ئىلگىرى جەڭ ئايرۇپىلانلىرىنىڭ ماتۇرۇنى مۇشۇ تېخنىكىدا بېسىپ چىقاردۇق دەپ خەۋەر قىلىۋاتىتى .
http://news.qq.com/a/20130530/005406.htm

sarwan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 14:12:45

ئادەتتە بازاردا سېتىلىۋاتقان 3D پىرىنتىرلارغا ئاساسەن PVC ماتېرىيالى(يەنى سۇلياۋ) خام ئەشيا قىلىنىدۇ(3D پىرىنتىرلارغا ئىشلىتىدىغانPVC ماتېرىيالىنى پۈتۈن دۇنياغا جۇڭگۇ تەمىنلەۋاتىدۇ). خام ئەشياغا باشقا نەرسە ئىشلىتىلىدىغان پىرىنتىرلار بولسا قاتتىق، يۇمشاق، چۈرۈك، ئىلاستىكىلىق... دېگەندەك ھەرخىل نەرسىلەرنى بېسىپ چىقارغىلى بولىدۇ. سۇلياۋغا ئوخشاش سۈنئى بىرىكمىلەرنىڭمۇ قاتتىق، چىداملىقى بار. مەسىلەن: ئەينەك تالا(Fiber Glass) غا ئوخشاش.
بىز ھازىر كۆرەۋاتقان پىرىنتىرلار ئائىلە، ئىشخانىلاردا ئىشلەتكىلى بولىدىغان، باھاسى ئەرزان، ئاسانلا ئىشلەتكىلى بولىدىغان پىرىنتىرلار. ئۇندىن باشقا تەجىربەخانا، سانائەت ئورۇنلىرىدا باشقا قوللىنىشچان پىرىنتىرلارمۇ بار. ئىشلەش پىرىنسىپلىرىمۇ پەرقلىنىدۇ. مەسىلەن ئادەتتىكى پىرىنتىرلار مودىلنى PVC بىلەن بىۋاستە باسىدۇ. يەنە بەزى پىرىنتىرلار مودىلنىڭ قېلىپىنى بېسىپ چىقىرىپ ئاندىن ئۇ قېلىپنىڭ ئىچىگە سۇيۇق ھالەتتە ماتېرىيالنى قۇيۇپ، قۇيۇپ چىقىدۇ. يەنە باشقىلار دېگەنگە ئوخشاش.
دېمەك 3D پىرىنتىردا ھەرقانداق نەرسىنى بېسىپ چىقارغىلى بولىدۇ. ھازىر تېخى بۇ ئىشنىڭ باشلىنىشى. بۇ سانائەتكە يېڭى بىر ئىنقىلاپ ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن. ھەرخىل سائانەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىستىمالچىلارنىڭ زاكىزىغا ئاساسەن ياساپ بىرىدىغان دەۋىر كىلىدۇ. ماشىنا- پىكاپلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.
بەت: [1]
: 2015-يىلى 3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىش ساھەسىدىكى 5 چوڭ يۈزلىنىش