intilguchi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 21:04:28

ئىنتىلگۈچى:يۇلتۇزلار ھەققىدە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   intilguchi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-14 21:05  

يۇلتۇزلار ھەققىدە
ئىنتىلگۈچى


      يۇلتۈزلارنىڭ قانداق پەيدا بۇلشى،ۋاقىتقا ئەگىشپ قانداق ئۆزگىرشى، ئۆزگىرش جەريانى ۋە ھەربىر جەرياندىكى تۈزىلشى ھەققىدىكى فىزىكىلىك مەسلىلەر 19-ئەسىردىن بۇيان فىزىكا ۋە ئاستۇرنومىيە ئالىملىرنىڭ بېشىنى قاتۇرۇپ كەلمەكتە. لېكىن ئۈزۈلمەس ئىزدىنىش ۋە تەرەققىيات ئاستىدا بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانلار يۇلتۇزلار ھەققىدە بۇسۇش خارەكتىرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇردى.                                                                          
        بىرنجى ئەۋلاد يۇلتۇز تەخمىنەن ئالەملىك چوڭ پارتىلاش يۈزبېرىپ  200  مىليون يىلدىن كىيىن شەكىللەنگەن. نۇرمال يۇلتۇز ھېدىروگىن(H2، ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ئېلمىنىتلار بار،He,O قاتارلىق.) گازىنى ئاساسلىك تەركىب قىلغان گاز بىسىمسى بىلەن ئۇنىڭ ئۇزىنىڭ تارتىش كۈچى تەڭپۇڭ ھالەتتە بولغان(Pressure=Gravity ,2-رەسىمدە كۆرسىتلگەندەك) شار ياكى شارسىمان شەكىلدىكى بىرخىل ئاسمان جىسمى.  دەسلەپتە  يۇلتۇزلار(protostar) يۇلتۇز تۇمانلىرىدا(Nebulae ,1-رەسىمدە كۆرسىتلگەندەك) شەكلىنىدۇ. تۇماندىكى ماددىلار (ئاساسلىقى چاڭ-توزانdust، ھېدىروگىنH) تاتىش كۇچى سەۋەبلىك بىر نوقتىنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىپ يىغلىدۇ، يىغلىش جەرياندا زىچلىقى بارغانسېرى ئىشىپ بىرىپ تېمپۇراتۇراسى ئاشىدۇ، تېمپۇراتۇرا ئىشىپ Hنىڭ كۇيۇش نوختىسىغا يەتكەندە دەسلەپكى يۇلتۇز شەكلەنگەن بۇلىدۇ(تېمپۇراتۇرا ئىشىپ Hنىڭ كۇيۇش نوختىسىغا يېتەلمىسە ئاخىرىدا بۇ پىلانىت(Planet) ياكى قىزىل، قارا پەتەك يۇلتۇز(Red,Brown Dwarf) قاتارلىق باشقا ئاسمان جىسملىرنى شەكلەندۇردۇ). نۇرمال يۇلتۇز ئاساسلىقى مەركەز(core)، رادىئاتسىيىسە رايۇنى(radiative zone)، ئالمىشىش رايۇنى(zone convective، بۇ رايۇنىڭ فىزىكىلىك ئىپادلىنىشى بىرقەدەر مۇرەككەپرەك، ئاددىي قىلىپ ئىيتقاندا ئىچ - سىرتىدىكى يۇقىرى-تۆۋەن تېمپۇراتۇرلىق ماددىلار ئۆز-ئارا ئۇرۇن ئالمىشىدۇ، بۇنىڭغا مۇۋاپىق سۆز تاپالمىغانلىقىم ئۇچۇن ئالمىشىش رايۇنى دەپ ئالدىم،3-رەسىمگە قاراڭ)، سىرتقى يۈز(surface)  قاتارلىق بۆلەكلەردىن تۈزۈلگەن.                                             
يۇلتۇز شەكىللەنگەندىن كىيىن ئۇنىڭدىكى ماددىلار توختامسىز كۆيۈپ يادرو رىئاكسىيە يۈز بىرىپ زور ئىسسىقلق ئېنىرگىيسى قۇيۇپ بىرىدۇ، بۇ دەل يۇلتۇزلارنىڭ ۋالىلداپ نۇر چىقىرىپ چاقناپ تۇرشىدىكى سەۋەب(HكۆيۈپHeغا ئايلىنىدۇ،HeكۆيۈپCغا،CكۆيۈپOغا....داۋاملىشىپ ماڭىدۇ، ماسسىسى ئوخشاش بولمىغان يۇلتۇزلارنىڭ ئاخىرىدا كۆيۈپ بوپ ئۆلگەندە توختايدىغان ئېلمىنىتمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، ئېغر ماسلىق يۇلتۇزلارنىڭ مەركىزى كۆيۈپ تۈمۈرگە (Fe) ئايلىنىدۇ-دە ئىچدىكى تارتىش كۈچى سىرتىدىكى گاز بىسىمدىن بەكلا چوڭ بوپ يۇلتۇز مەركەزگە قاراپ يىغلىشقا باشلايدۇ. مەلۇم دەرجىگە بارغاندا دەرجىدىن تاشقىرى يىڭى يۇلتۇز بوپ پارتىلايدۇ(Supernova Explosion) ۋە نىتۇرون يۇلتۇز(Neutron Star)، قاراڭغۇ ئۆڭكۈر(Black hole) قاتارلىقلارغا ئايلىنىدۇ. ماسسىسى تۇۋەنراق بولغان يۇلتۇزلار، قۇياشنىڭ 0.8ھەسىسىدىن 8 ھەسىسىگىچە بولغان يۇلتۇزلار، ئۆلگەندىن كىيىن ئاق پەتەك يۇلتۇزغا(White dwarf) ئايلىنىدۇ.).                                                                       
        يۇلتۇزلار شەكىللەنگەندىن تارتىپ ئۆلگۈچە بولغان ۋاقىتتا ھەرخىل جەريانلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ(4-رەسىمگە قاراڭ)، مەسلەن:ئاساسى قىسىم باسقۇچ(main squence)، قۇشۇمچە گىگانت باسقۇچ (sub giant)، قىزىل گىگانت (red giant)، يىقىنلاشقۇچى گىگانت باسقۇچ (asymptotic giant branch) ياكى بىۋاستە دەرجىدىن تاشقىرى گىگانت (supergiant) قاتارلىقلار.  قايسى جەرياندىن ئۇتۇش يۇلتۇزنىڭ ماسسىسى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك.  يۇلتۇزلارنىڭ ئۆلگەندە قانداق شەكىلدە پارتىلىلاپ نېمىگە ئايلىنشىمۇ ئۇنىڭ دەسلەپتە شەكىلەنگەندىكى ماسسىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. قۇياشنىڭ ھازىرقى يېشى  تەخمىنەن 5 مىليارت يىل، ئۇ يەنە تەخمىنەن 5 مىليارت يىل ئىچىدە قىزىل گىگانت جەرياننى باشتىن كەچۇرپوپ ئۆلۈپ ئاق پەتەك يۇلتۇزغا(5-رەسىمگە قاراڭ) ئايلىنىدۇ. تاق يۇلتۇزدىن باشقا يۇلتۇزلار يەنە جۈپ يۇلتۇزلار(6-رەسىمگە قاراڭ)، ئۈچ يۇلتۇزلار، تۆت يۇلتۇزلار سىستېمىسى قاتارلىق تۈرلەرگە ئايرلىدۇ(بۇنىڭدا يۇلتۇزلار ئۆز سىستېمىسىنىڭ ماسسا مەركىزىنى ئوربىتا قىپ ئايلىنىدۇ). كۆپ يۇلتۇز سىستېمىسىدىكى يۇلتۇزلارنىڭ ۋاقىتقا ئەگىشىپ ئۆزگۈرۈشى، ئۇنىڭ فىزىكىلىق جەريانلىرى تېخىمۇ مۇرەككەپ بۇلىدۇ.                                                              
        يۇلتۇزلارنى تەتقىق قىلىش بىزنىڭ ئالەمنى ۋە ئۆزىمىزنى چۈشنىشمىزگە ئىنتايىن چوڭ رولى بار، مەسلەن: يەرشارىدىكى ئېغر ئېلمىنىتلار دەل چوڭ ماسىلىق يۇلتۇزلارنىڭ پارتىلىشىدىن ھاسىل بولغان ئېلمىنىتلارنىڭ كىيىن يەرشارىغا چۈشىشىدىن بولغان دەپ قۇبۇل قىلىندى. بۇ بىر تەس لىكىن قىززىقارلىق بولغان بىر ساھە، مەن كىيىن بۇھەقتىكى تىخىمۇ كۆپ بىلىملەرنى كۆپچىلىكنىڭ ھۇزۇرغا سۇنۇشقا تىرشىمەن.                                 
كەسپى ئاتالغۇلارنى ئۆزۈمنىڭ چۇشەنچىسى بۇيىچە ئالدىم پىكىر-تەلەپلىرىنى بېرشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.                                                                                                                  
نەنجىڭ،      2014.3.30
ئالاقىدار كىتابلار:
R.Emden(1907), A. S. Eddington(1926), S. Chandrasekhar(1939), M. Schwarzschild(1958), R. kippenhahn & A. Weigert(1990), and P. Eggleton
(2006).
1-رەسىم: كۇنۇسسىمان يۇلتۇز تۇمىنى(ئۇستى  The Cone Nebula )، يۇلتۇز بۇلىتى دەپ ئالساقمۇ بۇلىدۇ. ئاستىدىكى مۈشۈك كۆزى يۇلتۇز تۇمىنى (The Cat's Eye Nebula).
2-رەسىم: يۇلتۇزدىكى فىزىكىلىق تەڭپۇڭلۇك.
3-رەسىم: يۇلتۇزدىكى ئاساسلىق رايۇنلار.
4-رەسىم: يۇلتۇزلار بېسىپ ئۆتىدىغان بەزى باسقۇچ جەريانلار(بۇ ئاستۇرنومىيەدىكى داڭلىق H-R گىرافىكى).
5-رەسىم: قۇياشنىڭ ۋاقىتقا ئەگىشىپ ئۆزگىرىش سىخىمىسى، ئەڭ ئاخىردا ئۆلۈپ ئاق پەتەك يۇلتۇزغا (white dwarf) ئايلىنىدۇ.
6-رەسىم:ماسسا مەركىزىنى ئوربىتا قىپ ئايلىنۋاتقان جۈپ يۇلتۇز.

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 09:40:56

تىمىڭىزغا كوپ رەھمەت ، يەنىمۇ غەيرەت قىلغايسىز.
مەن تۇۋەندە تىمىدىكى بىر قانچە  نوقتا توغرىسىدا  ئورتاقلىشاي ، مۇۋاپىق دەپ قارالسا مەمنۇن بۇلار ئىدىم :                                                                     
         بىرنجى ئەۋلاد يۇلتۇز تەخمىنەن ئالەملىك چوڭ پارتىلاش يۈزبېرىپ  200  مىليون يىلدىن كىيىن شەكىللەنگەن. نۇرمال يۇلتۇز ھېدىروگىن(H2، ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ئېلمىنىتلار بار،He,O قاتارلىق.) گازىنى ئاساسلىك تەركىب قىلغان گاز بىسىمسى بىلەن ئۇنىڭ ئۇزىنىڭ تارتىش كۈچى تەڭپۇڭ ھالەتتە بولغان(Pressure=Gravity ,2-رەسىمدە كۆرسىتلگەندەك) شار ياكى شارسىمان شەكىلدىكى بىرخىل ئاسمان جىسمى.

بۇ يەردە گاز بېسمىدىن باشقا يەنە  يۇلتۇز مەركىزىگە  يۇزلەنگەن تارتىش كۈچى بىلەن قارشىلىشىدىغان  يۇلتۇز ئوز ئۇقىدا ئايلىنىشىدىن شەكىللەنگەن مەركەزدىن قاچما كۈچ بار ، بۇنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك ،  بولمىسا يەرشارىدەك پىلانىتىلاردىكى ئېغىر ئىلمىنىتلارنىڭ كىلىش مەنبەسىنى يىتەرلىك چۇشەندۇرۇشتە قىيىنچىلىق كۈرۇنىدۇ.



دەسلەپتە  يۇلتۇزلار(protostar) يۇلتۇز تۇمانلىرىدا(Nebulae ,1-رەسىمدە كۆرسىتلگەندەك) شەكلىنىدۇ. تۇماندىكى ماددىلار (ئاساسلىقى چاڭ-توزانdust، ھېدىروگىنH) تاتىش كۇچى سەۋەبلىك بىر نوقتىنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىپ يىغلىدۇ، يىغلىش جەرياندا زىچلىقى بارغانسېرى ئىشىپ بىرىپ تېمپۇراتۇراسى ئاشىدۇ، تېمپۇراتۇرا ئىشىپ Hنىڭ كۇيۇش نوختىسىغا يەتكەندە دەسلەپكى يۇلتۇز شەكلەنگەن بۇلىدۇ،
بۇ يەردىكى زىچلىق ۋە تىمپىراتۇرا ئېشىش بىلەن يەنە  بېسىم ئېشىشنى تەڭ ئېلىش كېرەك ،  نۇقۇل تىمپىراتۇرا ئېشىپ بېسىم ئاشمىسا  ھېدروگىننىڭ يىغىلىش رىئاكسىيىسى يۇز بەرمەيدۇ ، ئۇنداق بولمىغىنىدا ئىنسانلار ئاللىبۇرۇن يىغىلىش رىئاكسىيە قازىنىنى كەڭ كولەمدە ئىشلىتىش دەۋىرىگە قەدەم قۇيۇپ بولغان بۇلاتتى .
يەنە بىرسى  تېمپۇراتۇرا ۋە بېسىم ئېشىپ Hنىڭ  يىغىلىش نوختىسىغا يەتكەندە ، يىغىلىش رىئاكسىيەسى يۇز بىرىپ  ، دەسلەپكى يۇلتۇز شەكلەنگەن بۇلىدۇ ، دەپ ئېلىش بىر قەدەر مۇۋاپىق ، ئادەتتە كۇيۇش ئوكسىدلىنىش جەرىيانى بۇلۇپ ، خېمىىيلىك رىئاكسىيە كاتىگۇرىيىسىگە مەنسۇپ بۇلىدۇ ، يىغىلىش بولسا ، يىنىكرەك ئاتۇم يادرولىرىنىڭ كەسكىن قېلىپ ئېيتقاندا زەررىچىلەرنىڭ  فىزىكىلىق ئوزگىرىش ئارقىلىق ئېغىرراق زەررىچىلەرنى شەكىلللەندۇرۇشىنى كورسىتىدۇ ، كۇيۇش بىلەن يىغىلىش ، پارچىلىنىش بىلەن يىمىرىلىش كەسكىن پەرقلىنىدىغان ئۇقۇملار .


يۇلتۇز شەكىللەنگەندىن كىيىن ئۇنىڭدىكى ماددىلار توختامسىز كۆيۈپ يادرو رىئاكسىيە يۈز بىرىپ زور ئىسسىقلق ئېنىرگىيسى قۇيۇپ بىرىدۇ، بۇ دەل يۇلتۇزلارنىڭ ۋالىلداپ نۇر چىقىرىپ چاقناپ تۇرشىدىكى سەۋەب(HكۆيۈپHeغا ئايلىنىدۇ،HeكۆيۈپCغا،CكۆيۈپOغا....داۋاملىشىپ ماڭىدۇ، ماسسىسى ئوخشاش بولمىغان يۇلتۇزلارنىڭ ئاخىرىدا كۆيۈپ بوپ ئۆلگەندە توختايدىغان ئېلمىنىتمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، ئېغر ماسلىق يۇلتۇزلارنىڭ مەركىزى كۆيۈپ تۈمۈرگە (Fe) ئايلىنىدۇ-دە ئىچدىكى تارتىش كۈچى سىرتىدىكى گاز بىسىمدىن بەكلا چوڭ بوپ يۇلتۇز مەركەزگە قاراپ يىغلىشقا باشلايدۇ. مەلۇم دەرجىگە بارغاندا دەرجىدىن تاشقىرى يىڭى يۇلتۇز بوپ پارتىلايدۇ(Supernova Explosion) ۋە نىتۇرون يۇلتۇز(Neutron Star)، قاراڭغۇ ئۆڭكۈر(Black hole) قاتارلىقلارغا ئايلىنىدۇ. ماسسىسى تۇۋەنراق بولغان يۇلتۇزلار، قۇياشنىڭ 0.8ھەسىسىدىن 8 ھەسىسىگىچە بولغان يۇلتۇزلار، ئۆلگەندىن كىيىن ئاق پەتەك يۇلتۇزغا(White dwarf) ئايلىنىدۇ.).         
بۇ يەردە گىلىي كۇيۇپ كاربۇنغا ، كاربۇن كۇيۇپ ، ئوكسىگىنغا .....داۋاملىشىپ ماڭىدۇ دىگەننىمۇ كۇيۇش دەپ ئالساق تازا مۇۋاپىق بولمايدۇ ، مەسلەن كاربۇن كۇيۇپ ئوكسىگىنغا دىيىش ئىلمى ئەمەس ، بەك دىگۇڭىز كىلىپ كەتسە كاربۇن يادروسى بىلەن گىلىي يادروسى يىغىلىپ ئوكسىگىن يادروسىغا  ئايلىنىدۇ دىسىڭىزمۇ بىر قەدەر مۇۋاپىق بۇلۇشى مۇمكىن .
تۇمۇردىن باشقا يەنە كۇبالىتنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق زۇرۇرمۇ قانداق؟
مۇۋاپىق دەپ قارالسا ۋە ياردىمى بولسا خوشال بۇلاتتىم ،  رەھمەت.                                                         

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 11:54:07

راس بىز ھەركۈنى كەچتە كۆرگەن يۇلتۇز ، شۇ كۈنى ئەمىلەتتىكى يۇلتۇز ئەمەس نۇرغۇن يىل بۇرۇنقى يۇلتۇزنىڭ سىماسىمۇ .

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 12:08:12

tirkax يوللىغان ۋاقتى  2015-1-15 11:54 static/image/common/back.gif
راس بىز ھەركۈنى كەچتە كۆرگەن يۇلتۇز ، شۇ كۈنى ئەمىلەتت ...

شۇنداق ، بىز كۇرۇۋاتقان قۇياش نۇرىمۇ سەككىز مىنۇتلار بۇرۇن قۇياش چىقارغان نۇر ، يۇلتۇز نۇرى بولسا نەچچە يىل ، نەچچە يۇز يىل ياكى  ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ۋاقىتتىكى نۇر .
يەنە بىر ئىش ، بىزنىڭ كۇرۇرەلەيدىغىنىمىز يېقىن ئوتمۇشتىكى ئىشلار ، مەسلەن سىز ھازىرلا كوردۇم دەپ قارىغان ئېكراندىكى مۇشۇ خەتمۇ نەچچە دەقىقە (كونكىرت ئىسىمدە قالماپتۇ ) بۇرۇنقى خەتلەر ، سەۋەبى نۇر كوز ئالمىسىدىكى كىرىستال تەنچىدىن ئۇتۇپ كۈرۇش نېرلىرىنى غىدىقلاپ تەسۋىر نىرۋا دولقۇنىغا ئايلىنىپ مىڭىنىڭ ماس رايۇنىغا بېرىپ ، بىزدە مۇشۇ خەت توغرىلىق ئۇقۇم ھاسىل بولغىچىمۇ ۋاقىت كىتىد ، دىمەك بىز ئوتمۇشنى كۇرىمىز ، ھازىرقى دەل ئۇزىنى كۇرەلمەيمىز.

Sewirchan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 15:26:13

بەك يۇقىرى سەۋىيىلىك بىلىم تەلەپ قىلىدىغان ساھە ئىكەن.

intilguchi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 18:19:52

muhakima يوللىغان ۋاقتى  2015-1-15 09:40 static/image/common/back.gif
تىمىڭىزغا كوپ رەھمەت ، يەنىمۇ غەيرەت قىلغايسىز.
مەن تۇ ...

Pressure=Gravityبۇ توغرا، ئورتاق ئىتراپ قىلىنغان قاراش. سىز دېگەن مەركەزدىن قاچما كۈچ ئەمىلىيەتتە يوق كۈچ، بۇ يەردىكى تارتىش كۈچىغا قارشى بۇلۇپ تەڭپۇڭلىقنى ساقلاۋاتقان كۈچ دەل رادىئاتسىيە بىسىمى ھاسىل قىلغان. كۈيۈش دىسەك تامامەن بۇلىدۇ، چۈنكى قۇياشقا ئوخشاش يۇلتۇزلارنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاش ھىدىروگىن گىزىنىڭ كۈيۈشى بۇلىدۇ، بۇ يەردىكى كۈيۈش دېگەن بۇ سۆزنى خېمىيە تەرەپتىن ۋە فىزىكا تەرەپتىن چۇشەنسىڭىز ئاندىن بۇلىدۇ. يەنى خېمىيە تەرەپتىن بىر مادىنىڭ كۈيۈش نوقتىسى بۇلىدۇ، بۇنوقتىغا يەتسە كۈيۈپ باشقا ماددىغا ئايلىنىدۇ، فىزىكا تەرەپتىن ماددا ئاتومى يىتەرلىك ئېنىرگىيىگە ئىگە بولسا بىركىش يۈزبىرىپ باشقا ماددا ھاسىل قىلىدۇ. شۇڭا كۈيۈش دېيىش توغرا. بۇ ئاتالغۇ ئۇقۇملار خەلقارالىق قۇبۇل قىلىنغان، مەسىلەن يۇلتۇزدىكى مەن تىلغا ئالغان بۇ جەرياننى ئېنگلىزچىدە ئۇنى H2 burning دەيدۇ، دەل شۇ ھىدىروگىن گىزىنىڭ كۈيۈشى. خەنزۇچىدا   氢的燃烧   دەيدۇ  .

intilguchi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 18:34:51

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   intilguchi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-15 18:39  

muhakima يوللىغان ۋاقتى  2015-1-15 09:40 static/image/common/back.gif
تىمىڭىزغا كوپ رەھمەت ، يەنىمۇ غەيرەت قىلغايسىز.
مەن تۇ ...

يەنە ئالدى بىلەن ئىنكاسىڭىزغا رەھمەت، قىزىقىش ئىزدىنىش توختاپ قالمىغاي.
ئەمدى سىز دېگەن بىسىم ئېشىش دېمىسىمۇ بولىدىغان گەپ، مەن دېگەن زىچلىق ئېشىش بىسىم ئېشىشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. تۇلۇق ئوتتۇرا فىزىكىسىغۇ ئۇ. ماسسا ئۆزگەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا زىچلىق ئاشسا تېمپېراتۇرا ئۆرلىسە بىسىم ئېشىشپ بارىدۇ. بۇنى دەپ يۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ يازمىدىم، گازنىڭ ئۆلچەملىك ھالەت تەڭلىمىسىنى كۆرسىڭىز بىلۋالسىز.

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 19:28:50

تىكىست ۋە ئۇلىنىشتىكى مەزمۇننى سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muhakima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-15 19:30  

intilguchi يوللىغان ۋاقتى  2015-1-15 18:19 static/image/common/back.gif
Pressure=Gravityبۇ توغرا، ئورتاق ئىتراپ قىلىنغان قاراش. سىز د ...

氢气在空气中有一定比例时点燃会爆炸因为氢气会与氧气反应


氢气在空气中有一定比例时,点燃会爆炸,因为氢气会与氧气反应
  纯净的氢气在点燃时是氢分子与氧分子在点燃处与氧气接触即在导管口处接触而导管里只有氢分子没有氧分子导管内不发生化学反应当氢气不纯净时导管内的氢气与氧分子已经充分接触当达到爆炸极限时已经点燃导管内及容器内的氢氧分子就发生剧烈的化学反应由于此时的化学反应发生在有限的空间内并且此反应要放出大量的热使产生的气体迅速膨胀而产生爆炸
  氢气比例高于爆炸极限的上限或低于下限时,由于氢气或氧气有一个不足,所以是平静的燃烧.如果在爆炸极限内,两者比例合适,反应速度很快,热量迅速大量积累,导致爆炸
http://baike.baidu.com/view/431199.htm

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 19:41:54

intilguchi يوللىغان ۋاقتى  2015-1-15 18:19 static/image/common/back.gif
Pressure=Gravityبۇ توغرا، ئورتاق ئىتراپ قىلىنغان قاراش. سىز د ...

خەلقئارادا ئىتراپ قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ توغرا بۇلۇپ كىتىشى ناتايىن ، تۇۋەندىكى ئۇلىنىشتىكى كىتاپنى كۈرۇپ بۇلۇپ ئاندىن كىيىن بىر نەرسە دىسىڭىزمۇ كىچىكمەيسىز.http://book.chaoxing.com/ebook/detail_810388462e936363e1e9345ffb17c21b3fb4e94e6.html

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 19:54:38

intilguchi يوللىغان ۋاقتى  2015-1-15 18:34 static/image/common/back.gif
يەنە ئالدى بىلەن ئىنكاسىڭىزغا رەھمەت، قىزىقىش ئىزدىن ...

ئىسىڭىزدە بولسۇنكى بۇ يەردە يىغىلىش رىئاكسىيەسىنىڭ كىرىتك بېسىم  شەرتى بار ، ئەسكەرتىپ قۇياي ، مەن تۇلۇق ئۇتتۇرا سەۋىيەسىدە تۇرۇپ گەپ قىلمايۋاتىمەن .

intilguchi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 21:21:47

RE: ئىنتىلگۈچى:يۇلتۇزلار ھەققىدە

muhakima يوللىغان ۋاقتى  2015-1-15 19:28 static/image/common/back.gif
氢气在空气中有一定比例时点燃会爆炸因为氢气会与氧气反应




buningda diyilgan ixkandak gap man yazhanha karxi amas... siz hata quxiniwapsiz... man yazhan yazmidiki karax atalhula tajirba naziryaladin otkan...

intilguchi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 21:24:38

RE: ئىنتىلگۈچى:يۇلتۇزلار ھەققىدە

muhakima يوللىغان ۋاقتى  2015-1-15 19:41 static/image/common/back.gif
خەلقئارادا ئىتراپ قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ت ...

man kordum... siz 维基百科,百度kidi narsilaga bak isliwalmang . .bula pakat 科普,科学amas...

intilguchi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 21:27:42

RE: ئىنتىلگۈچى:يۇلتۇزلار ھەققىدە

muhakima يوللىغان ۋاقتى  2015-1-15 19:54 static/image/common/back.gif
ئىسىڭىزدە بولسۇنكى بۇ يەردە يىغىلىش رىئاكسىيەسىنىڭ ك ...

mayli kaysi nohtida turung... siz awatkan tanglimida xu man dogan gap qikidu.... man pakat diyixming hajiti yok didim halas... ziqlik ,timpiratura, bisim ong tanasip tuzidu bu akalli dap oylap yazmidim dimakqi, gipimni togra quxining....

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 21:35:05

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muhakima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-15 21:48  

HكۆيۈپHeغا ئايلىنىدۇ،HeكۆيۈپCغا،CكۆيۈپOغا....داۋاملىشىپ ماڭىدۇ،
يۇقۇرىدىكى رىئاكسيەنىڭ تەڭلىمىسىنى يىزىپ بېقىڭە 。

intilguchi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 22:04:59

RE: ئىنتىلگۈچى:يۇلتۇزلار ھەققىدە

muhakima يوللىغان ۋاقتى  2015-1-15 21:35 static/image/common/back.gif
HكۆيۈپHeغا ئايلىنىدۇ،HeكۆيۈپCغا،CكۆيۈپOغا....داۋاملىشىپ م ...

H+H~He, bu bir adihina tanglima...jik kitaplarda ba...H taki kuyup O hinha aylanhan zanjirsiman raksiya tanglimisi putun birilgan... xunga bu suanglingz bakla artukqa wa kasip ahli amas bir sual...

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 22:17:42

intilguchi يوللىغان ۋاقتى  2015-1-15 22:04 static/image/common/back.gif
H+H~He, bu bir adihina tanglima...jik kitaplarda ba...H taki kuyup O hinha aylanhan zanjirsiman ra ...

قېنى تۇلۇق يىزىپ باقمامسىز ، ئارىلىقتىكى جەرىياننى قىسقارتماي ، ھىدروگىننى بىۋاستە ئوكسىگىنغا ئايلاندۇرۇپ بېقىڭا ، ياكى كاربۇننى ، كاربۇن كۇيۇپ ئوكسىگىنغا ئايلىنىدۇ دەپسىز ، بۇ يەردىكى باشقا تەركىپ قېنى دىمەكچىمەن ، ئاددىسىنى يىزىپ مۇرەككەپتىن قاچماڭ ، ئىسىڭىزدە بولسۇنكى بۇ بىر  يىغىلىش رىئاكسىيە جەرىيانى ، كۇيۇش ئەمەس ، فىزىكىلىق جەرىيان ، خېمىيىلىك ئەمەس ، تىمىڭىزدا ۋە ئىنكاستا خېمىيىلىك جەرىيان دەپسىز ، سىزچە پىلازما ھالەتتە خېمىيىلىك جەرىياندىكى ھاسىل بۇلىدىغان مۇلىكۇلا بۇلامدۇ ؟

intilguchi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 22:30:49

RE: ئىنتىلگۈچى:يۇلتۇزلار ھەققىدە

muhakima يوللىغان ۋاقتى  2015-1-15 22:17 static/image/common/back.gif
قېنى تۇلۇق يىزىپ باقمامسىز ، ئارىلىقتىكى جەرىياننى ق ...

u tanglimilarni alburun yizip ispatlap qikarhan, bizga daris kipmu otidu, kiqiximning yaki bu kayta yizixim ning hajiti yok... uni kuyux dap asak tamaman bulidu.... sizga amdi kayturxumning hajiti yok...

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 23:11:20

intilguchi يوللىغان ۋاقتى  2015-1-15 22:30 static/image/common/back.gif
u tanglimilarni alburun yizip ispatlap qikarhan, bizga daris kipmu otidu, kiqiximning yaki bu kayt ...

ھەر بىر سۆزنى قىلغاندا ئۇنىڭ ئاساسىنى ئويلاش كېرەك ،  بۇ قارىماققا ئاددى ئىشتەك تۇرغان بىلەن ئىلىم ئەھلىگە مۇۋاپىق بولمايدۇ .
ئەگەر سىز نەنجىڭ ئونۋېرسىتىتىدا ياكى نەنجىڭدە بولسىڭىز 黄永锋 دوكتۇر يىتەكچىسىنىڭ دەرسىنى ياكى كىتابىنى كۇرۇپ باققايسىز . نەندا فىزىكا فاوكولتىتىدىكى فىرافىسۇر.

intilguchi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 14:03:33

muhakima يوللىغان ۋاقتى  2015-1-15 23:11 static/image/common/back.gif
ھەر بىر سۆزنى قىلغاندا ئۇنىڭ ئاساسىنى ئويلاش كېرەك ،   ...

مەن دېگەن سۆز ئىنتايىن ئىلمى، مەن NJU دا ئوقۇيمەن.  مەن ئاسترونۇم فىزىكىسى نوقتىسىدىن چىقىپ سۆزلىدىم. بىز ئۇ كىتابنى ئوقۇپ بولغان، مىنىڭ دېگنىم ئۇ كىتاب بىلەن ھىچقانداق زىت ئەمەس. سىز دۇنيا ئاسترونۇم ساھەسىدە قارشى ئىلىنىغان، ئىتىراپ قىلىنغان كىتابلاردىن:Kippenhahn & Weigert يازغان يۇلتۇزلانىڭ  تۇزىلىشى ۋە تەرەقىياتتى دېگەن، يەنە ئەنگىلىيە كامبىرىچ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ داڭلىق پىرافىسورى Peter Eggleton يازغان  جۇپ ۋە كوپ سىستېمىلىق يۇلتۇزلار ھەققىدىكى كىتابنى ئۇقۇپ باقسىڭىز بۇلىدۇ. سىز ئۆزڭىز خاتا چۇشىنىۋىلىپ قالايمىقان گەپ قىلماڭ. كەچۇرسىز ئىنكاس مۇشەگىچە...

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 20:44:28

intilguchi يوللىغان ۋاقتى  2015-1-16 14:03 static/image/common/back.gif
مەن دېگەن سۆز ئىنتايىن ئىلمى، مەن NJU دا ئوقۇيمەن.  مەن  ...

ئۇنداقتا ياخشى ، مۇمكىن بولسا ماڭا ياردەم قىلىپ تارتىش كۈچىدىن قىزىلغا كۇچۇشنى ئۆلچەش تەجرىبە نەتىجسى ۋە ئۇنىڭ نىسبىيىلىك نەزەرىيەسىدىكى مۇلچەر قىممەت ئۇتتۇرىسىدىكى پەرقىگە ئائىت سانلىق مەلۇماتلار  ھەم ئاسمان جىسىملىرى سۇقۇلۇشتىن بۇرۇنقى ۋە كىيىنكى ماسسا پەرقىگە دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى ئەۋەتىپ بىرەلەرسىزمۇ ؟ ماڭا (يىزىۋاتقان ماقالىگە) جىددى لازىم ئىدى ، رەھمەت.
بەت: [1]
: ئىنتىلگۈچى:يۇلتۇزلار ھەققىدە