ErqalMedia يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 18:33:50

ئىگىلىك تىكلەش مەبلىغىنى قانداق توپلايمىز

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ErqalMedia تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-14 18:36  

2014-يىلى دۇنيا ئىقتىسادى ئومۇميۈزلۈك كاساتلاشتى. رۇسىيە، ئۇكرائىنا توقۇنۇشى سەۋەبلىك غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيەگە ئىقتىسادىي ئىمبارگو يۈرگۈزۈشى بىلەن خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن چۈشۈشى،  رۇبلى كىرزىسى ۋە باشقا بىر قاتار ئىقتىسادىي مەسىلىلەر كېلىپ چىقتى. «دۇنيا زاۋۇتى» بولغان جۇڭگومۇ بۇ خىل ئىقتىسادىي كاساتلىشىشنىڭ بىۋاستە تەسىرىگە ئۇچرىدى. ئەلۋەتتە، رايونىمىز شىنجاڭدىكى ھەر بىر كارخانا-كارخانىچى، جۈملىدىن سودىگەر، تىجارەتچىلەردىن تارتىپ، ئاددىي ئېستىمالچىلارغىچە بۇ ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىگە بىلىپ-بىلمەي ئۇچرىماقتا. پەرەز قىلىنىشىچە، 2015-يىلىمۇ دۇنيا ۋە جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى كاساتلىق داۋاملىشىدىكەن.

دەل مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە، ئەرقال رايونىمىزدىكى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۈچۈن 2015-يىلىدىكى ئىقتىسادىي كاساتلىققا قانداق تاقابىل تۇرۇش،  قانداق قىلىپ ئىگىلىك تىكلەش مەبلىغى توپلاش تېمىسىدا بىر مەيدان لېكسىيە ئورۇنلاشتۇردى.

لېكسىيە تېمىسى:

2015-يىلى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر مەبلەغنى قانداق  ئۇيۇشتۇرۇشى كېرەك؟

ۋاقتى:
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى پەيشەنبە كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى 5:30-9:30

لېكسىيە تەرتىپى:
5:30-7:30 لېكسىيە
7:30-8:30  ئورتاقلىشىش: ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر  ئەڭ يېڭى تۈر ئۇچۇرلىرىنى ئورتاقلىشىدۇ
8:30-9:30 پىكىر ئالماشتۇرۇش: ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بىلەن مەبلەغ سالغۇچىلار ئۇچرىشىدۇ

لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەر:
قۇدرەت ياقۇپ
ئەرقال كاپىتالىنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى ۋە لىدېرى، يابۇلى جۇڭگو كارخانىچىلار مۇنبىرىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى، ۋال كوچىسىدىكى مەبلەغ سېلىش ئورگىنىدا خىزمەت قىلغان، قوشۇن تەشكىللەپ كىرىمنىي جىلغىسىدا ئىگىلىك تىكلىگەن، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن.


تۇرسۇن ئەلى
ئەرقال كاپىتالىنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى ۋە مۇئاۋىن لىدېرى، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى كارخانا ئىستراتېگىيە كافېدىراسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ ئارمان گۇرۇھى، جېجياڭ تيەنرۈن گۇرۇھى قاتارلىق كارخانىلارنىڭ ئىستراتېگىيە مەسلىھەتچىسى بولغان، ئاپتونوم  رايونلۇق  ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ  دائىمىي  ھەيئەت  ئەزاسى، گېرمانىيە مىيۇنخېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا   بىلىم ئاشۇرغان.


پائالىيەت ۋاقتى:
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى پەيشەنبە كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى سائ‍ەت 5:30 دا باشلىنىدۇ.
پائالىيەت ئورنى:
ئەرقال كارخانىچىلار كۇلۇبى (ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى -389 نومۇر تاشقى سودا ئالىي مېھمانسارىيى -4قەۋەت)
بېلەت باھاسى: 250 يۈەن   
قاتناشقۇچىلار:  200 نەپەر بىلەنلا چەكلىنىدۇ
بېلەت سېتىش ئورنى: ئۈرۈمچى شەھىرى ئەرقال كۈتۈۋېلىش ئورنى (تاشقى سودا ئالىي مېھمانسارىيى 4-قەۋەت)
تېلېفون نومۇرى: 0991-2887000          15099083154        13201228697        

ئالدىنقى قېتىملىق لېكسىيە خاتىرىلىرى
http://bbs.izdinix.com/thread-61583-1-1.html
لېكسىيە تېمىسى: ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى 10 ئاساسلىق سەۋەب ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى
لېكسىيە سۆزلىگۈچى: قۇدرەت ياقۇپ

1-باسقۇچ (لېكسىيە):


2-باسقۇچ (ئورتاقلىشىش):
لېكسىيەگە قاتناشقۇچىلار ئۆزلىرى شۇغۇللىنىۋاتقان ۋە شۇغۇللانماقچى بولغان تۈرلەرنى تۇنۇشتۇردى ھەمدە ئۆزلىرىگە ھەمكارلاشقۇچى ۋە مەبلەغ سالغۇچى تەكلىپ قىلدى.


3-باسقۇچ (پىكىر ئالماشتۇرۇش):
لېكسىيەگە قاتناشقۇچىلار كۆپ خىل ساھەلەر بويىچە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، تەرەققىيات يۈزلىنىشى، تۈر، ھەمكارلاشقۇچى، مەبلەغ قاتارلىق مەزمۇنلاردا قىزغىن سۆھبەتلەشتى.

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 19:53:10

گەرچە مەن ئىگىلىك تىكلەپ بولالمىغان بولساممۇ ئىگىلىك تىكلەش يولىدا ئىزدىنىۋاتاتتىم ، ئۇرۇمچىگە بىرىپ بۇ لىكسىيەنى ئاڭلاپ كىلىشىمنىڭ ماڭا ياردىمى قانچىلىك بولار ئىككىلنىپ قالدىم ، بۇ توت سائەتلىك لىكسىيە ئۇچۇن ئازدىگەندىمۇ ئۇرۇمچىگە بىرىپ - كىلىش چىقىملىرى بىلەن 1000 يۇەن چىقىم كەتكۇدەك .

boss يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 20:13:56

RE: ئىگىلىك تىكلەش مەبلىغىنى قانداق توپلايمىز

Qashqari يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 19:53 static/image/common/back.gif
گەرچە مەن ئىگىلىك تىكلەپ بولالمىغان بولساممۇ ئىگىلىك  ...

1000 يۈەن چىقىم قىلىشقا ئىككىلىنىپ قالغان بولسىڭىز ، مەنچە بۇنداق لېكسىيەلەرگە قانتاشماڭ ، بۇ لېكسىيەلەر ئاللىقاچان ئىش باشلاپ بولغان ، ئاز دىگەندە نەچچە يۈز مىڭ پۇلى بارلارغا ماس كېلدۇ ،

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 20:21:56

مەبلەغنى مۇشۇنداق توپلىسىمۇ بولىدىكەن ھە

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 20:31:10

ئىگىلىك تىكلەش مەسىلىسىدە مەنمۇ بەك ئويلىنىشتا قالدىم.
1. بىرەر ئىككى يىل ئىشلەپ مەبلەغ يېغىپ تىجارەت قىلايمۇ؟
2. ياش چېغىمدا بىرەر ھۇنەرنىڭ پىشىنى چىڭ تۇتايمۇ?
3.ھازىردىن باشلاپلا كىچىك تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنايمۇ؟
ھەي زادى قانداق قىلسام بولاركىن تاڭ

nur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 21:48:16

Qashqari يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 19:53 static/image/common/back.gif
گەرچە مەن ئىگىلىك تىكلەپ بولالمىغان بولساممۇ ئىگىلىك  ...

ئۆتكەن يىلىنىڭ بىشىدا مەن ئەرقالنىڭ كەلگۈسى كارخانىچىلار پروگراممىسىغا قاتناشقان.شۇ قىتىمقى پائالىيەتنىڭ ئوقۇش پۇلى 4000 يۇەن ئىدى.ماڭا نىسپەتەن قىمەت دىگىلى بولمايتتى.مەن قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە شۇ پروگراممىغا قاتنىشىپ بىقىش ئۈچۈن تەخمىنى چىقىمنى ھىساپلاپ 16مىڭ يۇەن ئەتراپىدا پۇل كىتىدۇ دەپ مۆلچەر قىلدىم.ئۈرۈمچىگىمۇ كەلدىم،پروگراممىغىمۇ قاتناشتىم.ياتاقتا دەسلەپكى ئون كۈندە تاشقى سودا مىھمانسارىيىدا ياتتىم.كىيىنكى يىگىرمە كۈندە باشقا مىھمانسارايغا چۈشتۈم.بىر ئايدىن كېيىن قەشقەرگە قايتىپ كىلىپ ھىساپلاپ باقسام كارتامدىن 47مىڭ يۇەن پۇل كەملەپتۇ.دىمەك مىنىڭ شۇ قىتىمقى ئوقۇش پۇلۇمغا 47 مىڭ يۇەن پۇل سەرپ قىلىندى.لىكىن قەتئىي ئىغىر كەلمىدى.نىمىشقا دىسىڭىز مەن ئەرقالدا ئۇزۇندىن بۇيان كاللامدا شەكىللىنىپ قالغان ئەنئەنىۋى سودا-تىجارەت ئەندىزىسىنى يىڭىلاپ كەلدىم دە ئىككى  كۈن ئارام ئالغاندىن كېيىن دەرھال ئۈگەنگەن ھۈنەر بويىچە دۇكانلىرىمدىكى مەسىلىنى ئىزدەشكە باشلىدىم.مەسىلىدىن تولا ھىچنىمە يوق.ئۈچىنجى ئاي بىر ئاينى مەسىلىنى تۈگىتىشكە،ۋە سودىنى ئاشۇرۇشقا قاراتتىم.
ئۈنۈمى بىر ئايدا كۆرۈلۈشكە باشلىدى.ئۈچىنجى ئايلىق سودا ئەسلىدىكى مۆلچەردىن 50% تىن كۆپرەك.تۆتىنجى ئايلىق سودا ئالدىنقى ئايلىق سودىدىن 200% ئەتراپىدا ئىشىپ ماڭدى.گەپنىڭ قىسقىسى مەن ئەرقالدا خەجلىگەن پۇلنى پەقەت 10 كۈندە قايتۇرۋالغاندىن سىرت بىر مۇنچىلىغان پايدىغا ئىرىشتىم.شۇڭا ئەرقال دىسە قۇلىقىمغا خىلى ئابدان خوشياقىدۇ

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 08:38:41

نۇر ئەپەندىم ، ئەگەر  بىئەپ بوممىسا 47مىڭنىڭ تەپسىلى تىزىملىكنى ئاشكارلاشقا بۇلامۇ،  بىزلەرگە چۇقۇم پايدىسى تىگىدۇ

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 09:35:11

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 20:31 static/image/common/back.gif
ئىگىلىك تىكلەش مەسىلىسىدە مەنمۇ بەك ئويلىنىشتا قالدىم ...

بىرىنچى پىلانىڭىز بولىدىكەن. ھازىر ئائىلە مۇلازىمەت كەسپىگە (سۇچىلىق، توكچىلىق، پارچىلىق ۋە باشقا قاداقچىلىق) جەمىيەتنىڭ ئىھتىياجى كۈچلۇك.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 10:16:04

KAPITAN39 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-15 09:35 static/image/common/back.gif
بىرىنچى پىلانىڭىز بولىدىكەن. ھازىر ئائىلە مۇلازىمەت  ...

مەنمۇ شۇنداق ئويلىدىم،  ئازراق مەبلەغ توپلىۋالسام نىمىلا قىلسام قىلالايمەن ، قەرز ئېلىشنىمۇ ئويلىغانتىم ناچار ئاقىۋەتلىرى كۆز ئالدىمدىن كەتمەي ئاخىرى ئىشلەش قارارىغا كەلدىم.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 12:40:21

nur يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 23:48 static/image/common/back.gif
ئۆتكەن يىلىنىڭ بىشىدا مەن ئەرقالنىڭ كەلگۈسى كارخانىچ ...

تەپسىلىيراق سۆزلىمەمسىلەر؟

nur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 20:09:08

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-15 12:40 static/image/common/back.gif
تەپسىلىيراق سۆزلىمەمسىلەر؟

تەپسىلى سۆزلىسەم يازالماي قالدىممۇ ياكى قانداق بولدى ئۆچۈرۋىتىپتۇ يازغان ئىنكاسىمنى

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 20:40:51

جۇڭگۇ ئىختىسادى كاسادلىشىدۇ، بىۋاستە رۇبلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇردى. بۇنىمە گەپ ئەمدى؟ پاي بازىرى ئۆسەپ3400 نوختىغا چىقسا، بازار كاساد دىسە بۇ ئەقىلغە مۇۋاپىق ئەمەس. پاي بازىرى دىگەن ئىختىسادنىڭ تىرمۇمىتىرى، ھازىر جۇڭگۇ ئىختىسادى ناھايتى ياخشى دەۋرى.
بەت: [1]
: ئىگىلىك تىكلەش مەبلىغىنى قانداق توپلايمىز