GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 13:50:03

ئۇيغۇرچە ئاندرويىد ئەپ-مىلودىيە

    بىر مەزگىل تىرىشىپ تىرمىشىپ يۈرۈپ، مىلودىيە ئاندرويىد ئەپ دېتالىنى پۈتتۈردۇق. بۇ ئەپتە ھەر خىل تىللاردىكى خىلمۇ خىل ناخشىلارنىڭ يان تېلېفون قوڭغۇرىقى تەمىنلەنگەن بولۇپ، ياقتۇرغان ناخشىنى تاللاپ ئاستىدا كۆرۈلگەن بەلگىلەش كونۇپكىسى ئارقىلىق، يان تېلېفون قوڭغۇرىقى قىلىپ بېكىتىۋالغىلى بولىدۇ. كۈندە دېگۈدەك يېڭى ناخشىلار يوللىنىپ تۇرىدۇ.
   ئۆزۈڭلار ياقتۇرغان ناخشىلارنىڭ چىقىرىلىشىنى ئۈمىد قىلساڭلار ml@zilbilig.com غا ئەۋەتىپ بەرسەڭلار بولىدۇ.
  چۈشۈرۈش ئادرېسى

ئەپ كۆرۈنمە يۈزلىرىدىن ئارىيە:



تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئۈرۈمچى زىلبىلىگ ئېلېكترون تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 13:52:13



يۇقاردىكى ئىككىلىك كودنى سكاننىرلاپ چۈشۈرىۋالساڭلارمۇ بولىدۇ.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 14:09:53

塞班V3 نۇسخىسى يوقمىدۇ

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 14:20:54

«ھاۋا رايى» دىن كېيىنكى يەنە بىر ياخشى ئ‍ەپ… ياقتۇردۇم…:
بىر سۇئ‍الىم بارتى سورىۋالاي… كومپيۇتېر دەرىجە ئ‍ىمتىھانىغا تىزىملاش قاچان باشلىنىدۇ؟ قايسى توردا تىزىملايدۇ؟ ئ‍ىمتىھان ماتىرىياللىرىنى قەيەردىن تاپقىلى بولىدۇ؟…

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 15:04:58

salambay يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 14:20 static/image/common/back.gif
«ھاۋا رايى» دىن كېيىنكى يەنە بىر ياخشى ئ‍ەپ… ياقتۇردۇم ...

دۆلەتلىك ئىككىنچى دەرىجە:
http://baike.baidu.com/view/498034.htm

دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجە:
http://baike.baidu.com/view/1451422.htm

esir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 15:13:26

«ھاۋارايى» نى يېڭىلايدۇ دەپ ساقلاپ يۈردۇق جۇمۇ، ئۇنى تاشلىۋەتمىگەنسىلە... مۇمكىن بولسا بەش ۋاق تاماق ۋاقتىنى قوشۇپ قويالىساڭلار {:112:}

Uyghurking يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 15:20:23

ئاۋۇ logo بەك قېنىق بوپ كىتىپتۇ، ئەپنىڭ ui سىگە تازا ماسلاشماپتۇ.

xirhan0999 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 15:24:09

ئالما ئەپ دۇكىنىغىمۇ يوللىغانسىلەر ھە؟

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 15:34:09

ئاندرويىد نۇسخىسى، ئالما نۇسخىسى تېخى ئىشلەنمىدى

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 15:34:39

UI غا كېيىنكى نەشىرلىرىدە تېخىمۇ كۈچەيلى

Erkbeg يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 18:16:58

چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ باقتىم.قارغاندا بۇ سىناق نۇسخىسى ئوخشايدۇ.
http://www.ilim.com.cn/Admin/myAdmin/apk/vntl.apk
بۇنىمۇ ئىشلىتىپ كۆرۈڭلار

kite يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 18:27:39

بۇ ئەپنى java تىلدا تۈزۈپ چىقتىڭلارمۇ يەنە باشقا قۇراللارمۇ بارمۇ؟؟قىزقىپ قالدىم

mahammat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 19:53:57

بولسا ناخشا تېكىستىنىمۇ يوللىغىلى ۋە كۆرگىلى قىلىپ لاھىيىلىگەن بولساڭلار

kite يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 10:24:10

kite يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 18:27 static/image/common/back.gif
بۇ ئەپنى java تىلدا تۈزۈپ چىقتىڭلارمۇ يەنە باشقا قۇراللا ...

Java تىلنى قانچە ئاي ئۈگەنسە ئاساس سىلۋالغىلى بۇلىدۇ؟

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 22:27:17

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 15:04 static/image/common/back.gif
دۆلەتلىك ئىككىنچى دەرىجە:
http://baike.baidu.com/view/498034.htm



ئۇستىدىكى ئىمتاھانى توغرۇلۇق بەتكە كىرسەم مۇنداق كۆرسەتمە باركەن
一级MS Office、WPS Office、一级Photoshop,一级共三个科目。
مۇشۇ ئۈچىدىن بىرىنى تاللىساق ھەم لاياقەتلىك بولساق كومپىيۇتېر 1-دەرىجە كىنىشكىسى بىرەمدۇ ؟ مەن 2012 يىلى بەرگەن Office2003 قاتارلىقلاردىن بەرگەن .... ھازىر Office2010 دا ئالىمىز دەپتۇ ... شىنجاڭدىمۇ مۇشۇنداقمۇ ياكى شىنجاڭدا يەنىلام 2003 تە بىرەمدىمىز ؟ يەنى مىنىڭ كىنىشكەمدە 一级 دەپلا باركەن ئۈستىدىكىگە ئوخشاش تۈرى يوقكەن .. بۇ يىڭى چىققان ئىشمۇ ياكى ؟

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 22:39:20

بولسا مۇشۇ توغرۇلۇق تەپسىلىراق بىرە تىما يوللاپ قويسىڭىزمۇ سىزدىن بەك مىنننەتدار بولغان بولاتتىم......  سىز مۇشۇ كەسىپتە بولغانكىن تېخىمۇ ياخشى بىلىسىز ؟ ئىككىنجى دەرىجىنى ئېلىش ئويۇم باتتى ...

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 11:21:23

isyankar0903 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-15 22:39 static/image/common/back.gif
بولسا مۇشۇ توغرۇلۇق تەپسىلىراق بىرە تىما يوللاپ قويسى ...

ئىمتىھاننى قانداق ئالىدۇ بۇنىڭدىن مېنىڭ خەۋىرىم يوقكەن. بىرىنچى دەرىجە ئادەتتە كومپيۇتېردا نورمال مەشخۇلات قىلالاشنى تەلەپ قىلىدىغان كىشىلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش قورالى يەنى Office ياكى WPS دىن بىرەنى تاللاپ بەرسە بولىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجە كەسپى خادىملارغا قارىتىلغان بولۇپ مەلۇم بىر كومپيۇتېر پروگرامما تىلىنى بىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەڭ ئاسىنى wisual foxpro ئەڭ تەسى ++C دەپ قارىلىدۇ. ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تاللسا بولىدۇ.
بەت: [1]
: ئۇيغۇرچە ئاندرويىد ئەپ-مىلودىيە