ئالتۇن سودا تەھلىلى ۋە ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى 14-01
ئاساسى ئانالىز:تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى ياۋرۇپا نىڭ ئەتتىگەنلىك بازىرىدا يۇقىرى ئۆرلەپ 1240 دوللاردىكى سەۋىيىنى كۆرسەتكەن ، بىراق كېيىنكى بازار يۆلىنىشىدە 1235 دوللار ئەتراپىدا تەۋرەنگەن ، ئەڭ يۇقىرى باھا 1243.60 دوللارغا چىقىپ 2014 - يىلى 10 - ئايدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى ياراتقان ، شۇندىن كېيىن ياۋروپا پاي چېكى ۋە دوللار كۆرسەتكۈچنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى سەۋەبىدىن ئالتۇن باھاسى سەل تۆۋەنلىگەن .
بۈگۈن ئاسىيا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى جۇڭگونىڭ چەت ئەل سودىگەرلىرى بىۋاستە مەبلەغ سالغان سانلىق مەلۇماتى ، ئەگەر جۇڭگو مەلۇماتىنىڭ نەتىجىسى ئاجىز چىقسا تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلارنىڭ تۆۋەنلەش يۆلىنىشى كۈچىيىشى مۇمكىن ، شۇنداقلا ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن .
ياۋرۇپا ۋاقتىدا ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ياۋرو رايونى سانائەت ئىشلەپ چىقىرىش سانلىق مەلۇماتى ، فرانسىيە ۋە ئىتالىيىنىڭ پۇل پاخاللىشىش سانلىق مەلۇماتى قاتارلىقلار ، ئەگەر ياۋرو رايونى سانلىق مەلۇماتى ناچار چىقسا ياۋرو پېرېۋوت نىسبىتى بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن . ئامېرىكا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئامېرىكا پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتى ، ئەگەر سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ياخشى چىقسا دوللارغا پايدىلىق بولىشى مۇمكىن .
مەشغۇلات باسقۇچى :
1.ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى 1234-1225 دوللار ئارلىقىدا تەۋرەندى ، ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى چۈشۈشنى ئاساس قىلدى . چۈشلۈك ئاسىيا بازىرىدا 1225 دوللاردىن كەتمىسە ئۆرلەشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللار دا توختىتىپ پايدىسىنى 1230-1235 ئارلىقىدا چىقىرىشقا بولىدۇ . ئەگەر 1225 دوللاردىن چۈشۈپ كەتسە ھەمدە 1230 دوللار ئەتىراپىدىن چۈشۈشكە ئالغان مال بولسا پايدىسىنى 1220دوللاردا چىقىرشقا بولىدۇ .
2. ياۋرۇپا بازىرىدا 1220 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىسە ئۆرلەشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللار دا توختىتىپ پايدىسىنى 1235-1230 دوللاردا چىقىرىشقا بولىدۇ .
3. ئالتۇن باھاسى بىر كۈن ئىچىدە 1220 دوللار 1215 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىسە ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولىدۇ .
چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1245 1238
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1225 1220
بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1215-1240
بۈگۈنكى تىرەش نۇقتىسى 1215
بۈگۈنكى بۆسۈش نۇقتىسى 1250
مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .
ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش
بۈگۈنكى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچ 92.25 ئەتراپىدا ئايلاندى ، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1230 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى ، تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى ياۋرۇپا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا يۇقىرى ئۆرلەپ 1240 دوللاردىكى يۇقىرى سەۋىيىنى كۆرسەتكەن ، بىراق كېيىنكى بازار يۆلىنىشىدە 1235 دوللار ئەتراپىدا تەۋرەنگەن ، ئەڭ يۇقىرى باھا 1243.60 دوللارغا چىقىپ 2014 - يىلى 10 - ئايدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى ياراتقان ، شۇندىن كېيىن ياۋروپا پاي چېكى ۋە دوللار كۆرسەتكۈچنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى سەۋەبىدىن ئالتۇن باھاسى سەل تۆۋەنلىگەن . بۈگۈن ئاسىيا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى جۇڭگونىڭ چەت ئەل سودىگەرلىرى بىۋاستە مەبلەغ سالغان سانلىق مەلۇماتى ، ئەگەر جۇڭگو مەلۇماتىنىڭ نەتىجىسى ئاجىز چىقسا تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلارنىڭ تۆۋەنلەش يۆلىنىشى كۈچىيىشى مۇمكىن ، شۇنداقلا ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن . ياۋرۇپا ۋاقتىدا ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ياۋرو رايونى سانائەت ئىشلەپ چىقىرىش سانلىق مەلۇماتى ، فرانسىيە ۋە ئىتالىيىنىڭ پۇل پاخاللىشىش سانلىق مەلۇماتى قاتارلىقلار ، ئەگەر ياۋرو رايونى سانلىق مەلۇماتى ناچار چىقسا ياۋرو پېرېۋوت نىسبىتى بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن . ئامېرىكا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئامېرىكا پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتى ، ئەگەر سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ياخشى چىقسا دوللارغا پايدىلىق بولىشى مۇمكىن .
ئەسكەرتىش :
نۆۋەتتە ئالتۇننىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 242.65 يۈەن ؛
كۈمۈشنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 3.28 يۈەن ؛
1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ ؛
يېقىنقى مەزگىلدە قىممەتلىك مېتاللارنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولدى
يېقىنقى مەزگىلدە قىممەتلىك مېتاللارنىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى بولدى ، بولۇپمۇ كۈمۈشنىڭ باھاسى بۇيىل كىرىپ ھازىرغىچە 8% يۇقىرى ئۆرلىگەن ، ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈش ئاساسى 5% ئەتراپىدا بولغان .
خام نېفىت باھاسىنىڭ چوڭ ئاساستا چۈشۈشى خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجىنى ئېلىپ كەلدى ، ئامېرىكا دۆلەت زايوم پايدا نىسبىتى تۆۋەنلىگەن ، شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرىدە ئۆزگىرىش بولغان .
بازار دولقۇنىنىڭ چوڭ بولىشى سەۋەبىدىن ، كۈمۈش باھاسى ئۇچرىغان قوزغىتىش كۈچى ئالتۇن باھاسىدىن چوڭ بولغان .
نۆۋەتتىكى خام نېفىت ئامېرىكا پاي چېكى ۋە ئالتۇننىڭ بازار ھالىتى
شياڭگاڭ يۇڭفېڭ پۇل مۇئامىلە گۇرۇھى 1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە ، خام نېفىت باھاسى داۋاملىق چۈشۈشكەن ، مىس باھاسىمۇ تۆۋەنلىگەن ، ئامېرىكا پاي چېكى چۈشكەن ، ئالتۇن باھاسى چۈشكەن ، ئالتۇننىڭ ماددىي بۇيۇم ئېھتىياجى نىسبەتەن كۈچلۈك بولغان ، تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى1244 دوللاردىكى يۇقىرى نۇقتىغا چىققان بولۇپ ، بۇ باھا 12 ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتكەن .
ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ QE سىياسىتىگە بولغان مۆلچەرىنىڭ نەتىجىسىدە ، دوللار كۆرسەتكۈچ تىرەكلىك رولىغا ئېرىشكەن ، شياڭگاڭ يۇڭفېڭ پۇل مۇئامىلە گۇرۇھى كۆرسەتمە بېرىپ ، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى سەۋەبتىن ئوتتۇرا-ئۇزۇن مۇددەت ئىچىدە ئالتۇن باھاسى تۆۋەنلىشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتتى .
ئالتۇن باھاسىنىڭ قايتا ئۆرلىشىگە پايدىلىق بولغان 5 چوڭ ئامىل
1 . خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى ؛
2 . خام نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ؛
3 . دوللار باھاسىنىڭ چۈشىشى ؛
4 . ئامېرىكا پاي چېكىنىڭ چۈشىشى ؛
5 . ئاسىيا ماددىي بۇيۇم ئېھتىياجىنىڭ ياخشىلىنىشى ؛
پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى مۇھىم ئىش ۋەقەلەر
1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ QE سىياسەت مۆلچەرى تېز سۈرئەتتە يۇقىرى ئۆرلىگەنلىكى سەۋەبىدىن ، ياۋرو / دوللار قايتىدىن تۆۋەنلەپ 9 يىلدىكى تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسەتتى ؛ قىممەت مېتاللار باھاسى چوڭ ئاساستا ئۆرلەپ ، خەلقئارا خام نېفىت باھاسى كىچىك ئاساستا تۆۋەنلىدى ، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى ئۆرلەش تۆۋەنلەش ھالىتىنى كۆرسەتتى ؛ بۇ سودا كۈندە ئامېرىكا پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتى قاتارلىق مۇھىم ئىش ۋەقەلەر بازاردىكىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولدى .
كۆپلىگەن ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، تۈنۈگۈن ئالتۇن 2014 - يىلى 10 - ئاينىڭ 23 - كۈندىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىسى 1240 دوللارغىچە ئۆرلىگەندىن كېيىن ، نەخ ئالتۇن باھاسى 2.6 دوللار تۆۋەنلىگەن ، تۆۋەنلەش ئاساسى 0.21% بولۇپ ، بازار يېپىلىش باھاسى 1230.60 دوللار بولغان ؛ دوللارنىڭ كۈچىيىشى ۋە ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى تەسىرىدە Comex قەرەللىك ئالتۇن باھاسى كىچىك ئاساستا 1.60 دوللار ئۆرلىگەن ، ئۆرلەش ئاساسى 0.13% بولۇپ ، بازار يېپىلىش باھاسى 1234.40 دوللار بولغان ؛
نېفىت باھاسى تۆۋەنلەپ 45 نۇقتىدىكى ئۆتكۈلىنى بۆسۈپ ئۆتكەندىن كېيىن ، تۆۋەن نۇقتىدىكى بازار نېفىت باھاسىنىڭ ئەسلىگە قايتىشىغا تىرەش كۈچى بولغانلىقى سەۋەبىدىن خام نېفىت باھاسى كىچىك ئاساستا تۆۋەنلىگەن .
خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى ئوتتۇرچە باھاسى
2015 - يىلى 1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى جۇڭگو خەلق بانكىسى جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىگە ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئىلان قىلغاندىن بانكىلار ئوتتۇرسىدىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى ئوتتۇرچە باھاسى :
1دوللار 6.1205 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 ياۋرو 7.2220 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 100 يېن 5.2164 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 شىياڭگاڭ دوللىرى 0.78940 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 فوندستېرلىڭ 9.3079 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 ئاۋسترالىيە دوللىرى 5.0159 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 يېڭى زېللاندىيە دوللىرى 4.7501 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ سىنگاپور دوللىرى 4.6053 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 كانادا دوللىرى 5.1196 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.58066 رېنگىت ) مالايسىيا پۇل بىرلىكى( قا تەڭ بولدى ؛ 1 يۈەن خەلق پۇلى 10.5544روسىيە رۇبلىغا تەڭ بولدى ؛ 1 تۈركىيە لىراسى 2.7040 يۈەن خەلق پۇلغا ، 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.3698 تۈركىيە لىراسىغا تەڭ بولدى .
ئەسلى مەنبە ؛ ئۇيغۇر ئالتۇن تورى
بەت:
[1]