Elkun يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 17:41:12

 ئەلكۈن: تارتارىيەدىن خەۋەر - پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Elkun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-14 17:44  


“تارتارىيەدىن خەۋەر - پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر” ناملىق كىتاپ ھەققىدە
 
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن


ئاپتور Peter Fleming  ھەققىدە: 
 
“تاتارىيەدىن خەۋەر - پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر” (News from Tartary: A Journey from Peking to Kashmir) ناملىق بۇ ساياھەت كىتابىنىڭ ئاپتورى Peter Fleming بۈيۈك بىرتانىيىنىڭ 1930- يىللىرىدىكى ئاتاقلىق تەۋەككۈل ساياھەت يازغۇچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ “بىرازىلىيەگە تەۋەككۈلچىلىك” (Brazilian Adventure) ناملىق ساياھەت كىتابى 1933- يىلى نەشر قىلىنىشى بىلەن كىتابخانلارغا تونۇلغان. “تارتارىيەدىن خەۋەر - پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر’ ناملىق بۇ كىتاب 1936- يىلى بۈيۈك بىرتانىيىنىڭ ئوكسفورد ئادەن نەشرىياتىدا (Alden Press) نەشر قىلىنغان. كىتابنىڭ ئاپتورى Peter Fleming ئەنگلىيەنىڭ ئوكسفورد شەھىرىگە يېقىن Wallingford يېزىسىدا 1907 - يىلى 31- ماي شوتلاندىيىلىك باي بانكىر Valentine Fleming (ۋىنستىن چېرچېل Winston Churchill نىڭ يېقىن دوستى) ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. Peter Fleming نىڭ ئىنىسى Ian Fleming بىرتانىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى تەسۋىرلەنگەن “James Bond” ھېكايىسىنى 1953- يىلى يېزىپ نام قازانغان. Peter Fleming ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېنگلىز تىل - ئەدەبىيات كەسپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن 1935- يىلى ئاتاقلىق ئارتىس Celia Johnson بىلەن توي قىلغان ۋە ئۇچ پەرزەنتلىك بولغان. Peter Fleming 1971 - يىلى 18- ئاۋغۇست يۈرەك كېسىلى بىلەن شوتلاندىيىنىڭ Argyll شەھىرىدە ۋاپات بولغان.
 
 
كىتاب ھەققىدە:
 

“تارتارىيەدىن خەۋەر - پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر” ناملىق بۇ ساياھەت كىتابى 384 بەت بولۇپ، كىتابتا 1934 - يىلى Peter Fleming نىڭ  لوندوندىن موسكۋاغا ئاندىن موسكۋادىن كاۋكازغا كېلىپ، كاسىپى دېڭىزىدىن ئۆتۈپ، سەمەرقەنت، تاشكەنت شەھەرلىرى ئارقىلىق “تۈرك - سىبېرىيە” پويىزى بىلەن، كېيىن “تىرانس-سىبېرىيە” پويىزى ئارقىلىق پېكىنگە (ھازىرقى بېيجىڭ شەھىرى) يىتىپ كەلىدۇ. كېيىن 1935- يىلى 2- ئاينىڭ 16- كۈنى پېكىندىن كەشمىرگە سەپەرگە ئاتلىنىدۇ. ئۇ سەپىرىدە پېكىندىن پويىز بىلەن شىئەنگە كېلىپ ئاندىن يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن لەنجۇغا كېلىدۇ. لەنجۇدىن قوتاز، ئات، ئېشەك، تۆگە ئىشقىلىپ مۇمكىن بولغان تۈرلۈك قاتناش ۋاسىتىلىرى بىلەن كۆكنۇر (چىڭخەي) چايدام ئويمانلىقىنى كەسىپ ئۆتۈپ، ئالتۇن تاغنىڭ شىمالى ئېتەكلىرىنى بويلاپ غەربكە قاراپ مېڭىپ غاز كۆل، تېيجىنار، ئىسسىق پاختا، كونا ماڭناي، تۆمۈرلۈك (ھازىر بۇ يەرلەر چىڭخەي ئۆلكىسىگە تەۋە) قاتارلىق يېزا- بازارلارنى كېزىپ، ھازىرقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چاقىلىق ناھىيە تەۋەسىگە كىرىپ يېتىمبۇلاق، يىلۋاچىمەن قاتارلىق يېزا بازارلارنى ئارقىلىق چەرچەن بازىرىغا كېلىدۇ. كېيىن سەپىرىنى داۋام قىلىپ، نىيە، كېرىيە، خوتەن، گۇما، قاغىلىق، ياركەن قاتارلىق يۇرتلارنى ئايلىنىپ قەشقەرگە كېلىدۇ. قەشقەردىن يېڭىسار، تاشقورغان ئارقىلىق كەشمىرگە قاراپ يولغا چىقىپ گىلگىتتىن (ھازىرقى پاكىستاننىڭ بىر شەھىرى) ئۆتۈپ ئەينى ۋاقىتتىكى بۈيۈك بىرتانىيە مۇستەملىكىسىدىكى ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى كەشمىر ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى سرىناگار شەھىرىگە 1935- يىلى 12 - سېنتەبىر يېتىپ كېلىدۇ. دېمەك  ئاپتور Peter Fleming ئۆزىنىڭ بۇ سەپەر جەريانىدا كۆرگەن، بىلگەنلىرىنى ئەتراپلىق بايان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى بۇ تەۋەككۈلچىلىك سەپىرى دەل ئىچكى جۇڭگو تۇراقسىز سىياسىي كىلىماتقا يۈزلەنگەن، گومىنداڭ ئارمىيىسى 36- دېۋىزىيىسىنىڭ تۇڭگان قوماندانى ما جوڭيىڭ ئىسيان كۆتۈرۈپ شىنجاڭغا باستۇرۇپ كەلگەندىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان مۇرەككەپ سىياسى ۋەزىيەتكە “تۇڭگان يېغىلىقى” قوشۇلۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆپلىگەن شەھەر – بازارلىرىنى ئۇرۇش ئاپەتلىرى قاپلىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قانلىق سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتى بىلەن سوۋېتلار ئىتتىپاقى ۋە بۈيۈك بىرتانىيە بىلەن شېڭسەي، گومىنداڭ ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك سىياسىي ئويۇنلار يەنى “بۈيۈك شاھمات تاختىسى” ئويۇنىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ ئوبرازلىق بايان قىلىدۇ.  ما جوڭيىڭ ئەسكەرلىرى 1934- يىلى ئاپىرېلدا قەشقەر شەھىرىنى پۈتۈنلەي ئىستىلا قىلىپ، قەشقەردە قۇرۇلغان “شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى” ئاغدۇرۇپ ئۇزاق ئۆتمەي سوۋېت ۋە شېڭسەي ئەسكەرلىرىنىڭ زەربىسى بىلەن داۋاملىق جەنۇبقا قاراپ قېچىپ خوتەن رايونىنى ئىگىلەيدۇ.
 
 
ما جوڭيىڭ ئورۇن باسار قوماندانى ما خۇسەننى 10 مىڭ كىشلىك تۇڭگان ئەسكەرلىرى بىلەن خوتەننى ئىشغال قىلىپ تۇرۇشقا قالدۇرۇپ ئۆزى بىر قىسىم ئەسكەرلىرى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىگە قېچىپ كېتىدۇ. مىلىتارىست ما خۇسەننىڭ تۇڭگان ئەسكەرلىرى 1935- يىلىنىڭ باشلىرىدا  “چاقىلىق قوزغىلىڭى”  باستۇرۇپ، قوزغىلاڭچىلار باشلىقى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنى گۆرۈگە ئېلىپ خوتەنگە ئېلىپ كېتىپ، 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قوزغۇلاڭچىلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىپ سازايى قىلىش بىلەن پۈتۈن خوتەن رايونلىرىنى ئىشغال قىلىپ "تۇڭگانىستان" دۆلىتىنى قۇرۇدۇ. مەزكۇر كىتاپ ئاپتورى Peter Fleming دەل مۇشۇ بوران - چاپقۇنلۇق ئوزگۇرۇشلەر،  قانلىق ۋەقەلەر يۈز بېرىۋاتقان ۋاقىتتا كەشمىرگە يول ئالغان سەپەرى يولىدا چاقىلىققا كېلىدۇ. كېيىن ئاپتور كىتابىدا تۇڭگان ما خۇسەننىڭ ئەسكەرلىرى ئىشغال قىلغان بۇ خوتەن دىيارى زېمىننى “تۇڭگانىستان جۇمھۇرىيىتى” دەپ ئاتايدۇ.
 
 
بۇ كىتابنىڭ تارىخىي قىممىتى
 

دېمەك مانجۇ - چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ گېنېرالى زو زۇڭتاڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەدىمىي شەھىرى قەشقەردە قۇرۇغان ۋە 10 يىل ھۆكۈم سۈرگەن “ياقۇپبەگ” بەدۆلەت ھاكىمىيىتىنى مەغلۇپ قىلىپ، بۇ ئەلگە زو زۇڭتۇڭنىڭ تەلىپى بىلەن مانجۇ - چىڭ ئىمپېريىسى مەركىزى ھۆكۈمىتى 1884- يىلى تۇنجى قېتىم “شىنجاڭ” دەپ نام بېرىشى بىلەن بۇ ئەل رەسمىي مانجۇ - چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ قارمىقىدىكى بىر ئۆلكىسى بولغاندىن تارتىپ ئەسىرلەپ بۇ ئەلدە داۋام قىلغان ئۇرۇشلار بىر مەھەل پەسكويغا چۈشىدۇ. ئەمما 1911-يىلى مانجۇ - چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە يۈز بەرگەن خەن مىللىتىنىڭ مىللىي مۇستاققىللىق، ئويغىنىش ھەرىكىتى يەنى شىنخەي ئىنقىلابى بىلەن پۈتۈن مانجۇ - چىڭ ئىمپېريىسى ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلۇپ 1912- يىلى ئورنىغان “جۇڭخۇا  رېسپوبلىكىسى” (中华民国) قۇرۇلغاندىن كېيىن مانجۇ - چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ شىنجاڭدىكى باشقۇرغۇچىسى يۇئەن داخۇا ئىچكىرى ئۆلكىگە قېچىپ كېتىپ، ئۇنىغا ئۇنىڭ ئورۇن باسارى ياڭ زېڭشىننىڭ ئولتۇرىشى بىلەن بۇ ئەل يېڭى زاماندىكى خەن مىللىيتارىست باندىتلاردىن تەشكىللەنگەن ھاكىمىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىغا چۈشىدۇ ھەم شۇنىڭدىن باشلا ئۇرۇش- يېغىلىقلار بۇ ئەلدە يەنە ئۈزۈلمەي داۋام قىلىدۇ.


ئاپتور Peter Fleming “تارتارىيەدىن خەۋەر - پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر” ناملىق بۇ كىتاپقا نېمە ئۈچۈن «تارتارىيە» ئاتالغۇسىنى قوللانغانلىغى ھەققىدە كىتاپنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا تۆۋەندىكىدەك ئىزاھات بېرىدۇ:

« “تارتارىيە” دېگەن بۇ سۆز بىر جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇ بولۇپلا قالماستىن خۇددى بىز قاراقويۇق “خرىستىئان دۇنياسى” دەپ ئاتىغىنىنىمىزدەك كەڭ قوللىنىدىغان بىر ئىسىمدۇر. تارتارىيە تاتارلارنىڭ ئاسىيادىن ياۋروپاغا كۆچۈپ كەلگەن يەرلەرنى كۆرسىتىدۇ. تاتارلارنىڭ تۈرلىرى كوپ بولۇپ تارىختىكى بىر زامانلاردا ئۇلار سەددىچىن سېپىلىنىڭ شىمالىدىكى تۇپراقلاردىن تارتىپ كاسپىي دېڭىزىدىن كورىيەگىچە بولغان كەڭ زېمىنلارنى باشقۇرغان خەلقلەردۇر. بىراق بۈگۈنكى كۇندە بۇ “تارتارىيە” ئاتالغۇسى ئەتراپىمىزنى ئېگىز تاغلار قورشاپ تەبىئىي چېگرا پەيدا قىلىپ تۇرغان ۋە بىز سەپەر قىلماقچى بولغان سىنكاڭ (شىنجاڭ) ياكى جۇڭگو تۈركىستانى ئۈچۈنلا قوللىنىلىدۇ. »
 
گەرچە رەسمىي ياكى غەيرىي رەسمىي يازما مەنبەلەرگە تايىنىپ ياكى شاھىتلارنىڭ ئېيتقانلىرى بويىچە تارىخچىلار بەس - بەس بىلەن ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىخى ھەققىدە نۇرغۇن تەتقىقاتلار ئېلىپ بارغان بولسىمۇ ئەمما يېتەرلىك بولماي ياكى تارىخىي چىنلىق تولۇق ئەكىس ئەتتۇرۇلمەي كەلگەن ئىدى. سىزگە تونۇشتۇرۇلىۋاتقان Peter Fleming “تارتارىيەدىن خەۋەر - پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر” ناملىق بۇ كىتابى دەل شۇ كەملىك بوشلۇقىنى تولدۇرۇشتا ئىشەنچىلىك ۋە ئەھمىيەتلىك بولغان تارىخىي مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەزكۇر كىتاب ئالاھازەل مۇندىن 80 يىل ئۆتكەنكى بۈگۈنكى كۈندە تارىخشۇناسلىرىمىز ۋە ئۆز تارىخىمىزنى ئۆگىنىشكە قىزىققۇچى ياشلىرىمىز ئۈچۈن ئەھمىيىتى زور بولغان مەنبە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ چۈنكى كىتابنىڭ ئاپتور دەل شۇ ۋەقەلەر يۈز بەرگەن ۋاقىتتا، ئۆز پۇتى بىلەن شۇ زېمىندا دەسسەپ مېڭىپ،  يۈز بەرگەن  ۋەقەلەرنى ئوز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، ۋەقە شاھىتلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، چىنلىق ئاساسىدا يېزىپ چىققان 1934 ۋە 1935- يىللىرىدىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىنى ئەينى چىنلىقى ئاساسىدا بايان قىلغان بىر  ساياھەت خاتىرىسىدۇر.
 
 
بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت قىسملىرى تەرجىمە قىلىنىدۇ

 
“ئۆز تارىخىنى ياخشى بىلمىگەنلەر شۇ تارىخىي كەچمىشلىرىنى يەنە تەكرارلىىشى مۇمكىن” - Edmund Burke .
 
دېمەك ئۆز تارىخىمىزنى ئوخشىمىغان مەنبەلەردىن پايدىلىنىپ بىلىشىمىز بىز ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندە پايدىلىقتۇر. تارىخچىلىرىمىزنىڭ، مائارىپچىلىرىمىزنىڭ بولۇپمۇ بىلىمخۇمار ياخشلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخى بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ Peter Fleming نىڭ “تارتارىيەدىن خەۋەر - پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر” ناملىق ئۇشبۇ كىتابىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت بىر قانچە بابلىرىنى مۇندىن ۋاقىت ئىمكانىيىتىمنىڭ يار بېرىشىچە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوقۇشىغا تەقدىم قىلماقچىمەن. بۇ تەرجىمە ئەسەرنى ياقتۇرۇپ ئوقۇشۇڭلارنى ۋە قىممەتلىك تەلەپ - پىكرىڭلارنى بېرىپ تۇرۇشۇڭلارنى ئومۇت قىلمەن.


 2015- يىلى 13- يانۋار. لوندون
 
 
 





















qarluqf34 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 10:58:18

تەرجىمىسىنى  تۆت  كۆزۈم  بىلەن  ساقلايمە .،..

qassap يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 18:31:56

ساقلاپ قالدۇق...
بەت: [1]
:  ئەلكۈن: تارتارىيەدىن خەۋەر - پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر