tahlil يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 13:50:23

دوللار سودا تەھلىلى 1/14

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tahlil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-14 14:06  


بىز ئالدىنقى ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى دوللارغا نىسپەتەن تەھلىل ئېلىپ بېرىپ، بۇ توغۇرسىدىكى يازمىنى http://bbs.izdinix.com/thread-61755-1-1.html دوللار ھەۋەسكارلىرىنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنغان ئىدۇق. ئالدىنقى ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنىدىكى ئامىرىكىنىڭ «غەيرى يېزا ئىگىلىك كۈنى» دە دوللار دەرۋەقە 92.53 نوقتىنى ياراتقاندىن كىيىن تەڭشىلىشكە ئۈتۈپ، 92.00 نوقتىنىڭ ئاستىدا بازار ئايلاندى. ھازىرقى باھا ئورنى 92.15 دوللار. ئاساسى يۈزلىنىشتىن قارىغاندا دوللار گەرچە يۈزلىنىش ئۆسۈشتەك كۆرۈنسىمۇ، قىسقا بازار يۈزلىنىشى جەھەتتىن دوللارنىڭ يۈلىنىشى چۈشۈش يۈزلىنىشىدە، دەپ قاراش تامامەن مۇمكىن. نىمىشقا دىگەندە دوللارنىڭ ھازىرقى بېسىم ئورنى 92.50 داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئەگەر ئىككى ھەپتە ئىچىدە بۇ بېسىم رايۇنى بۇزۇلالمىسا ياكى 90.50-90.00 رايۇنىدىكى تىرەك ئۈنۈملۈك بۇزۇلسا دوللارنى كىيىنكى بازارلاردا يەنە چۈشىدۇ، دەپ مۆلچەرلەش مۇمكىن. تېخنىكىلىق كۆرسەتكۈچلەردىن MACDكۆرسەتكۈچى ئاستىغا قارتا كىسىشىش ھالىتى كۆرۈلسىمۇ بۇ دەل دوللارنىڭ چۈشۈشكە ئۆتكەنلىكىنىڭ ئالدىن بىشارىتى بولىشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ ھەپتىدە دوللارغا نىسپەتەن تۈۋەندىكىدەك مەشخۇلات ئېلىپ بېرىش مۇۋاپىق:
ئالدىنقى ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى يوللانغان سودا تەھلىلى بۇيىچە 92.20-92.50 لەردە چۈشۈشكە ئېلىۋالغان مالنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇپ ياكى بۇ ھەپتىدە دوللار يەنە ئازراق قاڭقىپ 92.20-92.50 لەرگە يېقىنلاشقاندا داۋاملىق چۈشۈشكە كىرىپ، زىياننى 30 نوقتا يۇقۇرى ئۇرۇندا كونتىرول قىلىپ، كىيىكى بازارلاردا پايدىنى كونتىرول قىلىش ئورنىنى 90.50-90.00 لارغا قاراتساق مۇۋاپىق. شۇنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇكى، ئەگەر بۈگۈن  ئېلان قىلىنماقچى بولغان ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى دوللارغا پايدىلىق چىقىپ نىيويورىك بازىرى يېپىلىشتىن بۇرۇن دوللار باھاسى 92.50 نىڭ ئۈستىدە مەزمۇت تۇرالىسا دوللار يەنە شىددەت بىلەن ئۆسۈشكە ئۆتۈشى مۇمكىن.
ئۆسۈش-چۈشۈشكە ئېلىش ئۇرۇنلىرىنى ئۆز ۋاختىدا تېخىمۇ ئىنىق بىلمەكچى بولساق 506527935 نۇمۇرلۇق QQ ئارقىلىق مەن بىلەن بىۋاستە ئالاقىلاشساق بولىدۇ.
سەمىمى ئەسكەرتىش: مەزكۇر تېمىنىڭ ھېچقانداق شىركەت ياكى گوروھ بىلەن قىلچە مۇناسىۋېتى يوق. پەقەت شەخىسنىڭ خۇسۇسى كۆز قارشىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇلۇپ، مۇۋاپىق دەپ پايدىلانماقچى بولسىڭىز مەبلىغىڭىز بىخەتەرلىكى ئۈچۈن مال ئالغاندا مال سانىنى كونتىرول قىلىش ۋە زىياننى كونتىرول قىلىش ئاساسىدا پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.
مەنبە:http://www.tahlil.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=123

tahlil يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 20:43:43

بىز يۇقارقى ‹دوللار سودا تەھلىلى›نى ئۆز پېتى يوللاۋاتقىلى ئالدىنقى ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ بۈگۈن(چارشەنبە) گىچە دەل 7 كۈن بوپتۇ. قېنى ئەمدى بۈگۈن دوللار سودىسىدا قانچىلىك پايدا زىيان چىققانلىقىنى بىر ھېسابلاپ كۆرەيلى. تۈۋەندىكىسى بولسا دەل 7 كۈنلۈك دوللارنىڭ بازار ئەھۋالى:


دوللار ئالدىنقى ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى كەچ سائەت 7:00 دا 92.57 دىن ئىبارەت يۇقۇرى نوقتىنى ياراتقاندىن كىيىن چۈشۈش ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈپ 91.73 كىچە چۈشتى. دۈشەنبە كۈنى 91.73 نوقتىدىن ئۆسۈشكە ئۆتۈپ يەنە 92.42 نوقتىغىچە ئۆستى. ئاندىن يەنە 91.94 تىكى تىرەك رايۇنىغىچە چۈشكەندىن كىيىن  يەنە ئۆسۈشكە ئۆتۈپ، 92.40 قىچە ئۆسكەندىن كىيىن بۈگۈن(چارشەنبە) كۈنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە چۈشۈشكە ئۆتۈپ 91.62 نوقتىغىچە چۈشتى. ئەگەر تەھلىلىمىز بۇيىچە 92.50 رايۇنىدىكى بېسىمدا چۈشۈشكە ئېلىپ قىسقا سودا قىلىۋاتقانلار بولسا پۇرسەتنى تۇلۇق تۇتالىغانلار 4 قېتىم، ئاز دىگەندىمۇ 2 قېتىم چۈشۈشكە ئېلىپ خېلى ئوبدان پايدا ئالدى، دەپ قاراش تامامەن مۇمكىن. تۈۋەندە پۇرسەتنى تۇتۇۋالغانلارنىڭ پايدىسىنى ھېسابلاپ باقامدۇق:
بىرىنجى قېتىم 92.50 نوقتىدا چۈشۈشكە ئېلىپ 91.73 تە بولمىدى دىگەندىمۇ 92.00دە پايدىنى كونتىرول قىلدى دىسەك 50 نوقتا تۇتۇۋالغان بولىدۇ. ئىككىنجى قېتىم 92.40 تا يەنە بىر قېتىم چۈشۈشكە ئالغانلارنى يەنە 91.94 تا ساتالمىدى دىگەندىمۇ 92.00 دە ساتالىغان بولسا يەنە 40 نوقتا تۇتۇۋالغان بولىدۇ. بۈگۈن يەنە 92.40 قا چىققاندا چۈشۈشكە ئېلىپ ھازىرغىچە تۇتۇپ تۇرالىغانلار 91.62 دە ساتالمىدى دىگەندىمۇ 91.70 تە ساتالىدى، دىسەك توپتوغىرا 70 نوقتا تۇتۇۋالغان بولىدۇ. ئەمدى بىرىنجى، ئىككىنجى، ئۈچۈنجى قېتىم تۇتۇۋالغان ئۇمۇمى نوقتا سانىنى قۇشۇپ ھېسابلاپ باقساق جەمئى160 نوقتا تۇتۇۋالغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقىش تەس ئەمەس. بىر قول دوللار ئېلىپ سودا قىلىدىغانلارغا نىسپەتەن ئېيتقاندا، ھەر بىر نوقتىدا 10 دوللاردىن 160 نوقتىدا 1600 دوللار پايدا ئالغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقالايمىز. ھازىر بىر دوللار 6.1980 يۈۋەنگە تەڭ. 1600 دوللارنى مۇشۇ بۇيىچە خەلق پۇلىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا 9916.8يۈۋەن پايدا ئالغانلىقىنى بىلەلەيمىز.
بەت: [1]
: دوللار سودا تەھلىلى 1/14