قىرانبېك CBAچولپانلار مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ
ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى 14-يانۋار خەۋىرى؛ 14-يانۋار، جۇڭگۇ ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسى 2015-يىللىق CBAچولپانلار ھەپتىلىگى مۇسابىقىسى ئالدى بىلەن مەيدانغا چىقىدىغان تەنھەركەتچىلەر ۋە سەپلىمە تەنھەركەتچىلەر تىزىملىگىنى رەسمىي ئىلان قىلدى.
2015-يىللىق CBAچولپانلار ھەپتىلىگى 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 17-18-كۈنى بىيجىڭ دۆلەتلىك تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزىلىدۇ.
جەنۇپ شىمال مۇسابىقە رايونى چولپانلار كوماندىسىغا تاللانغان سەپ شەكلى؛
شىمال رايۇن؛
ئالدى بىلەن مەيدانغا چىقىدىغان تەنھەركەتچىلەر؛ خەن دىجى، خېتىيەن جۇ، گوئەيلۇن ( لىياۋنىڭ ) ، ماربول ( بىيجىڭ )، ئاندىرى بىراچ (شىنجاڭ ) .
سەپلىمە تەنھەركەتچىلەر ؛ خادىرسىن ( لىياۋنىڭ )، قىرانبېك ماقان ( شىنجاڭ )، لى شىياۋشۇ ( لىياۋنىڭ ) ، لىيۇۋىي ( شىنجاڭ )، سۈن يۇ، لى گېن ( بىيجىڭ )، دۇۋەن جاڭ پىڭ ( شەنشى ).
جەنۇپ رايۇن؛
ئالدى بىلەن مەيدانغا چىقىدىغان تەنھەركەتچىلەر؛ يىجىيەنلەن، جۇفاڭيۈ ( گۇاڭدۇڭ )، گوچۇەن ( دۇڭگۇەن )، زىڭ لىڭجۇ ( فوشەن )، جاۋ تەيلۇڭ ( فۇجىيەن ).
سەپلىمە تەنھەركەتچىلەر ؛ لىن جېجى ( گۇاڭشىيا )، بى سېلى ( شاڭخەي )، بەينام ( گۇاڭدۇڭ )، جاڭ بو ( ئازاتلىق ئارمىيە )، لى يى ( جىياڭسۇ )، مەيك لوم ( جېجىياڭ )، ۋاڭ جىلىن ( فۇجىيەن ).
ياش يۇلتۇزلار مۇسابىقىسىگە شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىدىن جۇچى، 1 -ئاۋغۇسىت كوماندىسىدىن پەخىرلىك ئوغلانىمىز ئارسلان ئادىلجانمۇ قاتنىشىدۇ.
شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى ئەزالىرىدىن ئاندىرى بىراچ ، قىرانبېك ماقان، لىيۇۋىي قاتارلىق ئۈچ نەپەر تەنھەركەتچى 2015-يىللىق CBAچولپانلار ھەپتىلىگى مۇسابىقىسى قاتنىشىدۇ. ئەسلىدە جۇچى ئالدى بىلەن مەيدانغا چىقىدىغان تەنھەركەتچىلەر تىزىملىگىدە ئىلان قىلنغان بۇلۇپ يارىسى سەۋەبىدىن لىياۋنىڭ كوماندىسىدىن لى شىياۋشۇ جۇچىنىڭ ئورنىغا سەپلەنگەن.
بىز ۋاسكىتبول مەستانىلىرى تەڭرىتاغ ئەزمەتلىرىمىزنىڭ ياخشى نەتىجىگە ئىرىشىشىىگە تىلەكداشمىز.
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/forum.php
شىرئەلىجان ئاقسالىقنى تاشلاپ كەسىپگە چۆكىشى كېرەك. بۇ يىل شىرئەلىجان يارىلىنىش سەۋەبىدىن مەيدانغا چۈشۈش نىسبىتى تۆۋەنلەپ كەتتى دېسە، لېكىن قىرانبەگنىڭ ئىپادىسى ئىزچىل مۇقىم بولىۋاتىدۇ. بۇ تەنھەركەتچىدىمۇ ئۈمىد زور ئىكەن. بۇ مۇسابىقىلەرمۇ بىۋاستە كۆرسىتىلەرمۇ؟ ياش يۇلتۇزلار مۇسابىقىسى دېگەن قانداق مۇسابىقە؟ ئارسلان باركەن، بىۋاستە كۆرسەتسە شۇنى كۆرسەم بولاتتى. ATLAN111 يوللىغان ۋاقتى 2015-01-15 18:48:44 static/image/common/back.gif
بۇ مۇسابىقىلەرمۇ بىۋاستە كۆرسىتىلەرمۇ؟ ياش يۇلتۇزلار
بۇ مۇسابىقىلەرنى ئەلۋەتتە بىۋاستە تارقىتىدۇ، يېڭى يۇلتۇز مۇسابىقىسىغا ئادەتتە CBA گە يېڭى قېتىلغان ياكى قېتىلغىلى ئۇزۇن بولمىغان ياشلاردىن ئەڭ ياخشىلىرىنى تاللاپ قاتناشتۇرىدۇ، ھەم بۇ مۇسابىقە چولپانلار ھەپتىلىكىنىڭ ئەڭ دەسلىپىدىلا ئوينىلىدۇ ئارقىدىن ئاساسىي ماھارەت مۇسابىقىسى، گارغا توپ بېسىش مۇسابىقىسى، ئۈچ نومۇرلۇق توپ مۇسابىقىسى ئەڭ ئاخىرىدا جەنۇپ شىمال چولپانلار مۇسابىقىسى ئوينىلىدۇ.
ئارسلاننىڭ توپ ئوينىغىنىنى بىر كۆرگۈم بار ئىدى. تاللانغىنى ياخشى بوپتۇ، دادىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ داڭلىق تەشكىللىگۈچى بولۇپ NBA نى كۆڭلىگە پۈكسۈن… شىرئەلىجان بۇ پەسىلىلك مۇسابىقىدە ئالدىنقى پەسسىللىك مۇسابىقىدەك ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرەلمەي قالسا،چېكنىش بولۇپ قېلشى مۇمكىن...شىرئېلىجان ھاياجانلانماي مۇسابىقنى ياخشى ئويناپ ئۇتۇپ ئاندىن ھۆكىرگەن شىرغا ئەمەلىي ئۇتۇق بلەن جاۋاپ بەرسە ئەڭ ياخشى ئىدى.... بۇ پەسىلدە دۆلەت كوماندىسىنىڭ سابىق كاپىتانى، تەشكىللىگۈچىسى لىيۇۋۋىي قوشۇلغاندىن بۇيان شىرئەلىنىڭ ئاساسلىق ئورنى تەۋرەپ قالدى، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپلەرنىڭ بىرى يەنىلا شىرئەلىجاننىڭ ئىپادىسىنىڭ ئالدىنقى پەسىلدىكىدەك بولماسلىقى. يارىسىمۇ بېسىپ داۋالىتىشقا مۇۋەپپەق بولالمىدى… مېنىڭچە ئۆزىدە يەنە بۆسۈپ كىرىپ نومۇر ئېلىش، ئوتتۇرا يېقىن ئارىلىقتىن توپ ئېتىش، لەيلىتىپ ئېتىش، جىددىي توختاپ ئېتىشقا ئوخشاش شىرئەلىدەك نورمال ئېگىزلىكىدىكى تەشكىللىگۈچىگە قانات چىقىرىدىغان ماھارەتلەرنى ئاز تولا ئىگىلەشكە قوشۇپ، پاس بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرسە تىخىمۇ ئەتىۋارلىنىشىدا گەپ يوق…:handshake ئارسلان بۈگۈن يەنە 1-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 5:30 دا يېڭى يۇلتۇز مۇسابىقىسى ئوينايدۇ. ئەتە باشقا مۇسابىقە تۈرلىرى بولىدىكەن. پۈتۈن جەريان CCTV5تە تارقىتىلىدۇ، قىزىققۇچىلار پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈۋەتمەڭلار. يېڭى يۇلتۇز مۇسابىقىسى باشلاندى، ئارسلان ئاساسلىق ئەزا بولۇپ چىقتى.
بەت:
[1]