تەڭرىتاغ كوماندىسى گۇاڭشىيا كوماندىسىدىن ئۆچىنى ئالدى
ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛ ئۈرۇمچى ۋاقتى 2015-يىلى1-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچ سائەت 00؛6دە ، 2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ ئوتتۇز ئىككىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى يىڭى ساھىپخان مەيدانى سانجى تەنتەربىيە سارىيدا جېجىياڭ گۇاڭشىيا كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى كوماندىسىدىن جۇچى بىلەن شىرئەلىجان يارىسى ياخشىلىنىپ مەيدانغا چىقتى ، تەڭرىتاغ كوماندىسى چەتئەللىك ئەزا ئاندىرى بىراچنىڭ 47 نومۇر، 19 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىشتەك ئالاھىدە ئىپادىسىگە تايىنىپ باشتىن ئاخرى ئۈستۈنلكنى ئىگەللەپ ئاخىرى 110-96 نەتىجە بىلەن رەقىبى جېجىياڭ گۇاڭشىيا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ. ئالدىنقى قىتىملىق ئۇچۇرشىشتا مەغلۇپ بولغاندىكى ئۆچىنى ئالدى. تەڭرىتاغ كوماندىسى ئۇدا ئۈچ مەيدان غەلبە قىلدى. تەڭرىتاغ كوماندىسى ئالدىنقى قىتىملىق ئۇچۇرشىشتا مىھمان مەيدانىدا 108-111 نەتىجە بىلەن جېجىياڭ گۇاڭشىيا كوماندىسىىغا ئۇتتۇرغان ئىدى.بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئۈچ ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى ئاندىرى بىراچ 47 نومۇر، 19 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ سىباستئان تېلفىر 20 نومۇر، 1 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ لىيۇۋىي 24 نومۇر، 2 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 1 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ سۇۋىي 6 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ قىرانبېك ماقان 5 نومۇر، 2 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ لىيۇشۇنەن 3 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ جۇچى 3 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 4قېتىم قالپاق كىيدۇردى ؛ شىرئەلىجان 2 نومۇرئالدى.
يىڭى پەسىللىك مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش رەت تەرتىپى بويىچە 2015-يىلى1-ئاينىڭ 21-كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى مىھمان مەيدانىدا بىيجىڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/forum.php
مۇشۇ قېتىملىق پەسىللىك مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى قانچە قېتىم ئۇتۇپ قانچە قېتىم ئۇتتۇرغان بولدى؟ رەت تەرتىپى بەشىنچىمۇ ئالتىنچىمۇ؟ ATLAN111 يوللىغان ۋاقتى 2015-1-15 18:36 static/image/common/back.gif
مۇشۇ قېتىملىق پەسىللىك مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى قا ...
1-،2-رەسىم شىنجاڭ كۇماندىسىنىڭ مۇسابىقە تەرتىپى
3-رەسىم شىنجاڭ كۇماندىسىنىڭ مۇسابىقە رەت تەرتىپى
شىنلاڭ تورىدىن ئېلىندى.
http://cba.sports.sina.com.cn/cba/schedule/all/?qleagueid=158&qmonth=&qteamid=11
بەت:
[1]