waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 19:39:23

شىرئەلىجان تۇغۇلغان كۈنىدە ئىللىقلىق يەتكۈزدى

  ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى 14-يانۋار خەۋىرى؛  1- ئاينىڭ 13- كۈنى شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ تەنھەركەتچىسى شىرئەلىجان مۇختەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، بۇ كۈنى مەشىق ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، شىرئەلىجان ئۆزى سىتىۋالغان 10 دانە ئوقۇغۇچىلار سومكىسى، 10 دانە ۋاسكېتبول، 10 قۇر كىيىم ۋە 5 جوپ تەنھەركەت ئايىقىنى ئېلىپ، سانجى شەھەرلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپكە يىتىپ كىلىپ، بۇ مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان 35 نەپەر تەنتەربىيەدە ئالاھىدىلىكى بولغان  قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىغا ئەھىيەتلىك « تۇغۇلغان كۇن سوغىتى » تەقدىم قىلدى، بالىلارنى تەنتەربىيەنى قىزغىن سۈيۇشكە، غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۇن تىرىشىشقا  رىغبەتلەندۇردى. بالىلار شىرئەلىجان ئۇچۇن تۇغۇلغان كۈن تورتتى تەقدىم قىلدى، تىز قىسمى ئىزچىل ياردار ھالەتتە تۇرىۋاتقان شىرئەلىجان ئۆز قولى بىلەن ھەر بىر بالىغا تورت كىسىپ بەردى، نەخ مەيدان كەيپىياتى ناھايىتى قىزغىن بولدى.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/forum.php

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 21:07:54

شىرئەلىجان سانجىلىقمۇ ؟
شىرئەلىنىڭ بىر يىللىق ئىلان باھاسىنى بىر مىليۇن دەپ ئاڭلىغان ……

altunchi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 22:22:29

شىرئەلىجان قەشقەردىنغۇ دەيمەن.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 22:39:44

شىنجاڭ كوماندىسى بۈگۈنكى جېجىياڭ بىلەن بولغان مۇسابىقە ئ‍ۈچۈن سانجىدىكى 2-ساھىپخان مەيدانىغا مەشىق قىلىش ئ‍ۈچۈن بىرەر كۈن بۇرۇن بارغاچقا شۇ مەكتەپ تاللىنىپ قالغان گەپمىكى دېدىمغۇ…

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

function يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 08:29:47

شىرئەلىجان نەلىك بولسا نېمە بوپتۇ؟ كىمگە نېمە بەرسە نېمە بولاپتۇ؟  مۇشۇ ئىشنىمۇ ئەمدى رول ئېلىش دەرىجىسىگە كۆتۈرىدىغان گەپما؟

BlackHand يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 09:01:49

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   BlackHand تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-15 09:07  

بىرەرسى بىرسىگە بىر نەرسە بىرىپتۇ دەپ ياقىڭىزغا ئ‍ېسىلدىما؟
قولىڭىزدىن كەسە سىزمۇ شۇنداق قىلىڭە تىلىۋوزۇر، ئ‍ىنتىرنىت تورى قاتارلىق مىدىيالاردا نامىڭىز چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىزمۇ سىلەردەك قوڭى ئ‍وچۇق، سىخى ئ‍ۇيغۇرلاردىن پەخىرلىنىپ مەيدىمىزنى كىرىپ يۈرىمىز كوچا كويلاردا.
رول ئ‍ېلىش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش دەپ قاپسىز. بۇ يەدە ھىچكىم ھىچنىمىنى ھىچنەسىگە كۆتۈرمىدى. سىز ئ‍ۆزىڭىز كۆتۈرۈۋاغان ئ‍وخشايسىز.
چىك ئ‍ااااااا......  بۇ يەدە جىق گەپ قىلىدىغانغا ۋاختىم يوقتى مىنىڭ.
ھە راس ئ‍ەلى قارام چۈشەندۈرۈپ قويسۇنا سىزگە.ھەر بىر سۆزنى تادۇلاپ.
تۆت تادۇ پەلسەپېسى بويىچە ھە.

atella يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 20:37:23

ساقال نوچىكە...جەنۇپقا ئالدىراپ كىلەلمىگۈدەك...
بەت: [1]
: شىرئەلىجان تۇغۇلغان كۈنىدە ئىللىقلىق يەتكۈزدى